«ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئۈچۈن نېمە قىلىپ بېرەلەيمەن؟» دىگۈچىلەرگە:
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىگە ئەزا بولۇشنى خالاپ، ئۇيغۇر پەن-مائارىپى تەرەققىياتى ئۈچۈن تەر تۆكمەكچى بولغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ۋە تەتقىقاتچى زىيالىلار ھەم تور بېتىنى زىيارەت قىلغۇچى كەڭ ئىلىم ھەۋەسكارلىرىنىڭ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ قىسقىغىنە ئۈچ يىل ئىچىدە ئېلىپ بارغان ئىلمىي پائالىيەتلىرىدىن تەسىرلەندى. مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر كۆپ باش قاتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ۋاقتى بولسا پۇلى يوق، ئىلىمى بولسا ۋاقتى يوق، خىزمەت قىلىشقا ۋاقتىدىن ۋە ئوتتەك يېلىنجاپ تۇرغان يۈرىكىدىن باشقا ھېچنىمىسى يوق تۆھپىكارلىرىمىزغا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ پەن-مائارىپى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن خىزمەت قىلالايدىغان بىر خەلقئارا سەھنە تەييارلاپ بېرىش مەقسىتىدە «ھەركىم نېمىسى بولسا، شۇنى چىقىرىپ ھەمكارلىشىش ۋە ئورتاق ئالغا ئىلگىرلەش» تىن ئىبارەت ھەمكارلىشىپ ئىشلەش نىيىتىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز. ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا «مەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئۈچۈن نېمە قىلىپ بېرەلەيمەن؟» دەپ سورىغۇچىلارغا تۆۋەندىكى بىرقانچە تۈرلۈك ئىشنى بىزگە قىلىشىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.