Tarixqa yezilmighan ishlar

402 views

Published on

Published in: Education
0 Comments
0 Likes
Statistics
Notes
  • Be the first to comment

  • Be the first to like this

No Downloads
Views
Total views
402
On SlideShare
0
From Embeds
0
Number of Embeds
1
Actions
Shares
0
Downloads
14
Comments
0
Likes
0
Embeds 0
No embeds

No notes for slide

Tarixqa yezilmighan ishlar

  1. 1. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ ﻳﯧﺰﯨﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭ‬ ‫ﻣﻪھﻤﯘﺩ ﺋﯩﻠﻴﺎﺱ ﺋﯩﺪﯨﻘﯘﺗﻠﯘﻕ‬ ‫ﺗﻮﺭﻏﺎ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ : ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭﺑﯧﺘﯩﺪﻯ ‪ niyazdixan‬ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ‬ ‫) ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﺪﯨﻦ (‬ ‫7391 – ﻳﯩﻠﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ، ﺑﺎﺵ ﺋﻪﺗﯩﻴﺎﺯ .‬ ‫ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﻨﯩﯔ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩە ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ 6 – ﺩﯦﯟﯨﺰﯨﻴﯩﺴﻨﯩﯔ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻰ ﻣﻪھﻤﯘﺕ ﻣﯘھﯩﺘﻰ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ‬ ‫ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺑﯘﺭﯗﺕ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺋﺎﻕ ﻳﯜﺯﻟﯜﻙ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩەﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯚھﺒﻪﺗﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﺗﺘﻰ . ﺑﯘ ﺋﺎﺩەﻡ ﻣﻪھﻤﯘﺕ‬ ‫ﻣﯘھﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ھﻪﻣﺴﯚھﺒﻪﺕ ﺋﯜﻟﭙﯩﺘﻰ ، ﺩﯦﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ – ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎﺭﻣﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ، ﺗﯩﯟﯨﭗ‬ ‫ﺑﺎﻳﺌﺎﺧﯘﻥ ﺋﻪﺯﯨﺰﻯ ﺋﯩﺪﻯ . ﺳﯚھﺒﻪﺕ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﺎ ﻛﺎﺗﯩﭙﻰ ﻛﯩﺮﯨﭗ ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﮔﺎﺭﻧﯩﺰﻭﻧﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ‬ ‫ﺋﺎﺩەﻣﻨﯩﯔ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺧﻪۋەﺭ ﻗﯩﻠﺪﻯ .‬ ‫- ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻪﭘﺘﯘ ، - ﺩەپ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ ﻣﻪھﻤﯘﺕ ﻣﯘھﯩﺘﻰ .‬ ‫- ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﺩﯦﻤﯩﺪﻯ ، ﺳﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯗﺷﯩﻤﻪﻥ ، ﻣﯘھﯩﻢ ﺋﯩﺸﯩﻢ ﺑﺎﺭ ﺩەﻳﺪﯗ .‬ ‫ﺳﯩﺮﺗﺘﺎ ﺳﺎﻗﻼپ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ .‬ ‫- ﻣﯧﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﺵ ﺩﯦﻤﯩﺪﯨﯖﻤﯘ ؟‬ ‫- ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﯨﻢ ﺳﯩﺠﺎڭ ، ﮔﯧﭙﯩﯔ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﺎﯕﺎ ﺩﯦﮕﯩﻦ ، ﻣﻪﻥ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛپ ﻗﻮﻳﺎﻱ ﺩﯦﺴﻪﻡ ، ﺋﯘ ﻣﯘھﯩﻢ ﺑﯩﺮ‬ ‫ھﯚﺟﺠﻪﺕ ﺑﺎﺭ ، ﺳﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯨﻤﻪﻥ ، ﺩەپ ﺗﯘﺭﯗۋﺍﻟﺪﻯ .‬ ‫- ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯨﯟەﺕ .‬ ‫ﻛﺎﺗﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ ، ھﺎﻳﺎﻝ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ، ﻣﻪھﻤﯘﺕ ﻣﯘھﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻏﺪﯨﻐﯘﭼﯩﺴﻰ ﭘﯘﻗﺮﺍﭼﻪ ﻛﯩﻴﯩﻨﮕﻪﻥ‬ ‫ﭘﺎﻛﺎﺭ ﺑﻮﻳﻠﯘﻕ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼپ ﻛﯩﺮﺩﻯ . ﻣﯧﻬﻤﺎﻥ ﮔﺎﺭﻧﯩﺰﻭﻥ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺑﺎﺷﻘﺎﺭﻣﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ‬ ‫ﮔﯘۋﺍھﻨﺎﻣﯩﺴﯩﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﻣﻪھﻤﯘﺕ ﻣﯘھﯩﺘﯩﻐﺎ ﺋﯘﺯﺍﺗﺘﻰ .‬ ‫ﻗﻮﻏﺪﯨﻐﯘﭼﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﺳﯩﺠﺎﯕﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛپ ﺑﻪﺭﺩﻯ .‬ ‫- ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﺶ ؟ - ﺩﯦﺪﻯ ﺳﯩﺠﺎڭ ﻗﯩﺴﻘﯩﻼ ﻗﯩﻠﯩﭗ .‬ ‫- ﻣﻪﻥ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻨﻰ ﺋﺎﻏﺰﺍﻛﻰ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﻣﻪﻛﭽﻰ ، ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺋﺎﺩەﻣﻠﻪﺭ ﺗﯘﺭﺳﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ – ﺩﯦﺪﻯ ﭘﺎﻛﺎﺭ ﺋﺎﺩەﻡ‬ ‫ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍپ .‬ ‫ﺳﯩﺠﺎڭ ﺋﯩﺸﺎﺭەﺕ ﻗﯩﻠﺪﻯ ، ﻣﯘھﺎﭘﯩﺰەﺗﭽﻰ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ .‬ ‫- ﺑﯘ ﻛﯩﺸﻰ .... – ﺩەپ ﺑﺎﻳﺌﺎﺧﯘﻧﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺪﻯ ﮔﺎﺭﻧﯩﺰﻭﻥ ﺧﺎﺩﯨﻤﻰ .‬ ‫- ھﯧﭽﻘﯩﺴﻰ ﻳﻮﻕ ، ﺑﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺩﯨﻤﯩﻢ ، ﮔﻪﭘﻨﻰ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﺎﯕﻠﯩﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﮔﺎﺭﻧﯩﺰﻭﻥ‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫1‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  2. 2. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ﺧﺎﺩﯨﻤﻰ ﺳﻪﻝ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻧﺪەﻙ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ .‬ ‫- ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﭼﯘﺟﺎڭ ﺟﺎﻧﺎﭘﻠﯩﺮﻯ ﺳﯩﻠﯩﮕﻪ ﺳﺎﻻﻡ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ ،‬ ‫ﻣﻪﻥ ﭼﯘﺟﺎڭ ﺟﺎﻧﺎﺑﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯜﻣﯩﺪﯨﻨﻰ ﺳﯩﻠﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﮔﯩﻠﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ .‬ ‫- ﮔﻪپ ﺋﻮﭼﯘﻗﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ، ﭼﯘﺟﺎڭ ﺟﺎﻧﺎﺑﻠﯩﺮﻯ ﻧﯧﻤﻪ ۋەﺟﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ، ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ‬ ‫ﺋﯚﺯﻯ ﻛﻪﻟﻤﯩﺪﻯ ؟‬ ‫- ﭼﯘﺟﺎڭ ﺟﺎﻧﺎﺑﻠﯩﺮﻯ ﺳﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﻪﻙ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ، ﻣﯘھﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺳﯩﻠﯩﮕﻪ ﻣﻪﻟﯘﻡ‬ ‫ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺋﯩﻜﻪﻥ ، ﭼﯘﺟﺎﯕﻨﯩﯔ ﺳﯩﻠﯩﯖﺒﯘﻏﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﺌﻪپ ﺋﯩﻜﻪﻥ ، ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﺵ ﺋﻮﺭﻧﻰ ۋە ۋﺍﻗﺘﯩﻨﻰ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﭗ‬ ‫ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻼ ، ﭼﯘﺟﺎڭ ﺟﺎﻧﺎﺑﻠﯩﺮﻯ ﺷﯘ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﺳﯩﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯨﺪﺍﺭﻻﺷﺴﺎﻡ ﺩەﻳﺪﯗ .‬ ‫ﻣﻪھﻤﯘﺕ ﻣﯘھﯩﺘﻰ ﺟﺎۋﺍپ ﻗﯩﻠﻤﯩﺪﻯ ، ﺋﯘ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﺯﻏﺎﻟﻤﺎﻱ ﺟﯩﻤﺠﯩﺖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﺗﺘﻰ .‬ ‫- ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﯘھﯩﻢ ﺋﯩﺸﻤﯩﻜﻪﻥ ، ﺑﻪﻙ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﺷﻤﯘ ؟ - ﺩﯦﺪﻯ ﻣﻪھﻤﯘﺕ ﻣﯘھﯩﺘﻰ .‬ ‫- ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﻗﺴﯩﺮ . ﺑﻪﻙ ﻣﯘھﯩﻢ ﺋﯩﺶ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﭼﯘﺟﺎڭ ﺟﺎﻧﺎﺑﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩﯦﻴﯩﺸﯩﭽﻪ ، ﺑﯘ ، ﺳﯩﺠﺎڭ‬ ‫ﺟﺎﻧﺎﺑﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ھﺎﻳﺎﺕ – ﻣﺎﻣﺎﺗﯩﻐﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﭼﻮڭ ﺋﯩﺶ ﺋﯩﻜﻪﻥ ، ﺋﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﺳﯩﻠﯩﮕﻪ ﺧﻪﻳﺮﻟﯩﻚ‬ ‫ﺗﯩﻠﻪﻳﺪﯗ .‬ ‫- ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ، ﺋﻪﻣﯩﺴﻪ ﮔﻪپ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ : ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﻛﯩﺸﻰ ، - ﺩﯦﺪﻯ ﻣﯘھﻤﯘﺕ ﻣﯘھﯩﺘﻰ ﺑﺎﻳﺌﺎﺧﯘﻧﻨﻰ‬ ‫ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗپ ، - ﺋﻪﺗﻪ ﻧﺎﻣﺎﺯﺩﯨﮕﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﺎﻣﺎﺯﺷﺎﻡ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﭼﯘﺟﺎﯕﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﯩﺸﻪھﻪﺭﺩﯨﻜﻰ‬ ‫ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﺳﺎﻻﻣﻐﺎ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ . ﺑﺎﺭﻏﯩﭽﻪ ھﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﮔﯘۋﺍھﻨﺎﻣﻪ ﺑﯧﺮﯨﻠﻤﻪﻳﺪﯗ . ﺳﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪﻥ ﮔﯧﭙﻰ‬ ‫ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﻣﯘﺷﯘ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﺩەۋەﺭﺳﯘﻥ ، ﺑﯘ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ ﮔﻪپ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯەﻣﮕﻪ ﺩﯦﮕﻪﻧﮕﻪ‬ ‫ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ، ﻳﻪﻧﻪ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﺑﺎﺭ ؟