Alte sheher sepiri

383 views

Published on

Published in: Education
0 Comments
0 Likes
Statistics
Notes
  • Be the first to comment

  • Be the first to like this

No Downloads
Views
Total views
383
On SlideShare
0
From Embeds
0
Number of Embeds
2
Actions
Shares
0
Downloads
10
Comments
0
Likes
0
Embeds 0
No embeds

No notes for slide

Alte sheher sepiri

  1. 1. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺷﻪھﻪﺭﮔﻪ ﺳﻪﭘﻪﺭ‬ ‫ﻧﻪﺯەﺭ ﻏﻮﺟﺎ ﺋﺎﺑﺪﯗﺳﻪﻣﻪﺕ‬ ‫) ﺋﯩﻴﯘﻝ ﺧﺎﺗﯩﺮەﻣﺪﯨﻦ (‬ ‫ﺗﻮﺭﻏﺎ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ : ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭﺑﯧﺘﯩﺪﯨﻦ ‪ niyazdixan‬ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ‬ ‫ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﻜﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻳﻐﯘ ۋە ھﻪﺳﺮەﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﻪﺗﻜﯜﺯﯛپ ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﻰ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﻰ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻥ ﺳﻪﭘﻪﺭﺩە ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﻨﻰ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﺑﯜﮔﯜﻥ 4 - ﻳﺎﻧﯟﺍﺭ ، 5 - 6 ھﻪﻣﺮﺍھﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺷﻪھﻪﺭ ﺗﻪﺭەﭘﻜﻪ ﺭﺍۋﺍﻥ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ . ﺗﯧﻜﻪﺳﻨﯩﯔ ﻛﻪڭ ﺩﺍﻻﺳﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ . ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻪﺕ‬ ‫ﺋﺎﻻﻣﯩﺘﻰ ﺋﻪﺳﻼ ﻛﯚﺭﯛﻧﻤﯩﺪﻯ . ھﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺗﻪﺑﯩﺌﻲ ھﺎﻟﯩﺘﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯩﺪﻯ ﻛﯜﺯ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻳﻨﺎپ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ‬ ‫ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ، ﻣﻪھﻪﻟﻠﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻻ - ﻳﯧﺸﯩﻞ ﺩەﺭەﺧﻠﯩﺮﻯ ﻳﻮﻕ ، ﺗﯩﭗ - ﺗﯩﻨﭻ ۋە ﺳﻪﻟﻜﯩﻦ . ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺗﯜﺯﻟﻪڭ‬ ‫ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻼ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﮔﯜﺯەﻝ ۋەﺯﻣﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺩەﺗﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻧﺪﺍ -‬ ‫ﺳﺎﻧﺪﺍ " ﺋﺎﻱ ، ﺋﻮﻱ ، ﺋﯚﻱ " - ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﯘﯕﻠﯘﻕ ﺗﺎۋﯗﺷﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻜﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺶ ﺑﯧﺮﯨﭗ‬ ‫ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ .‬ ‫ﻳﻮﻟﯘﭼﯩﻼﺭ ﺋﺎﺳﺘﺎ ۋە ﺳﺎﻟﻤﺎﻕ ﻣﺎﯕﻤﺎﻗﺘﺎ . ﻛﯜﻥ ﻧﯘﺭﯨﻤﯘ ﺋﺎﺳﺘﺎ - ﺋﺎﺳﺘﺎ ﻏﺎﻳﯩﭗ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ . ﺑﯘ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﺎ‬ ‫ﺋﺎﺧﺸﺎﻡ ۋﺍﻗﺘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﯩﻜﻪﻥ . ﺑﯩﺰﻣﯘ ھﯧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯩﺒﺎﺩەﺗﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺟﺎﻳﺪﯨﻦ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺋﺎﻟﺪﯗﻕ . ﻛﯧﭽﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺯﯗﻟﻤﯩﺘﻰ ﻏﺎﻳﯩﭗ ﺑﻮﻟﯘپ ﺗﺎڭ ﻧﯘﺭﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﻪﻣﮕﻪ ﭼﺎﭼﺘﻰ . ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺳﯘﻣﺒﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺟﺎڭ - ﺟﯘڭ ﺩﯦﮕﻪﻥ‬ ‫ﺗﺎۋﯗﺷﻼﺭ ﻣﯘﻧﺎﻗﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﺒﺎﺩەﺗﻜﻪ ﭼﺎﻗﯩﺮﻏﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭەﭘﺘﯩﻦ ﻣﯘﯕﻠﯘﻕ ﺗﺎۋﯗﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺯﺍﻥ‬ ‫ﺳﺎﺩﺍﺳﻰ ﻳﺎﯕﺮﯨﻤﺎﻗﺘﺎ ﺋﯩﺪﻯ . ﺑﯩﺮﻣﯘ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺳﯜﻣﺒﯩﺪە ﺋﻪﺯﺍﻥ ﺳﺎﺩﺍﺳﯩﻨﻰ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻘﯩﺪﺍ‬ ‫ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﺷﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ھﺎﺳﯩﺮﺍپ - ھﯚﻣﯜﺩەپ ﺋﯩﺒﺎﺩﯨﺘﯩﻤﯩﻨﻰ ﺑﻪﺟﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﺩﯗﻕ . ﺷﯘ ﺋﻪﺳﻨﺎﺩﺍ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻛﯜﻡ‬ ‫ﻛﺎﺭۋﺍﻧﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﺘﯘﻕ . ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺰ ﺋﺎﺷﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﺯ ﺩﺍۋﺍﻥ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻖ‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫1‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  2. 2. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ﺋﯩﻤﯩﺶ . ﺧﯘﺩﺍ ﺳﺎﻗﻠﯩﺴﯘﻥ ، ﺩﺍۋﺍﻥ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﻗﺎﺭ ﺑﻮﺭﺍﻥ ۋە ﺷﯩﯟﯨﺮﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ھﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ھﺎﻻﻙ ﺑﻮﻻﺭﻣﯩﺸﻤﯩﺰ .‬ ‫ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺧﯘﺩﺍ ﺋﻮﯕﺸﺎپ ، " ﻣﯘﺯﺍﺭﺕ ﻏﻮﺟﺎﻡ " ﻣﻪﺩەﺕ ﻗﯩﻠﺴﯩﻼ ﺳﺎﻻﻣﻪﺕ ﺋﯚﺗﯜپ ﻛﯧﺘﯩﺸﻜﻪ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﯩﻜﻪﻥ‬ ‫) ﻣﯘﺯﺍﺭﺕ ﻏﻮﺟﺎﻡ ﺗﯩﺮﯨﻜﻤﯩﺶ ( ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﮔﯘﻧﺎھﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﻪﺭﮔﻪ " ﻣﯘﺯﺍﺭﺕ ﻏﻮﺟﺎﻡ " ﺋﻪﺳﻼ ﻳﻮﻝ‬ ‫ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻧﻤﯩﺶ . ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺑﯘ ۋﺍﻗﯩﺘﻼﺭﺩﺍ " ﻣﯘﺯﺍﺭﺕ ﻏﻮﺟﺎﻡ " ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﻳﯘۋﺍﺷﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻤﯘ ﻧﯧﻤﻪ‬ ‫ﺋﯜﭼﯜﻧﺪﯗﺭ ، ﺑﻪﺯﻯ ﺑﯘﺯﯗﻕ ﺋﺎﺩەﻣﻠﻪﺭﻣﯘ ﺋﺎﺷﺎﻟﯩﻐﺎﻧﻤﯩﺶ . ﺑﯩﺰ ھﺎﻣﺎﻥ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﯩﻤﻪﻛﺘﯩﻤﯩﺰ ، ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﯩﺰﺩە‬ ‫ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﻜﻰ ﮔﯘﻧﺎھ ﻗﯩﻠﻤﯩﺶ - ﺋﻪﺗﻤﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﻪﻛﺘﻪ ﺋﯩﺪﯗﻕ . ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﯘﭼﻠﯘﻕ ﺗﺎﻍ‬ ‫ﺗﯚﭘﯩﺴﯩﺪە ﻗﺎﺭ ۋە ﺷﯩﯟﯨﺮﻏﺎﻥ ﻏﯘﻳﯘﻟﺪﺍپ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ . ﺑﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛپ ﻛﯚﯕﻠﯩﻤﯩﺰ ﺩەھﺸﻪﺗﻜﻪ ﭼﯜﺷﻪﺗﺘﻰ ، ﺧﯩﻴﺎﻟﻼﺭ‬ ‫ھﺎﻻﻛﻪﺕ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﯨﻐﺎ ﺋﺎﻏﺪﯗﺭﯗپ ﺋﯩﺘﺘﻪﺭﻣﻪﻛﺘﻪ ﺋﯩﺪﻯ ، ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﻪﻙ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺧﯩﻴﺎﻝ ﺩەﺭﻳﺎﺳﯩﻐﺎ‬ ‫ﭼﯚﻣﯜﻟﮕﻪﻥ ھﺎﻟﺪﺍ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﻣﺎﯕﻤﺎﻗﺘﺎ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﯜﻥ - ﺗﯩﻦ ﻳﻮﻕ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﻣﯘﺯﺍﺭﺗﻘﺎ ﻳﻪﺗﺘﯘﻕ .