abdulhimid
- 1. دەۋىر ئىلكىتابلىرى-دەۋىر بىلوگى
ھازىرقى زامان ئۇىغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ ىېتۈك ئۇستازى ـــ ئابدۇلھىمىت ىۇسۇف دامولل ھاجىم
ئۇىغۇر تېبابەتچىلىكى ئۇىغۇر مەدەنىىەت خەزىنىسىدىكى چاقناپ تۇرغان بىباھا گۆھەرلەرنىڭ بىرى. ئاشۇ
قىممەتلىك گۆھەرنى جاھانغا تونۇتۇش، راۋاجلندۇرۇش ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان، نەچچە
مىڭلغان شاگىرتلرنىڭ ئىلىمگە بولغان تەشنالىقىنى قاندۇرۇپ، ئۇلرنىڭ مىلىونلىغان بىمارلرنىڭ دەردىگە داۋا،
رەنجىگە شىپا بولۇشىغا تۈرتكە بولغان، ئۇىغۇر ئەدەبىىاتى، تۈركىي تىللر تەتقىقاتى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى
قوشقان، ئۆزىنى ۋەتەن، خەلققە بېغىشلىغان، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىغا تونۇلغان ۋەتەنپەرۋەر، خەلقپەرۋەر
تىلشۇناس، تارىخچى، ئەدىب، كامالەتكە ىەتكەن ئالىم ئابدۇلھېمىد ىۇسۇف دامولل ھاجىمنى خەلق ھەرگىز
.»ئۇنتۇماىدۇ. »مەرھۇم ئالىمنىڭ شانلىق ئىش ـ ئىزلىرى مەڭگۈ خاتىرىلەشكە ۋە ئۆگىنىشكە ئەرزىىدۇ
بۇ ىىل بۇ مۆھتەرەم زاتتىن ئاىرىلغىنىمىزغا 21 ىىل بولدى. مەن ئالىمنىڭ ھاىات سەرگۈزەشتىلىرى، ئىجادىي
پائالىىەتلىرى جۈملىدىن ۋەتەنگە، خەلققە قوشقان تۆھپىلىرىنى ئەسلەپ، بىلگەنلىرىمنى كەڭ جامائەتچىلىك بىلەن
.ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە بۇ ماقالىنى ىازدىم
ئابدۇلھېمىدىۇسۇف دامولل ھاجىم 9191 - ىىل 5 - ئاىدا قەدىمىي شەھەر خوتەندە ئوقۇمۇشلۇق،
مەرىپەتپەرۋەر تىۋىپ ىۇسۇف ئاخۇنۇم ئائىلىسىدە دۇنىاغا كەلگەن. ئۇ كىچىكىدىنل ناھاىىتى زېرەك ئىدى. ئۇ تۆت
ىاشقا كىرگەندە دادىسى ىۇسۇف ئاخۇنۇم ئۇنى غوجامكۆل بېشىدىكى دىنىي مەكتەپكە بېرىدۇ. ئۇ بۇ مەكتەپتە
بىر مەزگىل ئوقۇپ قۇرئان ساۋادى چىققاندىن كېىىن، قاراقاشقا بېرىپ ئوقۇىدۇ ۋە ئەرەب، پارىس تىللىرىنى
ئۆگىنىدۇ، روزى ئەمەت داموللمدىن ھۆسىنىخەت ىېزشنى ئۆگىنىدۇ. 3391 - ىىلى خوتەندە قۇرۇلغان
.دارېلئۇلۇمدا ئوقۇىدۇ
ىىلىغىچە شۇ ىەردىكى خەلقنىڭ تەلىپىگە بىنائەن خوتەن تەبرىزىم مەسجىدىدە خاتىپلىق قىلىدۇ. ئۇ - 9391 – 5391
.بوش ۋاقىت تاپسىل دادىسىدىن تىبابەتچىلىكنى زور قىزىقىش بىلەن ئۆگىنىدۇ
- 2. ىىلغىچە ئۇ ھىندىستاندا ئوقۇپ ىۇقىرى ئۇنۋان ئالغان قاراقاشلىق مۇھەممەد نىىاز مەۋلىۋىدە - 6491 – 0491
ئوقۇىدۇ. 6491 – 9491 - ىىلىغىچە ئۆزىنىڭ ئەرەب، پارس تىلى جەھەتتىكى ئاساسىغا تاىىنىپ، دەسلەپتە تۈرك