‬ ‫- ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﺶ ﻳﻮﻕ ﺗﻪﻗﺴﯩﺮ ، ﺩﯦﺪﻯ ﮔﺎﺭﻧﯩﺰﻭﻥ ﺷﺘﺎﺑﯩﻨﯩﯔ ﺧﺎﺩﯨﻤﻰ ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﻳﺌﺎﺧﯘﻧﻐﺎ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ‬ ‫ﺳﯩﻨﭽﯩﻼپ ﻗﺎﺭﯨﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ھﻮﻳﻠﯩﺪﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﭘﻪ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺸﻘﺎ‬ ‫ﺗﻪﻳﻴﺎﺭ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ . ﺑﺎﻳﺌﺎﺧﯘﻥ ﺩﯨﮕﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘپ ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﯜﺯەﺷﺘﯜﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﺑﯩﺴﻤﯩﻠﻼ ﺩەپ‬ ‫ﺋﻮڭ ﭘﯘﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﺳﯘﻏﺎ ﺋﺎﺗﻼپ ﺋﯚﻳﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﺘﻰ . ﺳﯩﺮﺗﺘﺎ ﭘﯘﻗﺮﺍﭼﻪ ﻛﯩﻴﯩﻨﮕﻪﻥ ﺋﯧﮕﯩﺰ ﺑﻮﻳﻠﯘﻕ ﺑﯩﺮ‬ ‫ﻣﯘھﺎﭘﯩﺰەﺗﭽﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ھﺎﺭۋﯨﻜﻪﺵ ﺋﯘﻧﻰ ﻣﻪﭘﻪ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﺳﺎﻗﻼپ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ . ﺋﯘﻻﺭ ﺳﺎﻻﻣﻼﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ‬ ‫ﻣﯘھﺎﭘﯩﺰەﺗﭽﻰ ﺑﺎﻳﺌﺎﺧﯘﻧﻨﻰ ﻣﻪﭘﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﯘپ ، ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﭘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺗﻪﺭەپ ﺋﻮڭ ﺷﻮﺗﯩﺴﯩﻐﺎ‬ ‫ﺳﻪﻛﺮەپ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺟﺎﻳﻼﺷﺘﻰ ، ﻣﻪﭘﻪ ﻳﯧﯖﯩﺸﻪھﻪﺭ ﺗﻪﺭەﭘﻜﻪ ﻳﯜﺭﯛپ ﻛﻪﺗﺘﻰ .‬ ‫ﺑﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩە ﻣﻪھﻤﯘﺕ ﻣﯘھﯩﺘﻰ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﺋﻪھﯟﺍﻟﺪﺍ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﻯ . ﺋﯚﻟﻜﻪ ﺩﯛﺑﻪﻧﻰ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩە‬ ‫ﺗﯘﺭﯗۋﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﻛﯜﭼﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ھﺎﺟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪھﻤﯘﺕ ﻣﯘھﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺸﻨﯩﯔ‬ ‫ﻛﻮﻳﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘپ ، ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻗﻪﺩەﻣﺪە ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ھﺎﺟﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﻜﻪ ﻣﯘﺋﺎۋﯨﻦ ﺭەﺋﯩﺴﻰ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫2‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  3. 3. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ﻳﯚﺗﻜﻪپ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ، ﻣﻪھﻤﯘﺕ ﻣﯘھﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﺠﺎﯕﻠﯩﻖ ﻣﻪﻧﺴﯩﭙﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩە ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﻯ . ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﻣﻪھﻤﯘﺕ ﻣﯘھﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯩﺰﮔﯩﻨﻠﻪپ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻟﻴﯘ ﺑﯩﯔ ﺩﯦﮕﻪﻥ‬ ‫ﺋﺎﺩەﻣﻨﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﮔﺎﺭﻧﯩﺰﻭﻥ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪپ ، ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﯩﻤﯘ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻱ ، ﻣﻪھﻤﯘﺕ‬ ‫ﺳﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﺎﻳﺎﻧﭻ ﻛﺎﺩﯨﺮﻟﯩﺮﻯ ، ﺗﯜەﻧﺠﺎڭ ، ﻟﻴﻪﻧﺠﺎﯕﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ‬ ‫ﺑﻮﻟﯘپ 01 ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﻣﻪھﻤﯘﺕ ﺳﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺋﯘﻧﯩﻤﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﻗﻮﻳﻤﺎﻱ ، ﺋﯘﮔﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﺩەپ ﺋﯘﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ‬ ‫ﭼﺎﻗﯩﺮﺗﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﻯ . ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪھﯩﺮﻯ ۋە ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪپ ، ﻛﻪڭ ﺋﯩﺸﭙﯩﻴﻮﻧﻠﯘﻕ ﺗﻮﺭﻯ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻣﻪھﻤﯘﺕ ﺳﯩﺠﺎڭ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯔ‬ ‫ﺋﺎﺩەﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻧﺎﺯﺍﺭەﺕ ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﻯ . ﻣﻪھﻤﯘﺕ ﻣﯘھﯩﺘﻰ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺶ‬ ‫ﺳﯘﻳﻘﻪﺳﺘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﮕﻪ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﭼﯩﻘﺎﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺳﻮۋﯦﺖ‬ ‫ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﻳﺘﺘﻰ . ۋەﺯﯨﻴﻪﺗﻜﻪ ﺗﺎﻗﺎﺑﯩﻞ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﺋﯘﭼﯜﻥ ، ﻣﻪھﻤﯘﺕ ﻣﯘھﯩﺘﻰ ﺋﻪڭ‬ ‫ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﻠﯩﻚ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﻣﯘﺯﺍﻛﯩﺮە ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻧﺪە ﺑﯩﺮﺳﻰ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﻨﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ‬ ‫ﮔﺎﺭﻧﯩﺰﻭﻥ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻰ ﻟﻴﯘ ﺑﯩﯖﻐﺎ ۋە ﺳﻮۋﯦﺖ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛپ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ . ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺶ ﻳﻪﻧﻪ‬ ‫ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻟﯩﻨﯩﺪﯗ ، ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺋﯘﺩﯗﻟﻠﯘﻕ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﮕﻪ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﯘپ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ ، ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ‬ ‫ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﻣﻪھﻤﯘﺕ ﻣﯘھﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻛﺎﺩﯨﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﻳﯩﮕﯩﺮﻣﻪ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ‬ ‫ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﭼﺎﻗﯩﺮﺗﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ . ﻣﯘﺷﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﻮﻳﻼپ ﺑﺎﻳﺌﺎﺧﯘﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﯩﺸﻪھﻪﺭ ﮔﺎﺭﻧﯩﺰﻭﻥ ﺳﻴﺎﺳﯩﻲ‬ ‫ﺑﺎﺷﻘﺎﺭﻣﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﯘﻳﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ .‬ ‫ﺑﺎﻳﺌﺎﺧﯘﻥ ﻣﯘھﺎﺑﯩﺰەﺗﭽﯩﺴﯩﻨﻰ ﺳﯩﺮﺗﺘﺎ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗپ ﻗﻮﺑﯘﻟﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﻣﻪﭘﯩﻜﻪﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻛﯩﺮﺩﻯ . ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﻼﺭﻧﻰ‬ ‫ﺑﺎﺷﻘﺎﺭﻣﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻛﺎﺗﯩﭙﻰ – ﺗﯜﻧﯜﮔﯜﻥ ﻣﻪھﻤﯘﺕ ﻣﯘھﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ھﯧﻠﯩﻘﻰ ﭘﺎﻛﺎﺭ ﻛﯩﺸﻰ‬ ‫ﺋﻮﭼﯘﻕ ﭼﯩﺮﺍﻱ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺑﺎﺷﻼپ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﯩﺪﻯ .‬ ‫- ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﭼﯘﺟﺎڭ ﺟﺎﻧﺎﺑﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ، - ﺩەپ ﺗﯘﻧﯘﺷﺘﯘﺭﺩﻯ ﺋﯘ ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯜﮔﻤﯩﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﻧﺪﯨﻦ‬ ‫ﺋﯧﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﭼﺎﭘﺎﻥ ﻛﯩﻴﮕﻪﻥ ﺋﯧﮕﯩﺰ ﺑﻮﻳﻠﯘﻕ ﺗﺎﻗﯩﺮﺑﺎﺵ ، ﻗﺎﺷﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺳﻜﯩﻠﻪڭ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﻮﺭﯗﻕ‬ ‫ﺧﻪﻧﺰﯗ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ . ﺑﺎﺷﻘﺎﺭﻣﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﯗﻗﻘﺎ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﺪﻯ ۋە ﺳﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ . ﻛﺎﺗﯩﭗ ﺋﺎﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﺩﻯ .‬ ‫- ھﻪﺭﻗﺎﻳﺴﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﯩﻨﯩﻤﺪﯨﻦ ﺑﻪﻙ ﺧﯘﺭﺳﻪﻧﻤﻪﻥ ، - ﺩﯦﺪﻯ ﺑﺎﺷﻘﺎﺭﻣﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ۋە ﻣﻪﭘﯩﻜﻪﺷﻨﻰ‬ ‫ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗپ ، - ﺑﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﻛﯩﻢ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ، - ﺩەپ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ .‬ ‫- ﺑﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﺗﯘﯕﭽﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ، - ﺩﯦﺪﻯ ﺑﺎﻳﺌﺎﺧﯘﻥ .‬ ‫ﺑﯘ » ﺗﯘﯕﭽﻰ « ﺋﻪﺳﻠﯩﺪە ﺋﯚﻟﯜﻡ ﺟﺎﺯﺍﺳﯩﻐﺎ ھﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯜﺭﻣﯩﺪە ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ، ﺋﯘﺳﺘﺎ‬ ‫ﺗﯩﻠﻤﺎچ ﺋﯩﺪﻯ . ﻣﻪھﻤﯘﺕ ﻣﯘھﯩﺘﻰ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺋﯘﻧﻰ ﺑﺎﻳﺌﺎﺧﯘﻧﻐﺎ » ﻣﻪﭘﯩﻜﻪﺵ « ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﺷﯘپ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﻯ .‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫3‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  4. 4. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ﺑﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﯘﻥ ، ﺑﯩﺰ ﺋﯩﻜﻜﯩﻤﯩﺰ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ، ﺑﯘ ﻛﯩﺸﯩﻤﯘ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ ، - ﺩەپ‬ ‫ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﺎﻧﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﻰ .‬ ‫ﻣﻪﻥ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﯛﯕﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﻤﻪﻥ ، - ﺩﯦﺪﻯ ﺑﺎﻳﺌﺎﺧﯘﻥ .‬ ‫- ﻣﻪﻥ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﯛﯕﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﻤﻪﻥ ، ﺩﯦﺪﻯ ﺑﺎﺷﻘﺎﺭﻣﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺋﻮﺑﺪﺍﻧﻼ ﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ، ﺋﯘ‬ ‫ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﯩﻤﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﻯ ، ﻛﺎﺗﯩﭗ ﺑﺎﻳﺌﺎﺧﯘﻧﻨﯩﯔ ﺗﯘﯕﭽﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼپ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ .‬ ‫ﺋﯩﻜﻜﻪﻳﻠﻪﻥ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯚﻱ ﺋﯩﭽﻰ ﺳﯩﺮﻟﯩﻖ ﺟﯩﻤﺠﯩﺘﻠﯩﻘﻘﺎ ﭼﯚﻛﺘﻰ . ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﯘﻻﺭ‬ ‫ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﺎﻧﺴﯩﺰ ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﺘﻰ ، ﺑﺎﺷﻘﺎﺭﻣﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﻯ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺭﺍۋﺍﻥ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ، ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺋﯩﺪﻯ .‬ ‫- ھﺎﺯﯨﺮ ﻣﻪھﻤﯘﺕ ﺳﯩﺠﺎﯕﻐﺎ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ ، - ﺩەپ ﺳﯚﺯ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ ﺑﺎﺷﻘﺎﺭﻣﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺗﺎﻗﯩﺮ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﺳﯩﻼپ‬ ‫ﺗﯘﺭﯗپ .‬ ‫- ﺑﯘ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﮔﻪپ ؟ !‬ ‫- ﺳﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﺋﯩﺸﭙﯩﻴﻮﻥ ﺑﻪﻙ ﻛﯚپ ، ﺷﯧﯔ ﺩﯗﺑﻪﻥ ﺑﻮﺵ ﺋﺎﺩەﻡ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺋﯘ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﻠﯩﯖﺒﯘﻏﺎ‬ ‫ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﯩﺸﭙﻴﻮﻥ ﻗﻮﻳﺪﻯ . ﺳﻪﻥ ﺑﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻣﺴﻪﻥ ؟‬ ‫- ﺑﯘﻧﻰ ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﯩﻤﯩﺰ .‬ ‫- ھﻪﻱ ... ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ، ﺳﻪﻥ ﺑﯩﻠﯩﺴﻪﻥ ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻛﯩﻢ ﺋﯩﺸﭙﯩﻴﻮﻥ ﺑﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻣﺴﻪﻥ ؟‬ ‫- ﺑﯘﻧﻰ ﺳﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻣﺴﻪﻥ‬ ‫- ﻣﻪﻥ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﺑﯩﻠﯩﻤﻪﻥ . ﮔﻪپ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩە . ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﺸﭙﻴﻮﻧﻼﺭﻧﻰ ﻣﻪﻥ ﺳﯩﺠﺎﯕﻐﺎ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ‬ ‫ﺑﻪﺭﺳﻪﻡ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ ؟‬ ‫- ﺑﺎﻳﺌﺎﺧﯘﻥ ﺳﻪﻝ ﺗﯘﺭﯗپ ﻗﺎﻟﺪﻯ – ﻳﯘ ، ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺟﻪﭘﻠﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﭼﺎﻧﺪﯗﺭﻣﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ :‬ ‫ﺳﻪﻥ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﺋﯩﺸﭙﻴﻮﻧﻼﺭﻧﻰ ﺳﯩﺠﺎﯕﻐﺎ ﺩەپ ﺑﯧﺮﯨﺴﻪﻥ ؟ ﺳﻪﻥ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺩﯦﻤﻪﻳﺴﻪﻥ ، ﺑﯩﺰ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﻳﻤﯩﺰ، -‬ ‫ﺩﯦﺪﻯ ﺋﺎﺧﯩﺮ .‬ ‫- ﺭﺍﺳﺖ ﺩەﻳﺴﻪﻥ ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻣﻪﻥ ﺋﯩﺸﭙﯩﻴﻮﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﺳﻪﻡ ﺳﯩﺠﺎڭ ﮔﯧﭙﯩﻤﮕﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯗ . ھﺎﺯﯨﺮ‬ ‫ﻣﻪﻧﺪە ﺩﯗﺑﻪﻥ ﺋﻪۋەﺗﻜﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﺑﺎﺭ ، ﺑﯘ ﺩﯗﺑﻪﻥ ﺋﯚﺯﻯ ﻗﻮﻝ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﭙﻴﻮﻧﻼﺭ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻜﻰ ،‬ ‫ﻣﻪﻥ ﺷﯘﻧﻰ ﺳﯩﺠﺎﯕﻐﺎ ﺑﻪﺭﻣﻪﻛﭽﻰ ، ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻻﻣﺪﺍ ؟ ﭼﯘﺟﺎڭ ﺳﻪﻝ ﺗﯘﺭﯗۋﺍﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ : - ﺋﻪھﯟﺍﻝ‬ ‫ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯚپ ﺋﯧﻐﯩﺮ ، ﺩەپ ﻗﻮﺷﯘپ ﻗﻮﻳﺪﻯ .‬ ‫ﺑﯘ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﯕﻼپ ﺑﺎﻳﺌﺎﺧﯘﻥ ﺳﻪﻝ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ .‬ ‫- ﺳﻪﻥ ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﯨﻤﻰ ؟ ﺑﺎﻳﺌﺎﺧﯘﻥ .‬ ‫- ﻣﻪﻥ ﺷﯧﯔ ﺩﯗﺑﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﯨﻤﻰ ، ھﯘﺷﯘﻡ ﺟﺎﻳﯩﻤﺪﺍ ، ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﻤﻪﻳﻤﻪﻥ ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻜﻨﻰ‬ ‫ﺑﯧﺮﯨﺸﺘﻪ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻻھﯩﺪە ﺑﯩﺮ ﺷﻪﺭﺗﯩﻢ ﺑﺎﺭ ، ﺳﯩﺠﺎڭ ﺑﯘﻧﻰ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍپ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻛﯧﺮەﻙ .‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫4‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  5. 5. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫- ﺋﯘ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺷﻪﺭﺕ ؟‬ ‫- ﺳﯩﺠﺎڭ ﺷﻪھﻪﺭﻟﯩﻚ ﭘﻮﭼﺘﺎ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺟﯜﻳﺠﺎﯕﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﯜﻣﮕﻪ ھﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ . ﺑﺎﻳﺌﺎﺧﯘﻥ ﻛﻪﻳﻨﻰ‬ ‫– ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯘ ﻳﻮﭼﯘﻥ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﯕﻼپ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺗﻪﻣﻜﯩﻦ ﺗﯘﺗﯘﺷﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﺘﻰ .‬ ‫- ﺋﯘ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺩەﻡ ، ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﺋﯚﻟﯜﻣﮕﻪ ھﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ؟‬ ‫ﺟﯜﻳﺠﺎڭ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎﺩەﻡ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘ ﺋﯚﻟﺴﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺧﻮﺗﯘﻧﯩﻨﻰ ﻣﻪﻥ ﺋﺎﻟﯩﻤﻪﻥ .