Your SlideShare is downloading. ×
Yolwas bilen bolghan_kunlirim
Yolwas bilen bolghan_kunlirim
Yolwas bilen bolghan_kunlirim
Yolwas bilen bolghan_kunlirim
Yolwas bilen bolghan_kunlirim
Yolwas bilen bolghan_kunlirim
Yolwas bilen bolghan_kunlirim
Yolwas bilen bolghan_kunlirim
Yolwas bilen bolghan_kunlirim
Yolwas bilen bolghan_kunlirim
Yolwas bilen bolghan_kunlirim
Upcoming SlideShare
Loading in...5
×

Thanks for flagging this SlideShare!

Oops! An error has occurred.

×
Saving this for later? Get the SlideShare app to save on your phone or tablet. Read anywhere, anytime – even offline.
Text the download link to your phone
Standard text messaging rates apply

Yolwas bilen bolghan_kunlirim

244

Published on

dwd wd wd

dwd wd wd

Published in: Education
0 Comments
0 Likes
Statistics
Notes
  • Be the first to comment

  • Be the first to like this

No Downloads
Views
Total Views
244
On Slideshare
0
From Embeds
0
Number of Embeds
0
Actions
Shares
0
Downloads
8
Comments
0
Likes
0
Embeds 0
No embeds

Report content
Flagged as inappropriate Flag as inappropriate
Flag as inappropriate

Select your reason for flagging this presentation as inappropriate.