تىلىنى ئۆگىنىدۇ، كېىىن ىونۇس ھاجىمدىن ئوردۇ تىلىنى ئۆگىنىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئۇ ىەنە پارس تىل ـ ئەدەبىىاتى،
ئىسلم پەلسەپىسى، ئىلھىىەت پەلسەپىسىگە دائىر كلسسىك ئەدەبىىات ۋە دىنىي ئەسەرلەرنى ئۆگىنىدۇ. بولۇپمۇ
دۇنىاغا شەرقنىڭ مېتافىزىكى دەپ تونۇلغان مەۋلنە جاللىددىننىڭ ئالتە توملۇق ئەسىرى »مەسنىۋى شىرىپ« نى
قېتىرقىنىپ ئۆگىنىدۇ. فارابى، ئىبنى سىنا، مۇھەممەد غەززالى، موھىىددىن ئەرەبى قاتارلىق ئىسلم
پەىلسوپلىرىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى شەرھلەىدۇ. ئەزەربەىجان شائىرى فۇزۇلىنىڭ ئەسەرلىرى ۋە ئىراننىڭ مەشھۇر
ئەدىبى شەىخ سەئىدنىڭ »گۈلىستان« ۋە »بوستان«، مەۋلنە شەمىسى تەبرىزىنىڭ »كۇللىىاتى تەبرىزى« قاتارلىق
ئەسەرلىرىنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىدۇ. ئەرەب ئوتتۇرا ئەسىر ئەدەبىىاتىغا دائىر ئەسەرلەردىن »ماقاماتى ھەرىرى،
.مۇتىنەببى« ناملىق ئەسەرلەرنى ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىدۇ
ئابدۇلھېمىد ىۇسۇف دامولل ھاجىم 0591 ـ ىىلىدىن كېىىن خوتەندە ئېچىلغان تببىي خادىملرنى تەربىىىلەش
كۇرسىغا قاتنىشىدۇ، ئاندىن خوتەن شەھىرىدە قۇرۇلغان ئۇىغۇر تېبابەتچىلىك شىپاخانىسىدا ئىشلەىدۇ، كېىىن
ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولىدۇ. ئۇ بۇ جەرىاندا بىر تەرەپتىن كونكرېت خىزمەتلەرگە ىېتەكچىلىك
قىلسا، ىەنە بىر تەرەپتىن تىۋىپ تەربىىىلەشكە ئالھىدە ئەھمىىەت بېرىپ، 01 نەپەر ىاش تەربىىىلەپ ىېتىشتۇرۇپ،
ئەىنى چاغدىكى كېسەللىك كۆپ، تېببى خادىم كەمچىل بولۇشتەك قىىىنچىلىقنى ھەل قىلىش جەھەتتە زور
.تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ
ئابدۇلھېمىد ىۇسۇف دامولل ھاجىم ئۇىغۇر تېبابىتى ساھەسىدە ئۆگەنگۈچىلەر كۆپ، ماتېرىىال قىس
بولۇشتەك ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، ئۇزاق ۋاقىت جاپالىق ئىزدىنىپ، ئۆزىنىڭ داۋالش جەھەتتىكى ئەمەلىي
مەشغۇلت داۋامىدا ھاسىل قىلغان تەجرىبىلىرىگە ئاساسەن، ئۇىغۇر تېبابەتچىلىكى ساھەسىدە تۇنجى بولۇپ،
»ئۇىغۇر تېبابەتچىلىكىدە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ىەككە دورىلر لۇغىتى« ناملىق كىتابنى ىېزىپ چىقىدۇ ھەمدە
كىتابتىكى خەنزۇچە، ئەرەبچە، ئىنگلىزچە، پارسچە، ئوردۇچە، روسچە ئاتالغۇلرغا ئىزاھات بېرىدۇ. ئۇنىڭ بۇ
ئەمگىكى 5591 - ىىلى ئاپتونوم راىونلۇق سەھىىە نازارىتى تەرىپىدىن ماددىي ۋە مەنىۋى مۇكاپاتلرغا ئېرىشىدۇ.