‬ ‫ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎﺩەﻣﮕﻪ ﺋﯘۋﺍﻝ ﺑﻮﻟﻐﯘﺩەﻙ ، ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺷﻪﺭﺗﯩﯔ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺩﯦﮕﯩﻦ ، ﺑﯩﺰ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍﻳﻠﻰ .‬ ‫- ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺷﻪﺭﺗﯩﻢ ﻳﻮﻕ ، ﺳﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ، ﭼﯩﺮﺍﻳﯩﯖﺪﯨﻦ ﻧﯘﺭ ﻳﯧﻐﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯘ ، ﻣﻪﻥ‬ ‫ﺑﯩﻠﯩﻤﻪﻥ ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﯘۋﺍﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺳﻪﻥ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺴﻪﻥ ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﻪھﯟﺍﻝ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ‬ ‫ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻤﯘ ﺋﺎﺭﯨﺴﺎﻟﺪﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﺑﻮﻟﯘﻧﻐﺎﻥ ﮔﻪپ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﻗﺎﻟﺴﯘﻥ ، ﻣﻪﻥ ﺳﺎﯕﺎ‬ ‫ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﻰ ﺩەﻱ :‬ ‫ﺟﯜﻳﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺭﺍﺳﺘﯩﻨﻼ ﺋﯚﻟﯜﻣﮕﻪ ﻻﻳﯩﻖ ﺟﯩﻨﺎﻳﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭ ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚﺯەﻡ ﺗﻮﻏﺮﯨﻼپ ﻗﻮﻳﺪﯗﻡ ، ﺳﯩﺠﺎڭ ﭘﻪﻗﻪﺕ‬ ‫ھﯚﻛﯜﻣﻨﻰ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﺳﯩﻼ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ھﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎۋﺍﺭﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﻳﻮﻕ .‬ ‫- ﻗﻮﻟﯘﯕﺪﯨﻜﻰ ھﯚﺟﺠﻪﺗﻨﻰ ﻗﺎﭼﺎﻥ ﺑﯧﺮﯨﺴﻪﻥ ؟ - ﺩﯦﺪﻯ ﺑﺎﻳﺌﺎﺧﯘﻥ ، ﺳﻪﻝ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ .‬ ‫- ﺋﯚﻟﯜﻡ ﺟﺎﺯﺍﺳﻰ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ .‬ ‫- ﺳﯧﻨﯩﯔ ﮔﯧﭙﯩﯖﮕﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ؟‬ ‫- ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﺠﺎڭ ﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺗﯩﻤﮕﻪ ﻛﯚﻧﺴﻪ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺩﯦﻴﺸﻪﻳﻠﻰ ، ﮔﻪپ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﻪﺭﮔﯩﭽﻪ‬ ‫ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ، - ﺩەپ ﭼﯘﺟﺎڭ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﯗپ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ﺑﺎﻳﺌﺎﺧﯘﻥ ﺋﻪﺯﯨﺰﻯ ﻣﯧﯖﯩﺸﻘﺎ ﺗﻪﻣﺸﻪﻟﺪﻯ .‬ ‫ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺳﯚھﺒﻪﺕ ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ 6 – ﺩﯦﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺷﺘﺎﺑﯩﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺟﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﺳﯚھﺒﻪﺗﻜﻪ ﺑﺎﻳﺌﺎﺧﯘﻥ ﺋﻪﺯﯨﺰﻯ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﺎﺭﺩﻯ . ﺳﯚھﺒﻪﺗﺘﻪ‬ ‫ﭼﯘﺟﺎﯕﻨﯩﯔ ﺗﻪﻟﯩﭙﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ .‬ ‫ﭘﻮﭼﺘﺎ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺟﯜﻳﺠﺎﯕﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﻪﺧﭙﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻜﻰ ﺟﯩﻨﺎﻳﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻳﯩﺒﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ، - ﺩﯦﺪﻯ ﭼﯘﺟﺎڭ‬ ‫ﺑﺎﻳﺌﺎﺧﯘﻧﻐﺎ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﯗپ ، - ﻣﻪﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﻪﺭﻣﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ھﯚﺟﺠﻪﺕ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 7 – ﻛﯜﻧﻰ‬ ‫ﭘﻮﭼﺘﺎ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ، ﺋﯘﻧﻰ ﭘﻮﭼﺘﺎ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﻗﻮﻝ ﻗﻮﻳﯘپ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ .‬ ‫ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ 8 – ﭼﯩﺴﻼ ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﻰ ﭘﻮﭼﺘﺎ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﺪﯨﻢ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺧﻪﺕ –‬ ‫ﺋﺎﻻﻗﻪ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻚ ﺩەﭘﺘﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﻮﻝ ﻗﻮﻳﻤﯩﺪﯨﻢ . ﺟﯘﻳﺠﺎڭ ﺋﻪﻣﺪﻯ ھﯚﺟﺠﻪﺗﻨﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ‬ ‫ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻠﯩﻴﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯘ ﺩﯗﺑﻪﻧﻨﯩﯔ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ھﯚﺟﺠﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ، ﺑﯘ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﺋﯚﻟﯜﻡ‬ ‫ﺟﺎﺯﺍﺳﯩﻐﺎ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺗﻮﺷﯩﺪﯗ . ﻣﯧﻨﯩﯔ ھﯚﺟﺠﻪﺗﻨﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﺵ ﺋﯩﺸﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﺴﻪﻙ ، ﺳﻮﺭﺍﻕ ﻛﯜﻧﻰ ﻣﯧﻨﻰ‬ ‫ﮔﯘۋﺍھﻠﯩﻘﻘﺎ ﭼﺎﻗﯩﺮﺗﯩﺴﯩﻠﻪﺭ ، ﺳﻮﺭﺍﻗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﯧﻨﻰ ﮔﯚﺭﯛ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ﺗﯘﺗﯘپ ﻗﺎﻟﺴﯩﻠﻪﺭ . ﻛﺎﺗﯩﭗ ھﯚﺟﺠﻪﺗﻨﻰ‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫5‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  6. 6. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻣﯧﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗپ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ .‬ ‫2 – ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺳﯚھﺒﻪﺕ ﺗﯜﮔﯩﺪﻯ . ﺳﯚھﺒﻪﺕ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ‬ ‫ﺩﯦﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ھﻪﺭﺑﯩﻲ ﺳﻮﺗﻰ ﺳﻮﺕ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﺎﭼﺘﻰ . ﺳﻮﺗﺘﺎ ﭘﻮﭼﺘﺎ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺧﻪﺕ – ﺋﺎﻻﻗﻪ‬ ‫ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺭﺍۋﺍﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ، 7 – ﭼﯩﺴﻼﺩﯨﻜﻰ ھﯚﺟﺠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ‬ ‫ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪە ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺭﺩﻯ . ﮔﯘۋﺍھﻠﯩﻘﻘﺎ ﭼﯘﺟﺎڭ ﭼﺎﻗﯩﺮﺗﯩﻠﺪﻯ ، ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ھﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻚ‬ ‫ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﻟﺪﻯ ، ﭘﻮﭼﺘﺎ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ 8 – ﭼﯩﺴﻼ ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﯩﮕﻪ ﻗﻮﻝ‬ ‫ﻗﻮﻳﯘﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﺪە ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺗﺎﺗﯩﺮﯨﭗ ﺋﻮﯕﺪﯨﺴﯩﻐﺎ ﺋﯘﭼﯘپ ﻛﻪﺗﺘﻰ .‬ ‫ﺳﻮﺕ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﺘﻰ ، ﺳﻮﺗﺘﺎ ﭘﻮﭼﺘﺎ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﻪﺧﭙﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺳﺎﺗﻘﺎﻥ ﺟﯩﻨﺎﻳﯩﺘﻰ‬ ‫ﺋﯘﭼﯜﻥ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﺟﺎﺯﺍﺳﯩﻐﺎ ھﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ .‬ ‫ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﺪە ﺳﻮﺗﻨﯩﯔ ھﯚﻛﯜﻣﻰ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﯧﻼﻥ ﻛﻮﭼﯩﻐﺎ ﭼﺎﭘﻠﯩﻨﯩﭗ ﺳﺎﺋﻪﺕ 01 ﻻﺭﺩﺍ ﺋﯩﺠﺮﺍ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ . ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺑﺎﺷﻘﺎﺭﻣﺎ ﻛﺎﺗﯩﺒﻰ ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ھﯚﺟﺠﻪﺗﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ ، ﭼﯘﺟﺎﯕﻨﻰ‬ ‫ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ .‬ ‫ﭘﻮﭼﺘﺎ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﺟﺎﺯﺍﺳﻰ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯜچ ﻛﯩﺸﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻦ‬ ‫ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍپ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﻯ ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻳﺎﺳﺎﻧﺪﯗﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﻛﯩﺸﻰ‬ ‫ﺑﻮﻟﯘپ ، ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﺗﺎﺷﻼﻧﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯚﺭە ﺗﯧﺮە ﺗﯘﻣﺎﻕ ، ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﭼﻪﻛﻤﻪﻥ ﭼﺎﭘﺎﻥ ﻛﯩﻴﺪﯛﺭﯗﻟﯘپ ، ﺑﯧﻠﯩﮕﻪ‬ ‫ﭘﻮﺗﺎ ﺑﺎﻏﻼپ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ، ﮔﺎﺯﯨﺮ ﻛﯚﺯ ، ﺳﺎﻗﺎﻟﻠﯩﻖ ﺑﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﺟﯧﻨﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼپ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﮕﻪ‬ ‫ﻛﯧﺘﯩﺸﻜﻪ ﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭘﻮﭼﺘﺎ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺋﯩﺪﻯ . ﺳﯩﻠﯩﯖﺒﯘ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﻳﻮﻝ ﺧﯩﺮﺍﺟﻪﺕ‬ ‫ﺑﯧﺮﯨﭗ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻮﻗﺴﯘﻧﻐﺎ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭ ﺑﯧﺮﯨﯟﯦﻠﯩﺸﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﺩەﻣﻨﻰ ﻗﻮﺷﯘپ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﻯ . ﺟﺎﺯﺍ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﺍ‬ ‫ﺋﯧﺘﯩﯟﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﺎﻳﺌﺎﺧﯘﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯘﺟﺎﯕﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻣﻪﭘﻪ ھﻪﻳﺪەپ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ، ﺋﻪﻣﺪﯨﻠﯩﻜﺘﻪ ﭘﻮﭼﺘﺎ‬ ‫ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻛﯩﻴﯩﻤﯩﻨﻰ ﻛﯩﻴﮕﻪﻥ ھﯧﻠﯩﻘﻰ ﺗﯩﻠﻤﺎچ ﺋﯩﺪﻯ .‬ ‫ﻣﻪھﻤﯘﺕ ﺳﯩﺠﺎڭ ھﯚﺟﺠﻪﺗﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘپ ، ھﯚﺟﺠﻪﺗﺘﻪ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﺸﯩﻨﻪﻟﻤﻪﻱ ﻗﺎﻟﺪﻯ .‬ ‫ھﯚﺟﺠﻪﺗﻜﻪ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﻤﺰﺍﺳﻰ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ ، ﻣﻪھﻤﯘﺕ ﻣﯘھﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ‬ ‫ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻣﯘھﯩﻢ ﺋﺎﺩەﻣﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ھﻪﻣﺪە ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ‬ ‫ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﮔﺎﺭﻧﯩﺰﻭﻥ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺑﺎﺷﻘﺎﺭﻣﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﻮﻻﻳﻠﯩﻖ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ۋە ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻜﯩﮕﻪ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﻯ .‬ ‫ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﻪھﻤﯘﺕ ﻣﯘھﯩﺘﻰ ﺩﯦﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺷﺘﺎﺑﯩﺪﺍ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ‬ ‫ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯛﺷﻜﻪ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺗﻮﻧﯘپ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻯ . ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮەﻙ !‬ ‫ﺋﻪﻣﺪﯨﻠﯩﻜﺘﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﻮﻝ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ ، ﺑﯩﺮﻯ ، ﺟﺎﻧﻨﻰ ﺗﯩﻜﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘپ ﺋﯩﺸﻪﻧﭻ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫6‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  7. 7. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ﺟﻪﯕﮕﻪ ﺋﺎﺗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻥ ﺗﯚﻛﯜﺵ ؛ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻯ ﭘﻪﺷﻨﻰ ﻗﯧﻘﯩﭗ ﭼﻪﺗﻜﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺶ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﻰ‬ ‫ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻧﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺗﯘﺭﺳﯩﻤﯘ ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻛﯧﭽﻪ – ﻛﯜﻧﺪﯛﺯ ﭘﺎﻳﻼپ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﮔﺎﺭﻧﯩﺰﻭﻥ‬ ‫ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻰ ﻟﻴﯘ ﺑﯩﯖﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺯﻏﺎﺷﺘﯘﺭﯗپ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺋﯩﺪﻯ .‬ ‫ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﮔﺎﺭﻧﯩﺰﻭﻥ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻰ ﻟﻴﯘ ﺑﯩﯔ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﻳﯧﯖﯩﺸﻪھﻪﺭ ﺳﯧﭙﯩﻠﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﮔﺎﺭﻧﯩﺰﻭﻥ ﺷﺘﺎﺑﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ھﻮﻳﻠﯩﺴﯩﺪﺍ ﺋﯚﺯﻯ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ھﻪﺭﺑﯩﻲ ﻣﻪﺷﯩﻖ ﭼﺎﻣﺒﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻖ ھﻪﺭﻛﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ . ﺳﯧﭙﯩﻞ‬ ‫ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺭﺍۋﯗﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﻧﯚۋەﺗﭽﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﻟﻴﯘ ﺑﯩﯖﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍپ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ .‬ ‫- ﺩﻭﻛﻼﺕ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻥ ، - ﺩﯦﺪﻯ ﻧﯚۋەﺗﭽﻰ ﭘﯘﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺟﯜﭘﻠﻪپ ھﻪﺭﺑﯩﻴﭽﻪ ﺳﺎﻻﻡ ﺑﯧﺮﯨﭗ ، - ﺳﯧﭙﯩﻞ‬ ‫ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺭﺍۋﯗﻟﻼﺭ ﺩﯗﺭﺑﯘﻧﺪﺍ 03 – 04 ﺋﺎﺩەﻣﻨﯩﯔ ﻛﻮﻧﯩﺸﻪھﻪﺭ ﺗﻪﺭەﭘﺘﯩﻦ ﺑﯩﺰ ﺗﻪﺭەﭘﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍپ‬ ‫ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭘﺘﯘ ، ﻣﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍپ ﺑﺎﻗﺴﺎﻡ ﺋﯘﻻﺭ 6 – ﺩﯦﯟﯨﺰﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪەﻙ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ .‬ ‫- ﺋﯘﻻﺭ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻳﯩﺮﺍﻗﻠﯩﻘﺘﺎ ؟ - ﺩﯦﺪﻯ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻥ .‬ ‫- ﻣﻮﻟﭽﻪﺭﯨﻤﭽﻪ ﺋﯘﻻﺭ ھﺎﺯﯨﺮ ﺑﻪﺵ ﻳﻮﻝ ﻳﯩﺮﺍﻗﻠﯩﻘﺘﺎ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮەﻙ .‬ ‫ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﯩﭽﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻓﯩﺘﺴﯧﺮ ﻳﯜﮔﯜﺭﯛپ ﻛﻪﻟﺪﻯ .‬ ‫- ﺩﻭﻛﻼﺕ ، - ﺩﯦﺪﻯ ﺋﯘ ، ھﺎﺳﯩﺮﺍپ ھﯚﻣﯜﺩەپ ﺗﯘﺭﯗپ ، ﻛﻮﻧﺎﺷﻪھﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﺗﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪھﻤﯘﺕ ﺳﯩﺠﺎڭ ﺋﯩﻜﻪﻥ ، ﺋﯘﻧﻰ ﺗﻮﻧﯘۋﺍﻟﺪﯗﻕ .‬ ‫- ﺋﯧﻨﯩﻖ ﻛﯚﺭﺩﯛﯕﻤﯘ ؟‬ ‫- ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ، ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻥ ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﻰ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﯩﻨﮕﻪﻥ ﺋﯧﺘﯩﻨﻰ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﺗﻮﻧﯘﻳﻤﻪﻥ .‬ ‫ﻟﻴﯘ ﺑﯩﯔ ﺳﻪﻝ ﺟﯩﺪﺩﯨﻴﻠﻪﺷﻜﻪﻧﺪەﻙ ﺑﻮﻟﯘپ ﺩەﺭھﺎﻝ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﻮﯕﺸﯩﯟﺍﻟﺪﻯ .‬ ‫- ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ! – ﻟﻴﯘ ﺑﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﻮﻓﯩﺘﺴﯧﺮﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍپ : - ﺳﯧﭙﯩﻞ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺭﺍۋﯗﻟﻼﺭ‬ ‫ھﻪﺳﺴﯩﻠﻪپ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﻠﺴﯘﻥ ، ﺳﯧﭙﯩﻞ ﺋﯩﭽﻰ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ھﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﺋﯚﺗﺴﯘﻥ . ﺋﺎﺗﻠﯩﻘﻼﺭ ﺳﯧﭙﯩﻠﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻨﻼﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ﻟﻴﯘ‬ ‫ﺑﯩﯔ ﺭەﺳﻤﯩﻲ ھﻪﺭﺑﯩﻲ ﻛﯩﻴﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﺎﺩەﻣﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ھﻪﻣﺮﺍھ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ‬ ‫ﭼﯩﻘﺘﻰ . ﻟﻴﯘ ﺑﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﻠﯩﻘﻼﺭ ﻳﯜﺯﻣﯘ – ﻳﯜﺯ ﺋﯘﺩﯗﻟﻼﺷﺘﻰ .‬ ‫- ﺳﯩﺠﺎڭ ﺟﺎﻧﺎﺑﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻱ ، - ﺩﯦﺪﻯ ﻟﻴﯘ ﺑﯩﯔ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﭼﯩﺮﺍﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯜﻟﯜپ ﺗﯘﺭﯗپ ، -‬ ‫ﻣﯘﺑﺎﺭەﻙ ﻗﻪﺩەﻣﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪۋەﺭﺳﯩﺰ ﻗﺎﭘﺘﯩﻤﯩﺰ ، ﺋﺎﻟﺪﯨﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﺎﻟﻤﯩﺪﯗﻕ ،‬ ‫ﻛﻪﭼﯜﺭﮔﻪﻳﻼ .