padishahining kiyimi barmu

349 views

Published on

Published in: Technology
0 Comments
0 Likes
Statistics
Notes
  • Be the first to comment

  • Be the first to like this

No Downloads
Views
Total views
349
On SlideShare
0
From Embeds
0
Number of Embeds
1
Actions
Shares
0
Downloads
1
Comments
0
Likes
0
Embeds 0
No embeds

No notes for slide

padishahining kiyimi barmu

  1. 1. ‫دەۋىر ئىلكىتابلىرى-دەۋىر بىلوگى‬ ‫پادىشاھنىڭ كىىىمى بارمۇ؟‬ ‫ئىمىن ئوسمان‬ ‫ىازغۇچى ئالىم ئاتەخانغا ئوچۇق خەت‬ ‫ئالىمباي! تۈنۈگۈن سىز مەندىن ئېتىقاد ھەققىدە سوراپ قالدىڭىز. ئىمان- ئېتىقادلىق ئادەمنىڭ قانداق بولۇشى‬ ‫كېرەكلىكى ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرىمىز خىرەلىشىپ قالغانمۇ، قانداق، دەرھال بىر نەرسە دېىىشكە‬ ‫پېتىنالمىدىم. سىزمۇ شۇنداق ئەھۋالدا بولغىنىڭىز ئۈچۈن، ئۆزىڭىزنى قىىناۋاتقان بۇ مەسىلىدە مەن بىلەن‬ ‫ئورتاقلشماقچى بولغان بولسىڭىز كېرەك. دۇنىانىڭ ئىشلىرى ھازىر شۇنچىلىك چىگىشلىشىپ كەتكەنكى، ئۇنى‬ ‫پەقەت ئورتاق پىكىرلىشىش ىولى بىلەنل ھەل قىلىش مۇمكىن. ىالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس، دەپ بىكار‬ ‫ئېىتىشمىغانغۇ؟ ھازىر كوپچىللىك پەقەت ئۆزىنىڭ تەشۋىشلىرى بىلەنل بولۇپ كېتىپ، جەمئىىەتنىڭ ئەھۋالى‬ ‫ھەققىدە ئوىلىماىدىغان، باشقىلرنىڭ قاىغۇسىنى ھېس قىلماىدىغان بولۇپ قالدى. شۇڭا بىز نە خۇدادىن، نە‬ ‫بەندىدىن قورقماىدىغان كىشىلەرنىڭ كوپچىلىككە باشچى بولۇۋالغانلىقىغا، تەلىم- تەربىىە بېرىدىغان، مەرىپەتكە‬ ‫ئۈندەىدىغانلرنىڭ ۋىجدانىنىڭ پاك بولماىۋاتقانلىقىغا كونۈكتۈك. پەرۋاسىزلىق قارىشى قېنىمىزغا سىڭىپ كەتتى.‬ ‫قەىەردە پەرۋاسىزلىق قارىشى ھوكۈمران ئىكەن، ئۇ ىەردە ئادالەت تەنتەنە قىلىشى، ئادەملەرنىڭ بىر- بىرىگە‬ ‫.مېھرى- شەپقەت كورسىتىشى، ئۇلرنىڭ ىۈكسەك غاىىلەر ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىشى مۇمكىن ئەمەس‬ ‫شەرق مۇتەپەككۈرلىرىدىن بىرىنىڭ "ھۇببۇل ۋەتەنى مىنەل ئىمان"، ىەنى ۋەتەننى سۆىۈش ئىماننىڭ نىشانىسىدۇر،‬ ‫دېگەن سۆزى بار. ھەقىقەتەنمۇ ۋەتەننى سۆىۈش ئۈچۈن ئىمانلىق، ۋىجدانلىق ئادەم بولۇش كېرەك. ۋەتەن‬ ‫دېگىنىمىز بىر پارچە زېمىن. ئۇنداق بولسا شۇ زېمىندا ىاشاۋاتقان ئادەملەرنى سۆىۈش، ئۇلرغا ىاخشىلىق‬ ‫قىلىش ئۈچۈن كىشىلەر قانداق سۈپەتلەرگە ئېگە بولۇشى كېرەك؟‬
  2. 2. ‫ئېتىقادلىق ئادەم بولۇش ئۈچۈن ىالغۇز ۋەتىنىنى ىاكى خەلقىنى سۆىۈشل كۇپاىە قىلماىدۇ. بارچە ئىنسانىي‬ ‫پەزىلەتلەرنىڭ ھەممىسى ئېتىقادنىڭ مەزمۇنىنى تەشكىل قىلىدۇ. كىمىكى ئۆزىنى تونۇسا، خۇدانى تونۇىدۇ،‬ ‫دېگەن ھېكمەت بار. ئۆزىنى تونۇمىغان ئادەم ۋەتىنىنىمۇ، خەلقىنىمۇ سۆىمەىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان ئىلىم-‬ ‫مەرىپەتلىك بولۇشى كېرەك. مەرىپەتلىك ئادەم، ئىنسانىىەتكە تەئەللۇق ھەممە نەرسىدىن بەھىرلىنەلەىدۇ.‬ ‫دىنغىمۇ، تارىخقىمۇ، ئورپ- ئادەتلەرگىمۇ ھۆرمەت بىلەن قاراىدۇ، ئەپسۇسكى، بىزدە ھازىرغىچە ئۇنىڭ ئەكسىچە‬ ‫بولۇپ كەلدى. ھازىرغىچە تارىخىمىزنى، ئۇلۇغ ئالىملر ھاىاتىنى، ئەدەبىىاتىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ تار قېلىپىمىزغا‬ ‫سېلىپ ئۆگىنىۋاتىمىز. بۇ ھازىرغىچە ئۆزىمىزنى تونۇمىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ. ۋاھالەنكى، "ئوگىنىوك" ژۇرنىلى‬ ‫سەھىپىلىرىدە ئىنسانىىەت تارىخىدىكى ھەرقانداق نەرسىنى، شۇ جۈملىدىن دىننىمۇ چەتنەپ كەتمەسلىك‬ ‫كېرەكلىكى ھەققىدە پىكىرلەر ئېىتىلىۋاتىدۇ." »ئىنجىل« شۇنداق تارىخىي ئابىدىكى، بۇ كىتابسىز ئختمۈشتىكى‬ ‫تارىخنىل ئەمەس، بەلكى ئىنسانىىەتنىڭ تەرەققىىات باسقۇچلىرىنىمۇ بىلىش مۇمكىن ئەمەس"- دەپ ىازدى‬ ‫بىز بولساق .