.ئۇ ئۆزىنىڭ جاپالىق مىھنىتى ئارقىلىق ئۇىغۇر تېبابىتى ئىلمىنىڭ قىممىتىنى ىەنە بىر بالداق ىۇقىرى كۆتۈرىدۇ
- 3. ئەىنى چاغدا تىۋىپلىققا دائىر كىتابلرنىڭ كۆپىنچىسى پارس تىلىدا بولغاچقا، مۇكەممەل تىۋىپ ۋە ھېكىم بولۇش
ئۈچۈن پارس تىلىنى بىلىش زۆرۈر ئىدى. ئابدۇلھېمىد ىۇسۇف دامولل ھاجىم بۇ زۆرۈرىىەتنى ھەل قىلىش
ئۈچۈن دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىدىن پاىدىلىنىپ، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلپ، بىر ىىلغا ىەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە پارس
تىلى دەرسلىكىنى تۈزۈپ چىقىپ شاگىرتلرغا پارس تىلى ئۆگىتىدۇ. ئۇ ىەنە بىر قىسىم تىببىي ئىجتىمائىي ماقالىلەرنى
ىېزىپ گېزىت، ژۇرناللردا ئېلن قىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭ »شىنجاڭدىكى مەشھۇر قەبرىگاھلر« دېگەن
.ماقالىسى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ »ۋېنخۇىباۋ« گېزىتىدە ئېلن قىلىنىدۇ
ئابدۇلھېمىد ىۇسۇف دامولل ھاجىمنىڭ تېزل نام چىقىرىپ خەلق ئىچىدە ىۇقىرى ئابروىغا ئېرىشىشى بەزى
كىشىلەرنىڭ ھەسەتخۇرلۇقىنى قوزغاىدۇ. بۇ خىل كىشىلەرنىڭ تەلىىىگە 8591 - ىىلى ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكىتى
باشلىنىدۇ. بىر قىسىم مەدەنىىەت ھەسەتخورلىرى بۇ پۇرسەتتىن پاىدىلىنىپ، بۇ ىېتۈك ئالىمغا زىىانكەشلىك قىلىشقا
باشلىدۇ. ھەرىكەت باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەىل ئالىم ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكىتىنىڭ ئوبېىكتىغا ئاىلىنىپ قالىدۇ.
نەتىجىدە ئۇ بىر ىىلچە ئورۇنسىز، ناھەق كۈرەش قىلىنىدۇ. قارا نىىەتلەر ئالىمغا ىاشلرغا چەت ئەل تىلى ئۆگىتىپ
ئۇلرنى زەھەرلىدى، »ئوڭچى«، »ىەرلىك مىللەتچى« دېگەندەك بۆھتانلرنى چاپلىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ پاك
ئىنسانغا بۇ خىل تۆھمەتلەر ىۇقماىدۇ. بىر قىسىم ھەسەتخورلر باشقىچە بىر خىل تۇزاق قۇرۇپ، ئالىمغا خوتەننىڭ
ىېقىنقى زامان تارىخىنى ىېزىپ چىقىش ئىشىنى تاپشۇرىدۇ، ئۇ بۇ ئىشنى ئەۋلدلرغا پاىدىلىق ئىش ئىكەن دەپ
قاراپ، ھەر تەرەپلىمە ئىزدىنىپ، خوتەننىڭ ىېقىنقى زامان تارىخىنى چىن، مۇكەممەل ىېزىپ چىقىدۇ. ئەپسۇسكى
ئاىرىم تۇزاقچىلر بىراقل ئۆزگىرىپ، ئالىمغا »33 - ىىلىدىكى ئەكسىلئىنقىلبىي ھەرىكەتنىڭ نەق شېرىكى
ئىكەنسەن« دېگەن بەدنامنى چاپلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئالىم قولغا ئېلىنىدۇ. تۈرمىدىكى ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك،
قەبىھ قىىناشلر ۋە غورىگىل تاماقلر ئالىمنى بىر تېرە، بىر ئۇستىخان قىلىپ قوىىدۇ، لېكىن ئالىم تۈرمىدىكى
كۈنلىرىنى ئۈمىدۋارلىق ئىچىدە ئۆتكۈزىدۇ. ئالىم تۈرمىدە مەھبۇسلرنىڭ كېسىلىنى كۆرىدۇ. كېىىنچە گۇندىپاىلرمۇ
ئۇنىڭغا كېسەل كۆرسىتىدىغان ھالەت شەكىللىنىدۇ. ئۇ ئۆز كەسپىنى تۈرمىدىكى بىر نەچچە كىشىگە ئۆگىتىدۇ.