‬ ‫- ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻻﻣﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﺪە ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﺍﻣﯩﻨﻰ ﺑﯘﺯﯗپ ، ﺟﺎﻧﺎﺑﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﺎﻻﻝ ﻗﯩﻠﯩﭙﺘﯩﻤﯩﺰ ،‬ ‫ﺋﺎﻟﺪﯨﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺧﯩﺠﯩﻠﻤﻪﻥ ، ﺩﯦﺪﻯ – ﻣﻪھﻤﯘﺕ ﻣﯘھﯩﺘﻰ ﺋﺎﺗﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷﯜپ ﺗﻪﻛﻪﻟﻠﯘپ ﺑﯩﻠﻪﻥ : ﺋﯘﺯﯗﻧﺪﯨﻦ‬ ‫ﺑﯘﻳﺎﻥ ﻳﻪپ ﻳﯧﺘﯩﭗ ھﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯗﻕ ، ھﺎۋﺍ ﻳﯧﮕﻪچ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﭼﯩﻨﯩﻘﯩﺸﻘﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ، ﺟﺎﻧﺎﭘﻠﯩﺮﻯ‬ ‫ﺑﻪھﻮﺯﯗﺭ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺋﺎﻟﻐﺎﻱ ، - ﺩەپ ﻣﻪھﻤﯘﺕ ﻣﯘھﯩﺘﻰ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﻛﯚﻛﺴﯩﮕﻪ ﻗﻮﻳﺪﻯ ؛ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﺗﻘﺎ ﻳﻪﯕﮕﯩﻞ‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫7‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  8. 8. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ﻣﯩﻨﯩﭗ ھﻪﻣﺮﺍھﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯧﭙﯩﻞ ﻳﺎﻗﯩﻼپ ﺳﻪھﺮﺍ ﺗﻪﺭەﭘﻜﻪ ﻳﯜﺭﯛپ ﻛﻪﺗﺘﻰ .‬ ‫ﮔﺎﺭﻧﯩﺰﻭﻥ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻰ ﻟﻴﯘ ﺑﯩﯔ ﺋﺎﺗﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﺯﯗﻧﻐﯩﭽﻪ ﻗﺎﺭﺍپ ﺗﯘﺭﯗپ ﻗﺎﻟﺪﻯ ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ھﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯜﺯﯨﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﺋﺎﺩەﻡ ﻗﻮﻳﺪﻯ . ﺋﺎﺗﻠﯩﻘﻼﺭ ﻳﯧﺰﺍ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﻰ‬ ‫ﻳﻮﺭﻏﯩﻠﯩﺘﯩﭗ ﺧﯧﭽﯩﺮﭼﯩﻐﯩﭽﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﺋﯚﺳﺘﻪڭ ﺑﻮﻳﯩﺪﺍ ﺋﺎﺗﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷﯜپ ﻳﯜﺯ – ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯘﻳﯘپ‬ ‫ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﺩەﻡ ﺋﯧﻠﯩﺸﺘﻰ ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﺳﯧﭙﯩﻞ ﺗﯜۋﯨﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﺘﻰ ، ﺋﯘﻻﺭ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ‬ ‫ﻳﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺩﯗﻝ ﺷﻪھﻪﺭﮔﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ .‬ ‫ﺷﯘ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼپ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﭼﯩﻨﯩﻘﯩﺶ ھﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻗﻪﺭەﻟﯩﺪە ﺑﻮﻟﯘپ ﺗﯘﺭﺩﻯ ، ﭼﯩﻨﯩﻘﯩﺶ ﺑﻪﺯﻯ‬ ‫ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﭘﯩﻴﺎﺩە ، ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻼﺗﺘﻰ . ﭘﯩﻴﺎﺩە ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪھﻤﯘﺕ‬ ‫ﻣﯘھﯩﺘﻰ ﺋﺎﺩەﻣﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ھﻪﺯﯨﺮەﺗﻜﯩﭽﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﯩﺮﺍﺧﯟﺍﺷﺘﺎﻣﻐﯩﭽﻪ ﭘﯩﻴﺎﺩە ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﯧﻠﻪﺗﺘﻰ . ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﯩﺮ ﻳﻮﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯧﭙﯩﻞ ﺗﯜۋﯨﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜپ ، ﺧﯧﭽﯩﺮﭼﯩﻐﯩﭽﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻳﺎﻧﺎﺗﺘﻰ .‬ ‫ﺋﺎﺗﻠﯩﻘﻼﺭ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﺎﻳﺘﯩﺸﺘﺎ ھﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﯧﭙﯩﻞ ﺗﯜۋﯨﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪە ﻗﺎﺭﺍۋﯗﻟﻼﺭ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺟﯩﺪﺩﯨﻴﻠﻪﺷﺘﻰ .‬ ‫ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﭽﻪ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺟﯩﺪﺩﯨﻴﻠﯩﺸﯩﺸﻤﯘ ﭘﻪﺳﻠﻪپ ﺑﺎﺭﺩﻯ .‬ ‫ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﻣﻪھﻤﯘﺕ ﻣﯘھﯩﺘﻰ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﻨﯩﯔ ﺗﯧﻠﯧﮕﺮﺍﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗپ ﺋﺎﻟﺪﻯ . ﺗﯧﻠﯧﮕﺮﺍﻣﻤﯩﺪﺍ ﻣﻪھﻤﯘﺕ‬ ‫ﺳﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﻜﻪ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯩﻐﯩﻨﻨﯩﯔ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯧﯖﻪﺵ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ‬ ‫ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﻯ . ﻣﻪھﻤﯘﺕ ﻣﯘھﯩﺘﻰ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﻠﺘﺎﻕ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﻛﯚﺭﯛپ‬ ‫ﻳﻪﺗﺘﻰ .‬ ‫ﻣﻪھﻤﯘﺕ ﻣﯘھﯩﺘﻰ ﺷﯧﯔ ﺩﯗﺑﻪﻧﮕﻪ ﺟﺎۋﺍپ ﺗﯧﻠﯧﮕﺮﺍﻣﻤﺎ ﻳﺎﺯﺩﻯ ، ﺗﯧﻠﯧﮕﺮﺍﻣﻤﯩﺪﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﻴﯩﻠﺪﻯ : »‬ ‫ﻣﯚھﺘﯩﺮەﻡ ﺷﯧﯔ ﺩﯗﺑﻪﻥ ﺟﺎﻧﺎﺑﻠﯩﺮﻯ ، ﻛﻪﻣﯩﻨﻪ ﻣﻪﻥ ﺋﯚﺯەﻣﻨﯩﯔ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ‬ ‫ﺑﯧﺮﯨﺶ ھﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯧﻠﯧﮕﺮﺍﻣﻤﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗپ ﺋﺎﻟﺪﯨﻢ . ھﺎﺯﯨﺮ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ھﻪﺭﺑﯩﻲ ﻗﯩﺴﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻰ‬ ‫ﺋﺎﻧﭽﯩﻼ ﺗﯩﻨﭻ ﺋﻪﻣﻪﺱ . ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺟﺎھﯩﻞ ﺋﻮﻓﯩﺘﺴﯧﺮ ۋە ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭ ﺑﻮﻳﯘﻧﺘﺎۋﻟﯩﻖ ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺗﻨﻰ ﻗﯘﻻﻗﻘﺎ ﺋﺎﻟﻤﺎﻱ‬ ‫، ﺟﺎھﺎﻧﻨﻰ ﻣﺎﻟﯩﻤﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﻮﻳﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘۋﺍﺗﯩﺪﯗ ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻧﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ، ھﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﯩﻨﺘﯩﺰﺍﻣﻨﻰ‬ ‫ﭼﯩﯖﯩﺘﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻪﻣﯩﻨﻪﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﻰ ﺑﻮﺷﯩﻤﺎﻳﯟﺍﺗﯩﺪﯗ . ﻣﻪﻥ ﻳﻮﻕ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪە ﻧﺎﺩﺍﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺶ ﺗﯧﺮﯨﭗ‬ ‫ﺋﺎۋﺍﻣﻨﻰ ﭘﺎﺭﺍﻛﻪﻧﺪە ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﺷﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮەپ ﺗﯘﺭﯗۋﺍﺗﯩﻤﻪﻥ ، ﺷﯘﯕﺎ ﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺕ ﺋﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ‬ ‫ھﺎﺯﯨﺮﭼﻪ ﺋﺎﻏﺎﻡ ﻣﻮﺳﯘﻝ ھﺎﺟﻰ ھﻮﺯﯗﺭﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ . ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺋﯩﺰﯨﻐﺎ ﭼﯜﺷﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ‬ ‫ﺋﯚﺯﯛﻡ ﻗﻮﺑﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﺎﺭﯨﻤﻪﻥ « .‬ ‫ﺩﯦﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺷﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﻪﺭﺩە 6 – ﺩﯦﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻤﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﭗ ﺟﻪڭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺸﻨﻰ‬ ‫ھﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻧﯩﻴﯩﺘﯩﺪە ﺑﻮﻟﯘۋﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﺑﯩﻠﻪﺗﺘﻰ . ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺋﺎﺭﻗﺎ ﺗﯧﺮەﻙ‬ ‫ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﻪﺭﺩﺍﺷﻠﯩﻖ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯﻯ ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﺘﺘﻰ . ﺷﯘﯕﺎ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﻣﻪھﻤﯘﺕ‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫8‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  9. 9. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ﺳﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺗﯧﻠﯧﮕﺮﺍﻣﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﭘﯩﻜﯩﺮﺩە ﺑﻮﻟﺪﻯ .