‪ S.I.Jok‬دىنپىروپىتروۋىسكى ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي كوممۇنىزم كافېدراسىنىڭ دوتسېنتى‬ ‫قۇرئاننىڭ ئەھمىىىتىنى ئۆگىنىش تۈگۈل بۇ كىتابتا نېمىلەر ىېزىلغانلىقىغا قىزىقىشتىنمۇ قورقىمىز؛ بۇ قورقۇش‬ ‫قاچان پەىدا بولدى؟ نېمىشقا ئادەم ئادەمدىن قورقۇشى كېرەك؟ دىن ئەشۇنداق تەلىم بېرەمدۇ؟ ئاخىر،‬ ‫ھەممىمىز بىلىدىغان "ئىنسانلرنىڭ ھەممىسى خۇددى تاغاقنىڭ چىشىدەك تەڭ- تەكشى ىارىتىلغان"، دېگەن دانا‬ ‫پىكىر بارغۇ؟ ھەممە كىشى تەڭ ئىكەن، ئۇنداقتا نېمىشقا بىر خەلقنىڭ ۋەكىلى ئېىىتقان پىكىرنى ئىككىنچى‬ ‫خەلقنىڭ ۋەكىلى ئوتتۇرىغا قوىالماىدۇ؟ بۇنىڭغا نېمە توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ؟ قورقۇش! قورقۇش- ئىمانى‬ ‫.زەئىپ، ئېتىقادسىز ئادەملەرگە خاس خۇسۇسىىەت‬ ‫تارىختىن مەلۇمكى، مەھمۇد قەشقەرى، ىۈسۈپ خاس ھاجىپ، برونىي، ئىبنى سىنا، ئەل-خارازمى، نەۋاىى‬ ‫قاتارلىق ئۇلۇغلر ئىمانلىق، ئېتىقادلىق بولغىنى ئۈچۈن ئولمەس ئەسەر ىارىتالىغان. ئەپسۇسكى، بىز بۇلرغا‬ ‫مۇناسىپ ۋارىس بوللماىۋاتىمىز. بۇنىڭغا بىرمۇنچە باشقا سەۋەبلەر قاتارىدا ئىمانىمىزنىڭ سۇسلىقى توسقۇنلۇق‬ ‫قىلماقتا. نەتىجىدە بىزنىڭ شەخسىىىتىمىزمۇ، ئەدەبىىاتىمىزمۇ ئوتتۇرا سەۋىىىدىن نېرىغا ئوتەلمەىۋاتىدۇ. توغرا،‬ ‫سوۋېت ئىتتىپاقىدا 3291- ىىلىدىن تاكى 05- ىىللرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە مىسلى كورۈلمىگەن قانلىق قىرغىنچىلىق‬ ‫ىۈز بەردى. ۋەتەن ئۈچۈن، ىېڭى غاىە ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلغان بىرمۇنچە كىشىلەر تەقىپ قىلىندى، قامالدى،‬ ‫سۈرگۈن قىلىندى، ئېتىلدى. ئۇرۇشتا تاسادىپىي ىاكى مەجبۇرىي ئەسىرگە چۈشكەن ئادەملەرنىڭ ھەممىسى‬ ‫ئەجەل لگىرىغا ئەۋەتىلدى. بۇ ىەردە شەرق مۇتەپەككۈرلىرىدىن جامى كەلتۈرگەن مۇنۇ ھېكمەتنى ئەسلەپ‬ ‫ئوتۈش ئورۇنلۇق: "ئادەملەر كۆرۈپ ۋە بىلىپ تۇرۇپ بىر زالىمغا كۆڭۈل بەرسە، ئۇنىڭ ىولىنى ئېتىشنىڭ‬ ‫."چارىسىنى كورمىسە، ئۇلرنىڭ ھەممىسى ئورتاق ئازاب چېكىدۇ‬
  3. 3. ‫توغرا، تارىخ ھەققىدە چەتتە تۇرۇپ ھۆكۈم قىلىش ئاسان. ئەگەر 03- ىىللردا ىاشىغان بولساق ئېھتىمال بىزمۇ‬ ‫بۇ ۋەقەلەردىن چەتتە قالمىغان بولتتۇق. لېكىن بىز، ۋاقىتلىق مەتبۇئات سەھىپىلىرىنى ۋاراقلپ كورسەك‬ ‫ھەىرانلىقتىن ىاقىمىزنى تۇتماي تۇرالماىمىز. بىز خۇدانى رەت قىلىپ، دىنىي ئېتىقادلرنى ئەىىبلەپ ئۆزىمىز ساختا‬ ‫خۇدا ىاساپ چىقتۇق، ئۇنىڭغا چوقۇندۇق. مىخائىل ئىساكوۋىسكى، ماكسىم رىلىسكى، ئالىكسى سوركوۋ، ھەمىت‬ ‫ئالىمجان، غاپۇر غولم قاتارلىق چوڭ شائىرلر سىتالىننى مەدھىىلەپ شۇنداق ئەسەرلەرنى ىاراتتىكى، ھەتتا‬ ‫ھازىرغىچە خۇدامۇ بۇنچىلىك ماختىلىپ تەرىپلەنمىگەن بولسا كېرەك. مەن بۇ ىەردە مەشھۇر كومپوزىتور‬ ‫ئىىسائاك دوناىۋىىسكىنىڭ 9491- ىىلى نەشىر قىلىنغان كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن بىر پارچە خېتىدىن قىسقا نەقىل‬ ‫كەلتۈرىمەن: "سىتالىن ىالغۇز بىزنىڭ دەۋرىمىزنىڭ ئۇلۇغ ئادىمى بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئىنسانىىەت تارىخىدىمۇ،‬ ‫ئۇلۇغۋارلىق، بۈىۈكلۈك ۋە مەشھۇرلۇقنىڭ، ھۆرمەت ۋە ئېھتىرامنىڭ مىسلى كورۈلمىگەن زور تىمسالىدۇر. بىز‬ ‫ئۇنىڭ بىلەن زامانداش، ئەقەللىسى ئۇنىڭ ئىش پائالىىىتىدە كىچىككىنە خىزمەتداش بولغىنىمىز ئۈچۈن‬ ‫پەخىرلىنىشىمىز كېرەك. ئەپسۇسكى بىز)بولۇپمۇ ىاشلر( سىتالىندەك بىر ئادەم بىلەن بىر ھاۋادىن نەپەس‬ ‫ئېلىۋاتقانلىقىمىزنى، بىر ئاسمان ئاستىدىكى زېمىندا بىللە ىاشاۋاتقانلىقىمىزنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتىمىز." بۇ ئادەمنى‬ ‫خۇداغا ئاىلندۇرۇش بولماي نېمە؟ ۋەھالەنكى، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي سىتالىن مۇكاپاتى بىلەن تەقدىرلەنگەن‬ ‫بۇ بۈىۈك كومپوزىتور ئۆز جېنىغا قەست قىلدى. كاۋكاز تارىخنى ىازغان ئالىم "بەشەر قۇىاشى" ئىنام قىلغان‬ ‫مۇكاپاتنى ئالغاندىن كېىىن، ئۆز بېغىدىكى دەرەخكە ئېسىلىپ ئولىۋالدى. فادەىېۋدەك تالنتلىق ىازغۇچى‬ ‫ئۆزىنى ئاتتى. چولپان، پىترەت، ئىلبېكنىڭ نامىغا قارا چاپلىغانلر، ئابدۇلل قادىرى، ئوسمان ناسىرلرنى ئولۈمگە‬ ‫ھوكۈم قىلغانلر، مەقسۇد شەىىخزادىنى تا ئولگۈچە ئازابلىغانلر، ھەمىت سۇلىماننىڭ ئون بەش ىىللىق ئومرىنى‬ ‫سۈرگۈندە ئوتۈشكە مەجبۇرلىغانلر تېخى ئارىمىزدا ىۈرۈپتۇ. ئۇلر ۋىجدان ئازابىغا چىدىماي ئۆزىنى‬ ‫ئولتۈرىۋالغىنى، ھېچ بولمىغاندا ئەىىبىنى دەۋرگە ئارتىپ خەلقتىن ئەپۇ سورىغىنى ىوق. ئۇلر ئەڭ چوڭ مۇكاپاتلر‬ ‫بىلەن تەقدىرلىنىپ، پەخرىي ئۈنۋانلرغا ئېرىشىپ، سورۇنلرنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئېلىپ مۇنبەرلەردە چىراىلىق‬ ‫نوتۇقلرنى سۆزلەپ ىۈرۈپتۇ. ئۇلر كېچىلىرى خاتىرجەم ىېتىپ ئۇخلىدۇ. سىزدەك ئېتىقادىمىزنىڭ سۇسلىشىپ‬ ‫.كېتىۋاتقانلىقىدىن قاىغۇرۇپ ئازابلنماىدۇ‬ ‫ئالىمباي! لېنىن ئاساس سالغان جەمئىىەتنىڭ داھىنىڭ ۋاپاتىدىن كېىىن كىملەرنىڭ قولىغا قالغانلىقىنى، ئۇلرنىڭ‬ ‫سوتسىىالىزم ھەققىدە قانداق تېتىقسىز پىكىرلەرنى ئوىلپ تاپقانلىقىنى بىز ئەمدى روشەن كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز.‬ ‫لېنىن دىندارلرغا چوڭقۇر ھۆرمەت بىلەن قارىغىنى ھالدا، كوممۇنىستلرنىمۇ ئۆز ئېتىقادىغا سادىق، ھەر‬ ‫تەرەپلىمە پاكىز ئادەم بولۇشى كېرەك، دەپ تەلىم بەرگەنىدى. ئەپسۇسكى، لېنىندىن كېىىن دۆلەت ھوقۇقىنى‬ ‫قولىدا تۇتۇپ كەلگەن ئادەملەرنىڭ ئىش- ھەرىكىتىگە نەزەر سالساق تېنىمىز شۈركىنىدۇ. سىتالىن ئەشەددىي‬
  4. 4. ‫قانخور، كالل كېسەر بولۇپ چىقتى. جىدانوۋ، مولوتوۋ، بىرىىا، ىىجوۋ، ۋورىشلوۋ، مىكوىانلرنىڭ شەپقەتسىزلىكتە‬ ‫سىتالىندىن قېلىشماىدىغانلىقى، قىرغىندىن تاسادىپىي ئامان قالغان دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ، ىازغۇچىلرنىڭ‬ ‫خاتىرىلىرىدىن مەلۇم بولدى. سىتالىندىن كېىىن تەخىتكە چىققان خروشېۋ مەملىكەتنى پۈتۈنلەي پاراكەندە‬ ‫قىلىۋەتتى. ىېزا ئېگىلىكىنى، بولۇپمۇ چارۋىچىلىقنى ئىزدىن چىقاردى. ئادەملەرنى بىر پارچە قارا نانغا زار قىلىپ‬ ‫.قوىدى‬ ‫برېجنېۋنىڭ كۆرسەتكەن كارامەتلىرىنى سۆزلەشكە كىشىنىڭ تىلى بارماىدۇ. ئۆزىنىڭ تەمەخور ۋە‬ ‫شۆھرەتپەرەس بولغىنى ىەتمىگەندەك، كۈىوغلىنىڭ پارىخورلىقىنى، قىزىنىڭ مەملىكەت بوىلپ ئالتۇن، تىلل‬ ‫سودىسى بىلەن شۇغۇللنغانلىقىنى دېمەمسىز، تېخى؟ تورغۇنلۇق دەپ نام ئالغان ئاشۇ ىىللردا بىز "داھى" نى‬ ‫قارىتىپ قوىۇپ، سىزنىڭ غاىىلىرىڭىزدىن روھلىنىپ بىز ئالەمگە ئۇچۇۋاتىمىز، ىېڭى ىەرلەرنى ئېچىۋاتىمىز، كىتابلر‬ ‫ىېزىۋاتىمىز، دەپ تەخسىكەشلىك قىلدۇق. بۇ ئادەملەرنى تېخى ىەر ىۇتقىنى ىوق، ئۇلرنىڭ ھازىرمۇ ھوشۇقى‬ ‫ئالچا. ئۇلر ئەمدى ئاشكارىلىق نىقابى ئاستىدا قاىتا قۇرۇشقا كىرىشىپ، مېھنەتكەشلەرنىڭ دۇنىا قارىشىنى‬ ‫ئۆزگەرتىش بىلەن شۇغۇللنماقتا. بۇنداق كىشىلەرنى كۆرۈپ ماركىسنىڭ "خۇدا ئادەمنى ئەمەس، ئادەم خۇدانى‬ ‫ىاراتقان" دېگەن گېپىگە ئىشەنمەي تۇرالماىسىز. راستىنى ئېىىتقاندا بىز كۆپ خۇدالرنى، رېسپوبلىكىلردا بولسا‬ ‫بىرمۇنچە كىچىك خۇدالرنى ىاراتتۇق، ئۇلرغا چوقۇندۇق. ئۇلر مەنسەپتىن چۈشۈشى ىاكى ئۆلۈشى بىلەن‬ ‫.ئۇلرنىڭ چىركىنلىكلىرىنى پاش قىلىپ، ئۈستىگە كىر- ىۇندا چاچتۇق‬ ‫سوۋېت ئىتتىپاقى دۇنىادا خۇدانى بىرىنچى بولۇپ ئىنكار قىلغان دۆلەت، لېكىن بىز خۇدانى ئىنكار قىلغان ھالدا‬ ‫ئۇنىڭغا شۇنچىلىك باغلىنىپ قالدۇقكى، ئىلھسىز بىر كۈنىمىزمۇ ئۆتمىدى. )ئېھتىمال، ئادەمنىڭ تەبىئىتى كىمگىدۇر‬ ‫چوقۇنۇشقا، كىمدىندۇر مەدەت ئېلىشقا ماسلشتۇرۇپ ىارىتىلغان بولسا كېرەك.( نەتىجىدە ئۆزىمىزگە ئوخشاش‬ ‫ئادەملەرنى خۇددى ىۇنانلرنىڭ ماكىدونىىىلىك ئىسكەندەرنى خۇدالر قاتارىغا قوشقىنىدەك مەبۇدىغا ئاىلندۇرۇپ‬ ‫ئالدۇق. ئاشۇ ماكىدونىىىلىك ئىسكەندەرمۇ ئۆزىنىڭ ۋاقىتسىز ئۆلۈمىدىن ئەجەبلىنىپ: "مەن خۇدا بولسام، نېمىشقا‬ ‫مۇنداق ئۆلىمەن" دېگەنىكەن. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش سىتالىن ئۆلگەندە ئۇنىڭغا چوقۇنۇپ، ئۇنىڭغا تاىىنىپ‬ ‫ئۆگىنىپ قالغان ئادەملەر: "ىاق، بۇنداق زات ئۆلۈشى مۇمكىن ئەمەس، ئۇ بىزنى ئۇرۇش ئاپىتىدىن قۇتۇلدۇردى.‬ ‫ئۇنىڭسىز بىز فاشىزمنى ىېڭەلمىگەن بولتتۇق" دەپ خىتاب قىلغان. ئەسلىدە ئەنە شۇ ئامما، پاك دىل، ساددا‬ ‫ئادەملەرنىڭ ئۆزلىرى مەملىكەتنىمۇ، ئۆزلىرىنىمۇ بال- قازادىن ساقلپ قالغان، تۆككەن قانلىرى، بەرگەن‬ ‫.قۇربانلىرى ھېسابىغا ئۇرۇش ئاپىتىنى دەپنە قىلغانىدى‬
  5. 5. ‫ئۆزبېكىستاندا تا ئەللىكىنچى ىىللرغىچە نېمىلەرنىڭ ىۈز بەرگەنلىكىنى بىر ئەسلەپ كۆرۈڭ: ھەممە ئىمانلىق،‬ ‫ئېتىقادلىق ئادەملەر سوراقسىز ئېتىلدى، ئەرەب ىېزىقىنى بىلگەن ۋە شۇ ىېزىقتىكى كىتابلرنى ئوقۇغان‬ ‫ئادەملەر ىوقىتىلدى، مىللىي ئورپ- ئادەتلەر ئاىاق- ئاستى قىلىندى، مىللىي غورۇر كەمسىتىلدى. ھەتتا ئاتمىشىنچى‬ ‫ىىللردا توي-تۈكۈنلەردە كاناي-سۇناي چېلىش كونىلىق قالدۇقى سۈپىتىدە تەنقىتلەندى. ىەتمىشىنچى ىىللردا‬ ‫پارتىىىلىك كىشىلەر بالىلىرىنى خەتنە قىلدۇرغىنى ئۈچۈن تەشكىلىي جازاغا ئۇچرىدى. سەكسىنىنچى ىىللرنىڭ‬ ‫ئوتتۇرىلىرىدا ئۆلگەن ئاتىسىنىڭ جىنازا نامىزىنى ئۇقۇتقان ىاكى قەبرىستانلىققا بېرىپ كۆز ىاش تۆككەن ئادەملەر‬ ‫شەرمەندىلەرچە ئىشتىن بوشىتىلدى. بۇ ئەخمەقلىقلەرنى خەلق ئەمەس، بەلكى رېسپوبلىكىمىزنىڭ رەھبەرلىرى‬ ‫ئوىلپ تاپتى. ئاشۇ چاغلردا ئەسقەر مۇختەردەك ھۆرمەتلىك ىازغۇچىمىز، مۇشۇنداق بولمىغۇر ھەرىكەتلەرگە‬ ‫ئېتىراز بىلدۈرۈپ، ئۆز سەبداشلىرىنى قوغدىسا بولماسمىدى؟ ئۇ چاغلردا ىەنە ئابدۇلل ئارىپوۋدەك تونۇلغان‬ ‫تالنتلىق شائىرمۇ جاسارەتلىك قەلەمكەشلىرىنى ىاقىلپ ئەمەس، نوپۇزلۇق رەھبەرلەرنىڭ كوڭلىگە ىاقىدىغان‬ ‫شېئىرلرنى ىازدى. ئەمدى ئۇ كىچىك داھىلر ىوق، ئېنىقراق قىلىپ ئېىىتساق ئۇلر قاماقتا. ئەمدى بىز بىر-‬ ‫بىرىمىزنىڭ ىۈزىگە قانداق قاراىمىز؟ مەن دۆلەت جىناىەتچىسى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان شەراپ رەشىدوۋ ھەققىدە‬ ‫ئەسەر ىازغان مىرمۇھسىن، ئۇنى ئەسەرلىرىگە پروتوتىپ قىلىپ ئېلىپ ئۇنىڭ ساخاۋەتلىرىدىن بەھرىمەن بولغان‬ ‫ھەمىت غۇلم، "كەشمىر قوشىقى")شەراپ رەشىدوۋنىڭ ئەسىرى(غا سۆز بېشى ىېزىش بەختىگە مۇىەسسەر‬ ‫بولغىنى ئۈچۈن بېشى كۆككە ىەتكەن تۇراپ تۈلە ۋە باشقا ئونلپ قەلەم ساھىپلىرىنىڭ بۈگۈنگىچە توۋا‬ ‫قىلماىۋاتقانلىقىغا، خەلققە ئەمەس رەھبەرلەرگە ىېقىشى ئۈچۈن ئىنتىلىپ ىاشاشنىڭ پاجىئەلىرىنى ئېچىپ،‬ ‫ىاشلرنى ھۇشىارلىققا ئۈندىمەىۋاتقانلىقىغا ئەجەبلەنمەىمەن. ھەركىمدىن ئۆزىگە ىارىشا نەرسە تەلەپ قىلىش‬ ‫كېرەك، ئەلۋەتتە. رۇس ىازغۇچىلىرى ئوتتۇزىنچى ىىللردا قارىلنغان قەلەمكەشلەرنى ئاقلش، چەتئەللەرگە‬ ‫چىقىپ كەتكەن ىازغۇچىلرنىڭ ئەسەرلىرىنى چىقىرىپ خەلققە تونۇتۇشنىڭ غېمىنى ىەۋاتقان بىر پەىىتتە ئۆزبېك‬ ‫ئەدىبلىرىنىڭ نېمىلەرنى قىلىپ ىۈرۈۋاتقانلىقىغا قارىمامسىز. ئارىمىزدا ھازىرغىچە چولپان، پىترەتلەرنى ئاقلشقا‬ ‫توسقۇنلۇق قىلىدىغانلر، ھەتتا بۇندىن بەش ئەسىر بۇرۇن ىاشاپ ئىجاد قىلغان بابۇردەك بۈىۈك ئەللمىغا ئۆزىچە‬ ‫باھا بېرىپ قارىلىدىغانلر بار. سىز بولسىڭىز مەندىن ئېتىقاد ھەققىدە سوراىسىز، ئېتىقادنى قوىۇڭ، ئارىمىزدا‬ ‫ۋىجدانى پاك ئادەم تېپىلمدۇ، دەپ سوراڭ. ئېھتىمال بۇ سوئالىڭىزغا جاۋاب بېرىش ئاسانراقتۇر. ئالىمباي!‬ ‫نېمىشقىدۇر بىزدە ۋىجدانسىز ۋە خىىانەتچى دېگەندەك ئىبارىلەر پەقەت سودا خادىملىرىغىل ئىشلىتىلىدۇ. ئۇلرنىڭ‬ ‫خىىانەت قىلىپ تۇرىدىغانلىقى ئىسپات تەلەپ قىلىدىغان ئىش ئەمەس. لېكىن ئۇلرنىڭ ئىچىدە مەرد، كىشىلەرگە‬ ‫ىاردەم قولىنى سوزىدىغان، جامائەت ئىشلىرى ئۈچۈن جان- دىلى بىلەن خىزمەت قىلىدىغانلىرىمۇ بار. ئەپسۇسكى،‬ ‫مەن زىىالىلرنىڭ، ھەتتا ىازغۇچىلرنىڭ ئارىسىدا باشقىلرغا چىندىن، ئىچى كۆىۈپ ىاردەم قىلىدىغان بىرەر مەردنى‬ ‫ئۇچراتقىنىم ىوق. ئۇستاز ئاىبەكنىڭ ىاشلرغا سەمىمىي ىاردەم بېرىپ كەلگەنلىكىنى كۆپ ئاڭلىغان ئىدۇق. م.‬ ‫پىرىىشۋىن قېرىغان چېغىدا نەشىرىىاتنىڭ باشلىقىغا تېلېفون بېرىپ ئۆزىنىڭ ئىككى توملۇق تاللنما‬ ‫ئەسەرلىرىنىڭ ئورنىغا توت ىاش ىازغۇچىنىڭ كىتابىنى چىقىرىشنى ئۆتۈنگەنلىكىنى، تىۋاردوۋىىسكىنىڭ ۋ.‬ ‫تىندىرىاكوۋنىڭ ئەسەرلىرىنى، ف. ئابراموۋنىڭ، چىڭغىز ئاىىتماتوۋنىڭ ئەسەرلىرىنى ناھاىىتى جاپادا بېسىپ‬ ‫چىقارغانلىقىنى، باشقا بىرمۇنچە قەلەمكەشلەرگىمۇ ماددىي ۋە مەنىۋىي تەرەپتىن ناھاىىتى كۆپ ىاردەم‬
  6. 6. ‫بەرگەنلىكىنى بىلىمىز. لېكىن ھازىرقى تىرىك ىازغۇچىلىرىمىزنىڭ قاىسى بىرى بۇ زاتى مۇبارەكلەرگە ئوخشاىدۇ؟‬ ‫ۋەھالەنكى ئۇلر ئالىىجانابلىق ۋە ئىنسانپەرىۋەرلىك دېگەنلەرنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا؟ ۋەھالەنكى، شەرق‬ ‫مۇتەپەككۇرلىرى:"ئۆزۈڭگە راۋا كۆرگەن نەرسىنى باشقىلرغىمۇ راۋا كۆرگىن" دەپ تەلىم بېرىدۇ. نېمىشقا بىز‬ ‫بۇ مىزانغا ئەمەل قىللماىمىز؟ نېمىشقا ھەممە ئادەم ئۆز مەنپەئەتى، ئۆز ھوزۇر- ھالۋىتىنىل ئوىلىدۇ؟ ئاخىر،‬ ‫ئىنساننىڭ ھەرىكىتىگە ىارىشا بەرىكەت بېرىلىشىنى، بېخىلنىڭ بېغى كۆكەرمەسلىكىنى ھەممە كىشى ئوبدان‬ ‫بىلىدىغۇ، نېمىشقا بىلىپ تۇرۇپ... قوىۇڭ، بىھۇدە سوئاللر بىلەن بېشىڭىزنى قاتتۇرماي، بۇنىڭ سەۋەبى ئاىان:‬ ‫.