.كېىىن ئۇ تۈرمە دوختۇرخانىسىدا ئىشلەىدۇ
تۈرمە دوختۇرخانىسىدا ئالىمنىڭ ھاىاتىدا ئۇنتۇلغۇسىز خاتىرىلەرنى قالدۇرىدۇ. ئۇ بىر تەرەپتىن تۈرمىداشلىرىنى
داۋالىسا، ىەنە بىر تەرەپتىن غەربچە داۋالش ئىلمىنى ۋە خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىدۇ، كېىىن تۈرمىدە »ھاىۋانات
كېسەللىكلىرىنى داۋالش« دېگەن كىتابنى خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىدۇ. ئاپتونوم راىوننىڭ بىر ئاساسلىق
رەھبىرى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قېلىپ داۋالىنىش ئۈچۈن خوتەنگە كېلىدۇ ۋە ئابدۇلھېمىد ىۇسۇف
دامولل ھاجىمنىڭ داڭقىنى ئاڭلپ ئۇنى تۈرمىدىن چاقىرتىپ كېلىپ كېسىلىنى كۆرسىتىدۇ، نەتىجىدە ئۇ
رەھبەرنىڭ كېسىلى ئالىم ىېزىپ بەرگەن ئىككى رېتسىپ بىلەن سەللىمازا ساقىىىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ
- 4. داڭق تۈرمە سىرتىغا تارقىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن شۇ ىەرلىك كىشىلەر ئۇنى تۈرمىدىن كېپىللىككە ئېلىپ چىقىپ
كېسەل كۆرسىتىدۇ. نۇرغۇن بىمارلر ئۇنىڭ قولىدا شىپا تاپىدۇ. ئۇ »ئۇىغۇر تېبابەت دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى تېز
ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى«، »ىەرلىك ئۇىغۇر تېبابەت دورا ئۆسۈملۈكلىرى بىلەن كېسەل داۋالش ئۇسۇلى«
دېگەن كىتابلرنى ىېزىپ چىقىدۇ. ئۇ ىەنە »ئۇىغۇر تېبابىتى ئىلمى ساۋاتلىرى« دېگەن چوڭ ھەجىملىك كىتابنى
.ىېزىپ نەشر قىلدۇرۇپ، ئۇىغۇر تېبابەتچىلىكىدىكى بىر بوشلۇقنى تولدۇرىدۇ
ىىلى 11- ئاىنىڭ 22 - كۈنى ئالىم »ناھەق قارىلىنىپ ئۇۋال قىلىنغان« دېگەن ئۇقتۇرۇش بىلەن تۈرمە -6791
ھاىاتىنى ئاخىرلشتۇرۇپ نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ ۋە ئىلچى بازارلىق ئامبولتورىىىگە ئىشقا ئورۇنلىشىپ ھاىات
.مۇساپىسىنى ىېڭىۋاشتىن باشلىدۇ
ىىلى قەشقەر ۋىلىەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە سەھىىە باشقارمىسى ئۇنى قەشقەر ۋىلىىتى بوىىچە - 8791
ئېچىلغان ئۇىغۇر تېبابىتى بوىىچە تىۋىپ تەربىىىلەش كۇرسىغا دەرس ئۆتۈپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىدۇ. ئۇ بۇ
تەكلىپنى خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، كۈرستىكى 04 كىشىگە دەرس ئۆتىدۇ. شۇ مەزگىلدە ئەنگلىىىلىك ئەر ـ
ئاىال تارىخچىلر جەنۇبىي شىنجاڭ تارىخىنى ئىگىلەش ئۈچۈن قەشقەرگە كەلگەندە قەشقەر ۋىلىىتىنىڭ
رەھبەرلىرى ئالىمنى بۇ ئىككى تارىخچىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشكە تەكلىپ قىلىدۇ. ئالىم ئۇلرنىڭ سوئاللىرىغا
.توغرا، ئەتراپلىق جاۋاب بېرىپ، ئۇلرنى ھەىران قالدۇرىدۇ
ىىلى ئۇ شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىىىسى مىللەتلەر تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن - 9791
ئىبراھىم مۇتىئى، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر قاتارلىق ئالىملر بىلەن بىللە ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشغەرىنىڭ »تۈركىي