‬ ‫ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﻣﻮﺳﯘﻝ ھﺎﺟﻰ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ھﺎﺟﯩﻤﻨﻰ ﺋﯩﺰﺯەﺕ –‬ ‫ﺋﯧﻜﺮﺍﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯜچ ﻛﯧﭽﻪ – ﻛﯜﻧﺪﯛﺯ ﺳﯚھﺒﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﯩﻜﻪﻥ . ﺳﯚھﺒﻪﺕ‬ ‫ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﻣﻮﺳﯘﻝ ھﺎﺟﻰ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ – ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﺗﯚۋەﻥ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﺋﯧﻐﯩﺰﻣﯘ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﺟﯩﻤﺠﯩﺖ‬ ‫ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭘﺘﯘ ، ﺋﯘ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ھﺎﺳﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﭼﯩﻨﻰ ﺗﺎﺧﺘﺎﻳﻠﯩﻖ ﭘﻮﻟﻐﺎ ﺗﻮﻙ – ﺗﻮﻙ ﺋﯘﺭﯗپ‬ ‫ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . 3 – ﻛﯜﻧﻰ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﺗﻪﻛﻪﻟﻠﻪﭘﻨﻰ ﻗﻮﻳﯘپ :‬ ‫-ھﺎﺟﯩﻢ ، ﺋﯜچ ﻛﯜﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ ، ﺑﻮﻟﯘﻧﻐﺎﻥ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﯧﻐﯩﺰﻣﯘ ﺟﺎۋﺍپ ﻗﯩﻠﻤﯩﺪﻯ . ﻣﯧﻨﯩﯔ ﮔﯧﭙﯩﻤﻨﻰ‬ ‫ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪﻧﻤﯩﺪﯗ ؟ - ﺩەﭘﺘﯘ . ﻣﻮﺳﯘﻝ ھﺎﺟﻰ : - ﻳﯩﻐﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ، - ﺩەپ ھﺎﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﻮﻙ‬ ‫– ﺗﻮﻙ ﺋﯘﺭﯗپ ﻗﻮﻳﯘپ : ﻣﯘﺷﯘ ﺯﯨﻤﯩﻨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻰ ﺋﯩﻜﻪﻥ ، - ﺩەﭘﺘﯘ .‬ ‫- ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺩﯗﺑﻪﻥ ھﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﻤﺎﭘﺘﯘ ، ﺳﯚھﺒﻪﺗﻤﯘ ﺋﺎﻳﺎﻗﻠﯩﺸﯩﭙﺘﯘ ﻣﻮﺳﯘﻝ ھﺎﺟﯩﻨﻰ ﺷﯧﯔ‬ ‫ﺷﯩﺴﻪﻱ ﺗﻪﻣﯩﺮﺍﺕ ) ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ( ﻧﺎﺯﺍﺭﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﻧﺎﺯﯨﺮﻯ ﻣﻪﻧﺴﯩﭙﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪە ﺗﯘﺗﯘپ ﻗﺎﭘﺘﯘ .‬ ‫ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ ﻣﻪھﻤﯘﺕ ﻣﯘھﯩﺘﻰ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﮕﻪ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﺪﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﯧﻠﯧﮕﺮﺍﻣﻤﺎ ﻳﺎﺯﺩﻯ : »‬ ‫ھﺎﺯﯨﺮ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ھﻪﺭﺑﯩﻲ ﻗﯩﺴﯩﻤﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩەﺭ ﺗﯩﻨﭽﻼﻧﺪﻯ . ﻛﻪﻣﯩﻨﻪ ﻣﻪﻥ ﺩﯗﺑﻪﻥ ﺟﺎﻧﺎﺑﻠﯩﺮﻯ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯨﺪﺍﺭﻟﯩﺸﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﺸﻘﺎ ﺗﻪﺭەﺩﺩﯛﺗﻠﻪﻧﺪﯨﻢ ، ﺷﯘﻧﺪﯨﻤﯘ ﺋﻪﻣﺪﯨﻼ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﻜﻪ‬ ‫ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ھﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﯩﭽﯩﻨﯩﯔ ﺗﯩﻨﭽﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ، ﻣﻪﻥ ﻳﻮﻕ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﻪﺭﺩە‬ ‫ھﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪڭ ﻧﻮﭘﯘﺯﻟﯘﻕ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﺎﻏﺎﻡ ﻣﻮﺳﯘﻝ ھﺎﺟﯩﻤﻨﯩﯔ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩە ﺗﯘﺭﯗپ ﺑﻪﺭﻣﯩﻜﻰ ﺯﯙﺯﯛﺭﺩەﻙ‬ ‫ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ . ﻣﻮﺳﯘﻝ ھﺎﺟﯩﻢ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ھﺎﻣﺎﻥ ﭘﯧﻘﯩﺮ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﺟﺎﻧﺎﺑﻠﯩﺮﯨﻐﺎ‬ ‫ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ « .‬ ‫ﻣﻪھﻤﯘﺕ ﻣﯘھﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﺋﻪﻛﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﺋﯘﺯﯗﻧﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﻛﯚﺯﻟﻪپ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ،‬ ‫ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﻣﯘھﯩﻢ ﺋﯩﺶ ﺋﯩﺪﻯ . ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﻧﺮﺍﻕ ھﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﻳﺘﺘﻰ ، ﺋﯘ‬ ‫ﺳﻪﻝ ﮔﯘﻣﺎﻧﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﻣﻮﺳﯘﻝ ھﺎﺟﯩﻨﻰ ﺩەﺭھﺎﻝ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﯟەﺗﺘﻰ .‬ ‫7391 – ﻳﯩﻞ 4 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 8 – ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﭼﯩﻨﯩﻘﯩﺸﺘﺎ ﻣﻪھﻤﯘﺕ ﻣﯘھﯩﺘﯩﻐﺎ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﻣﻮﺳﯘﻝ‬ ‫ھﺎﺟﻰ ھﻪﻣﺮﺍھ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﺋﯘﻻﺭ ﺳﯧﭙﯩﻞ ﺗﯜۋﯨﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪە ﺳﯧﭙﯩﻞ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﺍ‬ ‫ﻣﯩﻠﺘﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻟﺘﯘﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﻪﺳﻨﻪپ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﺎﺗﺘﻰ . ﺋﺎﺗﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺷﯩﻘﺘﯩﻦ ﻗﺎﻳﺘﻘﺎﻥ – ﻗﺎﻳﺘﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ ھﯧﭽﻜﯩﻤﻨﯩﯔ ﻛﺎﺭﻯ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﻯ . ﺋﺎﺗﻠﯩﻘﻼﺭ ﺷﯘ ﻣﺎﯕﻐﺎﻧﭽﻪ ﻳﯧﯖﯩﺴﺎﺭﻏﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻼ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ‬ ‫ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺷﯩﻘﺘﯩﻦ ﻗﺎﻳﺘﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﻣﻪھﻤﯘﺕ ﻣﯘھﯩﺘﻰ ﻳﯧﯖﯩﺴﺎﺭﺩﺍ ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺗﯘﺭﯗۋﺍﺗﻘﺎﻥ‬ ‫ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﻠﯩﻚ ﺋﺎﺩﯨﻤﻰ ﻏﻮﭘﯘﺭ ﺗﯜەﻧﺠﺎڭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪﻧﺪﯨﻼ ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ھﻪﻣﺪە ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﻳﻪﻛﻪﻧﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ھﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﺋﯚﺗﯜپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ .‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫9‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  10. 10. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ﻣﻪﻥ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﻣﻪھﻤﯘﺕ ﻣﯘھﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻛﯜﻧﻰ 4 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 4 –‬ ‫ﻛﯜﻧﻰ ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ ، ﻣﺎﯕﺎ ﺳﯚﺯﻟﻪپ ﺑﻪﺭﮔﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺑﯘ ﻛﯜﻧﻨﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯩﺪﻯ ﺩەﻳﺪﯗ . ﺋﺎﺗﻠﯩﻘﻼﺭ‬ ‫ﻳﻮﻟﺪﺍ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪھﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺑﺎﺯﺍﺭﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﺩﯗچ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ . ﺋﯧﻨﯩﻘﻠﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ ،‬ ‫ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪھﯩﺮﯨﺪە ﭘﻪﻳﺸﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ ، ﻣﻪھﻤﯘﺕ ﻣﯘھﯩﺘﻰ 21 – ﺋﺎﭘﺮﯦﻞ ) ﺑﺎﻳﺮﺍﻡ (‬ ‫ھﺎﺭﭘﯩﺴﯩﺪﺍ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ، ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﭘﻪﻳﺸﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﺎﻟﯩﻨﺪﺍﺭ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ 4 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 8‬ ‫– ﻛﯜﻧﻰ) ﻳﺎﻛﻰ 1 – ﻛﯜﻧﻰ ( ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .‬ ‫ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﯩﯔ ھﯧﭽﻘﺎﻳﺴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺷﺎھﯩﺪﻯ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺋﯘ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﻣﻪﻥ ﺗﯧﺨﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ‬ ‫ﺗﯚﺭەﻟﻤﯩﮕﻪﻧﺪﯨﻢ . ﺋﯜچ ﺋﺎﻏﺎ – ﺋﯩﻨﻰ – ﻣﻮﺳﯘﻝ ﻣﯘھﯩﺘﻰ ، ﻣﻪﺧﺴﯘﺕ ﻣﯘھﯩﺘﻰ ، ﻣﻪھﻤﯘﺕ ﻣﯘھﯩﺘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺋﺎﺳﺘﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻮﺭﯗ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﻪھﻪﻟﻠﯩﺪە ﺑﻮﻟﯘپ، ﺑﻮۋﺍﻡ ﻧﯩﻴﺎﺯ ھﺎﺟﻰ ﻣﯘھﯩﺘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ۋەھﭙﻪ‬ ‫ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﻘﺎﻥ . ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯘ ﺋﯩﺶ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺋﯩﻠﻴﺎﺱ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎ ﻣﯩﺮﺍﺱ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻜﻪﻥ ، ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ‬ ‫ﺗﺎﻏﯩﺴﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﺍھﻤﺎﻥ ﭘﺎﻗﺎﺑﺎﺵ 2391 – ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ – ﻗﯘﻣﯘﻝ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻼﺭ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﯩﺪﺍ ﻣﯘھﯩﺘﯩﻼﺭ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ھﻪﻣﺪە ﻣﺎﻳﻮﺭ ﺩەﺭﯨﺠﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﯩﻨﯩﺴﻰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﻧﯩﻴﺎﺯ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ۋە ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻟﻪﺭﺩە ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ھﺎﻟﺪﺍ ﻣﻪھﻤﯘﺕ ﻣﯘھﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘھﺎﭘﯩﺰەﺗﭽﯩﻠﻪﺭ‬ ‫ﻗﻮﺷﯘﻧﯩﺪﺍ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘپ ﺗﺎﻛﻰ 5391 – ﻳﯩﻠﻰ ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﺘﻜﻪ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻣﺎﯕﻐﯩﭽﻪ ﺩﯦﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺷﺘﺎﺑﯩﺪﺍ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ‬ ‫ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺋﯚﺯﯛﻡ ﻣﯘھﯩﺘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﯘﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯜچ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ) ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺗﻪڭ ﺩﯦﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎﻣﻤﯘ (‬ ‫ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﺗﻮﻧﯘﺷﯩﻤﻪﻥ .‬ ‫ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﻪﺭ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ ، ﻳﯩﮕﯩﺖ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻤﯘ ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﺪﺍ ﺩﯦﻴﻠﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺰﯨﺪﯨﻦ‬ ‫ﻗﯘﻣﯘﻝ – ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻼﺭ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﻰ ھﻪﻗﻘﯩﺪە ھﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺳﻮﺭﯗﻧﻼﺭﺩﺍ ﭘﺎﺭﭼﻪ – ﭘﯘﺭﺍﺕ ھﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ‬ ‫ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻣﻤﯘ ، ﺋﯚﺯ ۋﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺳﻪﯕﮕﻪﺭﻣﻪﭘﺘﯩﻤﻪﻥ . ﻳﯧﺸﯩﻢ ﭼﻮﯕﯩﻴﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ‬ ‫ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘپ ﺑﺎﻗﺴﺎﻡ ، ﺋﯘﻻﺭﺩﺍ ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ھﺎﺟﻰ ، ﻣﻪھﻤﯘﺕ ﻣﯘھﯩﺘﯩﻼﺭﻏﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ‬ ‫ۋەﻗﻪﻟﻪﺭ ﺳﯚﺯﻟﯩﻨﯩﭙﺘﯘ . ﻛﯧﻴﻨﺮەﻙ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮە ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﻠﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ . ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺑﯘ‬ ‫ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﻣﻪھﻤﯘﺕ ﻣﯘھﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﭼﻪﺗﻜﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﮕﻪ‬ ‫ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﺑﯩﺰ ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﺪﺍ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭ ھﻪﻗﻘﯩﺪە ھﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻝ ﺋﯘﭼﺮﺍﺗﻤﯩﺪﯨﻢ .‬ ‫ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪۋەﺏ ، ﺑﯘ ﺋﺸﻼﺭﻧﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩەﻡ ﻳﻮﻗﻤﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻳﯧﺰﯨﭗ‬ ‫ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺵ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺩەپ ﻗﺎﺭﺍﻟﻐﺎﻧﻤﯘ ، ﺑﯘﻧﯩﺴﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺋﻪﻣﻪﺱ . ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﻳﺎﺯﻣﺎﻣﻨﯩﯔ‬ ‫ﺩەﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﯩﻨﻰ ﭼﻮڭ ﺋﺎﻛﺎﻡ ﻳﯜﺳﯜپ ﺋﯩﻠﻴﺎﺳﻘﺎ ﺋﻮﻗﯘپ ﺑﻪﺭﺳﻪﻡ ، ﺋﯘ ، ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﭼﻮﯕﻼﺭﺩﯨﻦ‬ ‫ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﻪﻳﻨﻪﻥ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ، ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﻠﯩﺪﻯ ، ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻣﯘھﯩﻢ‬ ‫ﺗﯜﺯﯨﺘﯩﺶ ۋە ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﺵ ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﻪﺭﺩﻯ .‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫01‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  11. 11. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ژﻭﺭﻧﯩﻠﻰ 4002 – ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ – ﺳﺎﻧﻰ .‬ ‫ﺗﯜﮔﯩﺪﻯ‬ ‫ﺑﺎﻳﺎﻧﺎﺕ : ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ --- ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ ھﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﭘﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻟﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﺎﭘﺘﯘﺭﻟﯘﻕ ھﯘﻗﯘﻗﻰ ﺗﻮﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﺎﭘﺘﯘﺭﻏﺎ ﻣﻪﻧﺴﯘپ ! ﺑﯘ ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﭘﻼﺭ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﯩﺮﺗﻘﻰ‬ ‫ﻗﯩﺰﯨﻘﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘپ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ، ﺋﯚﺯ-ﺋﺎﺭﺍ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯘﭼﯘﻧﻼ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ ،‬ ‫ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺕ ﺳﻮﺩﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﺎھﻪﺩە ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﺎھﻪﻟﻪﺭﺩە‬ ‫ﻗﺎﻧﯘﻧﺴﯩﺰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭗ ﺑﯩﺮەﺭ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﻛﯚﺭﯛﻟﺴﻪ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﻗﯩﯟەﺗﻜﻪ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﯜﭼﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﻮﻝ !!!‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ --- ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ ﺑﯘ ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ ھﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﻮﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ !!!!‬ ‫ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﺎﭘﺘﯘﺭﻟﯘﻕ ھﯘﻗﯘﻗﯘﻣﻐﺎ ﺩەﺧﻠﻰ ﻳﻪﺗﺘﻰ ﺩﯦﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ --- ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻻﻗﯩﻼﺷﺴﺎ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ . ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﭘﻼﺭ ﺗﻮﺭﺩﺍ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﺷﺘﯩﻦ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ !!!!!‬ ‫ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ --- ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ ﺋﯧﻠﯩﻜﯩﺘﺎﭘﻼﺭﻏﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ھﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ‬ ‫ﭘﯩﻜﯩﺮ-ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ---- ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﺋﺎﻻﻗﯩﻼﺷﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ .‬ ‫8002 -ﻳﯩﻠﻰ 2-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 3-ﻛﯜﻧﻰ‬ ‫ﺷﻪﻧﺪﯗڭ---ﺟﯩﻨﻪﻥ‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫11‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬

×