ئىمان ۋە ئېتىقاد ىوقالغان‬ ‫سىزنىڭ ئۆتكەندە ئارگېنتىنالىق ىازغۇچى خولىئو كورتاسارنىڭ "ئىزمۇ ئىز" ھېكاىىسى ھەققىدە ھاىاجانلىنىپ‬ ‫سۆزلىگەنلىكىڭىز ھېچ ئېسىمدىن چىقماىدۇ. ھېكاىە قەھرىمانى ئۆتمۇشتە ىاشىغان بىر كلسسىك شائىر‬ ‫ھەققىدە ئاجاىىپ ئەسەر ىازىدۇ. ئۇنىڭ ئەسىرى بىرمۇنچە چۇقان- سۈرەنگە سەۋەب بولىدۇ. ئۇنى ىۇقىرى‬ ‫لۋازىم بىلەن ئالىي مۇكاپاتقا تەۋسىىە ئېتىشمەكچى بولغان پەىىتتە ئەسەر قەھرىمانى ئۆزى كوككە كۆتۈرگەن‬ ‫ھېلىقى كلسسىك شائىرنىڭ ئەسلىدە ئۆتۈپ كەتكەن رەزىل ۋە مۇناپىق ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىدۇ. ئۇنىڭ‬ ‫مەشۇقىغا ئۆز قولى بىلەن ىازغان خېتىنى كۆرىدۇ- دە، ھەممە ئىمتىىازلردىن ۋاز كېچىپ، كلسسىك شائىرنىڭ‬ ‫.ساتقىن ۋە مۇناپىقلىقىنى پاش قىلىشقا كىرىشىدۇ‬ ‫بۇ ھېكاىىنى ئەسلىشىمنىڭ سەۋەبى شۇنىڭدىكى، بىزنىڭ ھاىاتىمىزدا مۇشۇنداق ھادىسىلەر ئېشىپ - تېشىپ‬ ‫ىېتىپتۇ. تۈنۈگۈنل تەڭدىشى ىوق ئالىىجاناب، ئاجاىىپ تەشكىلتچى دەپ كۆكلەرگە كۆتۈرۈلگەن كىشىلىرىمىز‬ ‫بۈگۈن دۆلەت جىناىەتچىسى بولۇپ چىقىۋاتىدۇ. لېكىن ھازىرغىچە بىزنىڭ بىرەر ىازغۇچىمىز كورتاسارنىڭ‬ ‫قەھرىمانىدەك ئۆز روھىىىتىنىمۇ، ئەتراپىدىكى ئادەملەرنىڭ پىكىر تەسەۋۋۇرىنىمۇ ئوڭتەي- توڭتەي قىلىپ، ئۆزىگە‬ ‫قارشى، ھازىرغىچە ىۈرگۈزۈلىۋاتقان ناتوغرا سىىاسەتلەرگە قارشى بىرەر ئىش قىلغىنى ىوق. ىاق، مەن ئۇنداق‬ ‫قەلەمكەشلەرنى خاتا قىلغىنى ئۈچۈن تىز پۈكۈپ كۆز ىاش تۆكسۈن دېمەكچى ئەمەسمەن. ئەكسىچە ئاشۇ‬ ‫ىازغۇچىلرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئاچچىق قىسمەتلىرى ىول قوىغان خاتالىقلىرى، تەمەخورلۇقى تۈپەىلىدىن ىۈز- ئابروىىنىڭ‬ ‫تۆكۈلگەنلىكلىرى مىسالىدا ىاشلرنى ھۇشىارلىققا ئۈندەشلىرى لزىم، دەپ ھېسابلىمەن. بۇنىڭدىن ىالغۇز‬ ‫ئەدەبىىاتىمىزل ئەمەس، بەلكى كەلگۈسى ئەۋلدىمىزمۇ مەنپەئەت كۆرىدۇ، ئادالەت تىكلىنىدۇ. ۋىجدانىمىز‬ ‫پاكلنمىسىمۇ، ھېچ بولمىغاندا كىرى كېتىدۇ. شۇنىڭ ئۆزى ھالللىق ۋە پاكلىققا تاشلنغان بىر قەدەم بولىدۇ.‬ ‫بۈگۈنكى ئاشكارىلىق بەلگىلەپ بەرگەن ىول شۇنى تەلەپ قىلىدۇ. ئاشكارىلىق ۋە ئۆز ئۆزىنى تەنقىد ئاخىرقى‬ ‫ھېسابتا خەلق مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلىدۇ. جەمئىىەتنىڭ سىىاسىي تەركىبىنى توغرا ئەكس ئەتتۈرۈپل قالماي،‬ ‫.ئۇنىڭ كۈچ- قۇدرىتىنى، ھاىاتلىقىنى، مەنىۋىي ساغلملىقىنى ناماىىش قىلىدۇ‬
  7. 7. ‫تۈنۈگۈن سىز تونۇلغان بىر ئالىمنىڭ تېلېۋىزوردىكى مۇناپىقانە چىقىشى ھەققىدە گەپ قىلغان ئىدىڭىز. مەن ئۇ‬ ‫چاغدا ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدىم. كوىۈنىشىڭىزنى قىزىققانلىق ۋە ىاشلىقتىن بولۇۋاتىدۇ، دەپ قارىدىم.‬ ‫ئالىمباي، كىملەرگىدۇر ىاخشى كۆرۈنۈپ تۈزۈكرەك ئەمەلگە ئېرىشىشتىن باشقا قاىغۇسى بولمىغان بۇ ئادەمدىن‬ ‫باشقا نېمە كۈتۈش مۇمكىن؟ ئەسلىدە پەن دوكتۇرى، ئاكادېمىك بولغان ئادەم خەلق مەنپەئەتى ئۈچۈن زور‬ ‫ئىشلرنى قىلىشى كېرەك. ئاكادېمىك ساخاروۋنىڭ، ۋىگاسوۋنىڭ ىادرو فىزىكىسى ساھەسىدىكى كەشپىىاتلىرىنى‬ ‫ھەممە بىلىدۇ. پروفېسسور نازىمە دېھقان خوجاىىۋانىڭ ئىلمىي ئىزلىنىشلىرى خەلق سالمەتلىكىنى ساقلش‬ ‫ىولىدىكى ئىشلىرى ماختاشقا سازاۋەر، ئاكادېمىك ئاتابېك ئىشانوۋنىڭ تارىخىمىزنىڭ قارا چاپلنغان سەھىپىلىرىنى‬ ‫ئېچىش ىولىدىكى ئورۇنۇشلىرى كىشىنى خوشال قىلىدۇ، لېكىن سىز ئېىىتقان ھېلىقى ئالىم پەنگە، خەلققە‬ ‫نېمە بەردى؟ ئۇنىڭ قاىسى بىر ئەسىرى قولدىن - قولغان ئۆتۈپ ئوقۇلدى؟ تارىخ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بۇ ئالىم‬ ‫ئوتتۇرا ئاسىىانىڭ روسىىىگە ئۆز ئىختىىارلىقى بىلەن قوشۇلمىغانلىقىنى ئىسپاتلىغۇچى ھۈججەتلەر ئاساسىدا ىىرىك‬ ‫ئەسەر ىېزىشى مۇمكىن ئىدىغۇ؟ بۇ ئىشقا ئۇ ئادەمنىڭ ئىلمىمۇ، قابىلىىىتىمۇ ىېتىدۇ. لېكىن ىازماىدۇ، ىازالماىدۇ!‬ ‫قاىسىدۇر بىر نائەھلى تارىخىمىزنى ىۈز قېتىم ساختىلشتۇرسۇن، نەچچە مىڭ ىىلدىن بېرى ئىنسانىىەتكە نى- نى‬ ‫ئەللمىلرنى بەرگەن ئەڭ قەدىمىي، ئەڭ مەدەنىىەتلىك، ئەڭ ساۋاتلىق تۈركىي خەلقىنى ىالغۇز رۇس ئالپاۋىتىنى‬ ‫بىلمىگىنى ئۈچۈن ساۋاتسىزغا چىقارسۇن، ئىنقىلب ھارپىسىدىكى مەدەنىي ھاىاتىمىزدا ئىلغار ئىشلرنى قىلغان،‬ ‫ىېڭىلىق تەرەپدارلىرى بولغان جەدىتلەرنىڭ ھاىاتى ۋە ئىجادىنى ئۆگىنىش تەقىپلەنسۇن، ئەدەبىىات تارىخىمىزدا‬ ‫ھەمزە بىلەن بىللە ئونلپ تالنتلىق شائىرلرنىڭ بولغانلىقىنى سىر تۇتسۇن، بۈگۈنكى كۈنگە كېلىپ خەلق‬ ‫كېۋەزگە سېپىلگەن ئونلپ زەھەرلىك دورىلردىن قىرىلىپ كەتسۇن، ئۇ ئادەمگە بەرىبىر. مۆھتەرەم ئاكادېمىك‬ ‫ھەممە نېمىگە كۆزىنى ىۇمۇپ تىلىنى چىشلەپ ىۈرىۋېرىدۇ. ئىشقىلىپ ئورنىدىن، ھۆرمەت ئېتىبارىدىن ئاىرىلىپ‬ ‫قالمىسىل بولىۋېرىدۇ. قاچانىكى ئادەمنىڭ ۋىجدانى ئۆلسە، ئىمان- ئېتىقادتىن ئاىرىلسا ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى‬ ‫پەرۋاسىزلىق مەستخۇشلىقى ئېگىلەىدۇ. ھازىرقى ئەدەبىي ھاىاتىمىزدا ئاشۇنداق مەستخۇشلۇق ھۆكۈم‬ ‫سۈرىۋاتمامدۇ؟ بىز ماختاپ، كلسسىكقا چىقىرىپ قوىغان ىازغۇچىلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرى ھېچقانداق مەنىۋىي‬ ‫پەزىلەتلەرگە ئېگە ئەمەسلىكىنى ھېچكىم ىۈرەكلىك ئوتتۇرىغا قوىالماىۋاتمامدۇ؟ نى- نى پەن دوكتۇرلىرى، پەن‬ ‫كاندىداتلىرى ئالىممەن، دەپ مەىدىسىنى كېرىپ ىۈرۈشۈپتۇ. ئۇلر ئەسلىدە ئەدەبىي تەنقىدچى ئەمەس، بەلكى‬ ‫ئەدەبىي مەدداھلردۇر. ئۆتكەن ىىلقى ىىللىق پروزا مۇھاكىمە ىىغىلىشىدا سىزنىڭ ئېىىتقان پىكىرلىرىڭىزدىن بەكمۇ‬ ‫خوشاللندىم. ۋەھالەنكى، ىىغىن رەئىسى سىزگە بېرىلگەن ۋاقىتنىڭ تۈگىگەنلىكىنى ئېىتىپ، ئالدى بىلەن نوبىل‬ ‫مۇكاپاتى ئېلىڭدە، ئاندىن باشقىلرغا ئەقىل ئۆگىتىڭ، دەپ لوقما سېلىپ گېپىڭىزنى داۋاملشلشتۇرۇشقا‬ ‫ئىمكان بەرمىدى. شۇ چاغدا سىز تەنقىدچى ئومورزاق ئولجاباىىۋقا:"سىز مېنىڭ ئەسىرىمنى ھېكاىە ئەمەس‬ ‫دېگەندىن كۆرە، بۇ نەرسە ئوغرىلنغان دېسىڭىز خۇشال بولتتىم. سەۋەبى بۇ ھېكاىەمنى كورتاسارنىڭ‬ ‫"ۋەسۋەسە" ناملىق ھېكاىىسىگە تەقلىد قىلىپ ىازغانمەن" دېدىڭىز. "ۋەسۋەسە" جاھان خەلقلىرىنىڭ ئونلپ‬ ‫تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ سۆىۈلۈپ ئوقۇلسۇنۇ، ئۆزبېك ئەدەبىىاتى مۇتەخەسىسىسى بولغان ئادەم ئاشۇ روھتا‬
  8. 8. ‫ىېزىلغان ئەسەرنى ھېكاىە ئەمەس دەپ ھېسابلىسۇن. بۇ نېمە؟ پىكرى مەجرۇھلۇقىمۇ ىاكى‬ ‫ساۋاتسىزلىقىمۇ؟ بىز تا ھازىرغىچە بىر چاغلردا ىېزىلغان ئەدەبىىات دەرسلىكلىرى سەۋىىىسىدە پىكىر قىلىپ‬ ‫كېلىۋاتىمىز. بۇ بىزنىڭ ئۆز ئىشىمىزغا ۋىجدانەن ىانداشمىغانلىقىمىزنىڭ، زىممىمىزگە ئادەملەرنى مەرىپەتلىك قىلىش‬ ‫مەسۇلىىىتىنىڭ ىۈكلەنگەنلىكىنى ھېس قىلماسلىقىمىزنىڭ نەتىجىسىدۇر. نېمىشقا بىزدە ئەدەبىي تەنقىد سەۋىىىسى‬ ‫بۇنچىلىك تۆۋەن؟ ئېھتىمال ئەدەبىىاتىمىز تەنقىدتىن تۆۋەن تۇرىدىغاندۇ؟ ئېھتىمال نېمىشقا بىز ھەر قانداق‬ ‫ئېھتىماللىقنى بىر چەتكە قاىرىپ قوىۇپ، بار مەھسۇلتىمىزنىڭ ئۆزىنى ئادىل باھالىماىمىز؟ ىاكى ۋ. ئاستاپىىىۋنىڭ‬ ‫"مېنىڭ قارىشىمچە تەنقىدچى قاراۋۇل ۋە سۈ پۈرگىچى بولۇشى، ئەدەبىي مەىدانىمىزدىكى ھەرخىل ئەخلەت-‬ ‫چاۋالرنى تازىلىشى كېرەك. لېكىن مەن ئونلپ دوكتۇر ۋە ئاكادېمىكلر ئىچىدىن مۇنداق ئىشقا لىىق بىرمۇ‬ ‫تەنقىدچى تاپالمىدىم" دېگىنىدەك، بىزدە ھەقىقىي تەنقىدچى ىوقمۇ؟