تىللر دىۋانى« ناملىق بۈىۈك ئەسىرىنى ھازىرقى زامان ئۇىغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلىش ئىشىغا
.قاتنىشىدۇ
ىىلى ئىلىم ـ پەن ئالماشتۇرۇش ىىغىنىغا قاتنىشىپ »مۇڭغۇل تېبابەتچىلىكى بىلەن ئۇىغۇر - 0891
تېبابەتچىلىكىنىڭ تارىخىي مۇناسىۋىتى« دېگەن تېمىدا ماقالە ئوقۇپ ىىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا
.ئېرىشىدۇ. بولۇپمۇ ئىچكى مۇڭغۇل ئاپتونوم راىونىنىڭ رەئىسى ئالىمغا ئالھىدە تەشەككۈر ئېىتىدۇ
- 5. ىىلى سەھىىە نازارىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن جۇڭگو تېبابەتچىلىك قامۇسى ئۇىغۇر تېبابەتچىلىك تارماق - 1891
.تومىنىڭ 1 ـ قىسىمىنى ىېزىپ چىقىدۇ ۋە مۇدىر ۋىراچ ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ
ىىل 01 - ئاىدىن 4891 - ىىل 21 - ئاىغىچە ئاپتونوم راىون بوىىچە خوتەندە ئېچىلغان ئالتە ئاىلىق ۋە بىر - 0891
.ىىللىق كۇرىستا دەرس ئۆتىدۇ ۋە خوتەن تېببىي تېخنىكومنىڭ ھەر قارارلىق سىنىپلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ
ىىلى ئاپتونوم راىونلۇق ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىىاتى تەتقىقاتى مۇھاكىمە ىىغىنىدا »ئەرەب، پارىس - 3891
ئەدەبىىاتىنىڭ ئۇىغۇر ئەدەبىىاتىغا بولغان تەسىرى« دېگەن تېمىدىكى ئىلمىي ماقالىسىنى ئوقۇپ ىۇقىرى باھاغا
.ئېرىشىدۇ
ئالىم ئۇستا تېۋىپ بولۇپل قالماستىن، بەلكى ىەنە كامالەتكە ىەتكەن شائىر ئىدى. ئۇنىڭ 5891 - ىىلى ھەج
سەپىرىدە چەت ئەلدىكى مۇھاجىر قېرىنداشلر بىلەن ئۇچراشقاندا تەسىرلىنىپ ىازغان »ۋەتەندىن سىرتقا
چىققاندا« ناملىق شېئىرى دەسلەپتە »ىېڭى قاشتېشى« ژورنىلىدا، كېىىن »تارىم« ژورنىلىدا ئارقا ـ ئارقىدىن
.ئېلن قىلىنىپ، زور داغدۇغا قوزغاىدۇ
ۋەتەننىڭ قەدرىنى بىلدىم ۋەتەندىن سىرتقا چىققاندا، ئەركنىڭ قەدرىنى بىلدىم ئەركىسزگە ىولۇققاندا« دېگەن«
.مىسرالر ئاشۇ شېئىرنىڭ مىسرالىرىدۇر
ىىلى جەنۇبىي شىنجاڭدا ىۇقۇملۇق جېگەر كېسەللىكى تارقالغاندا، ئۇ خەلقنىڭ ساغلملىقى ئۈچۈن - 6891
قاتتىق باش قاتۇرۇپ، »كاسىنى قاتارلىق ئۇىغۇر تېبابىتى دورىلىرى بىلەن غەىرى ئا ۋە غەىرى ب تىپلىق جېگەر
ىاللۇغ كېسىلىنى داۋالش ئۇسۇللىرى توغرىسىدا« ناملىق ماقالىسىنى ئېلن قىلىپ، مەزكۇر كېسەللىك ئۈستىدىن
غەلىبە قىلىدۇ ۋە ئۈنۈملۈك رېتسىپنى ئىجاد قىلىدۇ. ئۇ ىەنە »جېگەر قېتىش كېسەللىكى ۋە ئۇنى داۋالش
ھەققىدە«، »مىزاج دېگەن نېمە؟ ئۇ قانداق شەكىللىنىدۇ؟«، »ىۈرەك قانتومۇر كېسەللىكى ۋە ئۇنى داۋالش
توغرىسىدا«، »بۆرەككە تاش چۈشۈش كېسەللىكى ۋە ئۇنى داۋالش ئۇسۇلى« قاتارلىق بىر قاتار تەتقىقات
.ماقالىلىرىنى ىېزىپ، تېبابەتچىلىك ساھەسىدە كۈچلۈك تەسىر قوزغاىدۇ
- 6. ىىلدىن 6891 - ىىلغىچە ئالىم جۇڭگو ئىسلم دىنى جەمئىىىتى، مەملىكەتلىك سىىاسىي كىگەش، جۇڭگو - 3891
تىببى پەن ـ تېخنىكا جەمئىىىتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىىى قاتارلىقلرغا ئەزا ۋە ۋەكىل بولۇپ ساىلىنىدۇ.