‬ ‫ﺋﻮڭ ﺗﻪﺭەﭘﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺷﯩﯟﯨﺮﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﺭﺍھﻪﺗﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭽﻠﯘﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ .‬ ‫ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻛﯚﯕﻠﯩﻤﯩﺰ ﺧﻮﺵ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﺎﻟﻠﯩﻨﯩﻤﯩﻠﻪﺭەﯨﺪﯗﺭ ﺑﻪﻙ ﺭەﻧﺠﯩﭗ ، ﻧﯩﻤﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻨﺪﯗﺭ‬ ‫ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺷﯜﺭﻛﯩﻨﻪﺗﺘﻰ . ﺑﯩﺰ ﻛﯜﻥ ﺑﻮﻳﻰ ھﺎﻣﺎﻥ ﻣﯘﺯ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﻣﯧﯖﯩﯟەﺭﺩﯗﻕ ، ﺷﻪﺭﻕ ۋە ﻏﻪﺭﺏ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ‬ ‫ﺋﻮﺭﯨﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﻳﻨﻪﻛﺘﻪﻙ ﻛﯚپ - ﻛﯚﻙ ﻣﯘﺯ ﺗﺎﻍ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﻗﺎﺭ ﺷﯩﯟﯨﺮﻏﺎﻥ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ . ھﻪ ﺋﺎﺳﺘﯩﻤﯩﺰﺩﺍ‬ ‫ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺟﻪھﻪﻧﻨﻪﻡ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻯ ، ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﻲ ھﯧﻜﺎﻳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻼ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺟﯩﻦ - ﺷﻪﻳﺘﺎﻥ‬ ‫ﺋﻮﺭﺩﯨﻠﯩﺮﻯ ، ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎﻧﻘﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﺩە ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺮﻯ ﺟﺎﺩﯗﮔﻪﺭ ﻣﻮﻣﺎﻱ ۋە ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺟﺪﯨﻬﺎ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻤﯩﺶ . ﺟﺎﺩﯗﮔﻪﺭ ﻣﻮﻣﺎﻱ ﺟﺎﺩﯗ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﻣﯘﺯ ﺗﺎﻍ ﻛﯚﺗﯩﺮﯨﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﻪﺭﻣﯩﺶ . ﺋﻪﺟﺪﯨﻬﺎﻣﯘ ﺗﯩﻨﭻ‬ ‫ﻳﺎﺗﻤﺎﺳﻤﯩﺶ . ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ۋﺍﻗﯩﺘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪە ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﺎﺗﯘﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﭼﯩﻦ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺑﺎﺗﯘﺭ ﺋﺎﻕ ﺑﻮﺯ‬ ‫ﺋﯧﺘﯩﻨﻰ ﻣﯩﻨﯩﭗ ، ﻣﯩﺴﺮﺍﻥ ﻗﯩﻠﯩﭽﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘپ ، ﺑﯘ ﺟﺎﺩﯗﮔﻪﺭ ﻣﻮﻣﺎﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺟﺪﯨﻬﺎﻧﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﭘﺘﯘ-ﺩە ﺋﺎﻟﺘﻪ‬ ‫ﺷﻪھﻪﺭﮔﻪ ﻳﻮﻝ ﺋﯧﭽﯩﭙﺘﯘ . ﺧﻪﻳﺮﯨﻠﯩﻚ ﺳﻪﭘﻪﺭ .‬ ‫ھﻪﺭ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻣﯘﺯ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ھﺎﻣﺎﻥ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﻤﯩﺰ . ﺋﺎﺩەﻣﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﻣﺎﯕﺎﺗﺘﻰ .‬ ‫ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺗﯩﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺗﯜﺭﻙ ﻣﯘھﺎﺟﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﻳﺎﻻڭ - ﻳﺎﻟﯩﯖﺎچ ، ﺋﺎچ - ﺯﯦﺮﯨﻦ ، ﺑﺎﻻ - ﭼﺎﻗﺎ ، ﻗﯧﺮﻯ - ﭼﯚﺭە‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫2‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  3. 3. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﭘﯩﻴﺎﺩە ، ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ھﺎﻟﺴﯩﺰﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﺳﻪﻧﺘﯜﺭﯛﻟﯜپ ، ﺋﯘﻳﺎﻕ - ﺑﯘﻳﺎﻗﻘﺎ ﺩەﻟﺪەﯕﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭗ‬ ‫ﺑﺎﺭﺍﺗﺘﻰ . ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﮔﯘﻧﺎھﻠﯩﻖ ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺟﻪﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﺎﺵ ﺗﯜۋﯨﮕﻪ ﺗﺎﺷﻼپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ‬ ‫ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ .‬ ‫ﺋﻪﻱ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭ ﺗﯜﺭﻙ ﻣﯘھﺎﺟﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﺩﯦﺴﻪﻙ ، ﺑﺎﻟﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺯﯗﻟﻤﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﭼﻘﺎﻥ ﺭﯗﺱ‬ ‫ﺋﯧﻠﻰ ﺗﯜﺭﻛﻠﯩﺮﻯ ﺋﯧﺴﯩﯖﻼﺭﻏﺎ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﺎﻣﺪﯗ ؟ ﺧﻪﻳﺮ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺑﺎﻟﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭ ﻳﻮﻕ . ﺑﺎﻟﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﺩﯨﻨﻤﯘ ﺯﺍﻟﯩﻢ ﺑﯩﺮ‬ ‫ﻛﯜچ ﺑﺎﺭﻛﻰ ، ﺋﯘ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻳﻮﻗﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ، ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻠﯩﻖ ۋە ﻣﻪﺷﯩﺌﻪﺕ ﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ، ھﻪ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺷﻪھﻪﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ﺑﻪﺵ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪە ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻧﺎ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ . ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺑﻪﺯﻟﻪﻳﺪﯗ . ﺋﺎﺗﺎ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﻮﺯﯗﻕ‬ ‫ﺋﯩﺰﺩەپ ﺑﺎﺯﺍﺭﻏﺎ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻛﯜﻥ ﺑﻮﻳﻰ ﻗﺎﻳﺘﻘﯩﻨﻰ ﻳﻮﻕ . ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﯩﺪﯨﻦ‬ ‫ﻧﺎﻥ ﻳﯧﮕﻪﻧﯩﺪﻯ . ﻛﯜﻥ ﺑﻮﻳﻰ ھﯧﭽﻨﯩﻤﻪ ﻳﯧﻤﯩﺪﻯ . ﺑﯩﭽﺎﺭە ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﺗﻪﻟﻤﯜﺭﯛپ ﻗﺎﺭﺍپ ﺋﯩﯖﺮﯨﺸﯩﺪﯗ .‬ ‫ﺷﻪﭘﻘﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﻧﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﻪﺯﻟﻪﻳﺪﯗ . ﻗﻮﺷﻨﺎ ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯚﺗﻨﻪ‬ ‫ﻧﺎﻥ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﺭ ﺋﯩﺪﻯ . ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻤﯘ ﻧﺎﻥ ﻳﻮﻕ . ﻗﻮﺯﯨﻠﯩﺮﯨﻢ ﺋﺎﺗﺎڭ ﻧﺎﻥ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ - ﺩەپ‬ ‫ﻳﯩﻐﻼپ - ﻳﯩﻐﻼپ ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﻪﺯﻟﻪﻳﺪﯗ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﺗﯜﺯﯛﻛﺮەﻙ ﺗﺎﻣﺎﻕ‬ ‫ﻳﯧﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ، ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﮔﯩﺮەﻣﺴﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﻣﻪﻳﺘﺘﻰ ۋە ﭘﯘﺗﻠﯩﺮﻯ‬ ‫ﺗﯩﺘﺮەﻳﺘﺘﻰ . ﺋﺎﺗﺎ ﻛﯜﻥ ﺑﻮﻳﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪپ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﭘﯘﻟﻰ ھﯧﺴﺎﺑﯩﻐﺎ ) ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺗﯩﻴﯩﻦ ( ﺑﺎﺯﺍﺭﺩﯨﻦ ﻧﺎﻥ ﺋﯧﻠﯩﭗ‬ ‫ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍپ - ﺳﺎﻟﺪﯨﺮﺍپ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯗ . ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺑﯘ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﻮﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﺧﯘﺭﺳﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ‬ ‫ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪﺵ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ . ﻗﺎﺭﺍﯕﻼﺭﭼﯘ ، 6 ﺗﯩﻴﯩﻨﻐﺎ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻛﯩﺸﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺧﻮﺷﺎﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ! ﺑﯘ‬ ‫ﺋﺎﺟﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻪﻥ ﺗﺎﻣﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ۋە ﺋﯚﻱ - ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﯔ . ﺧﯘﺩﺍ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﯩﺴﯘﻥ . ﺑﯘ‬ ‫ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪە ﺋﺎﺗﺎ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﻰ ﺑﯩﺮﻻ ﻛﯜﻥ ﺋﺎﻏﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ھﺎﺯﯨﺮ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ .ﺩﯦﻤﻪﻙ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺟﺎﭘﺎﻧﻰ‬ ‫ﻛﯚﺗﯜﺭەﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ، ﺋﺎﺯﻏﯩﻨﺎ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﻳﺎﺷﺎﺷﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻗﯩﺶ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﺎﻻ -‬ ‫ﭼﺎﻗﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﮔﻪﺷﺘﯜﺭﯛپ ﺋﯩﻠﻰ ۋﯨﻼﻳﯩﺘﯩﮕﻪ ھﯩﺠﺮەﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻴﻜﻰ ، ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ ﺳﻮﻏﯘﻗﺘﯩﻦ‬ ‫ﺳﺎﻗﻼﻧﻐﯘﺩەﻙ ﺋﻪﯕﻠﻰ - ﺋﺎﻳﺎﻍ ، ﻛﯩﻴﯩﻢ - ﻛﯧﭽﻪﻙ ﻳﻮﻕ . ﭘﯘﻟﻐﺎ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﻮﺯﯗﻕ ﻛﯚپ ﺋﻪﻣﻪﺱ . ﺳﻮﻏﯘﻕ‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫3‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  4. 4. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ 3 ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﺋﻮﻏﻠﻰ ، ۋە 3 ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﻗﯩﺰﯨﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺭﺍپ ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺳﻮﻏﯘﻕ‬ ‫ﺗﯧﮕﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻼپ ﻗﺎﻻﺗﺘﻰ . ﺑﯩﭽﺎﺭﯨﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮﻻ ﻗﺎﺭ - ﺷﯩﯟﯨﺮﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯜﺯﻧﯩﯔ ﻳﻮﭘﯘﺭﻣﯩﻘﯩﻐﺎ‬ ‫ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺗﯚﻛﯜﻟﯜپ ﻛﯧﺘﻪﺗﺘﻰ .‬ ‫ﻣﺎﻧﺎ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺵ ، ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭە " ﻣﯘﺯﺍﺭﺕ ﻏﻮﺟﺎﻣﻤﯘ " ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ " ﮔﯘﻧﺎھﻠﯩﻖ "‬ ‫ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﺩﺍۋﺍﻧﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﻣﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ھﻪﻗﺘﻪ . " ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﺪﯗ ؟ ﺑﯘ‬ ‫ﻣﯘھﺎﺟﯩﺮﻻﺭﻏﺎ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﻮﻻﻳﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻤﯘ ؟ " ﺩﯦﻴﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ .‬ ‫ﺗﯜﮔﻪﻝ ﺗﯚﺕ ﺋﻪﺗﺮﺍپ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻣﯧﯖﯩﭗ ، ﺑﻪﻙ ھﺎﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻗﻤﯘ ، ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺋﺎﻟﻐﯘﺩەﻙ ﺟﺎﻱ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﯩﺪﯗﻕ .‬ ‫ﺑﯜﮔﯜﻥ 11 - ﻳﺎﻧﯟﺍﺭ ﻛﯜﻧﻰ ، ﺋﻮڭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﻳﻮﺭﯗﻕ ﻛﯚﺭﯛﻧﺪﻯ . ﺑﯘ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﺩﺍﻟﯩﻐﺎ‬ ‫ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺩﺍﻻﻟﻪﺕ ﺑﯧﺮەﺗﺘﻰ . ﻛﯜﻧﻤﯘ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﯘپ‬ ‫، ﺋﺎﺳﺘﺎ ﻣﯧﯖﯩﭗ ﺯﯦﺮﯨﻜﻜﻪﻥ ﺋﺎﺗﻼﺭﻣﯘ ﭼﺎﭘﺴﺎﻧﺮﺍﻕ ﻣﯧﯖﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ . ھﻪ، ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭ ، ﻳﯜﺭﯛﯕﻼﺭ ﺩەپ‬ ‫ھﺎﻣﺎﻥ ﻣﺎﯕﻤﺎﻗﺘﺎ . ﺗﯩﻚ ﺗﺎﻏﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﺎﻏﺰﯨﻐﺎ ﻳﯧﺘﻪﻟﻤﻪﻳﻤﯩﺰ . ﺑﯘ ﺋﺎﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﺧﺸﺎﻡ ۋﺍﻗﺘﻰ‬ ‫ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﻯ . ﻳﻪﺗﺘﯘﻕ . ھﯩﭻ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻛﯚﺭﯛﻧﻤﻪﻳﺪﯗ . ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﺎﻍ ﺋﺎﺭﯨﺴﻰ ﺳﯧﭙﯩﻞ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﺭﺍﻟﻐﺎﻧﺪﻯ ،‬ ‫ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻼ ﺗﯚﺷﯜﻙ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ . ﺷﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺑﺎﺭﺩﯗﻕ ﺑﯘ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺷﻪھﻪﺭﮔﻪ‬ ‫ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﺎﭘﻘﺎ ﺋﯩﺪﻯ . ﻗﺎﭘﻘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻣﯘﺭ ﭼﻮﯕﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ‬ ‫ﺗﺎﺯﯨﻢ ، ھﯚﺭﻣﻪﺕ ﻛﯜﺗﻜﻪﻧﺪەﻙ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯩﺰ ﺗﺎﺯﯨﻢ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺗﯧﺰﺩﯨﻦ ﻳﻮﻝ ﺧﯧﺘﯩﻤﻨﺰﻧﻰ‬ ‫ﭼﯩﻘﺎﺭﺩﯗﻕ . ﻣﻪﻣﯘﺭ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﭘﯘﻗﺮﺍﺳﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺩەﺭھﺎﻝ ﺧﯘﺵ‬ ‫ﻛﻪﻟﺪﯨﯖﻼﺭ ﺩﯦﺪﻯ . ﻗﻮﺭﻏﺎﻥ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭ ﻛﯚﺭﯛﻧﺪﻯ . ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻕ ﻗﻮﺭﻏﺎﻥ‬ ‫ﺑﯘﺯﯗﻟﻐﺎﻥ ، 2 - 3 ﺋﯚﻳﻼ ﺗﯜﺯﯛﻙ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯘ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﺑﯘ ﺷﻪھﻪﺭ ۋە ﺳﯧﭙﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯ ۋﺍﻗﺘﯩﺪﺍ‬ ‫ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪھﻜﻪﻡ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ .‬ ‫ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﭼﯩﯔ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﻐﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺳﯧﭙﯩﻞ ۋە ﺷﻪھﻪﺭ ﺳﯧﻠﯩﺸﻘﺎ‬ ‫ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﯩﻜﻪﻥ . ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺷﻪھﻪﺭﻧﻰ 2 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﻣﻪﻣﯘﺭ ﺋﯜﭼﯜﻧﻼ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻧﻤﯘ ؟ ﺑﯘ ﻛﯜﻧﺪە ﻧﯧﻤﻪ‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫4‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  5. 5. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ھﺎﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ؟ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻪﻗﻠﯩﻤﯩﺰ ﻳﻪﺗﻤﻪﻱ ﺳﻮﺭﯨﺴﺎﻕ ﺑﯘ ﺳﯧﭙﯩﻞ ﻗﻮﺭﻏﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ‬ ‫ھﺎﻛﯩﻤﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﻪﺩەۋﻟﻪﺕ ﺟﺎﻧﺎﺑﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﺳﺎﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﺋﯘ ﺋﯩﻠﻰ ﺗﻪﺭەﭘﺘﯩﻦ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ‬ ‫ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﺎﻍ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﺳﯧﭙﯩﻞ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﺳﺎﺗﻘﺎﻥ ۋە ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺷﻪھﻪﺭﺩە 005 ﻣﯘﻧﺘﯩﺰﯨﻢ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ‬ ‫ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﻏﺎﻧﯩﻜﻪﻥ .‬ ‫ﺧﯩﻴﺎﻟﻐﺎ ﭼﯚﻣﺪﯗﻕ . ﺋﯘ ﺯﺍﺕ ﺑﯘ ﺳﯧﭙﯩﻞ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﻪھﻪﺭﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﻮﻱ ۋە ھﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﻳﺎﺳﺎﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﯩﻴﺘﻰ ؟ ﺑﯩﺰ ﮔﻮﻳﺎ 91 - ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﻗﺎﻳﺘﻘﺎﻧﺪەﻙ ﺑﻮﻟﺪﯗﻕ . ﻗﻮﺭﻏﺎﻥ ﺩەﺭۋﺍﺯﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ‬ ‫ﺧﯩﻴﺎﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯩﻘﺘﯘﻕ . ﺧﻮﺵ ،ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ . ﺑﯜﮔﯜﻥ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺑﯘﻻﻕ ﻣﻪھﻪﻟﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﯗﻕ .‬ ‫ھﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻟﺪﯗﻕ . ﺑﯩﺮ ﺧﺎﻧﯩﮕﻪ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﻕ . ﺧﺎﻧﻪ ﺋﯩﮕﯩﺴﯩﻤﯘ " ﺧﯘﺵ ﻛﻪﻟﺪﯨﯖﯩﺰ ، ﺳﺎپ ﻛﻪﻟﺪﯨﯖﯩﺰ " ،‬ ‫ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﺋﯧﺘﯩﭗ ، ﺋﻮﭼﯘﻕ ﭼﯩﺮﺍﻱ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﺪﻭﺳﺘﻠﯘﻕ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ‬ ‫ﺧﻪﻟﻘﯩﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﺴﻠﻪﺗﺘﯘﺭ . ﺋﺎﺧﯩﺮ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺑﯘﻻﻗﺘﺎ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻘﻘﯩﻨﺎ ﺑﯩﺮ ﺧﺎﻧﯩﻘﺎ‬ ‫ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﺳﻮﺭﯨﺴﺎﻕ " ﺑﯩﺰﻟﻪﺭ ﺋﺎﺧﯩﺮەﺕ ﺋﺎﺩەﻣﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ ﻧﯧﻤﯩﮕﻪ ﻻﺯﯨﻢ‬ ‫ﺩﯦﺪﯗﻕ " - ﺩەﻳﺪﯗ .‬ ‫ﺟﺎﻡ ﺷﻪھﯩﺮﻯ‬ ‫ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﺎﻗﺴﯘﺩﯨﻦ 03 ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻢ ﻧﯧﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺟﺎﻡ ﺷﻪھﯩﺮﯨﺪە ﺑﻮﻟﺪﯗﻕ . ﺑﯘ ﺧﯧﻠﻰ ﭼﻮڭ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺷﻪھﯩﺮﻯ‬ ‫ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﺟﺎﻣﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻻﻳﯩﻖ ﺑﺎﺯﯨﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘپ ، ﺩﯛﺷﻪﻧﺒﻪ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﻛﯜﻧﻰ ھﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺑﯘ‬ ‫ﻛﯜﻧﻰ ﻛﻮﭼﯩﻼﺭ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﺘﯩﻜﻰ ﻳﯧﺰﯨﻼﺭﺩﯨﻦ ۋە ﺳﯩﺮﺗﺘﯩﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺧﻪﻟﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻟﯩﻖ ﺗﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ‬ ‫ﺑﯘ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﺘﯩﻜﻰ ﺧﻪﻟﻖ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩەﺭ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺑﯘ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﺩەﻣﻠﻪﺭ‬ ‫ﺗﻮﻏﺮﺍ ، ﺳﺎپ ﺩﯨﻞ ، ﺳﺎﺩﺩﺍ ، ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯﻟﯩﻤﻪﺱ ،ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﻪھﯟﺍﻟﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪۋەﺭﺳﯩﺰ ﺋﺎﺩەﻣﻠﻪﺭ . ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ‬ ‫ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻞ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺷﯩﺴﺎ ھﺎﺯﯨﺮﻣﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺷﺎپ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯘ . ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﻣﻪھﻪﻟﻠﻪ‬ ‫ﺋﯩﻤﺎﻣﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﯨﺸﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﺑﯘ ﺗﻪﺭەﭘﻠﻪﺭﺩە ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎﺕ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ھﻪﺯﺭﯨﺘﻰ‬ ‫ﺑﻮھﺘﯩﻦ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺗﺎﺧﺘﺎ ﭘﺎﺭﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻜﻪﻥ .‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫5‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  6. 6. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە ھﻪﭘﺘﯩﻠﻪﺭﮔﯩﭽﻪ ﻣﻪﻳﺮەﻡ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﻤﯩﺰﻣﯘ ﻧﻮﺭﯗﺯ ﻣﻪﻳﺮﯨﻤﯩﮕﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ‬ ‫ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ھﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻧﻪﻕ ﺋﻪھﯟﺍﻟﻨﻰ ﻛﯚﺭﺩﯗﻕ . ﺧﻮﺗﯘﻥ - ﻗﯩﺰﻻﺭ ، ﺋﻪﺭ - ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭ ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮﮔﻪ‬ ‫ﭼﻮﻗﺎ ﮔﯜﻟﻪﯕﮕﯜچ ، ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﭼﻘﯘﭼﻼﺭﻏﺎ ﺋﻮﻳﻨﯩﺸﯩﭗ ﻳﯜﺭﯛﺷﻪﺗﺘﻰ . ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ، ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﻰ‬ ‫ﻧﺎﻣﻪھﺮەﻡ ﺩەپ ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﯩﺸﻠﻪﺭ ﻳﻮﻗﻜﻪﻥ . ﻛﻪﭼﻘﯘﺭﯗﻥ ﭼﻮﯕﻼﺭ ﺋﻮﻏﻼﻕ ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﻤﺎﻗﺘﺎ . ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ‬ ‫ﺋﻮﻳﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﻳﻨﯩﻤﺎﻗﺘﺎ ﺋﯩﺪﻯ . ﺑﯩﺰ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺷﻪھﻪﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯩﻠﻨﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻖ ۋە ﺧﻮﺷﺎﻟﻠﯩﻖ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ھﻪﭘﺘﯩﻠﻪﺭﮔﯩﭽﻪ ﻣﻪﻳﺮەﻡ ﺋﻮﻳﻨﯩﺸﯩﻐﺎ ھﻪﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﺪﯗﻕ . ﺑﯘ ﺑﯩﭽﺎﺭە ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﯚﻟﯜﻛﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﯩﺮﯨﻜﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺯﯨﻴﺎﺩە ﺋﻪھﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺑﯩﺰﻟﻪﺭ ﮔﯘۋﺍھ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﺍ ﺷﺎھﯩﺪ ﺑﻮﻟﺪﯗﻕ .‬ ‫ﭘﯧﻘﯩﺮ - ﺋﺎﺟﯩﺰﻻﺭﻧﻰ ھﻪﻡ ﺟﯩﻨﺲ ﺋﻪھﯟﺍﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛپ ، ﻗﺎﻳﻐﯘﺭﯗپ ﺗﯘﺭﻏﯩﻨﯩﻤﺪﺍ ، ﺑﯩﺮ ﺑﻮۋﺍﻱ ﺑﻪﺩەۋﻟﻪﺕ‬ ‫ﺩەۋﺭﯨﻨﻰ ﺑﻪﻙ ﭘﺎﺭﻻﻕ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﯩﺪﻯ . ﺋﯘ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﺑﯘ ﺩﯨﻴﺎﺭ ﺋﺎۋﺍﺕ ۋە ﻣﻪﻣﯘﺭ ، ﻛﻪﻣﺒﻪﻏﻪﻟﭽﯩﻠﯩﻚ ،‬ ‫ﻣﯩﺴﻜﯩﻨﻠﯩﻖ ﻳﻮﻕ ، ﺋﺎھﺎﻟﻪ ﺑﺎﻱ ۋە ﺋﻮﻗﻪﺗﭽﺎﻥ ، ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ . ﻣﻪﻣﯘﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﭼﯩﯔ‬ ‫ﻣﻪﻣﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﺑﯘﻻﺵ ﺋﯘ ﻳﺎﻗﺘﺎ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﺎھﺎﻟﻪ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﭘﯘﻟﻨﯩﻤﯘ ﻗﻮﺑﯘﻝ‬ ‫ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ . ﻧﺎۋﺍﺩﺍ ﺑﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﺸﯩﭗ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻗﻮﻟﻠﯘﻕ ﺑﻪﺩەۋﻟﻪﺗﺘﯩﻦ ﺟﺎﺯﺍﺳﯩﻨﻰ‬ ‫ﺋﺎﻻﺗﺘﯩﻜﻪﻥ . ﺷﻪھﻪﺭﻟﻪﺭ ﭘﺎﻛﯩﺰ ۋە ﺗﺎﺯﺍ ، ھﻪﺭ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﺩە ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ھﺎﻣﻤﺎﻡ . ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﻣﯘﻧﺘﯩﺰﯨﻢ ، ﻳﯩﮕﯩﺖ‬ ‫ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ، ﺳﻪﺭۋﺍﺯﻟﯩﺮﻯ ﭘﯩﻴﺎﺩە ، ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﻛﯩﻴﯩﻤﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺭەﯕﻠﯩﻚ ﻣﻮۋﯗﺕ ﭼﺎﭘﺎﻥ .‬ ‫ﻗﻮﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻧﺘﯩﺰﯨﻢ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ 28 ﻣﯩﯔ ھﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ .‬ ‫ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﻣﻪﻧﺴﻪﭘﻠﯩﺮﻯ : ﻳﯜﺯ ﺑﯧﮕﻰ ، ﭘﻪﻧﺴﺎﺕ ﺩﺍﺩﺧﯘۋﺍ ، ﺩﺍﺧﯘۋﺍ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ھﻪﻡ ﭘﯘﻗﺮﺍ ﺑﯧﮕﻰ .‬ ‫ﺑﯘﻧﯩﯔ ﻗﻮﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ 5 - 6 ﭘﺎﻧﺴﺎﺕ ﺋﻪﺳﻜﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ . ﺑﯩﺮەﺭ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺷﻪھﻪﺭ ﭘﯘﻗﺮﺍﺳﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﮔﻪ ﻛﯧﺮەﻛﻠﯩﻚ‬ ‫ھﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛپ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ . ﺑﻪﺩەۋﻟﻪﺕ ھﻮﺯﯗﺭﯨﺪﺍ ﻣﻪھﺮەﻡ ، ﻳﺎﺳﺎۋﯗﻝ ، ﻣﯘﻻﺯﯨﻢ ۋە ﺑﺎﺭﭼﻪ ﭼﻮڭ‬ ‫- ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻣﻪﻣﯘﺭﻻﺭ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘپ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ . ﺋﻮﻏﻠﯘﻡ ﺧﯘﻻﺳﻪ ﺷﯘﻛﻰ ﺋﯘ ﺑﻪﻙ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎ ﺋﯩﺪﻯ .‬ ‫ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﺎﻧﺠﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﻳﯧﯖﯩﻠﮕﻪﻧﻜﻪﻥ ؟ ﻣﺎﻧﺠﯘ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻮﻗﯘﺷﺴﺎ ﻳﯧﯖﯩﻠﻤﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ . ﺑﯩﺮﺍﻕ‬ ‫ﺗﻪﻟﻪﻱ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﺘﯘﺭ . ﺑﻪﺩەۋﻟﻪﺕ ﺋﻮﻏﺎ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺋﯚﻟﺪﻯ . ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﭼﯩﻦ ﺩﯙۋﻟﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻮﻗﯘﺷﯘﺵ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫6‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  7. 7. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﺗﺎﻻﺵ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﭼﯩﯔ ﭼﯧﺮﯨﻜﻠﯩﺮﻯ ﺳﻮﻗﯘﺷﻤﺎﺳﺘﯩﻨﻼ ﺩﯙۋﻟﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ .‬ ‫ﺑﻪﺩەۋﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﺎ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺋﯚﻟﯜﺷﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪۋەﺑﻰ ﻧﯩﻤﯩﺪﯨﻦ ؟ ﺷﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪە ﭼﯩﯔ ﭼﯧﺮﯨﻜﻠﯩﺮﻯ ﺑﻪﺩەۋﻟﻪﺗﻨﯩﯔ‬ ‫ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ 71 ﭘﺎﻧﺴﺎﺕ ﺋﻪﺳﻜﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯘھﺎﺳﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ . ﺑﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﭼﯜﺷﻜﻪﻧﻠﻪﺭﺩﯨﻦ‬ ‫ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ ﺋﯘﺭﯗﻗﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ھﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﭽﺘﯩﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ . ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺷﻪھﻪﺭ ﺋﺎھﺎﻟﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭﻧﻰ‬ ‫ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺋﺎﺯﺍﺩ ﺋﻪﺗﻜﻪﻥ . ﺑﯘ ﺧﻪۋەﺭ ﺑﻪﺩەۋﻟﻪﺕ ھﻪﺯﺭەﺗﻨﯩﯔ ﻗﯘﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﺪﯗ . ﺋﯘ ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻛﻮﺭﻟﯩﺪﺍ‬ ‫ﺋﯩﺪﻯ . ﺑﯘ ۋەﻗﻪﺩﯨﻦ ﺑﻪﻙ ﻗﺎﻳﻐﯘﺭﺩﻯ . ﻣﺎﻧﺠﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺷﻪھﻪﺭ ﺋﺎھﺎﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﮔﯧﭙﻰ ﺑﯩﺮﻣﯩﻜﯩﻦ ﺩەپ‬ ‫ﮔﯘﻣﺎﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﺋﯘ ﺗﯧﺰﺩﯨﻦ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﯚﺭەﻣﻨﻰ‬ ‫) ﺑﻮۋﺍﻱ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ( ﻗﺎﻳﺘﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﻳﺎﺯﯨﺪﯗ . ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯘﻻﺭ ﻗﺎﻳﺘﻤﺎﻳﺪﯗ .‬ ‫ﺳﻪۋەﺑﻰ : ﻗﺎﻳﺘﺴﺎﻕ " ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻮﻗﯘﺷﻤﺎﻱ ، ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﯘھﺎﺳﯩﺮﯨﮕﻪ ﭼﯜﺷﯜپ‬ ‫ﻗﺎﻟﺪﯨﯖﻼﺭ " ﺩەپ ﺑﯩﺮەﺭ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﻤﯩﺰ ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻝ ﺩەپ ﻗﻮﺭﻗﻘﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﻤﻪﻱ ﻗﺎﻟﺪﻯ . ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ‬ ‫ﺑﻪﺩەۋﻟﻪﺕ ﺑﻪﻙ ﺧﺎﭘﺎ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﺋﯚﺯ ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﺮﯨﮕﻪ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﯧﻠﯩﭗ ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﯩﻘﺒﺎﻝ ﭼﻮﻟﭙﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﭼﻜﯩﻨﯩﻨﻰ ﺟﻪﺯﯨﻢ ﻗﯩﻠﺪﯨﺪە ﺯەھﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺋﯚﻟﺪﻯ . ﺋﻪﺭﻧﻰ ﻧﻮﻣﯘﺱ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯨﺪﯗ ﺩەﻳﺪﯗ‬ ‫) ﺑﻪﺩەۋﻟﻪﺕ ﭼﯩﯔ ﭼﯧﺮﯨﻜﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺳﻮﻗﯘﺷﺴﺎ ﺷﯜﺑﻬﯩﺴﯩﺰ ﻳﻪﯕﮕﻪﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ ( . " ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺷﻪھﻪﺭ‬ ‫ﺑﻪﮔﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﺪﻯ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﮔﻪﭘﻤﯩﻜﻪﻥ ؟ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‬ ‫ﺋﻪﻣﻪﺱ . ﺑﻪﺩەۋﻟﻪﺕ ﺑﻪﻙ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺗﭽﺎﻥ ﺋﺎﺩەﻡ ﺋﯩﺪﻯ . ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﮔﯘﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺗﯩﻨﭽﻠﯩﻖ‬ ‫ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺪﯨﻤﯘ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﺳﺎﻕ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ . ﺋﺎﺷﭙﻪﺯ ﺋﺎﺷﻨﻰ ھﺎﺯﯨﺮﻻپ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻧﺪە ﺋﺎۋۋﺍﻝ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ‬ ‫ﺗﺎﻣﺎﻗﺘﯩﻦ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺗﻪﮔﻜﯜﺯﯛپ ، ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯚﺯﻯ ﻳﻪﻳﺘﺘﻰ . ﻣﻪﻥ ﺑﻪﺩەۋﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪھﺮەﻣﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻨﺪﯗﺭﻣﻪﻥ ،‬ ‫ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮﻯ ﺯەھﻪﺭ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﺩﻯ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﻪﻣﻪﺱ " ﺩەﻳﺪﯗ ﺑﻮۋﺍﻱ . ﺑﯘ‬ ‫ھﺎﻟﺪﺍ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺷﻪھﻪﺭ ﺋﺎھﺎﻟﯩﺴﻰ ھﻪﻗﻘﯩﺪە ﻣﻪﻥ ﺑﯩﺮەﺭ ﺳﯚﺯ ﺋﺎﭼﺎﻱ ﺩﯦﮕﻪﻧﯩﺪﯨﻢ . ﺑﻮۋﺍﻱ " ﺋﻮﻏﻠﯘﻡ ﺳﯩﺰﻣﯘ ﺋﺎﻟﺘﻪ‬ ‫ﺷﻪھﻪﺭ ﺋﺎھﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻨﺪﯗﺭ ، ھﻪ ، ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﻰ ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﯩﮕﻪ ﻛﯚﭼﯜپ ﺑﺎﺭﻏﯩﻨﯩﯖﻼﺭﻏﺎ 4 ، 5 ﺋﻪۋﻻﺩ ﺋﯚﺗﺘﻰ‬ ‫ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻤﯘ ؟ ھﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ . ﭼﯩﯔ ﺩﯙﻟﯩﺘﻰ ﺋﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﺋﯘ ﺗﻪﺭەﭘﻨﻰ ، ﺋﺎۋﺍﺕ ، ﻣﻪﻣﯘﺭ‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫7‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  8. 8. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ﺋﻪﻳﻠﻪپ ، ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻠﻪﺷﺘﯜﺭﻣﻪﻙ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯚﭼﻤﻪﻥ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺷﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻥ . ﺧﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﻰ‬ ‫ۋﯨﻼﻳﯩﺘﯩﮕﻪ ھﯩﺠﺮەﺕ ﺋﻪﺗﻜﯜﭼﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺕ ۋە ﺋﯩﻤﺘﯩﻴﺎﺯﻻﺭ ۋەﺩە ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ . ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ .‬ ‫ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﭗ ، ھﯩﺠﺮەﺕ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﻛﯚﭘﻪﻳﮕﻪﻥ . ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺑﺎﻳﻼﺭ ، ﺑﻪﮔﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ‬ ‫ﺋﯚﺯ ﺑﺎﻻ - ﭼﺎﻗﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﻘﺎﻥ . ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﯚﭼﻜﻪﻥ . ﻣﯘھﺎﺟﯩﺮﻻﺭﻏﺎ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ‬ ‫ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻧﻜﻰ ، ﺑﯩﺮ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺑﯩﺮﺍۋﻧﯩﯔ ﻗﯩﺰﯨﻨﻰ > ﻣﻪﻥ ﺋﺎﻟﯩﻤﻪﻥ ، ﻳﯜﺭ < ﺩﯨﺴﻪ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ -‬ ‫ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﺍﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ " ، _ ﺩﯦﺪﻯ . ﺑﻮۋﺍﻱ ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻰ ﺩەپ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺶ‬ ‫ﺳﻪۋەﺑﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻣﯚھﺘﻪﺭەﻡ ﺧﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ھﻪﺯﺭەﺗﻨﯩﯔ " ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺧﻪﻣﺴﯩﻴﻪ " ﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ھﯧﻜﺎﻳﯩﻨﯩﻤﯘ‬ ‫ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﺘﻰ . ﺑﯘ ﺭﺍﺳﺘﯩﻨﻼ ﻣﯘﺋﻪﺭﺭﯨﺦ ﺑﻮۋﺍﻱ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﺑﯘﻏﺮﺍﺧﺎﻥ ۋە ﻳﯜﺳﯜپ ﻗﺎﺩﯨﺮﺧﺎﻧﻼﺭ‬ ‫ھﻪﻗﻘﯩﺪە ﺑﯩﺮﻣﯘﻧﭽﻪ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺎﻱ : ﺑﯘ ﺗﯘﺭﺩﺍﺧﯘﻥ ﺑﻮۋﺍ ﺋﯩﺪﻯ .‬ ‫ﺋﺎﻗﺴﯘ‬ ‫ﺑﯜﮔﯜﻥ 02 - ﻳﺎﻧﯟﺍﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﻗﺴﯘ ﺷﻪھﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﻪﻟﺪﯗﻕ . ﺋﺎﻗﺴﯘ ﺑﻪﻙ ﺋﺎۋﺍﺕ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﺷﻪھﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘپ‬ ‫ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﻤﯩﺶ . ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ 009 - ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺋﺎﺑﺎﺑﻪﻛﺮﻯ ﺩﯦﮕﻪﻥ‬ ‫ﺑﯩﺮ ﺧﺎﻥ ﺑﯘ ﺷﻪھﻪﺭ ﺋﺎھﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺨﺎﺏ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﻪﺭەﭘﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﻮﻻ‬ ‫ﻗﯩﺮﻏﯘﺯﻏﺎﻥ . ﻳﻪﻧﻪ ﺳﺎﻻﻣﻪﺕ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺳﯜﺭﮔﯜﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﻗﺴﯘ 61 ﻳﯩﻞ‬ ‫ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﻠﯩﻘﺘﺎ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ . ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺳﻪﺋﯩﺪ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،‬ ‫ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻪﺗﺮﺍپ ﺷﻪھﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﻣﯘھﺎﺟﯩﺮﻻﺭﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛپ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻗﻼﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ . ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺳﻪﺋﯩﺪ ﺋﺎﻗﺴﯘ‬ ‫ﺧﻪﻟﻘﯩﺪﯨﻦ 01 ﻳﯩﻞ ﺋﯚﭘﭽﯚﺭﯨﺴﯩﺪە ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھﻠﯩﻖ ﺋﺎﻟﯟﺍﻥ - ﻳﺎﺳﺎﻕ ﺋﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ . ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﻗﺴﯘ‬ ‫ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎۋﺍﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﻣﯘﺋﻪﺭﺭﯨﺨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻗﺴﯘ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﭘﯩﺘﯩﺮﺍﯕﻐﯘ ، ﭘﺎﺭﺍﻛﻪﻧﺪە ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ‬ ‫ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﺷﯘ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮەﻙ . ﺋﺎﻗﺴﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺟﻪﻟﭗ ﻗﯩﻠﻐﯘﺩەﻙ ﺧﻮﺵ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﯨﻠﯩﻚ ﺷﻪھﻪﺭ ﺋﻪﻣﻪﺱ . ﭘﻪﻗﻪﺕ‬ ‫ﺋﺎﺗﺎ - ﺑﻮۋﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺟﺎﻳﻰ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺧﻮﺵ ﻛﯚﺭﯛﻧﯩﺪﯗ . ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﻣﯘﻗﯩﻢ ۋە ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﻠﯩﻚ‬ ‫ﺋﻪﻣﻪﺱ . ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺩﯦﮕﯜﺩەﻙ ﺭەﺗﺴﯩﺰ ۋە ﺗﺎﺭﻗﺎﻕ . ﺷﻪھﻪﺭﺩە ﮔﯜﺯەﻟﺮەﻙ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﻣﯘ‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫8‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  9. 9. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ﺋﯩﻤﺎﺭەﺕ ﻳﻮﻕ . ھﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﺩەﻡ ﺩﺍﻻﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﯜﺭﯨﺪﯗ . ﮔﻪﻣﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺧﺎﻧﯩﻼﺭﺩﺍ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺭﻭھﺴﯩﺰ ،‬ ‫ﭼﯜﺷﻜﯜﻥ ، ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ ۋە ﻣﯩﺴﻜﯩﻨﻠﯩﻚ ﺗﻪﺭﯨﭙﻰ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ، ﺋﻮﻗﯘﺵ - ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺳﯘﺱ . ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ‬ ‫ﺋﯩﺸﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﻪﻙ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ، ھﯜﻧﻪﺭ - ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺕ ﻛﯚﭘﺘﯩﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﻳﻮﻕ . ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﺋﯚﺯ ﻻﻳﯩﻘﯩﺪﺍ ،‬ ‫ﺋﺎﺵ ۋە ﺋﯩﺶ ﺋﻪﺭﺯﺍﻥ ، ﭘﻪﺧﯩﺶ ۋە ﭘﺎھﯩﺸﯩﯟﺍﺯﻟﯩﻖ ﺧﻪۋﭘﻠﯩﻚ . ﻛﻪﻣﺒﻪﻏﻪﻟﭽﯩﻠﯩﻚ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪە‬ ‫ﭘﺎھﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ - ﻛﯜﻧﮕﻪ ﺋﯚﺳﻤﻪﻛﺘﻪ . ﻣﻮﻟﻠﯩﻼﺭﺩﺍ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﻏﯩﺪەﻙ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭ ﻳﻮﻕ .‬ ‫ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻝ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺋﻪھﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﻪﺭﻣﯩﮕﻪﻧﺪﯗﺭ . ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﻪﻣﯘﺭﻻﺭ " ھﺎﺭۋﺍ ﺳﯘﻧﺴﺎ ﺋﻮﺗﯘﻥ ، ﺋﯚﻛﯜﺯ‬ ‫ﺋﯚﻟﺴﻪ ﮔﯚﺵ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﺩەپ ﻗﺎﺭﺍپ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ . ﭘﺎھﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﭘﺎھﯩﺸﯩﺨﺎﻧﯩﻼﺭ ﻳﻮﻕ . ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ ﭘﺎھﯩﺸﯩﻠﻪﺭ‬ ‫ﺗﯘﯕﮕﺎﻥ ﺳﺎﺭﺍﻳﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯗ . ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﺑﺎﺭﺳﺎڭ ھﺎﻣﺎﻥ ﻧﺎﺯﻟﯩﻨﯩﭗ ، ﺋﺎﺷﯩﻖ - ﻣﻪﺷﯘﻕ‬ ‫ﻗﻮﺷﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﺪﯗ ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛپ ﺋﯚﺯ - ﺋﯚﺯەﯕﺪﯨﻦ ﺧﻮﺭﻟﯩﻨﯩﺴﻪﻥ . ﺧﯘﺳﯘﺳﻪﻥ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﺎﺷﻘﺎ‬ ‫ﻳﻪﺭﺩە ﺋﯚﺳﻜﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﺑﻪﻙ ﻏﯘﺭﺑﻪﺕ ۋە ﻳﺎﺕ ﺗﯘﻳﯘﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ﺋﻮﻣﯘﻣﻪﻥ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﭼﯩﻨﻠﯩﻘﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ، ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺑﻪﯕﮕﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﺑﺎﺯﺍﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﻗﯩﺰ‬ ‫ﻳﻮﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﻳﺎﺷﺮﺍﻗﻠﯩﺮﻯ ﭼﯩﻨﻠﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﺋﯚﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﺩە ﻗﯩﻤﺎﺭ ﺋﻮﻳﻨﺎپ ،‬ ‫ﺋﯚﻣﯜﺭ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯗ . ﺑﯘ ﺗﻪﺭەﭘﻠﻪﺭﺩە ۋﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﻧﯩﻜﺎھﻤﯘ ﺧﯧﻠﻰ ﺗﻪﺭەﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻜﻪﻥ . ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻳﻮﻗﺴﯩﺰﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺳﻪﻣﻪﺭﯨﺴﯩﺪﯗﺭ ﺋﺎﺧﯩﺮ . ﺟﻮﯕﮕﻮﺩﺍ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻠﻪﺭﺍ ۋە ﺋﯩﺪﺍﺭە‬ ‫ﺋﺎﻟﻤﯩﺸﯩﺸﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﻳﯘﻗﻤﯩﻐﺎﻥ . ﺋﯩﻨﻘﯩﻼپ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ - ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﻣﻪﻣﯘﺭ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﯜپ‬ ‫، ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺋﯩﻨﻘﻼﭘﭽﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﺑﯘ ﻣﻪﻣﯘﺭﻻﺭ ھﯧﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﺩەﻣﻠﻪﺭﺩﯨﻨﻤﯘ ﺑﻪﻙ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ .‬ ‫ﺑﯘﻧﻰ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﺎﺩەﻣﻠﻪﺭ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻣﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺟﻨﻰ ﭘﻪۋﻗﯘﻟﺌﺎﺩﺩە ﻛﯚپ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ‬ ‫ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ . ﻛﯚﭘﺘﯩﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﻟﻖ ﻣﻪﺟﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ۋەﻛﯩﻞ ﺳﺎﻳﻼپ ﺋﻪۋەﺗﯩﯖﻼﺭ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﻘﺎ‬ ‫ﺑﯩﻨﺎﺋﻪﻥ ﺋﺎﻗﺴﯘ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ۋەﻛﯩﻞ ﺳﺎﻳﻼپ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﻧﯧﻤﻪ ﺳﻪۋەﺑﺘﯩﻨﺪﯗﺭ‬ ‫ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﯧﺘﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﺑﺎﻟﻘﺎﻥ ﺳﻮﻗﯘﺷﻰ ﻧﻪۋ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ .‬ ‫ﻣﯚﺗﯩﯟەﺭ ﺑﯩﺮ ھﻪﺯﺭەﺗﻨﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﻐﺎ 012 ﻳﺎﻣﺒﯘ ﻛﯜﻣﯜﺵ ﻳﯩﻐﯩﭗ‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫9‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  10. 10. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ﺋﻪۋەﺗﻜﻪﻥ . ﺑﯘ ﭘﻪۋﻗﯘﻟﺌﺎﺩﺩە ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘ ﺋﺎﻗﺴﯘ ﺧﻪﻟﻘﯩﺪە ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ، ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ‬ ‫ﻣﻪھﺮﯗﻡ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ . ﺑﯘ ﺗﻪﺭەﭘﻠﻪﺭﺩە ﮔﯧﺰﯨﺖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ، ﺋﺎﻗﺴﯘ ﺧﻪﻟﻘﻰ‬ ‫ﺋﺎﻟﻪﻡ ۋە ﺋﯩﺴﻼﻡ ۋەﻗﻪﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺧﻪۋەﺭﺩﺍﺭ ﺋﻪﻣﻪﺱ . ﺋﯘﻻﺭ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭ ھﻪﻗﻘﯩﺪە ﺋﯩﻠﻰ ۋە ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺗﻪﺭەﭘﺘﯩﻦ‬ ‫ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﺩەﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﺑﺎﻟﯩﻐﻪ ﺧﻪۋەﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﭗ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ . ﺋﺎﻗﺴﯘﺩﯨﻦ 01 ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻢ ﻳﯩﺮﺍﻗﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ‬ ‫ﺋﺎﺳﯩﻖ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻳﯧﯖﻰ ﺷﻪھﻪﺭﺩە ﭼﯩﯖﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﺘﯩﺰﯨﻢ ﻣﯧﯖﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﭘﻮﭼﺘﺎ - ﺗﯧﻠﯧﮕﺮﺍﻓﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ،‬ ‫ھﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯘ .‬ ‫ﺋﺎﻗﺴﯘﺩﺍ ﺑﯘﺭﯗﻧﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﻧﺠﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﻗﺎﺯﺍﻕ ، ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ، ﻧﻮﻏﺎﻳﻼﺭ ﻛﯚﺭﯛﻧﻤﻪﻳﺪﯗ . ﻳﺎۋﺭﻭﭘﺎﻟﯩﻘﻼﺭ‬ ‫ﺗﯜﭘﺘﯩﻦ ﻳﻮﻕ ." ﻧﻮﻏﺎﻱ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ﺋﻮﯕﺎﻱ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ" ﺋﺎﺧﯩﺮ .‬ ‫1991 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﻟﻤﯘﺗﯩﺪﺍ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ " ﻳﻮﺭﯗﻕ ﺳﺎھﯩﻠﻼﺭ " ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﭘﺘﯩﻦ ﻗﯩﺴﻘﺎﺭﺗﯩﭗ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ .‬ ‫ﻣﻪﻧﺒﻪ : ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﭽﯩﻠﯩﻜﻰ 0002 - ﻳﯩﻞ ، 3 - ﺳﺎﻥ .‬ ‫ﺗﯜﮔﯩﺪﻯ‬ ‫ﺑﺎﻳﺎﻧﺎﺕ : ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ --- ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ ھﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﭘﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻟﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﺎﭘﺘﯘﺭﻟﯘﻕ ھﯘﻗﯘﻗﻰ ﺗﻮﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﺎﭘﺘﯘﺭﻏﺎ ﻣﻪﻧﺴﯘپ ! ﺑﯘ ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﭘﻼﺭ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﯩﺮﺗﻘﻰ‬ ‫ﻗﯩﺰﯨﻘﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘپ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ، ﺋﯚﺯ-ﺋﺎﺭﺍ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯘﭼﯘﻧﻼ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ ،‬ ‫ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺕ ﺳﻮﺩﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﺎھﻪﺩە ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﺎھﻪﻟﻪﺭﺩە‬ ‫ﺋﺎﻗﯩﯟەﺗﻜﻪ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﯜﭼﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﻮﻝ !!!‬ ‫ﻗﺎﻧﯘﻧﺴﯩﺰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭗ ﺑﯩﺮەﺭ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﻛﯚﺭﯛﻟﺴﻪ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ --- ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ ﺑﯘ ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ ھﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﻮﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ !!!!‬ ‫ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﺎﭘﺘﯘﺭﻟﯘﻕ ھﯘﻗﯘﻗﯘﻣﻐﺎ ﺩەﺧﻠﻰ ﻳﻪﺗﺘﻰ ﺩﯦﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ --- ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻻﻗﯩﻼﺷﺴﺎ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ . ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﭘﻼﺭ ﺗﻮﺭﺩﺍ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﺷﺘﯩﻦ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ !!!!!‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫01‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  11. 11. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ --- ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ ﺋﯧﻠﯩﻜﯩﺘﺎﭘﻼﺭﻏﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ھﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ‬ ‫ﭘﯩﻜﯩﺮ-ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ---- ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﺋﺎﻻﻗﯩﻼﺷﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ .‬ ‫8002 -ﻳﯩﻠﻰ 10-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 82-ﻛﯜﻧﻰ‬ ‫ﺷﻪﻧﺪﯗڭ---ﺟﯩﻨﻪﻥ‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫11‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬

×