Cancel
No notes for slide

Transcript

  • 1. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮرﺧﯘن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﺎرﯨﺨﻰ ﺗﻮر ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ﻳﻮﻟﯟاس ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﻢ‬ ‫ﮬﻪﺳﻪن ﺑﺎرات‬ ‫ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى‬ ‫‪niyazdixan‬‬ ‫ﺗﻮرﻏﺎ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ : ﺋﻮرﺧﯘن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﺎرﯨﺨﻰ ﺗﻮر ﺑﯧﺘﯩﺪﯨﻦ‬ ‫ﻣﻪن 3191 – ﻳﯩﻠﻰ ﻗﯘﻣﯘل ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﻪﮬﻪر ﺋﯩﭽﻰ ﻳﯧﺰا ﺳﺎﯕﺨﯥ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﺴﯩﺪە دﯦﮭﻘﺎن ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪە‬ ‫ﺗﯘﻏﯘﻟﺪۇم . ﺋﯚﺳﻤﯜرﻟﯜك ﭼﯧﻐﯩﻤﺪا ﺷﻪﮬﻪر ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﺳﻰ ﻗﺎرﯨﺪا دﯨﻨﯩﻲ ﺗﻪﻟﯩﻢ ﺋﺎﻟﺪﯨﻢ . ﺑﯩﺰ ﺋﯜچ ﺋﻮﻏﯘل‬ ‫ﺑﻮﻟﯘپ ، ﻣﻪن ﺋﻮﻏﯘﻟﻼرﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﻛﯩﭽﯩﻜﻰ ﺋﯩﺪﯨﻢ .‬ ‫1391- ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻪﺗﯩﻴﺎز ﻗﯘﻣﯘل ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺟﯩﻨﺸﯘرﻧﻐﺎ ﻗﺎرﺷﻰ دﯦﮭﻘﺎﻧﻼر ﻗﻮزﻏﯩﻠﯩﯖﻰ ﭘﺎرﺗﻠﯩﺪى . ﺋﯩﻨﻘﯩﻼپ‬ ‫ﻛﯜﻧﺴﺎﻳﯩﻦ ﺋﯘﻟﻐﯩﻴﯩﭗ ، ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪا ﭘﯜﺗﯜن ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﻰ ﺋﯘرۇش ﺋﻮﺗﻰ ﻗﺎﭘﻼپ ﻛﻪﺗﺘﻰ . 3391- ﻳﯩﻠﻰ 3 –‬ ‫ﺋﺎﻳﺪا ﺧﻮﺟﺎﻧﯩﻴﺎز ﮬﺎﺟﻰ ﺗﯘرﭘﺎن ﻗﻮزﻏﯩﻼﯕﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ رەﮬﺒﯩﺮى ﻣﻪﺧﺴﯘت ﻣﯘﮬﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﯘﻣﯘل‬ ‫ﭘﯩﺪاﺋﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼپ ﺗﯘرﭘﺎﻧﻐﺎ ﻣﺎﯕﻐﺎﻧﺪا 2 – ﺋﺎﻛﺎم ﺋﯧﻼﺧﯘﻧﻤﯘ ﻗﻮﺷﯘن ﺑﯩﻠﻪن ﺗﯘرﭘﺎﻧﻐﺎ ﺑﺎرﻏﺎن . ﻗﻮﺷﯘن‬ ‫ﭘﯩﭽﺎﻧﻨﯩﯔ ﻟﯜﻛﭽﯜن ۋاﯕﻰ ﺳﯧﭙﯩﻠﻰ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪە ﻗﻮرﺷﺎۋدا ﻗﺎﻟﻐﺎن ، ﺋﯘﻻر ﻗﻮرﺷﺎۋﻧﻰ ﺑﯚﺳﯜپ‬ ‫ﭼﯩﻘﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﺪا ﺋﺎﻛﺎم ﺋﯧﻼﺧﯘﻧﻐﺎ ﺋﻮق ﺗﯧﮕﯩﭗ ﺷﯧﮭﯩﺖ ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﺗﻜﻪن ، ﭼﻮڭ ﺋﺎﻛﺎم ﻧﯩﻴﺎز ﺳﻮﭘﯩﻨﻰ ﻳﻮﻟﯟاس‬ ‫ﺗﯘرﭘﺎﻧﻐﺎ ﻣﺎﯕﻐﺎﻧﺪا ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﻛﺎﺗﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪن . 3391 – ﻳﯩﻠﻰ 5 – ﺋﺎﻳﺪا ﻣﺎﺟﻮﯕﻴﯩﯔ 2 –‬ ‫ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﯘﻣﯘﻟﺪﯨﻦ ﺋﻪﺳﻜﻪر ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪا ﻣﻪﻧﻤﯘ ﻣﻪﺟﺒﯘرى ﺋﻪﺳﻜﻪرﻟﯩﻜﻜﻪ ﺗﯘﺗﯘﻟﯘپ ، ﮔﯘﭼﯘڭ‬ ‫ﺋﯘرۇﺷﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﯩﻢ . ﺋﯘرۇﺷﺘﺎ ﻣﺎﺟﻮﯕﻴﯩﯖﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﯩﺴﻰ ﻣﺎﺟﻮﯕﺠﯩﻨﯩﯔ ﺳﯧﭙﯩﻠﻐﺎ ﻳﺎﻣﯩﺸﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﺪا ﺋﻮق‬ ‫ﺑﻪك ﺷﯩﺪدەﺗﻠﯩﻚ‬ ‫ﺗﯧﮕﯩﭗ ﻳﯩﻘﯩﻠﯩﭗ ﭼﯜﺷﻜﻪﻧﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﺋﯚز ﻛﯚزۈم ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯚرﮔﻪﻧﺪﯨﻢ . ﮔﯘﭼﯘڭ ﺋﯘرۇﺷﻰ‬ ‫ﺑﻮﻟﺪى . ﺳﯧﭙﯩﻞ ﺗﯜۋﯨﮕﻪ ﺋﯚﻟﯜﻛﻠﻪر دۆۋﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ﻣﺎﺟﻮﯕﻴﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮى ﮔﯘﭼﯘڭ ﺷﻪﮬﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪى .‬ ‫ﺷﻪﮬﻪر ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯘﻻر ﻗﯩﭙﻘﯩﺰﯨﻞ ﻗﺎن ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﺎﻗﺘﻰ . ﮔﯘﭼﯘڭ ﺋﯘرۇﺷﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﻪن ﻳﻮﻟﯟاﺳﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪا‬ ‫ﻛﺎﺗﯩﭙﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺋﺎﻛﺎم ﻧﯩﻴﺎز ﺳﻮﭘﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺘﯩﻢ . ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻮﻟﯟاز ﺗﯘرﭘﺎﻧﻐﺎ ﭼﯧﻜﯩﻨﮕﻪﻧﺪە ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺋﺎﻛﺎم ﺑﯩﻠﻪن‬ ‫ﺗﯘرﭘﺎﻧﻐﺎ ﺑﺎردﯨﻢ . ﻣﺎﺟﻮﯕﻴﯩﯔ ﻳﻮﻟﯟاﺳﻨﻰ ﺷﻪﮬﻪر ﻣﯘداﭘﯩﯭ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪاﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﯩﺪى . 4391 – ﻳﯩﻠﻰ‬ ‫ﻳﺎزدا ﻣﺎﺟﻮﯕﻴﯩﯔ ﺷﯧﯖﺸﯩﺴﻪي ۋە ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﺎرﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﻏﻠﯘپ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ‬ ‫ﭼﯧﻜﯩﻨﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﻳﻮﻟﯟاﺳﻤﯘ ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﻗﺎراﺷﻠﯩﻖ ﻗﯩﺴﯩﻤﻼرﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﯘﻣﯘﻟﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﻘﺎﻧﺪا ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺋﺎﻛﺎم‬ ‫ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﻗﺎﻳﺘﺘﯩﻢ .‬ ‫4391 – ﻳﯩﻠﻰ ﻳﻮﻟﯟاس ﻗﯘﻣﯘﻟﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﮔﺎرﻧﯩﺰون ﻗﻮﻣﺎﻧﺪاﻧﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ، ﻗﯘﻣﯘﻟﻨﯩﯔ ﺑﻪﺷﺸﻪﮬﻪر ، ﺋﻮﻧﺌﯩﻜﻜﻰ‬ ‫ﺗﺎﻏﺪﯨﻦ ﺋﻪﺳﻜﻪر ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﺪى . ﻳﻮﻟﯟاﺳﻨﯩﯔ » ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪە ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﻮﻏﯘل ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯩﺮى ﭼﻮﻗﯘم ﺋﻪﺳﻜﻪر‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫1‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜزﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ﮬﻪۋەﺳﻜﺎر‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  • 2. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮرﺧﯘن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﺎرﯨﺨﻰ ﺗﻮر ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ﺑﻮﻟﯘش ﻛﯧﺮەك « دﯨﮕﻪن ﺑﯘﻳﺮۇﻗﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻣﻪن ﻳﻮﻟﯟاﺳﻘﺎ ﺋﻪﺳﻜﻪر ﺑﻮﻟﺪۇم ، ﺋﺎﻛﺎم ﺋﺎﺗﺎ ﺋﺎﻧﺎﻣﻨﯩﯔ ﮬﺎﻟﯩﺪﯨﻦ‬ ‫ﺧﻪۋەر ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﺘﻰ .‬ ‫ﻳﻮﻟﯟاس ﺗﯘرﭘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﻮﻧﺎ ﺋﻪﺳﻜﻪرﻟﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﻳﯧﯖﻰ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎن ﺋﻪﺳﻜﻪرﻟﻪرﻧﻰ ﺑﯩﺮ‬ ‫ﭘﻮﻟﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪپ ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ دۆۋەﺟﯩﻦ ﻳﯘﻗﯘرى ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﻠﯩﻚ ﺗﯚﻣﯜرﻧﯩﻴﺎزﻧﻰ ﺗﯜەﻧﺠﺎڭ ، راﮬﻪﺗﺒﺎغ‬ ‫ﭼﻮﯕﺘﯘرﻟﯘق ﺗﻮﺧﺘﯩﯭﻣﻪﺗﻨﻰ ﻣﯘﺋﺎۋﯨﻦ ﺗﯜەﻧﺠﺎڭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﯩﺪى . ﺗﯜەن ﻗﺎرﯨﻤﯩﻐﯩﺪا ﺋﯜچ ﻟﻴﻪن ﺑﻮﻟﯘپ ، 1‬ ‫ﻟﻴﻪﻧﻨﯩﯔ ﻟﻴﻪﻧﺠﺎﯕﻰ‬ ‫2-‬ ‫ﻟﻴﻪن ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﻟﻴﻪن ﺋﯩﺪى ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻟﻴﻪﻧﺠﺎﯕﻰ ﻗﻮراﻳﻠﯩﻖ ﻗﺎدﯨﺮ ﺗﯚﻟﻪن ،‬ ‫-‬ ‫ﻟﻴﻪﻧﻨﯩﯔ ﻟﻴﻪﻧﺠﺎﯕﻰ ﺷﻪﮬﻪر ﺋﯩﭽﻰ ﺳﯘﻗﻮۋۇﻗﻠﯘق ﺋﯩﺴﻤﺎﻳﯩﻞ ﺗﻮرﭘﺎق‬ ‫3-‬ ‫ﺋﯩﺴﻤﺎﻳﯩﻞ،‬ ‫ﺋﺎراﺋﺎﻗﻴﻪرﻟﯩﻚ‬ ‫. ﺋﯜچ ﻟﻴﻪﻧﺪە 003 دﯨﻦ ﺋﺎرﺗﯘق ﺋﻪﺳﻜﻪر ﺑﻮﻟﯘپ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﯩﺪى . ﮬﻪر ﺑﯩﺮ ﻟﻴﻪﻧﺪە‬ ‫ﺋﯩﺪى‬ ‫1 - ﭘﻪﻳﻨﯩﯔ ﭘﻪﻳﺠﺎﯕﻰ‬ ‫ﺋﯜﭼﺘﯩﻦ ﭘﻪي ﺑﺎر ﺋﯩﺪى . ﻣﻪن 1 – ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﻟﻴﻪﻧﺪە ﺋﯩﺪﯨﻢ . ﺑﯘ ﻟﻴﻪﻧﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﭘﻪﻳﻨﯩﯔ ﭘﻪﻳﺠﺎﯕﻰ‬ ‫ﭘﻪﻳﻨﯩﯔ ﭘﻪﻳﺠﺎﯕﻰ ﭼﻮﯕﺘﯘرﻟﯘق ﺳﻮﭘﻰ ، 3 -‬ ‫-‬ ‫2‬ ‫ﻗﻮراﻳﻠﯩﻖ ﺋﺎﺑﺪۇراﺧﻤﺎن ،‬ ‫ﻗﺎراﺗﺎﻟﻠﯩﻖ ﺳﺎﻳﯩﻢ ﺋﯩﺪى . ﻣﻪن 1 – ﺑﻪﻧﻨﯩﯔ ﺑﻪﻧﺠﺎﯕﻰ ﺋﯩﺪﯨﻢ . ﻣﯘﺋﺎۋﯨﻦ ﺑﻪﻧﺠﺎڭ ﭘﺎﻟﯟاﻧﺘﯘرﻟﯘق ﺳﺎﻟﻰ‬ ‫ﻗﺎرﯨﻢ ﺋﺎﺧﯘﻧﯘم ﺋﯩﺪى . ﺑﯩﺰﮔﻪ راﮬﻪﺗﺒﺎغ ﺷﯘﻣﺸﯘﻗﻠﯘق ﺧﻪﻧﺰۇﭼﻪ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﻗﺎﺳﯩﻢ ﮬﻪرﺑﻰ ﺗﻪﻟﯩﻢ ﺑﯧﺮەﺗﺘﻰ .‬ ‫ﺋﻪﺳﻜﻪرﻟﻪر ﺑﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﻗﺎﺳﯩﻢ ﺟﺎۋﻟﻴﻪن دەپ ﺋﺎﺗﺎﻳﺘﺘﻰ .‬ ‫7391 – ﻳﯩﻠﻰ 4 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 51 – ﻛﯜﻧﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ۋەزﯨﻴﯩﺘﺪە ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﺶ ﺑﻮﻟﺪى . ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯚﻣﯜرﻧﯩﻴﺎز‬ ‫ﻣﯘدﯨﺮى ﻟﯩﺸﯩﺰەي ) ﺧﯘﻳﺰۇ ، ﺋﯩﻠﮕﯩﺮى‬ ‫ﺗﯜەﻧﺠﺎڭ ﻛﺎﻧﯟﯨﻴﻰ ﺋﯩﺴﮭﺎق ﺋﺎﺧﯘن ۋە ﮬﻪرﺑﻰ ﻻۋازﯨﻤﻪت‬ ‫ﻣﺎﺟﻮﯕﻴﯩﯖﻐﺎ ﺋﻪﺳﻜﻪر ﺑﻮﻟﻐﺎن ( ﻳﻮﻟﯟاﺳﻨﯩﯔ ﺑﯘﻳﺮۇﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎراﻳﯘﻟﺘﯘزﻏﺎ ﺑﺎرﻏﺎﻧﺪا ، ﺗﯚﻣﯜرﻧﯩﻴﺎز‬ ‫ﺗﯜەﻧﺠﺎڭ ﺑﯩﻠﻪن ﻟﯩﺸﯩﺰەي ﻗﻪﺳﺘﻜﻪ ﺋﯘﭼﺮاﻳﺪۇ . ﺑﻪﺧﺘﻜﻪ ﻳﺎرﯨﺸﺎ دۆۋەﺟﯩﻦ ﻏﻮﻟﺌﯧﺮﻗﻠﯩﻖ ﺋﯩﺴﺎﻗﯫﺧﯘن ﺋﺎﻣﺎن‬ ‫ﻗﺎﻟﯩﺪۇ . ﺑﯘ ۋەﻗﻪدﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻮﻟﯟاس ﻣﯘﮬﺎﭘﯩﺰەﺗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ راﮬﻪﺗﺒﺎغ دۆﺷﺘﯘرﻟﯘق ﺋﯩﺒﺮاﮬﯩﻢ ﻓﯘﮔﯜەن ،‬ ‫ﻗﻮراﻳﻠﯩﻖ ﻏﻪﻟﻤﻪت ﻓﯘﮔﯜەن ، راﮬﻪﺗﺒﺎغ دۆﺷﺘﯘرﻟﯘق ﮬﻪﻣﺪۇل ﻓﯘﮔﯜەﻧﻠﻪرﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﺮاﮬﻠﯩﻘﯩﺪا ﺧﻮﺗﯘن‬ ‫ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ راﮬﻪﺗﺒﺎغ ﺗﯚۋەﻧﺘﯘرﻟﯘق ﮬﺎدى ﭘﺎﻟﯟاﻧﻨﯩﯔ ﻳﻮل ﺑﺎﺷﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻣﯘﺋﺎۋﯨﻦ ﺗﯜەﻧﺠﺎڭ‬ ‫ﺗﻮﺧﺘﯩﯭﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪرﻟﻪرﻧﯩﯔ ﮬﯩﻤﺎﻳﯩﺴﯩﺪە ﻗﯘﻣﯘﻟﺪﯨﻦ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﺑﻠﻪن ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ‬ ‫ﺧﻮﺗﯘﻧﺘﺎم ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﺎﻟﻐﯘز ﺗﯘﻳﯘﻣﻐﺎ ﺑﺎرﻏﺎﻧﺪا ﮬﺎﺷﯩﻢ ﮬﺎﺟﯩﻼر ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﻮﺳﺘﻰ . ﮬﺎﺷﯩﻢ ﮬﺎﺟﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪە‬ ‫ﺳﻮۋﯦﺖ ﮬﯚﻛﯜﻣﯜﺗﻰ 5391 – ﻳﯩﻞ 5 – ﺋﺎﻳﺪا ﺷﯧﯖﺴﯩﺴﻪﻳﮕﻪ ﻳﺎردەﻣﮕﻪ ﺋﻪۋەﺗﻜﻪن ﺋﯜچ ﮬﺎﺟﻰ ) ﺳﯩﻴﯩﺖ‬ ‫ﮬﺎﺟﻰ ، ﺋﺎﺑﺪﯨﻘﺎدﯨﺮ ﮬﺎﺟﻰ ، ﮬﺎﺷﯩﻢ ﮬﺎﺟﻰ ( ﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮى ﺑﻮﻟﯘپ ، ﻗﯘﻣﯘل ۋﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺋﯩﺪارﯨﺴﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﻣﯘﺋﺎۋﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎن . ﺑﯩﺰ ﮬﺎﺷﯩﻢ ﮬﺎﺟﯩﻼر ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮ ﻗﻪﭘﻪس ﺋﯘرۇﺷﺘﯘق ﮬﺎدى ﭘﺎﻟﯟان ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﺳﺘﺎ‬ ‫ﻣﻪرﮔﻪﻧﻠﯩﻚ ﮬﯜﻧﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﮬﺎﺷﯩﻢ ﮬﺎﺟﯩﻨﯩﯔ ﻧﯘرﻏﯘن ﺋﺎدﯨﻤﯩﻨﻰ ﻗﯩﺮﯨﯟەﺗﺘﻰ . ﺋﻪﮔﻪر ﮬﺎدى ﭘﺎﻟﯟان‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫2‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜزﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ﮬﻪۋەﺳﻜﺎر‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  • 3. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮرﺧﯘن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﺎرﯨﺨﻰ ﺗﻮر ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎ ﮬﺎﺷﯩﻢ ﮬﺎﺟﻰ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺗﯘﺗﯘپ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ . ﺑﯩﺰ ﻗﺎﻣﺎﻟﻨﻰ ﺑﯚﺳﯜپ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﺎﺷﯟﯦﻠﯩﻘﻘﺎ‬ ‫ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺧﻮﺗﯘﻧﺘﺎﻣﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪۇق . ﭘﯜﺗﻜﯜل ﻳﻮﻟﻼرﻧﻰ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻜﻪرﻟﯩﺮى ﻗﺎﻣﺎل‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﯟاﻟﻐﺎﻧﯩﺪى . ﻳﻮﻟﯟاس ﻣﯘﺋﺎۋﯨﻦ ﺗﯘەﻧﺠﺎڭ ﺗﻮﺧﺘﺎﻣﻪﺗﻜﻪ : » ﺳﯩﻠﻪر ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﻪﺳﻜﻪرﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﯘﻣﯘﻟﻐﺎ‬ ‫ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﻮراﻟﻠﯩﺮﯨﯖﻼرﻧﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘرۇپ ﺑﯧﺮﯨﯖﻼر ، ﺳﯩﻠﻪرﮔﻪ ﮬﯩﭻ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ « دەپ ﺋﯘﻻرﻧﻰ‬ ‫ﻗﺎﻳﺘﯘرۇۋەﺗﺘﻰ . ﺑﯩﺰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﻪﺳﻜﻪرﻟﻪرﻧﯩﯔ ﮬﯩﻤﺎﻳﯩﺴﯩﺪە ﺧﻮﺗﯘﻧﺘﺎﻣﺪﯨﻦ ﻗﯩﺮ ﭼﻮﻣﺎق ﻏﻮﻟﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ،‬ ‫ﺋﺎدەم ۋە ﺋﯘﻻﻏﻼرﻧﻰ ﺧﯩﻠﻼپ ﺑﺎﻏﺪاﺷﻘﺎ ﺑﺎرﻏﺎﻧﺪا ﻳﻮﻟﯟاس ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺋﯜچ ﻓﯘﮔﯘەﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮬﺎدى ﭘﺎﻟﯟان ،‬ ‫ﺋﻪﺳﻜﻪرﻟﻪردﯨﻦ ﺋﻮﻳﯘپ ﻓﯘﮔﯘەن ) ﻗﻮراﻳﻠﯩﻖ ( ، ﺋﺎﺑﺪۇﻟﻼﺧﯘن ) ﺷﻪرﯨﭽﯩﻠﯩﻚ ( ، ﻗﺎﺳﯩﻢ ) ﻗﻪﺷﻘﻪرﻟﯩﻚ ( ،‬ ‫ﺑﻪرەم ) ﺋﺎراﺗﯜرك ﺗﯜرﻛﯚﻟﻠﯜك (، ﺋﻪﻣﻪت ) روزى دەﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪۇ ، ﻗﺎزاق ، ﺷﺎرﻻر ﺗﯧﻐﯩﺪﯨﻦ ( ، ﻏﻮﺟﺎﻣﻨﯩﻴﺎز‬ ‫) ﻗﺎرا ﺗﺎﻟﻠﯩﻖ ، ﻳﻮﻟﯟاﺳﻨﯩﯔ ﻛﯜﺗﻜﯜﭼﯩﺴﻰ ( ، ﻟﻪﭘﯘﯕﻘﺎرى ) ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪس ، ﻗﺎرا ﺗﺎﻟﻠﯩﻖ‬ ‫ﻧﻪﺟﻤﯩﺪﯨﻦ دﯦﮭﻘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ( ۋە ﻣﻪن ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺋﻪﺳﻜﻪرﻟﻪرﻧﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﺋﻪﺳﻜﻪرﻟﻪرﻧﯩﯔ‬ ‫ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﯘرۇۋەﺗﺘﻰ . ﺋﯘﻻرﻏﺎ » ﺳﯩﻠﻪرﻣﯘ ﻛﯧﺘﯩﯖﻼر ، ﻗﻮراﻟﻠﯩﺮﯨﯖﻼرﻧﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘرۇپ ﺑﯧﺮﯨﯖﻼر ، ﺳﯩﻠﻪرﮔﻪ‬ ‫ﮬﯩﭻ ﺋﯩﺶ ﻳﻮق ، ﻣﯧﻨﻰ ﺳﻮرﯨﺴﺎ › ﻛﻪﺗﺘﻰ ‹ دەﯕﻼر « دەپ ﺋﯘﻻرﻧﯩﻤﯘ ﻗﺎﻳﺘﯘرۇۋەﺗﺘﻰ . ﻳﻮﻟﯟاس ﮬﻪر ﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ‬ ‫ﺋﯩﻜﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎت ﺑﻪردى ، ﺑﺎﻏﺪاﺷﻨﯩﯔ ﺑﻮﺟﺎﯕﻰ ﻳﻮل ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﺑﻮۋاﻳﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪى . ﺑﯘ ﺑﻮۋاي ﺑﯩﺰﻧﻰ‬ ‫ﺋﺎراﺗﺎم ﺑﯩﻠﻪن ﻗﺎراﻗﺎﭘﭽﯩﻦ ﺋﺎرﯨﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺟﯩﮕﯩﻲ ﻏﻮل دەپ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﻏﻮل ﺑﯩﻠﻪن ﺑﺎﺷﻼپ ﻣﺎﯕﺪى . ﺑﯩﺮ‬ ‫داۋاﻧﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﺗﯜزﻟﻪﯕﻠﯩﻜﻜﻪ ﭼﯜﺷﺴﻪك ، ﺷﻪرﻗﯩﻲ ﺟﻪﻧﯘپ ﺗﻪرﯨﭙﯩﻤﯩﺰدە ﺋﺎﻳﺮودروم ، ﺷﻪرﻗﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎل‬ ‫ﻏﻪرﺑﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎل ﺗﻪرﯨﭙﯩﻤﯩﺰدە ﻗﺎراﻗﺎﭘﭽﯩﻦ‬ ‫ﺗﻪرﯨﭙﯩﻤﯩﺰدە ﺋﺎراﺗﺎم ، ﻏﻪرﺑﯩﻲ ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ﺗﻪرﯨﭙﯩﻤﯩﺰدە ﻗﯘﻣﯘل ،‬ ‫ﻛﯚرۈﻧﯜپ ﺗﯘرۇﭘﺘﯘ . ﺑﻮۋاي ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎراﺗﺎﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺘﻰ ، ﺋﺎﻳﺮودروﻣﻨﯩﯔ ﺋﯘدۇل ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯧﻘﯩﻨﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ‬ ‫ﭼﯜﺷﯜپ » ﺋﻪﻣﺪى ﻣﻪن ﺳﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺗﻮﻧﯘﻣﺎﻳﻤﻪن ، ﺳﯩﻠﻪرﻣﯘ ﻣﯧﻨﻰ ﻛﯚرﻣﯩﮕﻪن ﺑﻮﻟﯘﯕﻼر « دەپ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪى .‬ ‫ﺑﯩﺰ ﺋﯧﻘﯩﻨﻨﻰ ﺑﻮﻳﻼپ ﺟﻪﻧﯘﭘﻘﺎ ﻛﯧﺘﯩﯟﯨﺘﯩﭗ ، ﻗﯘﻣﯘﻟﺪﯨﻦ ﺧﻮﺗﯘﻧﺘﺎم ۋە ﺋﺎراﺗﺎﻣﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺷﯧﯔ‬ ‫ﺷﯩﺴﻪﻳﻨﯩﯔ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﻜﻪرﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚردۇق . ﺋﯘﻻر » داداۋ ﻳﺎۋزﯨﻲ ) ﺋﻮﻏﺮى ﻳﻮﻟﯟاﺳﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﺎﻳﻠﻰ ( «‬ ‫دەپ ﺷﯘﺋﺎر ﺗﻮۋﻟﯩﻐﺎن ﭘﯧﺘﻰ ﺋﯚﺗﯜپ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ﺑﯩﺰ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻼرﻧﻰ ﻛﯚرﮔﻪن ﮬﺎﻣﺎن ﺋﺎﺗﻼردﯨﻦ ﭼﯜﺷﯜپ‬ ‫ﻣﯚﻛﯜﻧﯩﯟاﻻﺗﺘﯘق . ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻼر ﺋﯚﺗﯜپ ﻛﻪﺗﺴﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﺎﯕﺎﺗﺘﯘق . ﺗﺎڭ ﻳﻮرۇﺷﻘﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺳﺎۋۇﻻﻗﺘﯩﻜﻰ ﻳﺎرى‬ ‫دورﻏﯩﻨﯩﯔ ﻛﺎرﯨﺰﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪۇق . ﺑﯘ ﻳﻪردﯨﻜﻰ ﺋﺎدەﻣﻠﻪر ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺗﻮﻧﯘر ﻧﺎن ﻳﯧﻘﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎن ﺋﯩﻜﻪن .‬ ‫ﻧﺎﻧﻼرﻧﻰ ﺧﯘرﺟﯘﻧﻼرﻏﺎ ﻗﺎﭼﯩﻼپ ﻳﻪﻧﻪ داۋاﻣﻠﯩﻖ ﭼﯚل – ﺟﻪزﯨﺮﯨﻠﻪرﻧﻰ ﻛﯧﺰﯨﭗ ﻣﯧﯖﯩﭗ ، ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﻛﯜن‬ ‫ﺋﯚرﻟﯩﮕﻪن ﭼﺎﻏﺪا ﺟﯩﮕﺪە ﺑﯘﻻﻗﻘﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪۇق . ﺑﯘﻳﻪردە ﺑﯩﺮ ﻗﻮرۇل ﺑﺎر ﺑﻮﻟﯘپ ، ﻳﻮﻟﯟاﺳﻘﺎ ﻗﺎراﺷﻠﯩﻖ ﻗﻮرۇل‬ ‫ﺋﯩﺪى . ﻳﻮﻟﯟاس ﻗﻮرۇﻟﺪﯨﻜﯩﻠﻪرﮔﻪ » ﺋﻪﻣﺪى ﺳﯩﻠﻪرﻣﯘ ﻛﯧﺘﯩﯖﻼر ، ﻗﯘﻣﯘﻟﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻰ ﺗﯜﮔﯩﺪى « دەپ‬ ‫ﺋﯘﻻرﻧﯩﻤﯘ ﻗﺎﻳﺘﯘرۇۋەﺗﺘﻰ . ﮬﺎدى ﭘﺎﻟﯟان » ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎزراق ﻣﺎﯕﺴﺎق ﻗﺎﺷﻘﺎ ﺑﺎرﯨﻤﯩﺰ ، ﺋﯘ ﻳﻪردە ﺗﻮﻏﺮاﻗﻠﯩﻖ ۋە‬ ‫ﺑﯘﻻق ﺑﺎر . ﺗﻮﻏﺮاﻗﻠﯩﻘﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﯟاﻟﺴﺎق ﺑﯩﺰﻧﻰ ﮬﯧﭽﻜﯩﻢ ﻛﯚرەﻟﻤﻪﻳﺪۇ ، ﺋﯘﻻﻏﻼرﻧﻰ دەم ﺋﺎﻟﺪۇرۇپ داۋاﻣﻠﯩﻖ‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫3‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜزﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ﮬﻪۋەﺳﻜﺎر‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  • 4. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮرﺧﯘن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﺎرﯨﺨﻰ ﺗﻮر ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ﻣﺎﯕﺴﺎق ﺋﻪﭘﯩﻴﯘن ﺗﻮﺷﯘﻳﺪﯨﻐﺎن ﺧﯧﭽﯩﺮ ﻳﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪن دۇﻧﺨﯘاﯕﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﻤﯩﺰ « دﯦﺪى .‬ ‫ﺑﯩﺰ ﺗﻮﻏﺮاﻗﻠﯩﻘﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ، ﺑﯩﺮ ﺗﯜپ ﺗﻮﻏﺮاﻗﻨﯩﯔ ﺗﯜۋﯨﮕﻪ ﭼﯜﺷﯜپ ﺋﺎﺗﻼرﻧﻰ ﺳﯘﻏﺎرﻏﯩﻠﻰ ﺑﯘﻻﻗﻘﺎ ﺑﺎرﺳﺎق ﻏﻪرب‬ ‫ﺗﻪرەﭘﺘﯩﻦ ﭘﺎﻻق – ﭘﯘﻟﯘق ﺋﺎۋاز ﺋﺎﯕﻼﻧﺪى .ﺑﯩﺰ دۆﯕﺪﯨﻦ ﺋﺎرﺗﯩﻠﯩﭗ ﭼﯜﺷﺴﻪك ، ﺋﯩﺒﺮاﮬﯩﻢ ﻓﯘﮔﯘەن ،‬ ‫ﻏﻪﻟﻤﻪت ﻓﯘﮔﯘەن ۋە ﻟﻪﭘﯘﯕﻘﺎرى ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺗﯚت ﺋﺎدەم ﺑﯩﺰدﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮى ﺋﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯘﻏﺎرﻏﯩﻠﻰ ﺑﯘﻻﻗﻘﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ‬ ‫، ﺋﻪﺗﺮاﭘﺘﺎ ﺋﺎدەم ﻳﻮﻗﻠﯘﻗﯩﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ، ﻟﻪﭘﯘﯕﻘﺎرﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯜﭼﻪﻳﻠﻪن ﻗﯘﻣﯘﻟﻐﺎ ﻗﺎراپ ﻗﺎﭼﻘﺎن‬ ‫ﺋﯩﻜﻪن . ﻳﻮﻟﯟاﺳﻨﯩﯔ ﭼﻮڭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﻧﯩﻴﺎز ﺑﻪگ ﭘﯩﻠﯩﻤﻮﺗﺘﯩﻦ ﺋﯘﻻرﻏﺎ ﺋﻮت ﺋﺎﭼﺘﻰ . ﮬﺎدى ﭘﺎﻟﯟان » ﺋﺎﺗﻤﯩﺴﯩﻼ،‬ ‫ﺋﯘﻻر ﻛﻪﺗﺴﻪ ﻛﯧﺘﯩﯟەرﺳﯘن ، ﺑﯩﺰ ﻳﻮﻟﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻣﯧﯖﯩﯟﯦﺮەﻳﻠﻰ « دەپ ﺗﻮﺳﯘپ ﻗﺎﻟﺪى . ﻟﻪﭘﯘﯕﻘﺎرى ﻗﺎﭼﻤﺎي‬ ‫ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻳﻮﻟﯟاس ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﮔﯘﻣﺎﻧﻠﯩﻨﯩﭗ ، ﻣﺎﻳﻜﺎ ، ﻛﺎﻟﺘﺎ ﺋﯩﺸﺘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ‬ ‫ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﺎﻟﺪۇرۇۋﯦﻠﯩﭗ ، ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﺴﯘﻏﺎ ﺑﺎرﻏﺎﻧﺪا ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯘﻧﻰ ﻗﺎﻳﺘﯘرۇۋەﺗﺘﻰ . ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﯕﻠﯩﺴﺎق ﺋﯘ‬ ‫ﻳﻮﻟﺪا ﺋﻮت – ﭼﯚﭘﻠﻪرﻧﻰ ﻳﻪپ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻛﯜن دﯦﮕﻪﻧﺪە ﻗﺎراﺗﺎﻟﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ .‬ ‫ﮬﺎدى ﭘﺎﻟﯟان » ﺋﻪﻣﺪى ﺗﯧﺰ ﻣﺎﯕﻤﯩﺴﺎق ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ ، ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻗﻮﻏﻼپ ﺑﻮﻏﺎز ، ﻗﺎراﺗﺎل ۋە ﺋﺎراﻳﯘﻟﺘﯘز ﺗﻪرەﭘﺘﯩﻦ‬ ‫ﺋﻪﺳﻜﻪر ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ، ﺋﯘﮬﺎﻟﺪا ﻗﯩﻴﯩﻦ ﺋﻪﮬﯟاﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜپ ﻗﺎﻟﯩﻤﯩﺰ « دەپ ﻣﯧﯖﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮاﺗﺘﻰ .‬ ‫ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﻳﻪﻧﻪ داۋاﻣﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﻪپ ﻗﯘم ﺑﺎرﺧﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﺴﯘﻏﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎردۇق . ﮬﺎدى‬ ‫ﭘﺎﻟﯟان » ﻣﯘﺷﯘ ﻳﻪردە ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻳﻤﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﺎر ، ﺋﺎﺗﻼرﻧﻰ ﺳﯘﻏﯩﺮﯨﭗ ﺋﺎزراق دەم ﺋﯧﻠﯩﭗ ، ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰدﯨﻜﻰ ﻗﯩﺮدﯨﻦ‬ ‫ﺋﺎﺷﺴﺎق ﻗﯘﻣﺘﺎﻏﻘﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎرﯨﻤﯩﺰ ، ﺋﯘﻳﻪردە ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪرﺳﻪ ﺑﺎر « دﯦﺪى . ﺑﯩﺰ ﻗﯘﻣﺘﺎﻏﻨﯩﯔ ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﻐﺎ ﺑﺎرﻏﺎﻧﺪا‬ ‫ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺮوﭘﯩﻼن ﭘﻪس ﺋﯘﭼﯘپ ﻛﻪﻟﺪى . ﺑﯩﺰ ﺋﺎﻳﺮوﭘﯩﻼن ﻛﻪﻟﺴﻪ ﺋﺎﺗﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷﯜپ ﻳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ، ﺋﯚﺗﯜپ ﻛﻪﺗﺴﻪ‬ ‫ﻳﻪﻧﻪ داۋاﻣﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﯩﺪۇق . ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯜن ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﻳﺮوﭘﯩﻼن زادى ﻣﺎﯕﻐﯩﻠﻰ‬ ‫ﻗﻮﻳﻤﯩﺪى . ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﻳﻮل ﻣﯧﯖﯩﭗ ، ﻛﯜﻧﺪۈزى ﺗﻮﻏﺮاﻗﻠﯩﻘﻘﺎ ﻳﻮﺷﯘرۇﻧﯘپ ﻳﯜرۈپ ﺋﺎران دﯦﮕﻪﻧﺪە‬ ‫ﻣﯘﻣﺘﺎﻏﻘﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪۇق . ﺑﯘ ﻳﻪر ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﭼﯧﺘﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ، ﻳﺎۋا ﺗﯚﮔﻪ ، ﻗﯘﻻن ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻳﺎۋاﻳﻰ‬ ‫ﮬﺎﻳﯟاﻧﻼر ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯚپ ﺋﯩﻜﻪن . ﺋﯩﻠﮕﯩﺮى ﮬﺎدى ﭘﺎﻟﯟان ﺑﯘ ﻳﻪرﻟﻪرﮔﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮۋﭼﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﯩﻜﻪن .‬ ‫ﻗﯘﻣﺘﺎﻏﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮوﭘﯩﻼﻧﻨﯩﯔ ﭘﺎراﻛﻪﻧﺪﯨﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪي ﻗﯘﺗﯘﻟﺪۇق . ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻳﻪپ –‬ ‫ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﺗﯜﮔﻪپ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﺋﻪﮬﯟاﻟﺪا ﻗﺎﻟﺪۇق . ﺑﯘ ﻳﻪرﮔﻪ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﮬﺎدى ﭘﺎﻟﯟان ﻳﻪﻧﻪ‬ ‫» ﻣﯘﺷﯘ ﺗﺎﻏﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﺴﺎق ﻳﯘﻟﻐﯘﻧﻠﯘق ﺷﯧﻐﯩﺮﺗﻤﺎ ﺑﺎر ، ﺷﯘ ﻳﻪردە ﺳﯘ ﺑﺎر « دەپ ﺷﯘ ﻳﻪرﮔﻪ ﺑﺎﺷﻼپ ﺑﺎردى .‬ ‫ﺋﺎﺗﻼرﻧﯩﯔ ﭘﯘﺗﻰ ﻳﻪرﮔﻪ ﭘﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪى ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺳﯘ ﻳﻮق ﺋﯩﺪى . ﮬﺎدى ﭘﺎﻟﯟان ﺷﯧﻐﯩﺮﺗﻤﯩﻨﻰ ﻛﻮﻟﯩﯟﯨﺪى ﺷﯘ‬ ‫زاﻣﺎﻧﻼ ﺳﯘ ﭼﯩﻘﺘﻰ . ﺋﯘ ﻳﻪردﯨﻦ ﭼﯩﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﭼﻮﻻق ﺳﻮﻗﻤﺎ ﺑﺎر ، ﺳﯘﻣﯘ ﺑﺎر ﺑﯩﺮ ﻳﻪرﮔﻪ ﺑﺎرﻏﺎﻧﺪا ﮬﺎدى ﭘﺎﻟﯟان‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫4‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜزﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ﮬﻪۋەﺳﻜﺎر‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  • 5. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮرﺧﯘن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﺎرﯨﺨﻰ ﺗﻮر ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ﻳﻮﻟﯟاﺳﻨﯩﯔ 2- ﺋﻮﻏﻠﻰ ﻳﺎﻗﯘپ ﺑﻪگ ۋە ﺋﻮﻳﯘپ ﻓﯘﮔﯘەن ) ﻳﻮﻟﯟاس ﺑﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯩﺒﺮاﮬﯩﻢ ﻓﯘﮔﯘەن ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ‬ ‫ﺋﯜچ ﻛﯩﺸﻰ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﻓﯘﮔﯘەن ﻗﯩﻠﯩﯟاﻟﻐﺎن ( ﻟﻪرﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮۋ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﻛﯧﺘﯩﭗ‬ ‫ﺑﯩﺮدەﻣﺪﯨﻼ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﻻﻧﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺋﺎﺗﻘﺎ ﺋﺎرﺗﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪى . ﻗﺎزﯨﻨﯩﻤﯩﺰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ ﻗﯘرۇق ﺗﻮﻏﺮاﻗﻘﺎ ﺋﻮت ﻗﻮﻳﯘپ‬ ‫ﻗﯘﻻن ﮔﯚﺷﯩﻨﻰ ﻛﺎۋاپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯩﺪۇق . ﻗﺎﻟﻐﺎق ﮔﯚﺷﻨﻰ ﺧﯘرﺟﯘﻧﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻳﻪﻧﻪ داۋاﻣﻠﯩﻖ ﻳﻮل ﻳﯜردۇق .‬ ‫ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯜن ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﭼﺎر ﻗﯘﺷﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪاق ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯘﭼﺮﯨﻤﯩﺪى . 2- ﻛﯜﻧﻰ‬ ‫ﻛﻪﭼﺘﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯘم ﺗﺎﻏﻘﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎردۇق ، ﻗﯘﻣﺘﺎغ ﺳﯧﺮﯨﻠﯩﭗ ﺗﯘرﯨﺪﯨﻜﻪن . ﺑﻪك ﭼﺎرﭼﺎپ‬ ‫ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰدﯨﻦ ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺋﯘﻳﻘﯘﻏﺎ ﻛﻪﺗﺘﯘق . ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻛﯧﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا ﻗﯘﻟﯩﻘﯩﻤﻐﺎ ﺋﻪزەن ﺋﺎۋازى ،‬ ‫ﺗﻮﺧﯘﻻرﻧﯩﯔ ﭼﯩﻠﻠﯩﻐﺎن ، ﺋﯩﺘﻼرﻧﯩﯔ ﮬﺎۋﺷﯩﻐﺎن ﺋﺎۋازى ۋە ﻧﺎﻏﺮا – ﺳﯘﻧﺎﻳﻼرﻧﯩﯔ ﺋﺎۋازﻟﯩﺮى ﺋﺎﯕﻼﻧﺪى .‬ ‫ﻣﻪن ﮬﺎدى ﭘﺎﻟﯟاﻧﺪﯨﻦ » ﮬﺎدى ﺋﺎﻛﺎ ﺑﯘ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﺶ « دەپ ﺳﻮرﯨﺴﺎم ﺋﯘ ﻛﯩﺸﻰ » ﺑﯘ ﻳﻪر ﺑﯩﺮ زاﻣﺎﻧﻼردا‬ ‫ﺗﯩﻠﺴﯩﻢ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﻠﮕﻪن ﻳﻪر ﺋﯩﻜﻪن ، ﺑﯘ ﺋﺎۋازﻻر ﺷﯘ ﻳﻪردﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﯟاﺗﯩﺪۇ « دەپ ﺟﺎۋاپ ﺑﻪردى . ﺑﯘ ﻳﻪردﯨﻦ‬ ‫داۋاﻣﻠﯩﻖ ﺟﻪﻧﯘﺑﻘﺎ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﻪپ ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ زاﻣﺎﻧﻼردا ﻗﯘﻣﯘل ، ﻗﺎرا دۆۋە ، ﻻﭘﭽﯘق ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻳﯘرﺗﻼرﻧﯩﯔ‬ ‫ﺳﯜﻳﻰ ﺋﯧﻘﯩﭗ ﺑﺎرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﻏﺎرﻏﺎ ﺑﺎردۇق . ﻏﺎردا ﺗﯘرﻧﺎ، ﻏﺎز ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺗﯜرﻟﯜك – ﺗﯜﻣﻪن ﻗﯘﺷﻼر ﺑﺎر‬ ‫ﺋﯩﻜﻪن . ﺑﯘ ﻳﻪردﯨﻨﻤﯘ ﺋﯚﺗﯜپ ﺋﻮﭼﯘق ﺗﯜزﻟﻪﯕﻠﯩﻜﻜﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﯘﻣﺘﺎﻏﻨﻰ ﺑﻮﻳﻼپ ﻣﺎﯕﺪۇق . ﺋﯘﺳﺴﺎپ ﮬﯧﭻ‬ ‫ﮬﺎﻟﯩﻤﯩﺰ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪا ﻗﯘﻻن ﮔﯚﺷﯩﻨﻰ ﺋﺎﻏﺰﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺋﯘﺳﺴﯘزﻟﯘﻗﻨﻰ ﺑﺎﺳﺘﯘق . ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ‬ ‫ﺑﻪﻳﺨﯘﻟﯘ دﯦﮕﻪن ﻗﯘﻣﯘﺷﻠﯘﻗﻘﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎردۇق . ﺑﯘ ﻳﻪر دۇﻧﺨﯘاﯕﻨﯩﯔ ﭼﯧﮕﺮﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ، ﺳﯘ ﺟﻪﻧﯘﺑﺘﯩﻦ ﺷﯩﻤﺎﻟﻐﺎ‬ ‫ﺋﺎﻗﯩﺪﯨﻜﻪن . ﮬﺎدى ﭘﺎﻟﯟان » ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰدا ﺑﯩﺮ ﻏﻮل ﺑﺎر ، ﻏﻮﻟﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﺴﻪك ﻗﻮﻣﯘﺷﻠﯘق ﺑﺎر ، ﺋﯘ ﻳﻪردە‬ ‫ﺗﯧﺮﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﭘﯘﻗﺮاﻻر ﺑﺎر « دﯦﺪى . ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪن ﻏﻮﻟﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﭘﻼ ﺑﯩﺮ ﺗﻮپ ﺗﯚﮔﯩﻨﻰ ﻛﯚردۇق . ﺗﯚﮔﻪ‬ ‫ﺑﺎﻗﻘﯘﭼﯩﺪﯨﻦ » ﺑﯘ ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﺗﯚﮔﯩﻠﯩﺮى « دەپ ﺳﻮرﯨﯟﯨﺪۇق » دﯨﺨﻮﺗﺎڭ ) ﺑﯩﺮ ﺑﺎي ﺧﯘﻳﺰۇ ﻛﺎرۋان ﺑﯧﺸﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﯩﺴﻤﻰ ( ﻧﯩﯔ ﺗﯚﮔﯩﻠﯩﺮى ، ﺑﯩﺰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ ﭼﺎي ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻣﺎﯕﺪۇق « دەپ ﺟﺎۋاپ ﺑﻪردى . ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﯩﻨﻰ‬ ‫ﺳﻮرﯨﺴﺎق ﺷﯩﻤﺎل ﺗﻪرەﭘﻨﻰ ﺷﻪرەت ﻗﯩﻠﯩﯟﯨﺪى ، ﺋﯘ ﻳﻪرﮔﻪ ﺑﺎرﺳﺎق ﻧﯘرﻏﯘن ﭼﺎﻳﻨﻰ دۆۋﯨﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭙﺘﯘ . ﻳﻮﻟﯟاس‬ ‫دﯨﺨﻮﺗﺎڭ ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯚرۈﺷﯜپ » ﺳﯩﻠﻪر ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ ﭼﯩﻘﻤﺎﯕﻼر ، ﭼﯩﻘﺴﺎﯕﻼر ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪي ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﻧﻪرﺳﻪ –‬ ‫ﻛﯧﺮەﻛﻠﯩﺮﯨﯖﻼرﻧﻰ ﺗﺎرﺗﯩﯟاﻟﯩﺪۇ « دﯦﺪى . ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻻرﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪا ﺑﯩﺮ ﻛﯜن ﺗﯘردۇق . ﺑﯩﺰ ﺗﯧﺮﯨﻠﻐﯘ ﻳﻪرﻟﻪرﻧﻰ‬ ‫ﺑﻮﻳﻼپ داۋاﻣﻠﯩﻖ ﻣﯧﯖﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﺟﺎﯕﺰﯨﻐﺎ ﺑﺎرﺳﺎق ﺋﺎدەم ﻳﻮق ﺋﯩﻜﻪن ، ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﻪپ ﻗﻮﻳﯘق ﺗﺎﻟﻠﯩﻖ ﺟﺎﻳﻐﺎ‬ ‫ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯜﺷﺘﯘق . ﮬﺎدى ﭘﺎﻟﯟان ﺑﯩﺮ داﻧﻪ ﻳﺎﻣﺒﻮﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎدەم ﺑﺎر ﺗﻪرەﭘﻜﻪ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﮬﺎزادﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ‬ ‫ﻳﯘرﺗﻨﯩﯔ ﺷﺎﯕﻴﻮﺳﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ 02-03 ﺋﺎدەﻣﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼپ ﻛﻪﻟﺪى . ﻳﻮﻟﯟاس ﺷﺎﯕﻴﻮ ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯚرۈﺷﯜپ ﺑﯘ ﻳﻪرﮔﻪ‬ ‫ﻛﯧﻠﯩﺶ ﺳﻪۋەﺑﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ . ﺷﺎﯕﻴﻮ ﺋﻪﮬﯟاﻟﻨﻰ ﺋﯘﻗﯘپ ، ﮬﻮرﻧﺎن ، ﭘﯘرﭼﺎق ، ﻣﯧﯟە – ﭼﯩﯟە ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ‬ ‫ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪرﻧﻰ ﺋﻪﻛﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪردى ۋە ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﻮﻳﻨﻰ ﺳﻮﻳﯘپ ﻳﻪﯕﻼر دەپ ﺗﺎﺷﻼپ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ﮬﺎردۇﻗﯩﻤﯩﺰ‬ ‫ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﮬﺎدى ﭘﺎﻟﯟان ﻳﻮﻟﯟاﺳﻘﺎ دۇﻧﺨﯘاﯕﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻳﯘرت ﭼﻮﯕﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﻪﮬﯟاﻟﻨﻰ ﻣﻪﻟﯘم ﻗﯩﻠﯩﺶ‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫5‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜزﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ﮬﻪۋەﺳﻜﺎر‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  • 6. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮرﺧﯘن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﺎرﯨﺨﻰ ﺗﻮر ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪﺗﯩﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﯟﯨﺪى ، ﻳﻮﻟﯟاس ﻗﻮﺷﯘﻟﯘپ ، ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﮬﺎدى ﭘﺎﻟﯟاﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺋﻪۋەﺗﺘﻰ . ﮬﺎدى ﭘﺎﻟﯟان‬ ‫02 ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺗﯘەﻧﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪا 02 ﺧﯘﻳﺰۇ ﺋﻪﺳﻜﻪرﻧﻰ ﺑﺎﺷﻼپ ﻛﻪﻟﺪى . ﺗﯘەﻧﺠﺎڭ ﻣﺎ‬ ‫ﺑﯘﻓﺎﯕﻨﯔ ﺗﺎﻏﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﯩﻜﻪن . ﻳﻮﻟﯟاس ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯚرۈﺷﯜپ » ﮬﻪر ﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰدە ﺋﯜﭼﺘﯩﻦ ﻗﻮرال‬ ‫) ﺗﺎﭘﺎﻧﭽﺎ ، ﭘﯩﻠﯩﻤﻮت ، ﻣﯩﻠﺘﯩﻖ ( ﺑﺎر ، ﺑﯘﻻرﻧﻰ ﺳﯩﻠﻪرﮔﻪ ﺗﺎﭘﺸﯘرۇپ ﺑﯧﺮﯨﻤﯩﺰ « دﯦﯟﯨﺪى ، ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺗﯘەﻧﺠﺎڭ »‬ ‫ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻳﯘﻗﯘردﯨﻦ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﺑﯘﻳﺮۇق ﻳﻮق ، ﻗﻮراﻟﻼرﻧﻰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﯚزەﯕﻠﻪر ﺳﺎﻗﻼﯕﻼر« دەپ ﺋﯘﻧﯩﻤﯩﺪى . ﻳﻮﻟﯟاس‬ ‫ﺋﺎﺧﯩﺮى » ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﺋﺎﻗﯩﯟەﺗﻜﻪ ﺋﯚزۈم ﻣﻪﺳﯯل ، ﻗﻮراﻟﻼرﻧﻰ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺳﺎﻗﻼپ ﺑﻪرﺳﻪﯕﻠﻪرﻻ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ « دەپ‬ ‫ﺋﯘﻻرﻧﯩﯔ ﺋﯘﻧﯩﻤﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﻗﺎرﯨﻤﺎي ﻗﻮراﻟﻼرﻧﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜزۈۋەﺗﺘﻰ . ﺑﯩﺰ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺗﯘەﻧﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻳﻮل ﺑﺎﺷﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪن‬ ‫02ﻳﻮل ) 01 ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﯩﺮ ( ﻣﯧﯖﯩﭗ ﺷﻪﮬﻪرﮔﻪ ﻛﯩﺮدۇق . ﻳﻮﻟﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪە ﺋﻪﺳﻜﻪرﻟﻪر ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪە‬ ‫ﺋﻪﻣﻪﻟﺪارﻻر ﻗﺎﺗﺎر ﺗﯩﺰﯨﻠﭗ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻗﺎرﺷﻰ ﺋﺎﻟﺪى .‬ ‫ﻗﻮﻣﯘل دﯦﮭﻘﺎﻧﻼر ﻗﻮزﻏﯩﻠﯩﯖﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮى دۇﻧﺨﯘاﯕﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘراﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﭘﯩﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﺎﻳﯘپ ﺷﺎﯕﻴﻮ‬ ‫دۇﻧﺨﯘاﯕﺪا ﺋﻮﻟﺘﯘراﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎن 02 ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻠﯩﻚ ﺋﯘﻳﻐﯘر ۋە ﺧﯘﻳﺰۇﻏﺎ ﺷﺎﯕﻴﻮ ﺋﯩﻜﻪن . ﺋﻪﻣﻪﻟﺪارﻻر‬ ‫ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﻳﺎﻣﯘﻟﻐﺎ ، ﺋﻪﺳﻜﻪرﻟﻪر ﮔﺎرﻧﯩﺰون ﺷﯩﺘﺎﺑﯩﻐﺎ ﺋﻮرۇﻧﻼﺷﺘﯘرﯨﻤﯩﺰ دﯦﮕﻪن ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻟﯧﻜﯩﻦ‬ ‫ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪا ﺑﯩﺰ ﺋﺎﻳﯘپ ﺷﺎﯕﻴﻮﻧﯩﯔ ﻗﻮرۇﺳﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷﺘﯘق . ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪا دۇﻧﺨﯘاڭ ﭼﯩﯖﺨﻪﻳﮕﻪ ﻗﺎراﻳﺪﯨﻜﻪن . ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ‬ ‫ﺋﻪﮬﯟاﻟﯩﻤﯩﺰ ﭼﯩﯖﺨﻪﻳﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﺑﯘﻓﺎﯕﻐﺎ ﺗﯧﻠﯧﮕﯩﺮاﻣﻤﺎ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﻣﻪﻟﯘم ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﺎ ﺑﯘﻓﺎڭ »‬ ‫ﻗﻮﻣﯘﻟﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﻪرﻧﻰ ﺟﻴﯘﭼﯜەﻧﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯖﻼر ، ﻣﻪن ﺋﯘﻻرﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﺋﻪۋەﺗﯩﻤﻪن « دەپ‬ ‫ﺟﺎۋاپ ﻗﺎﻳﺘﯘرۇﭘﺘﯘ . ﻳﻮﻟﯟاﺳﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮى ﻣﺎ ﺑﯘﻓﺎڭ ﺑﯩﻠﻪن ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻲ ﺳﻮدا ﺋﺎﻻﻗﯩﺴﻰ ﺑﺎر ﺋﯩﺪى . ﺑﯩﺰﻧﻰ‬ ‫ﻏﻮﺟﻰ ﮬﺎﺟﻰ ) ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺋﺎﺑﺪۇﻛﯧﺮﯨﻢ ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﯔ دادﯨﺴﻰ ، ﻗﻮﻣﯘل دﯦﮭﻘﺎﻧﻼر ﻗﻮزﻏﯩﻠﯩﯖﯩﺪا ﻗﯧﭽﯩﭗ ﺑﺎرﻏﺎن‬ ‫ﺋﯩﻜﻪن . ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﻮﻣﯘﻟﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﺘﻰ ( ، زەﻳﺪﯨﻦ ﺋﺎﺧﯘن ) ﻛﯘﭼﺎﻟﯩﻖ ﺳﻮدﯨﮕﻪر ﺑﻮﻟﯘپ ،‬ ‫ﺑﯩﺰ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯘزۇن ﺋﯚﺗﻤﻪي ﺟﻴﯘﭼﯜەﻧﺪە ۋاﭘﺎت ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﺗﺘﻰ (، ﮬﻪﺑﻪﻳﺒﯩﺮ ﺋﺎﺧﯘن ) ﺗﯘرﭘﺎﻧﻠﯩﻖ ﺳﻮدﯨﮕﻪر‬ ‫ﺑﻮﻟﯘپ ، ﺑﯩﺰ ﭼﯩﯖﺪۇدﯨﻦ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﺪا ﺟﻴﯘﭼﯜەﻧﺪە ۋاﭘﺎت ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﺗﺘﻰ ( ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺑﯩﺰﻧﻰ‬ ‫ﻗﻮي ﺳﻮﻳﯘپ ، ﭘﻮﻟﯘ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯜﺗﯜۋاﻟﺪى . ﺑﯩﺰ ﻏﻮﺟﻰ ﮬﺎﺟﯩﻼر ﺑﯩﻠﻪن ﺟﻴﯘﭼﯜەﻧﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ‬ ‫ﺋﯘﻻرﻧﯩﯔ دۇﯕﮕﯘەن دەپ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺧﯘﻳﺰۇﻻر ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻮروﺳﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷﺘﯘق . ﺑﯩﺰ ﺟﻴﯘﭼﯜەﻧﮕﻪ‬ ‫ﺑﯧﺮﯨﭗ 12 ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﻛﻪﻟﺪى . ﻳﻮﻟﯟاس ﺧﻮﺗﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻐﺎ ﺑﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻐﺎ‬ ‫ﭼﯩﻘﯩﭗ ﮔﺎۋﺗﻪﻳﮕﻪ ﺑﺎردۇق ﺋﯘ ﻳﻪردﯨﻤﯘ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯜﺗﯜۋاﻟﺪى . ﻟﻴﺎﯕﺠﯘﻏﺎ ﺑﺎرﻏﺎﻧﺪا ﻳﯘرت ﭼﻮﯕﻠﯩﺮى‬ ‫ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯜﺗﯜۋاﻟﺪى ، ﺋﯘ ﻳﻪردﯨﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﻛﯧﭽﻪ ﻗﻮﻧﯘپ ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﭘﯩﯖﻠﯩﻴﺎﯕﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺑﯩﺮ ﻛﯜن‬ ‫ﺗﯘردۇق . ﺋﯘ ﻳﻪردﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻛﯜﻧﺪە ﺑﯩﺮ ﻛﯚۋرۈﻛﻜﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪۇق . ﺑﯘ ﻛﯚۋرۈك ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ‬ ‫ﺋﻮرۇﻧﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎن ﺑﻮﻟﯘپ ، ﻛﯚۋرۈك ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺋﯘﻳﺎق – ﺑﯘﻳﺎق ﻣﯧﯖﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜش ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪس ﺋﯩﺪى .‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫6‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜزﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ﮬﻪۋەﺳﻜﺎر‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  • 7. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮرﺧﯘن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﺎرﯨﺨﻰ ﺗﻮر ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ﺑﯘ ﻳﻪردە ﺧﯧﻜﻮ دەپ ﺑﯩﺮ ﺗﻮﺳﺎق ﺑﺎر ﺑﻮﻟﯘپ ، ﺋﯚﺗﻜﻪن – ﻛﻪﭼﻜﻪن ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻼرﻧﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﻪﻛﺸﯜرﯨﺪﯨﻜﻪن .‬ ‫ﻳﻮﻟﯟاس ﺋﯘﻻرﻏﺎ ﭼﯩﯖﺨﻪﻳﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺗﯧﻠﯧﮕﯩﺮاﻣﻤﯩﻨﻰ ﻛﯚرﺳﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﻪﻟﻤﻪي‬ ‫ﭼﯩﯖﺨﻪﻳﮕﻪ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮن ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ » ﺋﯚﺗﻜﯜزﯨﯟﯦﺘﯩﯖﻼر « دﯨﮕﻪن ﺧﻪۋەر ﻛﻪﻟﺪى ﺑﻮﻟﻐﺎي ،‬ ‫ﺋﯚﺗﻜﯜزﯨﯟەﺗﺘﻰ . ﺑﯘ ﺗﻮﺳﺎﻗﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﯩﻤﯘ ﻣﺎﺑﯘﻓﺎﯕﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻏﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﯩﻜﻪن . ﺑﯩﺰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﭼﯜش‬ ‫ۋاﻗﺘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا ﺑﯩﺮ ﺗﯜزﻟﻪﯕﻠﯩﻜﻜﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪۇق . ﭼﯩﯖﺨﻪي ﺋﺎﻳﺪۇرﯨﻤﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﭼﯩﯖﺨﻪﻳﻨﯩﯔ ﻣﻪﻣﯘرى‬ ‫ﺋﻪﻣﻪﻟﺪارﻟﯩﺮى ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯜﺗﯜۋاﻟﺪى . ﻳﻮﻟﯟاس ﻳﯩﺮاﻗﺘﯩﻨﻼ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﯜپ ﭘﯩﻴﺎدى ﻣﺎﯕﺪى .‬ ‫ﻣﺎﺑﯘﻓﺎﯕﻤﯘ ﻳﻮﻟﯟاﺳﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﯘﭼﺎﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯚرۈﺷﺘﻰ . ﻣﺎﺑﯘﻓﺎڭ ﺑﯩﻠﻪن ﻳﻮﻟﯟاس‬ ‫ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﺰ ﻛﯚﺗﯜرۈپ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯧﮭﺘﯩﺮام ﺑﯩﻠﺪۈردى .‬ ‫ﺑﯩﺰ ﮬﺎردۇق ﺗﺎﻣﯩﻘﻰ ﻳﻪپ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﺎﺑﯘﻓﺎڭ ، ﻳﻮﻟﯟاﺳﻼر ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻜﻪ‬ ‫ﺑﺎردۇق . ﻣﺎﺑﯘﻓﺎڭ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪا ﮔﻮﻣﯩﻨﺪاڭ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭼﯩﯖﺨﻪﻳﺪە ﺗﯘرۇﺷﻠﯘق 28 – ﻛﻮرﭘﯘﺳﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺮى ۋە ﭼﯩﯖﺨﻪي ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ رەﺋﯩﺴﻰ ﺋﯩﻜﻪن . ﺑﯩﺰ ﺑﺎرﻏﺎن ﻛﯜﻧﻰ دەل ﻣﺎﺑﯘﻓﺎﯕﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﻳﻰ ﺋﯩﻜﻪن . ﺗﻮﻳﻐﺎ ﮬﻪر ﺳﺎﮬﻪ ، ﮬﻪر ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺘﯩﻦ ﻧﯘرﻏﯘن ﺋﺎدەم ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺋﯩﻜﻪن . ﺑﯩﺰﻣﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ‬ ‫داﻧﻪ ﭼﻮﻛﺎ ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﻨﻰ ﺗﻮﻳﻐﺎ ﺳﻮۋﻏﺎ ﻗﯩﻠﺪۇق ، ﻳﻮﻟﯟاس ﻣﺎﺑﯘﻓﺎﯕﻐﺎ ﺋﻪﮬﯟاﻟﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘرﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯩﺰﻧﻰ‬ ‫ﻟﻪﻧﺠﯘﻏﺎ ﻛﯧﻠﯩﺶ‬ ‫ﻳﺎﺗﺎﻗﻘﺎ ﺋﻮرۇﻧﻼﺷﺘﯘردى . ﺋﺎرﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﮬﻪﭘﺘﻪ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪە ﻣﺎﺑﯘﻓﺎڭ ﺟﻴﻴﺎڭ ﺟﻴﯧﺸﯩﻐﺎ‬ ‫ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﺟﺎۋاپ ﻛﻪﻟﺪى . ﻳﻮﻟﯟاس ﺋﻮﻳﯘپ ﻓﯘﮔﯜەن ﺑﯩﻠﻪن ﺳﻮﭘﻰ ﻓﯘﮔﯜەﻧﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻟﻪﻧﺠﯘﻏﺎ ﻛﻪﺗﺘﻰ .‬ ‫ﺋﺎرﯨﺪﯨﻦ ﺋﯜچ ﺋﺎي ﺋﯚﺗﺘﻰ ، ﻳﻮﻟﯟاﺳﺘﯩﻦ ﺧﻪۋەر ﻳﻮق . ﻣﺎﺑﯜۇﻓﺎڭ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺟﯘﺟﻴﺎ ﺧﯘاﻳﯜەن دﯨﮕﻪن ﺷﻪﺧﺴﻰ‬ ‫ﺑﯧﻐﯩﻐﺎ ﺋﻮرۇﻧﻼﺷﺘﯘردى ﭼﯩﯖﺨﻪﻳﻨﯩﯔ . ﭼﯩﯖﺨﻪﻳﻨﯩﯔ دوﻟﯩﻴﻪ دﯨﮕﻪن ﻧﺎﮬﯩﻴﻪﺳﯩﺪە ﺋﯩﻠﮕﯩﺮى ﺑﯧﺮﯨﭗ‬ ‫ﺋﻮﻟﺘﯘراﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﻗﺎزاﻗﻼر ﺑﺎر ﺋﯩﻜﻪن . ﺋﯘﻻر ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﯕﻼپ ﺗﻪﻳﺠﯩﻠﯩﺮى ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ‬ ‫ﻗﻮﻳﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻳﻮﻗﻼپ ﻛﻪﻟﺪى . ﻳﻮﻟﯟاﺳﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﯘﻟﻠﯩﺮى ﺋﯘﻻر ﺑﯩﻠﻪن‬ ‫04 ﺗﻪك ﺋﺎدەم 02 – 03‬ ‫ﻛﯚرۈﺷﯜپ دادﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻧﻪﻧﺠﯩﯖﮕﻪ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﯩﺘﺘﻰ . ﺗﻪﻳﺠﯩﻠﻪر ﺑﯩﺰدﯨﻦ ﺧﻪۋەر ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﻟﺘﻪ‬ ‫ﺋﺎدﯨﻤﯩﻨﻰ ﻗﺎﻟﺪۇرۇپ ﻳﯩﻤﻪك – ﺋﭽﻤﻪك ، ﮔﯚش ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻻزﯨﻤﻠﯩﻖ ﻧﻪرﺳﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯩﺰﮔﻪ دەﯕﻼر دەپ‬ ‫ﺧﻮﺷﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ﺑﯩﺰ ﭼﯩﯖﺨﻪﻳﺪە ﺗﯘرۇپ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻳﻮﻟﯟاﺳﺘﯩﻦ ﺧﻪۋەر ﻛﻪﻟﺪى .‬ ‫8391 – ﻳﯩﻠﻰ ﺟﻴﺎڭ ﺟﻴﯧﺸﻰ ﻳﻮﻟﯟاﺳﻘﺎ ﮔﯧﻨﯩﺮال ﻟﯧﻴﺘﯧﻨﺎت دەرﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪﺗﭽﻰ ) ﺟﻮﯕﺠﻴﺎڭ ﺳﻪﻧﻴﻰ (‬ ‫ﻣﻪﻧﺴﯩﭙﯩﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ . ﻳﻮﻟﯟاس ﺧﻮﺗﯘن ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮى ۋە ﻓﯘﮔﯜەﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭼﯩﯖﺨﻪﻳﺪە ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ‬ ‫ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﺑﯩﺰ ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻧﻪﻧﺠﯩﯖﻐﺎ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﯟﯦﺘﯩﺶ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﻣﺎﺑﯘﻓﺎﯕﻐﺎ ﺗﯧﻠﯩﮕﯩﺮاﻣﻤﺎ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻧﻜﻪن . ﺷﯘﯕﺎ‬ ‫ﻣﺎﺑﯘﻓﺎڭ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﺑﯩﻠﻪن ﻳﻮﻟﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﺪى . ﻟﻪﻧﺠﯘﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ 02 ﻛﯜن ﺗﯘرۇپ ﻗﺎﻟﺪۇق ، ﺋﯘ ﻳﻪردﯨﻤﯘ‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘرﻻر ﻛﯚپ ﺋﯩﻜﻪن ، ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯜﺗﯜۋاﻟﺪى . ﺋﯘ ﻳﻪردﯨﻦ ﺋﺎﭘﺘﻮﺑﯘس ﺑﯩﻠﻪن ﺑﺎۋﺟﯩﻐﺎ‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫7‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜزﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ﮬﻪۋەﺳﻜﺎر‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  • 8. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮرﺧﯘن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﺎرﯨﺨﻰ ﺗﻮر ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ﺑﺎردۇق . ﺷﯘ ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ ﺗﯚﻣﯜر ﻳﻮل ﺑﺎۋﺟﯩﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻜﻪن . ﺋﯜچ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭘﻮﻳﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪن ﻧﻪﻧﺠﯩﯖﻐﺎ‬ ‫ﻗﺎراپ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﺘﯘق . ﻗﯘﻣﯘﻟﻐﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪن ﺑﯩﺰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﭘﻮﻳﯩﺰﻏﺎ ﺋﻮﻟﺘﯘرﻏﺎﻧﻼر ﮬﯩﺴﺎﭘﻼﻧﺴﺎق ﻛﯧﺮەك .‬ ‫ﭘﻮﻳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯧﺰﻟﯩﻜﯩﺪە ﻳﻮل ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻰ دەرەﺧﻠﻪر ﻳﯩﻘﯩﻠﯩﭗ ﭼﯜﺷﯜۋاﺗﻘﺎﻧﺪەك ﻛﯚرۈﻧﻪﺗﺘﻰ . ﺑﯩﺰ ﺷﯩﯭﻧﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ‬ ‫ﺑﻪش ﻛﯜن ﺗﯘرۇپ ، ﺑﺎزارﻻرﻧﻰ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ 6 – ﻛﯜﻧﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﭘﻮﻳﯩﺰﻏﺎ ﭼﯜﺷﯜپ ﻣﺎﯕﺪۇق . ﭼﺎﯕﺠﻴﺎڭ‬ ‫دەرﻳﺎﺳﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﭘﻮﻳﯩﺰﻧﻰ ﭘﺎراﺧﻮت ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯚﺗﻜﯜزدى . ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪا ﭼﺎﯕﺠﻴﺎڭ دەرﻳﺎﺳﯩﻐﺎ ﺗﯧﺨﻰ‬ ‫ﻛﯚۋرۈك ﺳﯧﻠﯩﻨﻤﯩﻐﺎن ﺋﯩﻜﻪن . ﻧﻪﻧﺠﯩﯖﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯩﺶ ﺑﺎﺷﻘﺎرﻣﯩﺴﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷﺘﯘق . ﻳﻮﻟﯟاس ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺑﯩﺰ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯚرۈﺷﺘﻰ . ﺑﯩﺰ ﻧﻪﻧﺠﯩﯖﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﺎﭘﻮﻧﻼر ﻧﻪﻧﺠﯩﯖﻨﻰ ﺑﻮﻣﺒﺎردﯨﻤﺎن ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ‬ ‫ﺗﯚﺗﻪﻳﻠﻪن ﻳﻮﻏﺎن‬ ‫ﻳﯧﻘﯩﻨﻼ ﻳﻪردە ﺑﻮﻣﺒﺎ ﭘﺎرﺗﻠﯩﺪى . ﺑﯩﺰ ﺋﯜچ -‬ ‫ﺗﯘردى . ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯩﺰ ﺗﯘرﻏﺎن ﻳﻪرﮔﻪ‬ ‫ﺗﺎﺷﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ ﻣﯚﻛﯜۋاﻟﺪۇق . ﻳﻮﻟﯟاﺳﻤﯘ ﺧﻮﺗﯘن ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﮔﻪﻣﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﯟاﭘﺘﯘ .‬ ‫ﮬﯚﻛﯜﻣﯜﺗﻰ ﻧﻪﻧﺠﯩﯖﺪﯨﻦ ﭼﯧﻜﯩﻨﯟﯨﺪى ، ﺑﯩﺰﻣﯘ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﺧﻪﻧﻜﻮﻏﺎ ﺑﺎردۇق . ﻳﻮﻟﯟاس ﻣﯘﺷﯘ‬ ‫ﮔﻮﻣﯩﻨﺪاڭ‬ ‫ﻳﻪردە ﺧﻪﻧﺰۇ ﻗﯩﺰ ﻟﻴﯘ ﻳﻮﯕﭽﻴﯘ ) ﺋﯘﻳﻐﯘرﭼﻪ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﻣﻪدﯨﻨﻪ ﺧﯧﻨﯩﻢ ( ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻮي ﻗﯩﻠﺪى . ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯘ ﺧﻮﺗﯘﻧﻨﻰ‬ ‫ﻗﯘﻣﯘﻟﻐﺎ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﺘﻰ . ﻳﺎﭘﻮﻧﻼر داۋاﻣﻠﯩﻖ ﺑﺎﺳﺘﯘرۇپ ﺧﻪﻧﻜﻮﻏﺎ ﻛﯩﺮدى . ﺑﯩﺰ ﮔﻮﻣﯩﻨﺪاڭ ﮬﯚﻛﯜﻣﯜﺗﯩﮕﻪ‬ ‫ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﭼﻮﯕﭽﯩﯖﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪۇق . ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭼﻮﯕﭽﯩﯔ دا ﺗﯘرۇپ ﻗﺎﻟﺪۇق‬ ‫4491 – ﻳﯩﻠﻰ 9 – ﺋﺎﻳﺪا ﺟﻴﺎڭ ﺟﻴﯧﺸﯩﻨﯩﯔ ﺧﻮﺗﯘﻧﻰ ﺳﻮڭ ﻣﯧﻴﻠﯩﯔ ﺷﯧﯖﺸﯩﺴﻪﻳﻨﻰ ﺋﯩﻨﺪەﻛﻜﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜرۈپ‬ ‫ﭼﻮﯕﭽﯩﯖﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎرﻏﺎﻧﺪا ، ﺟﻴﺎڭ ﺟﻴﯧﺸﻰ ﺷﯧﯖﺸﯩﺴﻪﻳﺪﯨﻦ » ﺋﯩﻠﮕﯩﺮى ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﯘرۇﺷﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﻗﯘﻣﯘﻟﻨﯩﯔ‬ ‫ۋاﻟﯩﺴﻰ ﻳﻮﻟﯟاس ﮬﺎزﯨﺮ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻗﯧﺸﯩﻤﺪا ، ﺳﻪن ﺋﯘﻧﻰ ﺗﻮﻧﯘﻣﺴﻪن ؟ « دەپ ﺳﻮرﯨﻐﺎﻧﻜﻪن . ﺷﯧﯖﺸﯩﺴﻪﻳﻤﯘ‬ ‫ﺗﻮﻧﯘﻳﻤﻪن دەﭘﺘﯘ . ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﺟﻴﺎڭ ﺟﻴﯧﺸﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﻳﻮﻟﯟاس ﺑﯩﻠﻪن ﺷﯧﯖﺸﯩﺴﻪﻳﻨﻰ ﻛﯚرۈﺷﺘﯜردى‬ ‫ﺳﻮرۇﻧﺪا ﺑﯩﺰﻣﯘ ﺑﺎر ﺋﯩﺪۇق . ﺷﯧﯖﺸﯩﺴﻪي ﻳﻮﻟﯟاﺳﻨﻰ ﻗﯘﭼﺎﻗﻼپ ﻳﯩﻐﻼپ » ﺳﻪن ﺋﻪﺳﻠﯩﺪە ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎدەم‬ ‫ﺋﯩﻜﻪﻧﺴﻪن ، ﺋﺎرﯨﻤﯩﺰدﯨﻜﻰ ﺋﯩﺸﭙﯩﻴﻮﻧﻼر ﮔﻪپ ﺗﻮﺷﯘپ ، ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎرﺷﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﻜﻪن «‬ ‫دﯨﺪى ۋە ﻳﻪﻧﻪ » ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﺎدﯨﻤﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﻛﻪﻟﺪﯨﯔ « دەپ ﺳﻮرﯨﺪى . ﻳﻮﻟﯟاس » ﺧﻮﺗﯘن ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻢ ۋە‬ ‫ﻓﯘﮔﯜەﻧﻠﯩﺮﯨﻢ ﺑﯩﻠﻪن ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ دەپ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﺪى .‬ ‫ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺟﻴﺎڭ ﺟﻴﯧﺸﻰ ﻳﻮﻟﯟاﺳﻨﯩﯔ ﻳﺎﻗﯘﭘﺒﻪگ ، ﺋﻪﻣﻪت ﺑﻪگ دﯨﮕﻪن ﺋﻮﻏﯘﻟﻠﯩﺮى ۋە ﻧﺎﺳﯩﺮ ﺑﻪگ دﯨﮕﻪن‬ ‫ﻧﻪۋرﯨﺴﻰ ) ﺑﯘ ﻧﯩﻴﺎزﺑﻪﮔﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﮬﺎزﯨﺮ ﻗﯘﻣﯘﻟﺪا ﮬﺎﻳﺎت ( ۋە ﺑﯩﺰ ﻓﯘﮔﯜەﻧﻠﻪرﻧﻰ ﭼﯧﯖﺪۇدﯨﻜﻰ ﮬﻪرﺑﻰ‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﺗﺘﻰ . ﮬﻪرﺑﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪە ﻧﻪﻧﺠﯩﯖﺪە ﺑﻮﻟﯘپ ، ﮔﻮﻣﯩﻨﺪاڭ ﭼﻮﯕﭽﯩﯖﻐﺎ ﭼﯧﻜﯩﻨﮕﻪﻧﺪە‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻤﯘ ﺗﻪڭ ﻛﯚﭼﯜرۈﻟﯜپ ﻛﯧﻠﯩﻨﮕﻪﻧﻜﻪن . ﺑﯩﺰ ﮬﻪرﺑﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻪ ﺋﻮﻗﯘۋاﺗﻘﺎﻧﺪا ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻠﯩﻖ‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫8‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜزﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ﮬﻪۋەﺳﻜﺎر‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  • 9. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮرﺧﯘن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﺎرﯨﺨﻰ ﺗﻮر ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ﺋﺎﺑﺪۇرﯦﮭﯩﻢ ﺋﺎﺧﯘن ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻳﺎش ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎن ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﭼﯧﯖﺪۇﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻜﻪن . ﺋﯘ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮى ﭘﻪﻧﻨﯩﻲ‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎن ﻛﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ، ﻳﻮﻟﯟاﺳﻨﯩﯔ ﺑﯘﻳﺮۇﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘپ ﺳﺎۋادﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﭼﯩﻘﺎردى .‬ ‫ﭼﯧﯖﺪۇﻧﯩﯔ ﮬﺎۋاﺳﻰ ﺑﻪك ﻧﻪم ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺋﺎﺑﺪۇرﯦﮭﯩﻢ ﺋﺎﺧﯘن ، ﻗﺎراﺗﺎﻟﻠﯩﻖ ﻏﻮﺟﺎﻣﻨﯩﻴﺎز ، ﻳﻮﻟﯟاﺳﻨﯩﯔ ﻛﯩﭽﯩﻚ‬ ‫ﻗﯩﺰى ﺋﺎﻳﯩﻢ ﺧﯧﻨﯩﻢ ﺋﯚﭘﻜﻪ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎر ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﯚﻟﯜپ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ﺋﯘﻻرﻧﻰ ﺧﯘﻳﺰۇ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ‬ ‫ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺳﯘﻏﺎ ﺋﺎﻟﺪۇرۇپ ، ﺧﯘﻳﺰۇﻻر ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ دەﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﺪۇق .‬ ‫ﺑﯩﺰ ﮬﻪرﺑﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﻣﻪﺷﯩﻖ ﺳﯩﻨﯩﭙﯩﺪا ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻳﯩﻞ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﻮﻗﯘﺷﯩﻤﯩﺰ‬ ‫ﭘﯜﺗﻜﻪن ﺑﻮﻟﺪى . ﻣﺎﯕﺎ ﻳﯩﯖﺠﺎﯕﻠﯩﻖ ﻣﻪﻧﺴﯩﭙﻰ ﺑﯧﺮﯨﭗ ، ﻏﻪرﺑﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎل ﺑﺎرﮔﺎﮬﯩﻐﺎ ﺗﻪﻗﺴﯩﻢ ﻗﯩﻠﺪى . ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ‬ ‫ﻣﺎﺋﺎﺷﯩﻤﯩﺰ 01ﻳﯘەن ﺋﯩﺪى . ﻏﻪرﺑﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎل ﺑﺎرﮔﺎﮬﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ دﯦﯔ ﺷﯩﺨﯘي ﺑﻮﻟﯘپ ، ﺑﺎش ﺷﯩﺘﺎﺑﻰ‬ ‫ﭼﯧﯖﺪۇدا ﺋﯩﺪى.‬ ‫ﺑﯩﺰ ﻗﻮﻣﯘﻟﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﺪە ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻳﯩﻞ ﺗﯘرۇپ ﻗﺎﻟﺪۇق . ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮ ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎن‬ ‫ﺟﺎڭ ﻓﺎﻣﯩﻠﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺳﻜﻪر ﺑﯩﺰ ﺗﯘرﻏﺎن ﻳﻪرﮔﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ » ﻣﯧﻨﻰ ﻗﺎرا ﺷﻪﮬﻪرﮔﻪ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪان ﻗﯩﻠﺪى ، ﭘﺎت‬ ‫ﺋﺎرﯨﺪا ﺋﻪﺳﻜﻪرﻟﯩﺮﯨﻢ ﺑﯩﻠﻪن ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﻤﻪن . ﺋﻪﮔﻪر ﻳﯘرﺗﯘﯕﻼرﻏﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﺴﺎﯕﻼر ﻣﻪن ﺋﺎﻟﻐﺎچ ﻛﯧﺘﻪي‬ ‫« دﯦﺪى . ﺋﻪﻣﻪت ) ﻗﺎزاق ( ، ﺋﺎﺑﺪۇﻟﻼﺧﯘن ، ﺋﻮﻳﯘپ ، ﺑﻪرەم ﻧﯩﻴﺎز ۋە ﻣﻪن ﺑﻪﺷﯩﻤﯩﺰ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﮭﻪﺗﻠﯩﺸﯩﭗ ،‬ ‫ﮬﻪر ﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰ 04-05ﺗﺎﺧﺘﯩﺪﯨﻦ ﭼﺎي ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺟﺎڭ ﺳﯩﻠﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﺘﯘق . ﺑﯩﺰ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻠﯩﻖ ﻗﺎرا‬ ‫ﺷﻪﮬﻪرﮔﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮرۇﻧﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﯜچ ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ رۇﺧﺴﻪت ﺳﻮراپ ﻗﻮﻣﯘﻟﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪۇق .‬ ‫6491- ﻳﯩﻞ 2- ﺋﺎﻳﺪا ﻳﻮﻟﯟاﺳﻤﯘ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﺋﺎدەﻣﻠﻪرﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﻮﻣﯘﻟﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﻮﻣﯘﻟﻐﺎ ۋاﻟﯩﻲ‬ ‫ﺑﻮﻟﺪى . ﻳﻮﻟﯟاس ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯚز ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﺋﻪﻛﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﺘﻰ . ﻣﻪن ﻳﻮﻟﯟاﺳﻨﯩﯔ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪا ﻛﯜﺗﻜﯜﭼﻰ‬ ‫ﺑﻮﻟﺪۇم . ﻳﻮﻟﯟاﺳﻨﯩﯔ ﻧﻪۋرﯨﺴﻰ ﻧﺎﺳﯩﺮ ﺑﻪگ ﺑﯩﺮ ﺑﯚﻟﯜﻣﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﺪى .‬ ‫ﻣﻪن ﻳﻮﻟﯟاﺳﻨﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﻛﯜﻧﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪە ﻗﻮﻣﯘﻟﺪا ﺋﯜچ ۋﯨﻼﻳﻪت ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻨﻰ ﮬﯩﻤﺎﻳﻪ‬ ‫ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﮔﻮﻣﯩﻨﺪاﯕﻐﺎ ﻗﺎرﺷﻰ ﻳﺎﺷﻼر ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻰ ﻗﯘرۇﻟﻐﺎﻧﯩﻜﻪن . ﺋﺎﻛﺎم ﻧﯩﻴﺎز ﺳﻮﭘﯩﻤﯘ ﺑﯘ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻘﺎ ﺋﻪزا‬ ‫ﺋﯩﻜﻪن . ﺋﯜچ ۋﯨﻼﻳﻪت ﺗﻪرەﭘﺘﯩﻦ ﺋﻪۋەﺗﯩﻠﮕﻪن ﺑﯩﺮ ﻛﺎﺗﯩﭗ ﺑﯘ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪن . ﺑﯘ ﻛﺎﺗﯩﭙﻨﻰ ﺋﯩﺸﭙﯩﻴﻮﻧﻼردﯨﻦ ***ﺑﺎﻳﻘﺎپ ﻗﯧﻠﯩﭗ ، ﻳﻮﻟﯟاﺳﻘﺎ دوﻛﻼت ﻗﯩﻠﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﺪا ﻣﻪن ﭼﺎي‬ ‫ﻗﯘﻳﯘۋﯦﺘﯩﭗ ﺋﺎﯕﻼپ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ ۋە دەرﮬﺎل ﺋﺎﻛﺎم ﻧﯩﻴﺎز ﺳﻮﭘﯩﻐﺎ ﺧﻪۋەر ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﺋﺎﻛﺎم ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺋﯘۋەﻳﯩﺲ‬ ‫ﮬﺎﺟﻰ ، ﻧﯩﻴﺎز ﻧﯘرۇل ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﮔﻪ ﺋﯘﻗﺘﯘرۇپ ﻛﺎﺗﯩﭙﻨﻰ ﻗﺎﭼﯘرۇۋﯦﺘﯩﭙﺘﯘ . *** ﺋﻪﮬﯟاﻟﺪﯨﻦ ﺧﻪۋەر ﺗﯧﭙﯩﭗ‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫9‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜزﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ﮬﻪۋەﺳﻜﺎر‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  • 10. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮرﺧﯘن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﺎرﯨﺨﻰ ﺗﻮر ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﮔﯘﻣﺎﻧﻠﯩﻨﯩﭗ ﻳﻮﻟﯟاﺳﻘﺎ ﺋﯩﻨﻜﺎس ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﯩﻜﻪن ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻳﻮﻟﯟاس » ﮬﻪﺳﻪن ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﻠﯩﻚ‬ ‫ﺋﺎدﯨﻤﯩﻢ ، ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪس « دەپ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﭘﺘﯘ . ﺷﯘﻧﺪاﻗﺘﯩﻤﯘ ﻣﻪن ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎت ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ ،‬ ‫ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯚﻳﺪە ﺗﯘرۇﺷﻨﯩﻤﯘ ﺧﻪﺗﻪرﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﺳﺘﺎﻧﯩﮕﻪ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ . ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ) 9491- ﻳﯩﻞ 01-‬ ‫ﺋﺎﻳﺪا ( ﺋﺎزادﻟﯩﻖ ﺋﺎرﻣﯩﻴﻪ ﻗﻮﻣﯘﻟﻐﺎ ﻛﯩﺮدى . ﻗﻮﻣﯘﻟﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺧﯘن ، ﺑﺎي ۋە ﺋﻪﻣﻪﻟﺪارﻻر ﺋﺎزاﺗﻠﯩﻖ‬ ‫ﺋﺎرﻣﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻗﺎرﺷﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﭼﯩﻘﺘﻰ . ﺋﺎزادﻟﯩﻖ ﺋﺎرﻣﯩﻴﻪ ﭼﻮڭ ﮔﺎزارﻣﯩﻐﺎ ﺋﻮرۇﻧﻼﺷﺘﻰ . ﻳﻮﻟﯟاس‬ ‫ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻗﻮﻣﯘﻟﻨﯩﯔ ۋاﻟﯩﻴﺴﻰ ﺋﯩﺪى . ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﻳﻮﻟﯟاﺳﻨﯩﯔ ﺧﻪﻧﺰۇ ﺧﻮﺗﯘﻧﻰ ﻟﯩﻴﺎۋ ﻳﯘﯕﭽﯩﻴﯘ ﭼﻮڭ ﮔﺎزارﻣﯩﻐﺎ‬ ‫ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﺎزادﻟﯩﻖ ﺋﺎرﻣﯩﻴﯩﻨﯔ ﻗﻮﻣﯘﻟﺪا ﺗﯘرۇﺷﻠﯘق 61- دﯨﯟﯨﺰﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻛﻮﻣﺴﯩﺴﺎرى ﮔﯘەن ﺷﯩﯖﺠﯩﻐﺎ‬ ‫ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ » دەرت ﺗﯚﻛﯜپ « ﻳﻮﻟﯟاﺳﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺷﯩﻜﺎﻳﻪت ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﮔﯘەن ﺷﯩﯖﺠﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ‬ ‫ﮬﯩﺴﺪاﺷﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﻮﻟﯟاﺳﻨﯩﯔ ﭘﺎت ﺋﺎرﯨﺪا ﺑﯩﺮ ﺗﻪرەپ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﺪۇ . ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﻳﻮﻟﯟاس‬ ‫0591-ﻳﯩﻞ 3- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 91- ﻛﯜﻧﻰ 2- ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﺗﻪﻳﯟەﻧﮕﻪ ﻛﻪﺗﺘﻰ .‬ ‫1591- ﻳﯩﻠﻰ ﻣﻪن ﺋﺎﺳﺘﺎﻧﻪ ﮔﯘﻣﺒﺎرۋەﻧﮕﻪ ﻛﯚﭼﯜپ ﺑﺎردﯨﻢ .» ﻣﻪدەﻧﻴﻪت زور ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻰ « دا ﻣﯧﻨﻰ »‬ ‫ﺧﯘاﯕﭙﯘ ﮬﻪرﺑﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﺪە ﺋﻮﻗﯘﻏﺎن ، ﮔﻮﻣﯩﻨﺪاﯕﻨﯩﯔ ﻗﺎﻟﺪۇﻗﻰ « دەپ ﺳﯚرەپ ﻛﯜرەش ﻗﯩﻠﺪى ۋە ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺋﺎي‬ ‫ﺳﻮﻻپ ﺋﻪﻣﮕﻪﻛﻜﻪ ﺳﺎﻟﺪى . ﺷﯘ ﭼﺎﻏﻼردا ﺋﯚﻳﯜﻣﮕﻪ ﺋﻮت ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺧﯘاﯕﭙﯘ ﮬﻪرﺑﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜرﮔﻪﻧﻠﯩﻚ‬ ‫ﻛﯩﻨﯩﺸﻜﺎم ۋە ﺧﺎﺗﯩﺮە ﺳﯜرەﺗﻠﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻛﯚﻳﯜپ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘرۇق ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ . 8791-‬ ‫ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪا ﻣﻪﺳﯩﻠﻪم ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺗﻪﻛﺸﯜرۈﻟﯜپ ﺋﻮۋۋال ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻼر ﻗﺎﺗﺎرﯨﺪا ﺑﯩﺮ ﺗﻪرەپ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﯨﻢ .‬ ‫رەﺗﻠﻪپ ﻗﻪﻟﻪﻣﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﯘﭼﯩﺪﯨﻦ : ﺑﯘ ۋەﻗﻪﻟﻪرﻧﯩﯔ ﺷﺎﮬﯩﺪى ﺑﻮﻟﻐﺎن ﮬﻪﺳﻪن ﺑﺎرات 3002- ﻳﯩﻠﻰ 3- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ‬ ‫82- ﻛﯜﻧﻰ 09 ﻳﯧﺸﯩﺪا ﺋﺎﺳﺘﺎﻧﯩﺪا ۋاﭘﺎت ﺑﻮﻟﺪى .‬ ‫ﮬﺎدى ﭘﺎﻟﯟان ﭼﯩﯖﺨﻪﻳﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺷﯘ ﻳﻪردە ﺗﯘرۇپ ﻗﺎﻟﻐﺎن ۋە ﭘﺎﺗﻪم ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺧﯘﻳﺰۇ ﺋﺎﻳﺎﻟﻐﺎ ﺋﯚﻳﻠﻪﻧﮕﻪن‬ ‫، 5491- ﻳﯩﻠﻰ ﻗﻮﻣﯘﻟﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎن ،6491-ﻳﯩﻠﻰ ﻳﻮﻟﯟاس ﻗﻮﻣﯘﻟﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪا ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﺑﯩﻠﻪن‬ ‫ﺑﻮﻏﺎز ﺳﺎﻗﭽﯩﺨﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪن ، 2591-ﻳﯩﻠﻰ ﮔﻮﻣﯩﻨﺪاﯕﻐﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪن دﯨﮕﻪن ﺟﯩﻨﺎﻳﻪت‬ ‫ﺑﯩﻠﻪن 01ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻗﺎﻣﺎق ﺟﺎزاﺳﯩﻐﺎ ﮬﯚﻛﯜم ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن . ﺗﯜرﻣﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ دﯦﮭﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن‬ ‫ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ، 5791- ﻳﯩﻠﻰ ﻳﯘرﺗﻰ ﭼﻮﯕﺘﯘردا 58 ﻳﯧﺸﯩﺪا ۋاﭘﺎت ﺑﻮﻟﻐﺎن . 8791-ﻳﯩﻠﻰ ﻧﺎﻣﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ‬ ‫ﻛﻪﻟﺘﯜرۈﻟﯜپ، ﺋﺎﻗﻼﻧﻐﺎن .‬ ‫ﺑﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻨﻰ رەﺗﻠﻪۋاﺗﻘﺎﻧﺪا ﻧﺎﺳﯩﺮ ﺑﻪگ ﮬﺎﻳﺎت ﺋﯩﺪى . 4002- ﻳﯩﻠﻰ 6- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 03- ﻛﯜﻧﻰ 38 ﻳﯧﺸﯩﺪا‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫01‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜزﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ﮬﻪۋەﺳﻜﺎر‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  • 11. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮرﺧﯘن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﺎرﯨﺨﻰ ﺗﻮر ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ﻗﻮﻣﯘﻟﺪا ۋاﭘﺎت ﺑﻮﻟﺪى .‬ ‫9991- ﻳﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺋﯜﻧﯫﻟﻐﯘ ﻟﯧﻨﺘﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن رەﺗﻠﯩﮕﯜﭼﻰ: ﺋﺎﺑﻠﯩﻤﯩﺖ ﺋﺎﺑﺪۇﻟﻼ‬ ‫ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺗﻪزﻛﯩﺮﯨﭽﯩﻠﻰ ژورﻧﯩﻠﯩﻨﯩﯔ 6002 – ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ 1 – ﺳﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪى.‬ ‫ﺗﯜﮔﯩﺪى‬ ‫ﺑﺎﻳﺎﻧﺎت : ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻮﻏﻠﻰ --- ﮬﻪۋەﺳﻜﺎر ﺗﯜزﮔﻪن ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﭘﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻟﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﺎﭘﺘﯘرﻟﯘق ﮬﯘﻗﯘﻗﻰ ﺗﻮردﯨﻜﻰ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﺎﭘﺘﯘرﻏﺎ ﻣﻪﻧﺴﯘپ ! ﺑﯘ ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﭘﻼر ﭘﻪﻗﻪت ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﯩﺮﺗﻘﻰ‬ ‫ﻗﯩﺰﯨﻘﻘﯘﭼﯩﻼرﻧﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘپ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ، ﺋﯚز-ﺋﺎرا ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘرۇش ﺋﯘﭼﯘﻧﻼ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺑﯘﻟﯩﺪۇ ،‬ ‫ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮت ﺳﻮدا ﺋﯩﺸﻠﯩﺮى ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﺎﮬﻪدە ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ . ﺋﻪﮔﻪر ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﺎﮬﻪﻟﻪردە‬ ‫ﻗﺎﻧﯘﻧﺴﯩﺰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭗ ﺑﯩﺮەر ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﻛﯚرۈﻟﺴﻪ ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﺋﺎﻗﯩﯟەﺗﻜﻪ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﯜﭼﻰ ﺋﯚزى ﻣﻪﺳﯯل !!!‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻮﻏﻠﻰ --- ﮬﻪۋەﺳﻜﺎر ﺑﯘ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪاق ﻣﻪﺳﯯﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯚز ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪۇ !!!!‬ ‫ﺋﻪﮔﻪر ﺋﺎﭘﺘﯘرﻟﯘق ﮬﯘﻗﯘﻗﯘﻣﻐﺎ دەﺧﻠﻰ ﻳﻪﺗﺘﻰ دﯦﮕﯜﭼﯩﻠﻪر ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯩﯟاﺳﺘﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻮﻏﻠﻰ --- ﮬﻪۋەﺳﻜﺎر‬ ‫ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﻻﻗﯩﻼﺷﺴﺎ ﺑﯘﻟﯩﺪۇ . ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﭘﻼر ﺗﻮردا ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﺷﺘﯩﻦ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﻠﯩﺪۇ !!!!!‬ ‫ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻪﮔﻪر ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻮﻏﻠﻰ --- ﮬﻪۋەﺳﻜﺎر ﺗﯜزﮔﻪن ﺋﯧﻠﯩﻜﯩﺘﺎﭘﻼرﻏﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪن ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق‬ ‫ﭘﯩﻜﯩﺮ-ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻮﻏﻠﻰ ---- ﮬﻪۋەﺳﻜﺎر ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﯟاﺳﺘﻪ ﺋﺎﻻﻗﯩﻼﺷﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯩﺪۇ .‬ ‫8002 -ﻳﯩﻠﻰ 2-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 01-ﻛﯜﻧﻰ‬ ‫ﺷﻪﻧﺪۇڭ---ﺟﯩﻨﻪن‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫11‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜزﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ﮬﻪۋەﺳﻜﺎر‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬

×