شىنجاڭ مىللىي تېبابەتچىلىك ئىلمىي جەمئىىىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولىدۇ. ئالىم ىۇقىرىدىكىدەك ىىغىنلرغا
قاتناشقاندا ئۇىغۇر تېبابىتى مىراسلىرىنى قېزىش، رەتلەش، گۈللەندۈرۈش ىولىدا دادىل سۆز قىلىدۇ ۋە
ھۆكۈمەتكە شىنجاڭ خەلقىنىڭ بىر ئۇىغۇر تېبابەتچىلىك ئىنىستىتۇتى قۇرۇش توغرىسىدىكى كۈچلۈك تەلىپىنى
ىەتكۈزىدۇ. ئۇنىڭ بۇ تەلىپى ھۆكۈمەتنىڭ ىول قوىىشى نەتىجىسىدە ئەمەلگە ئاشىدۇ. ىەنى ئۇىغۇر تېبابەتچىلىك
ئالىي تېخنىكومى قۇرۇش تەستىقىلىنىدۇ. ئۇ 7891 - ىىل 1 - ئاىنىڭ 1 - كۈنىدىن باشلپ شىنجاڭ ئۇىغۇر
تېبابەتچىلىك ئالىي تېخنىكومى دەرسىلىك تۈزۈش گۇرۇپپىسىغا مەسئۇل بولىدۇ ۋە ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەپ
»ئۇىغۇر تېبابەتچىلىكى نەزەرىىىسى ئاساسلىرى« دېگەن كىتابنى ىېزىپ نەشرگە بەرگەندىن سىرىت، مەكتەپ
ىېڭىدىن تۈزگەن »ئىچكى كېسەللىكلەر ئىلمى«، »ئوردو تىلى« قاتارلىق 31 خىل دەرسىلىكنىڭ مەسئۇل
.مۇھەررىرلىكىنى ئۈستىگە ئالىدۇ
ئۇ 8891 - ىىل 1 - ئاىدا ئاقسۇ ۋىلىەتلىك سەھىىە باشقارمىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ئاقسۇ ۋىلىىتىدە ئېچىلغان
ئۇىغۇر تېبابىتى خادىملىرىنى ىېتىشتۈرۈش كۇرسىغا »ئۇىغۇر تېبابەتچىلىكى نەزەرىىىسى ئاساسلىرى«، »تېببىي
.ئەخلق« دېگەن تېمىلردا دەرس ئۆتۈش بىلەن بىللە، ئاقسۇ ۋىلىەتلىك شىپاخانىدا كېسەل كۆرىدۇ
ىىلى 1 - ئاىدىن 21 - ئاىغىچە شىنجاڭ ئۇىغۇر تېبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكوم مەكتىپىدە دەرس ئۆتىدۇ، - 8891
»ئۇىغۇر تېبابەتچىلىكى دىئاگىنوستىكا ئىلمى« دېگەن كىتابنى ىېزىپ نەشرگە بېرىدۇ. 9891 – 0991 - ىىللىرى
»روھىي ئەسەبىي كېسەللىكلەر ئىلمى« دېگەن دەرسىلىكنى ىېزىۋاتقاندا كېسەل بولۇپ بالنېستتا ىېتىپ
قالىدۇ، شۇنداقتىمۇ ئۇ بۇ ئىشنى تاشلپ قوىماي، ئاپتونوم راىونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ بالنېستىدا بۇ كىتابنى
.پۈتتۈرۈپ نەشرگە بېرىدۇ
ئالىم ىۇقىرىدىكىدەك ئىلمىي ئەمگەكلىرى ۋە تۆھپىلىرى بىلەن دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، ئەمگەك ـ
كادىرلر مىنىستىرلىكى، جۇڭگو پەن ـ تېخنىكا جەمئىىىتى، ئاپتونوم راىونلۇق پەن ـ تېخنىكا جەمئىىىتى تەرىپىدىن
ئاز سانلىق مىللەت راىونلىرىنىڭ پەن ـ تېخنىكا خىزمىتىدىكى ئىلغار شەخس، مۇنەۋۋەر كەسپىي تېببىي خادىم...
