rubaeilar-ijadiyet
- 1. رۇبائىلر
،ئىنسانغا پەقەتل بىر نۆۋەت ھايات
كۈچىنىڭ باريچە قلغۇلۇق ئاۋات .
،بوش كەتسە ئۆمۈرنىڭ پارچىسى ۋاقت
قەدەمنى تىزلىتىپ كىلىدۇ مامات .
،ھەر ئنسان دۇنىاغا يىغلپ كىلىدۇ
مۇقەررەر ئۆلۈمنى ئىنىق بىلىدۇ .
،يىغليدۇ،كۈلىدۇ،ئۆمرى ئۆتىدۇ
بىلمىديم نىمىگە شۇنچە قىلىدۇ.
- 2. ،ئويلنماي سۆزلىمەس ئاقىلنىڭ تىلى
ئىشلەتمەي تۈگەيدۇ بىخىلنىڭ مىلى.
،بىلىمدۇر دۇنىادا ھەممىگە خوجا
گەر خۇدا بىلىمسىز،تىتريمەس قىلى .
،"ئەجەپمۇ تەڭشەلمىگەن ئىكەن بۇ جاھان"
دەيدۇ كۆپ ئالديغا ئۇچريسا داۋان .
،مىنىڭچە ئاجايىپ تەڭشىۋيتىلگەن
ئۆتمۈشكە،بۈگۈنگە قاريساڭ ئايان .
،پەقەتل تونۇردا كۆيمەيدۇ كۆيمەيدۇ ئوتمۇ
،داۋاملىق ئىشلەپل تۇرمايدۇ خوتمۇ
- 3. ،پۇل-ھوقوق ھەممىنىڭ خوجىسى بۈگۈن
پۇلى كۆپ باشىقنى كۆرمەيدۇ سوتمۇ .
،"نىمىنى تىريساڭ شۇنى ئالىسەن"
ديگەنگە ئىشەنسەڭ قىرى بالىسەن .
،كەتمەننى سەن چىپىپ ئاشلىق تىريساڭ
ئىشىنى خەق يەيدۇ قاراپ قالىسەن .
،بىرسىگە كۆيدۈڭ يا ئۇ ساڭا كۆيدى
سەن ئۇنى سۆيدۈڭ يا خەق سىنى سۆيدى .
،ئالديراپ ئىشەنمە شىرين ۋەديگە
بولمىسۇن ئاخىرى سىنى كىم كۆردى .