‬ ‫ئالىمباي! ئاندەرسىننىڭ ىالىڭاچ پادىشاھ ھەققىدىكى چۆچىكى ئېسىڭىزدىمۇ؟ ئۇنىڭدا قىپىالىڭاچ پادىشاھ‬ ‫"كىىىمىڭىز نېمانچە چىراىلىق، ئۆزىڭىزگە نېمىدېگەن ىاراشقان" دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ماختىلىدۇ. ھېچكىم‬ ‫ئۇنىڭ ىالىڭاچلىقىنى ئېىتىشقا جۈرئەت قىلماىدۇ. ئاخىرىدا ئاشۇنداق بىر مەرت تېپىلىدۇ-دە، پادىشاھ ئۆزىنىڭ‬ ‫ئالدانغانلىقىنى بىلىدۇ. ۋاقتى كېلىپ بىزمۇ شۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالماسمىزمۇ؟ كېىىنكى چاغلردا مەتبۇئات‬ ‫سەھىپىلىرىدە ئۆزبېكىستان ىازغۇچىلىرى مىرموھسىن، ئىبراھىم رەھىم، پروفېسسور ھاپىز ئابدىسەمەتوۋلرنىڭ‬ ‫ىازغانلىرىنى كۆرۈپ ھەىران قالدىم. ئۇلر ئاشكارىلىقنى، شەخسىي تەلەپ - دەۋالىرىنى ئوتتۇرىغا قوىۇپ‬ ‫نۇمۇسسىزلىق قىلىشنىڭ بىر پۇرسىتى بىلسە كېرەك. ىېشى ىەتمىشكە بېرىپ، بۇ دۇنىادىن ئۇ دۇنىاسى‬ ‫ىېقىنلىشىپ قالغان بۇ كىشىلەرنىڭ خەلققە ئېىتىدىغان زۆرۈر گەپلىرى، كۆڭۈل ئارزۇلىرى، ىۈرىكىنى ئازابلىدىغان‬ ‫ئۆكۈنۈشلىرى، ئەدەبىىاتىمىزنىڭ چوڭ ئومۇمىي دەردلىرى، خەلققە ىەتكۈزىدىغان ئارمانلىرى ىوقمىدۇ؟ بۇلرنى‬ ‫ئوىلىسىڭىز مېڭىڭىزگە سانجىق تۇرۇپ، ىۈرىكىڭىز ئېزىلىپ كېتىدۇ. ئەپسۇسكى، ئوىلىماي ئىلجىڭىز ىوق.‬ ‫چۈنكى بۇگۈنكى ئاشكارىلىق شۇنىڭغا ئۈندەىدۇ. بىزنىڭ ئارزۇىىمىز بىزدىن كېىىنكىلەر ھېلىقى ىالىڭاچ‬ ‫پادىشاھنىڭ ئەھۋالىغا چۈشۈپ قالمىسۇن، شەخسىي دەۋا ۋە ئاغرىنىشلر بىلەن ئەمەس، بەلكى مەنىۋىىەتنى‬ ‫ىۈكسەلدۈرىدىغان مەسىلىلەر بىلەن شۇغۇللنسۇن. ئادەملەرگە تېخىمۇ كۆپ پاىدا ىەتكۈزسۇن. ئادەم ۋىجدانىنى‬ ‫قىىناىدىغان ئىشلرنى قىلماسلىقى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنى تەمەخورلۇقتىن تارتىشى، بولۇپمۇ ئۆزىگە‬ ‫ئوخشاش ئادەمدىن بىرەر نەرسە كۈتمەسلىكى كېرەك. تەمەخور خۇددى سۆڭەك تۇتقان ئېگىسى ئالدىدا‬ ‫قۇىرۇقىنى شىپاڭلىتىپ تۇرغان ئىتقا ئوخشاىدۇ. ئېتىقادلىق ئادەم ھېچقاچان، ھېچكىمدىن بىرەر نەرسە‬ ‫كۈتمەىدۇ. ئۇ پەقەت ئۆزىگە ئىشىنىپ ۋىجدانى بىلەن ىاشاىدۇ. ىەر ىۈزىدە بىر ئىمانلىق ئادەم بار ئىكەن قىىامەت‬ ‫قاىىم بولماىدۇ، دېگەن گەپ بار. مەن بۇ گەپكە ئىشىنىمەن. تېخى قىىامەت بولمىغانىكەن، ئەتراپىمىزغا خالىس‬ ‫كۆز تاشلىشىمىز، ئېتىقادلىق كىشىلەرنى كۆرسەك بېشىمىزغا كوتۈرۈشىمىز كېرەك. ئېتىقاد- ئىنساننى‬ ‫پەسلىكتىن، ھەرقانداق تەمەدىن، رەزىللىكتىن ساقلىدىغان ھىداىەت نۇرى! لېكىن بۇ نەرسە ھەممە كىشىگە‬
  9. 9. ‫نېسىب بولىۋەرمەىدۇ. ئېتىقادلىق ئادەم ئۆزىگە راۋا كۆرگەن نەرسىدىن باشقىلرنىمۇ تېزرەك بەھرىمەن‬ ‫.قىلىشقا ئالدىراىدۇ‬ ‫ئالىمباي! ىەتمىش ىىلدىن بېرى ىالغان- ىاۋىداقلر بىلەن ئۆزىمىزنى ئالداپ ىاشىدۇق. ىاسالغان خۇدالرغا‬ ‫چوقۇنۇپ، رەزىل، گۇناھلىق قىلمىشلرغا پاتتۇق. كېلىڭ، ئەمدى ئاشكارىلىق، تەڭلىك شامىلى كۆتۈرۈلگەن‬ ‫بۈگۈنكى كۈندە "ھەقىقەتنى، غاپىل، ناھەق نەرسىلەرگە ئوراپ ىوشۇرماڭلر، ئۇنى خەلقتىن پىنھان تۇتماڭلر"‬ ‫دېگەن دانا ھېكمەتكە ئەمەل قىلىپ، كىشىلەر قەلبىگە ئېتىقاد نۇرىنى ىەتكۈزۈشكە تىرىشاىلى. ىەر ىۈزىدە ئار-‬ ‫.نۇمۇسنى بىلىدىغان، ئىمانلىق ئادەملەرنىڭ تېخىمۇ كوپىىىشىنى تىلەىلى‬ ‫.مەنبە: »شىنجاڭ ئىشچىلر ھەرىكىتى« ژۇرنىلى 9991 – ىىل 4 – 5 – )قوش( سان‬ ‫1‬ ‫!‬ ‫تىخىمۇ كۆپ ماتىرىىاللرنى دەۋىر بىلوگىدىن تاپالىسىزقىنى مەرھەمەت‬

×