دېگەندەك شەرەپلىك ناملرغا ئېرىشىدۇ. ئۇ ىازغان »ئۇىغۇر تېبابەت دېئاگىنوستىكىسى« دېگەن كىتاب 2991
- 7. - ىىل 11 - ئاىدا بېىجىڭدا ئېچىلغان مەملىكەتلىك تۇنجى نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەت تىل ـ ىېزىقىدا نەشىر
.قىلىنغان كىتابلرنى مۇكاپاتلش ىىغىنىدا ئىجادىىەت مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ
ىىلى ئۇ »شىنجاڭ گېزىتى«، »ساقلىق ساقلش« ۋە »ىېڭى قاشتېشى« قاتارلىق گېزىت ـ - 4991
ژورنانلردا ئارقا ـ ئارقىدىن تونۇشتۇرۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ تۆھپىلىرىگە ىۇقىرى باھا بېرىلىدۇ. ئۇىغۇر خەلقىنىڭ
سۆىۈملۈك ئوغلى، ھازىرقى زامان ئۇىغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ ىېتۈك ئۇستازى ئابدۇلھېمىد ىۇسۇف دامولل
.ھاجىم 4991 - ىىل 11 - ئاىنىڭ 21 - كۈنى كېسەل بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى
ئالىم ھاىات ۋاقتىدا مەملىكەتلىك سىىاسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، مەلىكەتلىك ئىسلم دىنى جەمئىىىتىنىڭ ئەزاسى،
مەملىكەتلىك تۈركىي تىللر تەتقىقات جەمئىىىتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك پەن ـ تېخنىكا جەمئىىىتىنىڭ ئەزاسى،
»تۈركىي تىللر دىۋانى« نى تەرجىمە قىلىش تەھرىر ھەىئىتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك جۇڭىى تېبابەتچىلىك
ئىلمىي جەمئىىىتى 2 - نۆۋەتلىك كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك تېببىي پەن ئىلمىي جەمئىىىتىنىڭ دائىمىي
ھەىئەت ئەزاسى ۋە شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم راىونلۇق پەن ـ تېخنىكا جەمئىىىتى تەبىئىي پەنلەر
مەخسۇس ئىلمىي جەمئىىىتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم راىونلۇق جۇڭىى ـ مىللىي تېبابەت پەن ـ تېخنىكا خادىملىرىنىڭ
ئۇنۋانىنى باھالش ھەىئىتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم راىونلۇق سىىاسى كېڭەشنىڭ ۋە ئىسلم دىنى جەمئىىىتىنىڭ
ئەزاسى، جۇڭگو تېببىي قامۇسى ئۇىغۇر تېبابىتى تارماق تومىنىڭ ھەىئەت ئەزاسى، ئاپتونوم راىونلۇق
كلسسىك ئەدەبىىات ئىلمىي جەمئىىىتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم راىونلۇق مىللىي تېبابەت ئىلمىي جەمئىىىتىنىڭ مۇئاۋىن
باشلىقى ۋە پەخرى باشلىقى، شىنجاڭ ئۇىغۇر تېبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومنىڭ پەخرى مۇدىرى، خوتەن
شەھەرلىك تارىخ ماتېرىىاللر كومىتېتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى، خوتەن شەھەرلىك سىىاسىي كېڭەش دائىمىي
.كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان
بىز ئۇىغۇر تېبابىتىنىڭ پېشىۋاسى، ئالىم، تىلشۇناس، ئەدىب ئابدۇلھېمىد ىۇسۇف دامولل ھاجىمدىن مەڭگۈلۈك
.ئاىرىلغان بولساقمۇ، ئۇنىڭ شانلىق تۆھپىلىرى، ئېسىل ئەخلق ـ پەزىلىتى قەلبىمىزدە مەڭگۇ ساقلىنىدۇ
ئاپتورى: ئەكبەر ىاسىن
مەنبە: »شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى« ژۇرنىلى 3002 ـ ىىل 3 ـ سان
2
!تىخىمۇ كۆپ ماتىرىىاللرنى دەۋىر بىلوگىدىن تاپالىسىزقىنى مەرھەمەت