Uch wilayet mezgilidiki-maarip_ishliri_heqqide_eslime

329 views
267 views

Published on

Published in: Education
0 Comments
0 Likes
Statistics
Notes
  • Be the first to comment

  • Be the first to like this

No Downloads
Views
Total views
329
On SlideShare
0
From Embeds
0
Number of Embeds
1
Actions
Shares
0
Downloads
8
Comments
0
Likes
0
Embeds 0
No embeds

No notes for slide

Uch wilayet mezgilidiki-maarip_ishliri_heqqide_eslime

  1. 1. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮرﺧﯘن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﺎرﯨﺨﻰ ﺗﻮر ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ﺋﯜچ ۋﯨﻼﻳﻪت ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻰ ﻣﻪزﮔﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮى ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﻪ‬ ‫ﮬﺎﻛﯩﻢ ﺟﺎﭘﭙﺎر‬ ‫ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى‬ ‫‪niyazdixan‬‬ ‫ﺗﻮرﻏﺎ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ : ﺋﻮرﺧﯘن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﺎرﯨﺨﻰ ﺗﻮر ﺑﯧﺘﯩﺪﯨﻦ‬ ‫4491 – ﻳﯩﻞ 9 – ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼپ ﺋﯩﻠﯩﺪا ﮔﻮﻣﯩﻨﺪاڭ ﺋﻪﻛﺴﯩﻴﻪﺗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎرﺷﻰ ﻗﻮزﻏﺎﻟﻐﺎن ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ‬ ‫ﺋﺎزادﻟﯩﻖ ﮬﻪرﻛﯩﺘﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﯧﺰﻻ ﺋﺎﻟﺘﺎي ، ﺗﺎرﺑﺎﻏﺎﺗﺎﻳﻼرﻧﻰ ﺋﺎزاد ﻗﯩﻠﺪى . ﺋﯩﻠﻰ ، ﺋﺎﻟﺘﺎي ، ﺗﺎرﺑﺎﻏﺎﺗﺎﻳﺪﯨﻦ‬ ‫ﺋﯩﺒﺎرەت ﺋﯜچ ۋﯨﻼﻳﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﮬﻪر ﻣﯩﻠﻠﻪت ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﯩﻠﯩﻨﻰ ﻣﻪرﻛﻪز ﻗﯩﻠﻐﺎن ۋاﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪت ﻗﯘردى . 4491‬ ‫– ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ 9491 – ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻗﯩﺴﻘﯩﻐﯩﻨﻪ ﺑﻪش ﻳﯩﻠﺪا ﺋﯜچ ۋﯨﻼﻳﻪﺗﻨﯩﯔ ﮬﻪر ﺳﺎﮬﻪدﯨﻜﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪا ،‬ ‫ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت - ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪا ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜزﻟﯜك ﻳﯜﻛﺴﯩﻠﯩﺶ ۋەزﯨﻴﯩﺘﻰ ﺑﺎرﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﺪى .‬ ‫ﺋﯜچ ۋﯨﻼﻳﻪت ۋاﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﮬﯚﻛﯜﻣﯜﺗﻰ ﻗﯘرۇﻟﯘپ ﺋﯘزۇن ﺋﯚﺗﻤﻪي ، ﻳﻪﻧﻰ 5491 – ﻳﯩﻞ 01 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 51 –‬ ‫ﮬﻪﻳﯭﺗﻠﻪر ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪا » ﺷﻪﮬﻪر ، ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ‬ ‫ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯜچ ۋﯨﻼﻳﻪت ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ 801 – ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ‬ ‫ﻣﻪرﻛﻪزﻟﯩﺮﯨﺪە ﺗﻮﻟﯘﻗﺴﯩﺰ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ، ﻳﯧﺰا – ﻗﯩﺸﻼﻗﻼردا ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘچ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﻣﻪﺟﺒﯘرﯨﻲ ﻣﺎﺋﺎرﯨﭙﯩﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ‬ ‫ﻗﻮﻳﯘش ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎرار « ﻣﺎﻗﯘﻟﻼﻧﺪى ۋە ﺋﺎرﻗﯩﺪﯨﻨﻼ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼردﯨﻦ ﺋﻮﻗﯘش ﺑﻪدﯨﻠﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ،‬ ‫ﻳﯩﺘﯩﻢ – ﻳﯩﺴﯧﺮﻻر ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ) دارﯨﻠﺌﯧﺘﺎﻣﻼرﻧﻰ ( ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘش ، ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼر ﻗﻮﺷﯘﻧﯩﻨﻰ‬ ‫ﺗﻪرﺑﯩﻴﻪﻟﻪش ، ﺗﻮﻟﯘﻗﻼش ۋە ﺋﻮﻗﯘﺗﯘش ﺳﺎﭘﺎﺳﯩﻨﻰ ﺋﯚﺳﺘﯜرۈش ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪردە ﺗﻪدﺑﯩﺮﻟﻪر‬ ‫ﺗﯜزۈﻟﯜپ ، ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﻠﻪر ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﺪى . ﺑﯘ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﭘﯜﺗﯜن ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﯚﯕﯜل ﺑﯚﻟﯜش ،‬ ‫ﺋﯩﻠﯩﻢ – ﭘﻪﻧﮕﻪ ﻳﯜرۈش ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﻪك ﻳﯧﯖﻰ ۋەزﯨﻴﻪت ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪى . ﺋﯜچ ۋﯨﻼﻳﻪت ﺋﻮﻣﯘﻣﻪن ﺋﯘرۇش ۋە‬ ‫ﮬﻪرﺑﯩﻲ ﮬﺎﻟﻪت ﺋﻪﮬﯟاﻟﯩﺪا ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﮬﻪر دەرﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺋﻮرۇﻧﻼر ۋە ﻧﺎﮬﯩﻴﻪﻟﻪرﮔﻪ ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫1‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜزﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ﮬﻪۋەﺳﻜﺎر‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  2. 2. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮرﺧﯘن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﺎرﯨﺨﻰ ﺗﻮر ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ﺋﻪﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻞ ﻗﺎراش ۋە ﺋﯘﻧﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﯩﺸﻼر ﻗﺎﺗﺎرﯨﺪا ﺗﯘﺗﯘش ﻣﻪﺳﯱﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﻳﯜﻛﻠﻪﻧﺪى . ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎن‬ ‫ﻗﺎﺳﯩﻤﻰ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘﻰ ﺋﯜچ ۋﯨﻼﻳﻪت رەﮬﺒﻪرﻟﯩﺮى ﺋﯚزﻟﯩﺮى ﺋﯜﻟﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘپ ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﯚﯕﯜل ﺑﯚﻟﺪى .‬ ‫ﺋﯘﻻر ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪت ﺗﻪﻛﺸﯜرۈپ ﺷﻪﮬﻪر ، ﻳﯧﺰا – ﻗﯩﺸﻼﻗﻼرﻏﺎ ﺑﺎرﺳﯘن ﻳﺎﻛﻰ ﻳﻮل ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﺑﻮﻟﺴﯘن ،‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪرﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘش ﺋﻪﮬﯟاﻟﯩﻨﻰ ﺑﯩﯟاﺳﺘﻪ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪپ ﺗﯘراﺗﺘﻰ ۋە ﺑﯘ ﺟﻪرﻳﺎﻧﺪا ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪرﻧﯩﯔ‬ ‫ﺋﻮﻗﯘﺗﯘش ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪرﻧﻰ ﮬﻪل ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘراﺗﺘﻰ ﺋﯜچ ۋﯨﻼﻳﻪت ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻰ ﭘﺎرﺗﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ‬ ‫ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻧﯘرﻏﯘن ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼر ) زﯨﻴﺎﻟﯩﻼر ( ﺋﯜچ ۋﯨﻼﻳﻪت ﺋﺎرﻣﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘپ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺳﻪﭘﻜﻪ‬ ‫ﺋﺎﺗﻼﻧﺪى . ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪا ۋاﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪت ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ ﺗﻪدﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ، ﺋﺎرﻣﯩﻴﻪ ﺳﯧﭙﯩﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎن ) ﺑﯘ‬ ‫ﭼﺎﻏﺪا ﺋﺎرﻣﯩﻴﻪ ﺳﯧﭙﯩﺪﯨﻤﯘ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق زﯨﻴﺎﻟﯩﻼرﻧﯩﯔ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ زۆرۈر ﺋﯩﺪى . ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪان ۋە ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ‬ ‫رەﮬﺒﻪرﻟﻪردﯨﻦ ﻣﻪرﻏﯘپ ﺋﯩﺴﮭﺎﻗﯘۋ ، ﺋﺎﻣﺎﻧﺘﯘر ﺑﺎﻳﺰاﻗﻮۋ ، ﮬﻪﻣﺪۇﻟﻼ ﻗﯘرﺑﺎن ، ﺑﺎۋۇدۇن ﻧﯘرﯨﻴﻮۋ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘﻼر ﺷﯘ‬ ‫ﭼﺎﻏﺪا ﺋﺎرﻣﯩﻴﻪ ﺳﯧﭙﯩﺪە ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻼر ﺋﯩﺪى ( زور ﺑﯩﺮ ﺗﯜرﻛﯜم ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼرﻧﻰ ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﺳﯧﭙﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯘرۇپ‬ ‫ﻛﻪﻟﺪى ،‬ ‫ﺋﯘرۇش ﮬﺎﻟﯩﺘﻰ ﺗﯘﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ 4491 – ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﯨﻦ 5491 – ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻐﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﻪزﮔﯩﻞ‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪردە ﺋﻮﻗﯘش ﺗﻮﺧﺘﺎپ ﻗﺎﻟﺪى . ﺑﯘ ﭘﯘرﺳﻪﺗﺘﯩﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ، ﺟﺎﻳﻼردا ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼرﻧﻰ ﺗﻪرﺑﯩﻴﻪﻟﻪپ‬ ‫ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜرۈش ﻛﯘرﺳﻠﯩﺮى ﺋﯧﭽﯩﻠﺪى . 5491 – ﻳﯩﻞ 9 – ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼپ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪردە ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜزﻟﯜك‬ ‫ﺋﻮﻗﯘش ﺑﺎﺷﻼﻧﺪى . ﻣﯘﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪا ﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯘﻗﯘرى ﺋﻮﻗﯘش ﺋﻮرﻧﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﯩﻠﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﮔﯩﻤﻨﺎزﯨﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻤﯘ‬ ‫ﺋﻮﻗﯘش ﺗﻮﺧﺘﯩﻐﺎﻧﺪى . ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘرۇش ۋەزﯨﻴﯩﺘﯩﺪە ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪرﺳﻪ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺳﻪپ ﺋﯜﭼﯜن ﻗﺎرﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ،‬ ‫ﺋﯩﻠﻰ ﮔﯩﻤﻨﺎزﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮرﻧﻰ ﺋﯜچ ۋﯨﻼﻳﻪت ﭘﺎرﺗﯩﺰاﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ، ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ ﮬﻪرﺑﯩﻲ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪاﻧﻠﯩﻖ ﺷﯩﺘﺎﺑﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﺎرﻗﺎ ﺳﻪپ ﺗﻪﻣﯩﻨﺎت ﺑﺎزﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﺗﯘردى . ﻟﯧﻜﯩﻦ 6491 – ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼپ ﺋﯩﻠﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر‬ ‫ﮔﯩﻤﻨﺎزﯨﻴﯩﺴﻰ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻮﻗﯘش ﺑﺎﺷﻠﯩﺪى . ﺋﯩﻠﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﮔﯩﻤﻨﺎزﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪرﺑﯩﻲ‬ ‫ﺳﻪﭘﻜﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎن ﺋﺎﻣﺎﻧﺘﯘر ﺑﺎﻳﺰاﻗﻮۋ ، ﮬﻪﻣﺪۇﻟﻼ ﻗﯘرﺑﺎﻧﻮۋ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺋﺎز ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫2‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜزﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ﮬﻪۋەﺳﻜﺎر‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  3. 3. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮرﺧﯘن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﺎرﯨﺨﻰ ﺗﻮر ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ﺑﺎﺷﻘﯩﻠﯩﺮى ﻗﺎﻳﺘﯘرۇپ ﻛﯧﻠﯩﻨﺪى ۋە ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﻣﯩﺖ ۋەﻛﯩﻠﻰ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺗﯜرﻛﯜم ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﻚ ، ﻗﺎﺑﯩﻞ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر‬ ‫ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼر ﻗﻮﺷﯘﻧﯩﻐﺎ ﻗﻮﺷﯘﻟﺪى .‬ ‫ﺋﯜچ ۋﯨﻼﻳﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪردە ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜزﻟﯜك ﺗﯚت ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ، ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ، ﺋﻮن ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺗﯜزۈم ﻳﻮﻟﻐﺎ‬ ‫ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻧﺪى . ﺷﻪﮬﻪرﻟﻪردە ﺋﻮن ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ، ﺷﻪرت – ﺷﺎراﺋﯩﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﺮاق راﻳﻮﻧﻼردا ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ، ﻛﻪﻧﺖ‬ ‫ﻗﯩﺸﻼﻗﻼردا ﺗﯚت ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺗﯜزۈم ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﺪى . ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪا ﺑﺎﺷﻘﯘرۇش ۋە ﺋﻮﻗﯘﺗﯘش ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮى‬ ‫ﺳﯜرۈﺷﻜﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﺴﯘن ﺋﯜﭼﯜن ،ﭼﻮﯕﺮاق ﻳﯧﺰﯨﻼردا ﻣﻪرﻛﻪزﻟﻪﺷﻜﻪن ﻣﻪﻛﺘﻪپ ، ﺋﻪﺗﺮاﭘﺘﯩﻜﻰ ﻛﻪﻧﺖ –‬ ‫ﻗﯩﺸﻼﻗﻼردا ﺷﯚﺑﻪ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮى ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪى . ﻗﯩﺴﻘﺎ ۋاﻗﯩﺖ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺷﻪﮬﻪرﻟﻪردە ﺗﻮﻟﯘﻗﺴﯩﺰ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ،‬ ‫ﻳﯧﺰﯨﻼردە ) ﭼﻪت – ﻳﯩﺮاق ﺟﺎﻳﻼر ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪا ( ﺗﯚت ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﻪﺟﺒﯘرﯨﻲ ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن‬ ‫ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﻘﺎﻧﺪى . ﺋﯜچ ۋﯨﻼﻳﻪت داﺋﯩﺮﯨﺴﯩﺪە ﮬﻪر ﻣﯩﻠﻠﻪت ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻳﯧﺰا – ﻗﯩﺸﻼﻗﻼردﯨﻜﻰ‬ ‫ﮬﻪر ﻣﯩﻠﻠﻪت ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯘرﯨﺮاق ﻣﻪﻛﺘﻪپ ، ﺳﯩﻨﯩﭙﻼردا ﺋﻮﻗﯘپ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﯧﻠﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜن ﺋﺎﺳﺎﻧﻠﯩﻖ‬ ‫ﺗﯘﻏﺪۇرۇپ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻣﻪﻗﺴﯩﺪﯨﺪە ﮬﻪر ﺑﯩﺮ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﻣﻪرﻛﯩﺰﯨﺪە ﺑﯩﺮدﯨﻦ ﻳﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ، ﻣﻪرﻛﻪزﻟﻪﺷﻜﻪن ﺋﻮﺗﺘﯘرا‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪر ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪى . ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪردە ﺗﻮﻟﯘﻗﺴﯩﺰ ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻼپ ﺗﻮﻟﯘق ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﺳﯩﻨﭙﻼرﻏﯩﭽﻪ‬ ‫دەرس ﺋﯚﺗﯜﻟﻪﺗﺘﻰ . ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪرﮔﻪ ﺷﯘ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ ﺗﻪۋەﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼردﯨﻦ ﺗﺎﻟﻼپ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼر ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ‬ ‫ﺗﻮﻟﯘﻗﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ ، ﺋﯩﻠﻰ ﮔﯩﻤﻨﺎزﯨﻴﻪ ) ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻳﯘرﺗﻰ ( ﻧﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜرﮔﻪن ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼر ﺗﻪﻗﺴﯩﻢ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺳﻪﭘﻠﯩﻨﻪﺗﺘﻰ . ﻣﻪن 8491 – ﻳﯩﻠﻰ ﺳﯜﻳﺪۈڭ ) ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ ﻗﻮرﻏﺎس ( ۋە ﻗﻮرﻏﺎس ) ﭼﯩﻠﭙﻪﯕﺰە (‬ ‫ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﻠﯩﺮﯨﻜﻰ ﻣﻪرﻛﻪزﻟﻪﺷﻜﻪن ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘش ﺋﻪﮬﯟاﻟﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜرۈپ ﻛﯚرﮔﯩﻨﯩﻤﺪە ، ﺋﯘﻻردﯨﻜﻰ‬ ‫ﺋﻮﻗﯘﺗﯘش ﺳﺎﭘﺎﺳﻰ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻧﻤﯘ ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪردﯨﻦ ﻗﯧﻠﯩﺸﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪن . ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼر ﺋﯚز‬ ‫ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﯚﻳﯜﻧﯜپ ﺟﺎﭘﺎﻏﺎ ﭼﯩﺪاپ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯨﻜﻪن ، ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼر‬ ‫ﻗﻮﺷﯘﻧﯩﺪا ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﻮﻣﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜرﮔﻪن ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼر ﻳﻮق دﯨﻴﻪرﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘپ ،‬ ‫ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﺷﯩﻔﻪن ، ﺗﻮﻟﯘق ﺋﻮﺗﺘﯘرا ، ﺑﻪزﯨﻠﯩﺮى ﺗﻮﻟﯘﻗﺴﯩﺰ ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜرﮔﻪن ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ،‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫3‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜزﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ﮬﻪۋەﺳﻜﺎر‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  4. 4. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮرﺧﯘن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﺎرﯨﺨﻰ ﺗﻮر ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻻر ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎن ﺋﯩﺪى ، ﺋﯚز ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎرﯨﺘﺎ ﻣﻪﺳﯱﻟﯩﻴﻪﺗﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜك‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ، ﺟﺎن – دﯨﻞ ﺑﯩﻠﻪن ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺘﺘﻰ ، ﻗﯧﺘﯩﺮﻗﯩﻨﯩﭗ ﺋﯜﮔﯩﻨﻪﺗﺘﻰ ، ﺋﯜچ ۋﯨﻼﻳﻪت ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻰ‬ ‫ﻣﻪزﮔﯩﻠﯩﺪە ﮬﻪر ﻳﯩﻠﻰ ﻳﺎزﻟﯩﻖ ﺗﻪﺗﯩﻠﺪە ﺟﺎﻳﻼردا ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼرﻧﻰ ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﻠﻪش ﻛﯘرﺳﻠﯩﺮى ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ۋاﻗﯩﺘﻼردا‬ ‫ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﺎﺷﯘرۇش ﻛﻪﭼﻜﯘرﺳﻠﯩﺮى ﺋﯧﭽﯩﻼﺗﺘﻰ ، ﻛﯜرﺳﻼردا ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼر ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﺎﺷﯘراﺗﺘﻰ . 7491 – ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ‬ ‫ﺑﺎﺷﻼپ ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪە ﻛﻪﭼﻜﻰ ﭼﻮﯕﻼر ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ ﻗﯘرۇﻟﺪى ، ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺗﻮﻟﯘق ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﺳﯩﻨﯩﭙﻠﯩﺮى ،‬ ‫ﺑﻪزﯨﻠﯩﺮﯨﺪە ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ 1 - ، 2 – ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﺪا ﺋﯚﺗﯜﻟﯩﺪﯨﻐﺎن دەرﺳﻠﻪر ﺗﺎﻟﻼپ ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﻠﻪﺗﺘﻰ ، دەرﺳﻨﻰ‬ ‫ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻳﯘرﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﺮى ﺋﯚﺗﻪﺗﺘﻰ ، ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼر ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﺎﺷﯘراﺗﺘﻰ .‬ ‫ﺋﯜچ ۋﯨﻼﻳﻪت ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ دەرﺳﻠﯩﻜﻠﻪر ، ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ، ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﭘﻪن دەرﺳﻠﯩﻜﻠﯩﺮى ۋە ﺗﯜرﻟﯜك‬ ‫ﻛﯚرﺳﻪﺗﻤﯩﻠﯩﻚ ﻗﻮرال ، ﺧﻪرﯨﺘﯩﻠﻪر ﺋﯩﺪى . ﺑﯘ ﺧﯩﻞ دەرﺳﻠﯩﻜﻠﻪردە ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﻤﯘﺗﺎ ،‬ ‫ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﺘﺘﯩﻜﻰ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻠﯩﺮى ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘر ، ﻗﺎزاق ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪا ) ﺋﻪرەب ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﺪا ( ﻣﻪﺧﺴﯘس ﻧﻪﺷﺮ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ، ﺑﻪزى ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﭘﻪن دەرﺳﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼر ﺋﯚزﻟﯩﺮى ﺗﯜزەﺗﺘﻰ ۋە ﺋﯘﻧﻰ‬ ‫ﺷﺎﻓﯩﮕﯩﺮاﻓﺘﺎ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺗﺎرﻗﯩﺘﯩﭗ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ . ﺋﯜچ ۋﯨﻼﻳﻪت ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻨﯩﯔ دەﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻣﻪزﮔﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪە‬ ‫ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼرﻣﯘ ﺋﯩﺪارە ﻛﺎدﯨﺮﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺑﻪزى ﺋﺎﻳﻼردا ﺋﯩﺶ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎي ، ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﺋﯩﺶ ﮬﻪﻗﻘﯩﻨﻰ‬ ‫ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺳﻪﭘﻜﻪ ﻳﺎردەم ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﭘﯩﺪاﻛﯩﺮاﻧﻪ روﮬﺘﺎ ﺧﺎﻟﯩﺴﺎﻧﻪ ﺋﯩﺸﻠﻪپ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﭼﺎﻏﻠﯩﺮى ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪى .‬ ‫ﻣﯘﻧﺪاق ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯧﺴﯩﻤﺪﯨﻦ زادى ﭼﯩﻘﻤﺎﻳﺪۇ : 11 ﻣﺎددﯨﻠﯩﻖ ﺑﯩﺘﯩﻢ ﺗﯜزۈﻟﯜپ ، ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ‬ ‫ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﻪ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪت ﻗﯘرۇﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﮔﻮﻣﯩﻨﺪاڭ ﺋﻪﻛﺴﯩﻴﻪﺗﭽﯩﻠﯩﺮى ﺋﯜچ ۋﯨﻼﻳﻪﺗﻜﻪ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭗ ،‬ ‫ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎدﯨﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﻗﯩﺴﺘﻰ ۋە ﻗﺎﻣﺎل ﻗﯩﻠﺪى ، ﺷﯘ ﻣﻪزﮔﯩﻠﺪە ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼرﻏﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﺎي ﺋﯩﺶ ﮬﻪﻗﻘﻰ‬ ‫ﺗﺎرﻗﯩﺘﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﺪى ، ﻣﯘﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪا ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ 001 دﯨﻦ ﺋﺎرﺗﯘق ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺗﻮﭘﻠﯩﻨﯩﭗ ، ﺑﺎرﻟﯩﻖ‬ ‫ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼرﻏﺎ ۋەﻛﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘپ ، ﺋﯩﻠﻰ ۋاﻟﯩﻲ ﻣﻪﮬﻜﯩﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﮬﺎل ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪى . ﻣﯘﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪا‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫4‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜزﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ﮬﻪۋەﺳﻜﺎر‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  5. 5. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮرﺧﯘن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﺎرﯨﺨﻰ ﺗﻮر ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼرﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎن ﭘﯘل ﻳﻮق ، ﮬﻪر ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﻰ ﺋﯜﭼﯜن ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﻮ ) ﺑﯩﺮ ﺧﻮ ﺗﯚت‬ ‫ﭘﯘت ، ﺑﯩﺮ ﭘﯘت 04 ﻗﺎداق ﮬﯩﺴﺎﭘﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ ( دﯨﻦ ﺑﯘﻏﺪاي ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻧﺪە ، ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﯩﻤﯘ رازى ﺑﻮﻟﯘپ ، ﺋﯚز‬ ‫ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎﻧﺪى ، ﺟﺎﭘﺎﻟﯩﻖ ﺧﯩﺰﻣﻪت ۋە ﺗﯘرﻣﯘﺷﺘﯩﻜﻰ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻧﭽﻪ‬ ‫ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼر ﺋﯚﭘﻜﻪ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎر ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪى ، ﺑﯘﻻردﯨﻦ ﺑﻪزﯨﻠﯩﺮى ﺷﯘ ﻛﯧﺴﻪل ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ‬ ‫ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯧﺴﯩﻤﺪە . ﺷﯘﯕﺎ ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎن ﻗﺎﺳﯩﻤﻰ8491 – ﻳﯩﻠﻰ ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪپ‬ ‫ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎن ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﻧﯘﺗﻘﯩﺪا » .... ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﻣﯧﮭﻨﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﭘﺎﻟﯩﻖ‬ ‫ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﻤﻪن . ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﺟﻪﻣﯩﻴﯩﺘﯩﺪە ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﻣﯧﮭﻨﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﻪرﻟﯩﻚ ﻣﯧﮭﻨﻪت ﻳﻮﻗﺘﯘر .‬ ‫ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﺎﻟﯩﻢ ، ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﯩﺲ ، ﻳﺎزﻏﯘﭼﻰ ، ﻗﻮﻣﺎﻧﺪان ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪت ﺋﻪرﺑﺎﺑﻰ ۋە ﺑﺎﺷﻘﯩﻼر ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ‬ ‫ﻣﯧﮭﻨﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﮬﺴﯘﻟﯩﺪۇر « دەپ ، ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﻖ ﻛﻪﺳﭙﯩﮕﻪ ﻳﯜﻛﺴﻪك ﺑﺎﮬﺎ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺑﯩﻠﻪن ﻳﻪﻧﻪ » .... ﻣﯘﺷﯘ‬ ‫ﺗﻪرﺑﯩﻴﻪﭼﯩﻠﻪر ﺑﯩﺰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎن ۋە ﺑﯩﺰ دﯨﮕﻪن ﺋﻮرۇﻧﻨﻰ ﺋﯩﺸﻐﺎل ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﯟاﺗﯩﺪۇ ، ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻻرﻏﺎ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺷﻪرت –‬ ‫ﺷﺎراﺋﯩﺖ ﻳﺎرﯨﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮەﻟﻤﻪﻳﯟاﺗﯩﻤﯩﺰ ، ﺑﯘ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺷﺎراﺋﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺷﯘﻧﺪاق ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻨﺪۇر « دەپ‬ ‫ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼرﻧﯩﯔ ﺋﻮرۇن ۋە ﺗﯘرﻣﯘﺷﯩﻐﺎ ﻛﯚﻳﯜﻧﮕﻪﻧﺪى .‬ ‫ﺋﯜچ ۋﯨﻼﻳﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪا ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎدﯨﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪاق ﺑﻪزى ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻼر ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ،‬ ‫ﻟﯧﻜﯩﻦ ﮬﻪر ﻣﯩﻠﻠﻪت ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﻣﻤﯩﺴﻰ ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﻗﻮﻟﻼپ ، ﮬﻪر ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﻳﺎردەم ﻗﯩﻠﯩﭗ‬ ‫ﻛﻪﻟﺪى ، ﺋﯜچ ۋﯨﻼﻳﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪردە ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜزﻟﯜك ﮬﺎﻟﺪا ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﻳﯧﻨﯩﺪا ﺋﺎﺗﺎ – ﺋﺎﻧﯩﻼر ﻛﻮﻣﯧﺘﯩﺘﻠﯩﺮى‬ ‫ﻗﯘرۇﻟﻐﺎﻧﺪى . ﺑﯘ ﺋﺎﺗﺎ – ﺋﺎﻧﯩﻼر ﻛﻮﻣﯧﺘﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺷﯘ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﻪ ﻛﻪﻧﺘﻠﻪردﯨﻜﻰ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﭙﻪرۋەر زاﺗﻼر ، ﻳﯘرت‬ ‫ﻣﯚﺗﯩﯟەرﻟﯩﺮى ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﺎﺗﺘﻰ . ﺑﯘ ﻛﻮﻣﯧﺘﯩﺘﻼر ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪرﻧﯩﯔ ﭼﻮڭ ﺑﯩﺮ ﻏﻪﻣﺨﻮرﭼﯩﺴﻰ – ﻳﯚﻟﻪﻧﭽﯜﻛﻰ ﺋﯩﺪى .‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯘرۇﻟﯘﺷﻰ ، رﯦﻤﻮﻧﺖ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ، ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼرﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎدﯨﻲ‬ ‫ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻠﯩﺮى ، ﻧﺎﻣﺮات ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼرﻧﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘش ﺧﯩﺮاﺟﯩﺘﻰ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺷﯘ ﻛﻮﻣﯧﺘﯩﺖ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ‬ ‫ﺋﯧﻠﯩﭗ ﮬﻪل ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ . ﺋﺎﺗﺎ – ﺋﺎﻧﯩﻼر ﻛﻮﻣﯧﺘﯩﺘﻠﯩﺮى ﻗﻪرەﻟﻠﯩﻚ ﮬﺎﻟﺪا ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﻣﻪﺳﯱﻟﯩﻨﯩﯔ دوﻛﻼﺗﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼپ‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫5‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜزﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ﮬﻪۋەﺳﻜﺎر‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  6. 6. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮرﺧﯘن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﺎرﯨﺨﻰ ﺗﻮر ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫، ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﻰ ﺋﻪﮬﯟاﻟﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪۋەر ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺗﯘراﺗﺘﻰ ۋە ﺟﯩﺪدى ﮬﻪل ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ‬ ‫ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪر ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ ﮬﻪل ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮەﺗﺘﻰ . ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﻼر ﻛﻮﻣﯧﺘﯩﺘﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ‬ ‫ﻳﺎردﯨﻤﻰ ، ﻣﺎﺋﺎرﯨﭙﭙﻪرۋەر زاﺗﻼرﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎن ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺑﯩﻨﺎﻟﯩﺮى ﺋﯜچ ۋﯨﻼﻳﻪﺗﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﻪ‬ ‫ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ ، ﻳﯧﺰا – ﻗﯩﺸﻼﻗﻠﯩﺮﯨﺪا ﺗﯧﭙﯩﻠﯩﺪۇ . ﻣﻪن ﺋﯚزەم ﺑﯩﯟاﺳﺘﻪ ﻛﯚرﮔﻪن ﺑﯩﻠﮕﻪن ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪردﯨﻦ ﻏﯘﻟﺠﺎ‬ ‫ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪە » ﺳﯩﺘﺎﻟﯩﻦ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ ) 7 – ﺋﻮﺗﺘﯘرا ( ، ﺋﺎﻳﺪۆڭ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ، ﺋﯚزﺑﯧﻚ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ، ﻗﺎرا دۆڭ ﻣﻪﻛﺘﻪپ‬ ‫، » روﺷﻪن ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ « ، » ﺷﻪرق « ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ ﮬﻪﻣﺪە ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺷﯚﺑﻪ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﺗﺎر‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻧﯘرﻏﯘن ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﯩﻨﺎﻟﯩﺮى ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪاق ﺋﺎﺗﺎ – ﺋﺎﻧﯩﻼر ﻛﻮﻣﯧﺘﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ‬ ‫رەﮬﺒﻪرﻟﯩﻜﻰ ، ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﻣﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪى .‬ ‫ﺋﻪﻳﻨﻰ ﻳﯩﻠﻼردا ﺋﯜچ ۋﯨﻼﻳﻪت داﺋﯩﺮﯨﺴﯩﺪە ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻏﯘﻟﺠﺎ ، ﭼﯚﭼﻪﻛﻜﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺷﻪرت – ﺷﺎراﺋﯩﺘﻰ ﺑﺎر‬ ‫ﺟﺎﻳﻼردا ﻛﻪﭼﻜﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﺎﺷﯘرۇش ﻛﯘرﺳﻠﯩﺮى ، ﭼﻮﯕﻼر ﻛﻪﭼﻜﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮى ، ﭼﻪت ﺋﻪل ﺗﯩﻠﻰ ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﺶ‬ ‫ﻛﯘرﺳﻠﯩﺮى ﺑﻪس – ﺑﻪﺳﺘﻪ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻧﺪى ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺷﻪﮬﯩﺮى ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼردا ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﺧﺎﻧﯩﻢ – ﻗﯩﺰﻻر ﺋﯜﭼﯜن ﻛﻪﺷﺘﻪ ﺗﯩﻜﯩﺶ ، ﻛﯩﻴﯩﻢ ﺗﯩﻜﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﮬﯜﻧﻪرﻟﻪر ﺋﯜﮔﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪر ﻗﯘرۇﻟﻐﺎﻧﺪى .‬ ‫ﺋﯜچ ۋﯨﻼﻳﻪت ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻰ دەۋرﯨﺪە ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺧﻪﻟﻖ ﺳﺎۋات ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻤﯘ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺗﯘﻟﻐﺎﻧﺪى . ﺷﻪﮬﻪر ،‬ ‫ﻳﯧﺰا – ﻗﯩﺸﻼﻗﻼردا ﺳﺎۋاﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻘﻨﻰ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﺶ ﻛﯘرﺳﻠﯩﺮى ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ، ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪن ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺳﺎۋات ﭼﯩﻘﺎرﻏﺎﻧﺪى‬ ‫، ﺑﯘ ﻛﯘرﺳﻼرﻏﺎ ﺷﯘ ﺟﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﺮى دەرس ﺑﻪرﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮى ، ﺷﯘ ﺟﺎﻳﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﺳﺎۋاﺗﻠﯩﻖ ۋە ﻣﻪﻟﯘم ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺳﻪۋﯨﻴﻪﺳﻰ ﺑﺎر ﻳﺎﺷﻼر ﺟﻪﻟﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ دەرس ﺋﯚﺗﯜﻟﻪﺗﺘﻰ . ﺑﯘ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﻪ‬ ‫ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜزﻟﯜك ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﻪ ﻛﻮﻣﯧﺘﯩﺘﻠﯩﺮى ﻣﻪﺳﯱل ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪى ، 8491 – ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪا ﺗﯩﻨﭽﻠﯩﻖ ۋە‬ ‫ﺧﻪﻟﻘﭽﯩﻠﻠﯩﻘﻨﻰ ﮬﯩﻤﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺟﺎﻳﻼردﯨﻜﻰ ﻳﻪرﻟﯩﻚ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻠﯩﺮى ﻣﻪﺳﯱل ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪى .‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫6‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜزﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ﮬﻪۋەﺳﻜﺎر‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  7. 7. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮرﺧﯘن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﺎرﯨﺨﻰ ﺗﻮر ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ﺷﯘﻧﺪاق ، ﺋﯚﺗﻤﯜﺷﻨﻰ ۋە ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﮬﻪر ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚزدە ﺗﯘﺗﯘپ ﺗﻪﮬﻠﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎق ،‬ ‫ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ۋﯨﻼﻳﻪت ، ﺷﻪﮬﻪر ﻧﺎﮬﯩﻴﻪﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﺎﻳﺴﯩﺒﯩﺮ ﺋﻮرۇﻧﻨﯩﯔ ﺗﺎرﯨﺨﯩﺪا ﺷﯘ ﺟﺎﻳﺪا ﺗﻪرەﻗﻘﯩﭙﻪرۋەر ،‬ ‫ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻖ ﺗﻪرەﭘﺪارﻟﯩﺮى ، ﭼﻪت ﺋﻪﻟﻨﯩﯔ ﭘﻪن – ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﻠﻐﺎرﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚرﮔﻪن ﻳﺎﻛﻰ‬ ‫ﭼﻪﺗﯭﻟﺪە ﺋﻮﻗﯘپ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﻪر ﻛﯚپ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﺷﯘ ﺟﺎﻳﻨﯩﯔ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت – ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮى ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻲ‬ ‫ﻗﯩﻠﻐﺎن . ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن : ﺗﯘرﭘﺎﻧﺪا ﻣﯘﮬﯩﺘﯩﻼر ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﭙﻪرۋەر زاﺗﻼر ، ﺋﺎﺗﯘش ، ﻏﯘﻟﺠﯩﻼردا‬ ‫ﮬﯜﺳﻪﻳﯩﻦ ﺑﺎي ، ﺑﺎۋۇدۇﻧﺒﺎي ــــ ﺋﺎﻛﺎ- ﺋﯘﻛﺎ ﻣﯘﺳﺎﺑﺎﻳﻮۋﻻر ، ﻗﻪﺷﻘﻪردە ﺋﺎﺑﺪۇﻛﯧﺮﯨﻢ ﻣﻪﺧﺴﯘﻣﻼرﻧﯩﯔ ﺷﯘ‬ ‫ﺟﺎﻳﻼردﯨﻜﻰ ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮى ﺋﯜﭼﯜن ﻗﻮﺷﻘﺎن ﺗﯚﮬﭙﯩﻠﯩﺮى ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ زور . ﻗﻪﺷﻘﻪر ، ﺋﺎﺗﯘش راﻳﻮﻧﻠﯩﺮﯨﺪا‬ ‫ﺗﯜرﻛﯩﻴﻪ ۋە ﺋﻪرەب ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﯨﺪە ﺋﻮﻗﯘپ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺋﻪﮬﻤﻪد ﻛﺎﻣﺎل ، ﺋﺎﺑﺪۇﻗﺎدﯨﺮ داﻣﻮﻟﻼ ، ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪت ﺋﯧﻠﻰ‬ ‫) ﺗﻪۋﭘﯩﻖ ( ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﭙﻪرۋەر ، ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻖ ﺗﻪرەﭘﺪارﻟﯩﺮى ، ﺗﯘرﭘﺎن ، ﭼﯚﭼﻪﻛﻠﻪردە روﺳﯩﻴﻪ ﺗﻪۋەﺳﯩﺪﯨﻦ‬ ‫ﻛﻪﻟﮕﻪن ﻣﯘرات ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى ، ﺋﻪﻟﻰ ﺋﯩﺒﺮاﮬﯩﻤﻮۋ ، ﮔﯜﻟﻪﻧﺪەم ﺋﺎﭘﭙﺎي ؛ ﻏﯘﻟﺠﯩﺪا ﻣﯩﺴﯩﺮدا ﺋﻮﻗﯘپ ﻛﻪﻟﮕﻪن‬ ‫ﻧﺎﺳﻮﮬﺎ داﻣﻮﻟﻼم ، ﺗﯜرﻛﯩﻴﻪدە ﺋﻮﻗﯘپ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺋﺎﺑﺪۇراﺧﻤﺎن ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى ، ﻣﻪﺳﯱت ﺳﺎﺑﯩﺮى ، ﻣﻪﺳﯘم‬ ‫ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى ، ﺟﯩﺮﺟﯩﺲ ﮬﺎﺟﻰ ، ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘﻼر ﺋﯚز دەۋرﯨﺪە ﺷﯘ ﺟﺎﻳﻼرﻧﯩﯔ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت –‬ ‫ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮى ﺳﯜرۈﺷﺘﻪ ﻛﯚرۈﻧﻪرﻟﯩﻚ رول ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻧﺪى . ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق زﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻼرﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮى‬ ‫ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﺶ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺑﯘ ﺟﺎﻳﻼردا ﻳﯧﯖﯩﭽﻪ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪر ﻣﻪﻳﺪاﻧﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎراﯕﻐﯘ ﺟﺎﮬﺎﻟﻪت دۇﻧﻴﺎﺳﯩﻐﺎ‬ ‫زەرﺑﻪ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪن .‬ ‫ﺋﯩﻠﻰ راﻳﻮﻧﯩﺪا ﺋﺎﻛﺎ – ﺋﯘﻛﺎ ﻣﯘﺳﺎﺑﺎﻳﻮۋﻻر 91 – ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼپ ﻏﯘﻟﺠﯩﺪا ﻳﯧﯖﯩﭽﻪ‬ ‫ﭘﻪﻧﻨﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺋﺎﭼﻘﺎﻧﺪى . ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺗﺎرﺗﯩﭗ 91 – ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮى ﻧﺎﺳﻮﮬﺎ داﻣﻮﻟﻼم ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘﻼر ،‬ ‫02 – ﺋﻪﺳﯩﺮدﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼپ ﺋﺎﺑﺪۇراﺧﻤﺎن ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى ، ﻣﻪﺳﯘم ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى ، ﺟﯩﺮﺟﯩﺲ ﮬﺎﺟﻰ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘﻼر‬ ‫ﻳﯧﯖﯩﭽﻪ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺋﯧﭽﯩﺸﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﯟەﺗﻜﻪﻧﺪى . ﻣﯘﺷﯘ ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ 02 – ﻳﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ م ﻏﯘﻟﺠﯩﺪا‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫7‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜزﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ﮬﻪۋەﺳﻜﺎر‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  8. 8. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮرﺧﯘن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﺎرﯨﺨﻰ ﺗﻮر ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ﮬﯚﺳﻪﻳﯩﻦ ﻳﯘﻧﯘﺳﻮۋ ، ﺳﺎﻟﯩﮫ ﺟﺎﻧﺒﺎي ﺑﺎﺑﺎﺟﺎﻧﻮۋ ، ﮬﯚﺳﻪﻳﯩﻦ ﺗﺎراﻧﻮۋ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﭙﻪرۋەر زاﺗﻼر . 0391‬ ‫– ﻳﻠﻼرﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪى ﻛﻪﻳﻨﯩﺪە ﺋﻪﻣﻪﺗﺨﺎن روزى ، ﺗﯧﻴﯩﭗ ﮬﺎﺟﻰ ﺳﺎﺑﯩﺘﻮۋ ، ﺋﺎﺑﺪۇرﯦﮭﯩﻤﺠﺎن ﮬﻪﺳﻪﻧﻮۋ ،‬ ‫رەﮬﯩﻤﺠﺎن ﺳﺎﺑﯩﺮ ﮬﺎﺟﻰ ، ﮬﻪﺳﯩﻨﻪم ﭘﺎﻟﺘﯩﺒﺎﻳﻮۋ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺋﯩﻠﻰ ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮى ﺋﯜﭼﯜن ، ﻳﯧﯖﯩﭽﻪ‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻗﯘرۇش ﺋﯜﭼﯜن ﻛﯚپ ﺋﻪﺟﯩﺮﻟﻪرﻧﻰ ﺳﯩﯖﺪۈردى . ﻏﯘﻟﺠﯩﺪا 0291 – ﻳﯩﻠﻼردﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،‬ ‫ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ 0391 – ﻳﯩﻠﻼردا ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﻣﺎﺋﺎرﯨﭙﭽﻰ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﻣﻪرۈپ ﺳﻪﺋﯩﺪﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﮕﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪە ﺗﯩﻠﻐﺎ‬ ‫ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﻪرزﯨﻴﺪۇ . ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﻣﺎﺋﺎرﯨﭙﭽﯩﻼردﯨﻦ داﻣﻮﻟﻼ رازﯨﻴﻮۋ ، ﮬﺎﺷﯩﻢ ﮔﯚﮬﻪر ﺑﺎﻗﻰ ، ﮬﺎﺷﯩﺮ رەززاﻗﻰ ،‬ ‫ﮬﯜﺳﻪﻳﯩﻦ ﺧﻪﻟﭙﻪﺗﻰ ) ﮬﯚﺳﻪﻳﯩﻦ ﺳﺎﻣﺴﺎق ( ، ﻳﺎرﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪت ﻣﻪﺧﺪۇم ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺋﯩﻠﻰ ﻣﺎﺋﺎرﯨﭙﻰ‬ ‫ﺋﯜﭼﯜن ﺗﯚﮬﭙﻪ ﻗﻮﺷﺘﻰ . ﺷﯘ ﻗﺎﺗﺎردا ﺋﺎﭘﺮﯦﻞ ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﺸﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﻮۋﯦﺖ‬ ‫ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺳﯘ راﻳﻮﻧﯩﺪا ﺋﯘﻳﻐﯘرﻻر ﺋﯜﭼﯜن ﻗﯘرۇﻟﻐﺎن ﺳﻮﭘﻰ زارۋاﺗﻮۋ ) ﺑﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﺳﻮۋﯦﺖ ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﻗﯘرۇﺷﺘﺎ‬ ‫ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﭗ ﻗﯘرﺑﺎن ﺑﻮﻟﻐﺎن ( ﻧﺎﻣﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘپ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺋﻮﺳﻤﺎن ﺋﻪﻳﺴﺎ ،‬ ‫ﺋﺎﺑﺪۇرﯦﮭﯩﻢ ﺋﻪﻳﺴﺎ ، ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺗﺠﺎن ﺗﯘردﯨﻴﻮۋ ، ﺳﯧﻠﯩﻢ ﺋﺎﺧﯘن ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى ، ۋﯦﻠﻪم ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى . ۋﯦﻠﻪم‬ ‫ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى ، ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺋﻪﻳﺴﺎ . ﺋﻪﻟﻰ ﺋﻪﻛﺒﻪر ، ﺋﯚﻣﻪرﺟﺎن ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪن زﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻼر ﺋﯩﻠﻰ‬ ‫ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﻗﻮﺷﯘﻧﯩﻐﺎ ﻗﻮﺷﯘﻟﺪى . ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯩﻠﻰ ﻣﺎﺋﺎرﯨﭙﯩﺪا ﺋﺎﻻﮬﯩﺪە ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯜﻛﺴﯩﻠﯩﺶ ۋەزﯨﻴﯩﺘﻰ ﺑﺎرﻟﯩﻘﻘﺎ‬ ‫ﻛﻪﻟﺪى .‬ ‫ﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎﺗﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪا ، ﺋﯩﻠﻰ ) ﻏﯘﻟﺠﺎ( ﺋﯘﻳﻐﯘرﻻرﻧﻰ ﺋﺎﺳﺎس ﻗﯩﻠﻐﺎن ، ﻛﯚپ ﻣﯩﻠﻠﻪت‬ ‫ﺗﻮﭘﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘراﻗﻼﺷﻘﺎن ﺟﺎي ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ، ﺗﯜرﻛﯩﻲ ﺗﯩﻞ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯚزﺋﺎرا ﺋﺎﻻﻗﻪ ،‬ ‫ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت – ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪا ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﺶ ، ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﺶ زور ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪى . ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻏﯘﻟﺠﺎ‬ ‫ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺗﺎﺗﺎر ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺳﻪۋﯨﻴﻪﺳﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪردﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘرﯨﺮاق ﺋﯩﺪى .‬ ‫ﺷﯘﻧﺪاﻗﻼ ﺗﺎﺗﺎر ﻗﯧﺮﯨﻨﺪاﺷﻼردﯨﻦ ﭼﻪت ﺋﻪﻟﻨﻰ ﻛﯚرﮔﻪن ، ﭼﻪﺗﯭﻟﺪە ﺋﻮﻗﻮپ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﻪرﻣﯘ ﻛﯚﭘﺮەك ﺋﯩﺪى .‬ ‫ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ ﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘر ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼپ ، ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻘﻘﺎ‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫8‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜزﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ﮬﻪۋەﺳﻜﺎر‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  9. 9. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮرﺧﯘن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﺎرﯨﺨﻰ ﺗﻮر ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﻪﺷﺘﻪ ﺋﯘﻻرﻧﯩﯔ روﻟﻰ ۋە ﺋﯩﻠﮭﺎم ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ زور ﺑﻮﻟﺪى . ﺑﯘﻧﻰ ﮬﻪرﮔﯩﺰ ﺋﯩﻨﻜﺎر ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ‬ ‫ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ . ﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮى ﺋﯜﭼﯜن ﺟﺎﭘﺎﻟﯩﻖ ﺋﻪﺟﯩﺮ ﺳﯩﯖﺪۈرﮔﻪن ، ﺋﺎﻻﮬﯩﺪە ﺗﯚﮬﭙﻪ ﻳﺎراﺗﻘﺎن‬ ‫ﻏﺎرﯨﭗ ﺋﻪﺑﺰى ، ﮬﻪﺑﯩﺐ ﻳﯘﻧﯘﭼﻰ ، ﻣﺎﻟﯩﻚ ﺑﯧﻜﺘﯧﻤﯩﺮوۋ ، ﭘﻪرﯨﺨﻪ ﺋﻪﻟﻰ ﺋﻪﻛﺒﻪروۋا ، رەﭘﯩﻖ ﺋﺎﺑﯩﺪى ، زەﻳﻨﻪپ‬ ‫ﺋﺎﺑﯩﺪى ، ﻣﺎﮬﯩﻨﯘر ﺳﯩﺮاﺟﯩﻴﯧﯟا ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﭘﯩﺸﻘﻪدەم ﺗﺎﺗﺎر ﻣﺎﺋﺎرﯨﭙﭽﻰ زﯨﻴﺎﻟﻠﯩﻴﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﮬﯚرﻣﻪت ﺑﯩﻠﻪن‬ ‫ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﻪرزﯨﻴﺪۇ . ﻳﺎﻟﻐﯘز ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﺳﯧﭙﯩﺪﯨﻼ ﺋﻪﻣﻪس . ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ، ﺗﻪﻧﺘﻪرﺑﯩﻴﻪ‬ ‫ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻤﯘ ﺗﺎﺗﺎر زﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮى زور ﺑﻮﻟﺪى .‬ ‫ﺋﯩﻠﻰ ) ﻏﯘﻟﺠﺎ( ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﻐﺎر زﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻼرﻧﯩﯔ ﺗﻮﭘﻼﺷﻘﺎن ﺋﻮرﻧﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﺪى . ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﯜچ ۋﯨﻼﻳﻪت‬ ‫دەۋرﯨﺪە ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﮬﻪرﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﻐﺎر ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯜزﻟﯩﮕﻪن زﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻼر ﻏﯘﻟﺠﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ‬ ‫ﺗﻮﭘﻼﺷﻘﺎﻧﺪى . ﻧﯩﻢ ﺷﯧﮭﯩﺖ ﺋﺎرﻣﯩﻴﻪ ﺋﯧﻠﻰ داﻣﻮﻟﻼﻣﺪﯨﻦ ﺗﺎرﺗﯩﭗ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻧﯘرﻏﯘن ﻳﺎزﻏﯘﭼﻰ ﺷﺎﺋﯩﺮ،‬ ‫ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼر ﺋﯩﻠﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺧﯩﺰﻣﻪت ﺋﯩﺸﻠﯩﺪى ، ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ‬ ‫ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ﺋﯜﭼﯜن ﺋﯚز ﺗﯚﮬﭙﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻮﺷﺘﻰ . 3391 – ﺋﺎﭘﺮﯦﻞ ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﺸﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ‬ ‫ﺋﯩﺸﻠﯩﺮى ﺑﯩﺮ ﻣﻪزﮔﯩﻞ ﻳﻪﻧﻰ ﺟﺎﻟﻼت ﺷﯧﯖﺸﯩﺴﻪي ﺳﺎﺧﺖ ﻧﯩﻘﺎﺑﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺗﺎﺷﻠﻐﺎﻧﻐﺎ ﻗﻪدەر ﺟﯘش ﺋﯘرۇپ‬ ‫راۋاﺟﻼﻧﺪى .‬ ‫6391 – ﺋﯩﻠﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﮔﯩﻤﻨﺎزﯨﻴﻪﺳﻰ ﻗﯘرۇﻟﯘپ ، ﮬﻪرﻣﯩﻠﻠﻪت ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘش ﺋﺎرزۇﺳﻰ‬ ‫ﻗﺎﻧﺪۇرۇﻟﺪى . ﺋﯜچ ۋﯨﻼﻳﻪت ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻐﯩﭽﻪ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﻗﺎرار ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ، ﺋﯩﻠﻰ ﺋﯜﭼﯜن ۋە‬ ‫ﭘﯜﺗﯜن ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯜﭼﯜن ﻳﯜزﻟﯩﮕﻪن زﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻼرﻧﻰ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜردى . ﻣﻪن ﺋﻪﺷﯘ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﮔﯩﻤﻨﺎزﯨﻴﻪﺳﯩﻨﯩﯔ 6 –‬ ‫ﻗﺎرارﻟﯩﻖ ﺳﯩﻨﯩﭙﯩﺪا )5 - ، 6 – ﻗﺎرارﻟﯩﻘﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﺪا ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪى ( ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﺪﯨﻢ .‬ ‫ﺋﯩﻠﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﮔﯩﻤﻨﺎزﯨﻴﻪﺳﯩﺪە 0491 – 1491 – ﺋﻮﻗﯘش ﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼپ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﻨﯩﭗ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺷﯩﻔﻪن‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫9‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜزﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ﮬﻪۋەﺳﻜﺎر‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  10. 10. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮرﺧﯘن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﺎرﯨﺨﻰ ﺗﻮر ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ﺳﯩﻨﯩﭙﻰ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻧﺪى . 8491 – ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎن ﻗﺎﺳﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻪﺷﯘ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر‬ ‫ﮔﯩﻤﻨﺎزﯨﻴﻪﺳﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪا » ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﺋﻮﺗﺘﯘرا دەرﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﯩﺴﻠﻪر ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜرۈش ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻳﯘرﺗﻰ «‬ ‫ﻗﯘرۇﻟﺪى . ﺑﯘ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻳﯘرﺗﯩﺪا ﺷﯩﻔﻪن ﻛﻪﺳﭙﻰ ، ﺋﺎﮔﺮاﻧﻮم ، ﭼﺎرۋﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ، ﻗﯘرۇﻟﯘش ، ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ – ﻗﺎﻧﯘن ،‬ ‫ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ – ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎد ﻛﻪﺳﯩﭙﻠﯩﺮى ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪى . ﺑﯘ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻳﯘرﺗﯩﺪا 71 ﺳﯩﻨﯩﭗ ﺑﻮﻟﯘپ ، 005 ﮔﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ‬ ‫ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﺑﺎر ﺋﯩﺪى . ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼر ﺋﯜچ ۋﯨﻼﻳﻪﺗﺘﯩﻦ ﻗﻮﺑﯜل ﻗﯩﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ . ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘرۇش‬ ‫ﺋﯜﭼﯜن ﻛﯜﭼﻠﯜك رەﮬﺒﻪرﻟﯩﻚ ﮔﯘرۇﭘﭙﯩﺴﻰ ﻗﯘرۇﻟﯘپ ، ﺗﺎﻻﻧﺘﻠﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼر ﺳﻪﭘﻠﻪﻧﮕﻪﻧﺪى . ﺑﻪزى ﻛﻪﺳﭙﻰ‬ ‫دەرﺳﻠﻪرﻧﻰ ﺋﯚﺗﯜﺷﻜﻪ ﺳﯩﺮﺗﺘﯩﻦ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﯩﺴﻠﻪر ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ .‬ ‫ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻳﯘرﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻪﯕﻼ ﺋﯩﻠﻰ ﺗﯩﺒﺒﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ ﻗﯘرۇﻟﺪى . ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻮۋﯦﺖ‬ ‫دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻧﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﯩﺴﻠﯩﺮى ، ﺷﯘﻧﺪاﻗﻼ ﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﻳﻪرﻟﯩﻚ دوﺧﺘﯘرﻻردﯨﻦ ﻧﯩﻐﻤﻪت‬ ‫ﺋﯩﻨﯫﻣﺠﺎﻧﻮۋ ، ﺷﺎﻣﯩﻞ دوﺧﺘﯘر ، ﺷﻪﭘﯩﻘﻪ ﺧﺎﻧﯩﻤﻼر دەرس ﺋﯚﺗﻪﺗﺘﻰ . ﺑﯘ ﺗﯩﺒﺒﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺋﺎزادﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،‬ ‫ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮم راﻳﻮﻧﻠﯘق ﺗﯩﺒﺒﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﺪى . 9491 – ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪا ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎن‬ ‫ﻗﺎﺳﯩﻤﻰ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ رەﮬﺒﻪرﻟﻪر ﺋﺎﻳﺮۇﭘﯩﻼن ﮬﺎدﯨﺴﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﺎزا ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﺋﯩﻠﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻳﯘرﺗﯩﻐﺎ »‬ ‫ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎن ﻗﺎﺳﯩﻤﻰ ﻧﺎﻣﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻳﯘرﺗﻰ « دەپ ﻧﺎم ﺑﯧﺮﯨﻠﺪى .‬ ‫ﺋﺎزادﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، 1591 – ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪا ﺳﺎﺑﯩﻖ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﺎرارى ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ‬ ‫ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﺷﯚﻳﯜەﻧﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ رەﺗﻜﻪ ﺳﯧﻠﯩﻨﯩﭗ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﺎﭘﺎﺳﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼش ، ﺋﺎزادﻟﯩﻘﻨﯩﯔ دەﺳﻠﯩﭙﯩﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﻛﺎدﯨﺮﻏﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪۇرۇش ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﺪە ﺋﯩﻠﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻳﯘرﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺧﺴﯘس ﻛﻪﺳﭙﻰ ﺳﯩﻨﯩﭗ‬ ‫ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮى ﺋﯜرۈﻣﭽﯩﮕﻪ – ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﺷﯚﻳﯜەﻧﯩﮕﻪ ﻳﯚﺗﻜﻪپ ﻛﯧﻠﯩﻨﺪى . ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻳﯘرﺗﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﯩﺒﺒﯩﻲ‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮى ﺑﻮﻟﺴﯘن ، ﺋﯜرۈﻣﭽﯩﮕﻪ ﻳﯚﺗﻜﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﺋﯘزۇن ﺋﯚﺗﻤﻪﻳﻼ ﺋﯘﻻر‬ ‫ﺧﯩﺰﻣﻪت ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯚﻟﻜﻪ داﺋﯩﺮﯨﺴﯩﺪە ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﻪ ﺗﻪﻗﺴﯩﻢ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﻮرۇﻧﻼﺷﺘﯘرۇﻟﺪى .‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫01‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜزﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ﮬﻪۋەﺳﻜﺎر‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  11. 11. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮرﺧﯘن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﺎرﯨﺨﻰ ﺗﻮر ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ﺷﯘﻧﻰ ﺟﻪزﯨﻤﻠﻪﺷﺘﯜرۈپ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪۇﻛﻰ ، ﮬﺎزﯨﺮ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮم راﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰدﯨﻜﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﻳﺎﺷﺘﯩﻦ ﮬﺎﻟﻘﯩﻐﺎن ﮬﻪر‬ ‫ﺳﺎﮬﻪدﯨﻜﻰ ﻳﯘﻗﯘرى ﺋﯘﻧﯟاﻧﻠﯩﻖ زﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻼرﻧﯩﯔ ﻣﯘﺗﻠﻪق ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﮔﯩﻤﻨﺎزﯨﻴﻪ ﮬﻪم ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻳﯘرﺗﯩﺪﯨﻦ‬ ‫ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﻪردۇر .‬ ‫ﺋﯜچ ۋﯨﻼﻳﻪت ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻰ ۋاﻗﺘﯩﺪا ﮬﻪرﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﻪڭ ﻛﯚﯕﯜل ﺑﯚﻟﯜﻧﮕﻪﻧﺪى .‬ ‫،‬ ‫ﻳﺎﻟﻐﯘز ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﯨﻼ ﺗﺎﺗﺎر ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ ، ﺋﯚزﺑﯧﻚ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ ، ﺋﯩﻠﻰ رۇس ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ ، ﺧﻪﻧﺰۇ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ‬ ‫ﺧﯘﻳﺰۇ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ ﻗﯘرۇﻟﻐﺎﻧﺪى ، ﺑﯘ ﻣﯩﻠﻠﻪت ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮى ﺋﯚز ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﯩﺪا دەرس ﺋﻮﻗﯘﻳﺘﺘﻰ . ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ،‬ ‫ﻗﺎزاق ، ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ، ﻣﻮﯕﻐﯘل ﻗﯧﺮﯨﻨﺪاﺷﻼرﻧﯩﯔ ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﺷﻰ ﺋﯜﭼﯜن ﻏﯘﻟﺠﯩﺪا ﻗﺎزاق ، ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼرﻧﯩﯔ‬ ‫ﻳﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮى ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪى ، ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪرﮔﻪ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪە ﻏﻪﻣﺨﻮرﻟﯘق ﻗﯩﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ . ﺋﯜچ‬ ‫ۋﯨﻼﻳﻪت ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻰ ۋاﻗﺘﯩﺪا ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘش ﺗﯜزۈﻣﻰ ، ﺗﻪرﺗﯩﭗ – ﺋﻪﺧﻼق ﺗﯜزۈﻣﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﻛﯜﭼﻠﯜك‬ ‫ﺑﻮﻟﯘپ ، ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ، ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼرﻏﺎ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﻮﻳﯘﻻﺗﺘﻰ . ﺋﻮﻗﯘﺗﯘش ﭘﺮوﮔﯩﺮاﻣﻤﯩﺴﻰ ، ﺋﻮﻗﯘﺗﯘش‬ ‫ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﺮى ﻣﻪۋﺳﯜم ، ﭼﺎرەﻛﻠﻪراﮔﻪ ﺑﯚﻟﯜﻧﯜپ ﺗﯜزۈﻟﻪﺗﺘﻰ . ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺋﯩﺶ ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﺮى ﻛﻮﻧﻜﯩﺮﯨﺖ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﭗ ،‬ ‫ﺋﯚز ۋاﻗﺘﯩﺪا ﺋﻮرۇﻧﺪﯨﻠﯩﭗ ﺗﯘراﺗﺘﻰ . ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪردە ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜزﻟﯜك ﺑﻪش ﻧﻮﻣﯘر ﻗﻮﻳﯘش ﺗﯜزۈﻣﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻼﺗﺘﻰ .‬ ‫ﺋﻮﻗﯘﺗﯘش ﭘﯩﺮوﮔﯩﺮاﻣﻤﯩﺴﻰ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﺳﻮۋﯦﺖ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ دەرﺳﻠﯩﻚ ﭘﯩﺮوﮔﯩﺮاﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪا‬ ‫ﺗﯜزۈﻟﻪﺗﺘﻰ . ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯜچ ۋﯨﻼﻳﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘش ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺧﯧﻠﻰ ﻳﯘﻗﯘرى ﺋﯩﺪى .‬ ‫ﺋﯚز ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻤﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﭼﻜﻪ ، ﺷﯘﻧﻰ ﻛﯧﺴﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﺎﻻﻳﻤﻪﻧﻜﻰ ، ﺋﺎزادﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﺎﻛﻰ 6591 –‬ ‫ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜرﮔﻪن ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼردﯨﻦ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎن ﺳﻮﺋﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ) ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ‬ ‫ﭘﻪﻧﻠﻪردﯨﻦ ( ﺳﺎﺑﯩﻖ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻜﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮاﺗﺘﻰ ۋە ﺷﯘ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎن‬ ‫ﺋﯧﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ . ﺷﯘﯕﺎ ﺋﺎزادﻟﯩﻘﻨﯩﯔ دەﺳﻠﯩﭙﯩﺪە ﺋﯜچ ۋﯨﻼﻳﻪت ﮬﻪم ﺋﯜرۈﻣﭽﻰ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼردﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫11‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜزﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ﮬﻪۋەﺳﻜﺎر‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  12. 12. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮرﺧﯘن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﺎرﯨﺨﻰ ﺗﻮر ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ﻣﺎﺋﺎرﯨﭙﻨﯩﯔ ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﻳﯘﻗﯘرى ﺋﯩﺪى . ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪت ﺑﻮﻳﯩﭽﯩﻤﯘ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺋﻮرۇﻧﺪا ﺗﯘراﺗﺘﻰ . ﺑﯘ ﺑﯩﺮ‬ ‫ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺋﻪﮬﯟال ﺑﻮﻟﯘپ ، ﺑﯘﻧﻰ 6591 – ﻳﯩﻠﻰ ﻳﻮﻟﺪاش ﻟﻴﯘ ﺷﺎۋ ﭼﻰ ﭘﺎرﺗﯩﻴﯩﻨﯩﯔ 8 – ﻗﯘرۇﻟﺘﯩﻴﯩﺪا‬ ‫ﻣﯘﻗﯩﻤﻼﺷﺘﯘرﻏﺎﻧﺪى .‬ ‫ﺋﯜچ ۋﯨﻼﻳﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﯘﻧﺪاق ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯜچ ۋﯨﻼﻳﻪت‬ ‫رەﮬﺒﻪرﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﯜل ﺑﯚﻟﯜﺷﻰ ، ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﮬﻪر دەرﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﺋﻮرۇﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺷﻘﺎ ﻳﯜزﻟﯩﻨﯩﭗ‬ ‫ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ، ﺗﯜزۈﻣﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ ﻗﺎرﯨﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ . ﻣﻪن ﻗﯩﺴﻘﯩﻼ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﻠﻰ ۋﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﺑﺎﺷﻘﺎرﻣﺎ ) ﺋﯩﺪارە ( ﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﯩﻲ ﺋﺎﭘﭙﺎرات ﺋﻪﮬﯟاﻟﯩﻨﻰ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ‬ ‫ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘرۇپ ﺋﯚﺗﻪي : ﺋﯜچ ۋﯨﻼﻳﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت – ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻧﺎزﯨﺮ ﺳﻪﻳﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪزﯨﺰى‬ ‫ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜزﻟﯜك رەﮬﺒﻪرﻟﯩﻚ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ ، ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺑﺎﺷﻘﺎرﻣﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺋﻪﻧﯟەر ﺧﺎﻧﺒﺎﺑﺎ ﺋﯩﺪى . ﺑﺎﺷﻘﺎرﻣﺎ‬ ‫ﺗﻪۋەﻟﯩﻜﯩﺪە ﻛﺎﺗﯩﺒﺎت ﺑﯚﻟﯜﻣﻰ ، ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪر ﺑﯚﻟﯜﻣﻰ ، ﻛﺎدﯨﺮﻻر ﺑﯚﻟﯜﻣﻰ ، ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﺑﯚﻟﯜﻣﻰ ، ﭘﯩﺪاﮔﻮﮔﯩﻜﺎ‬ ‫ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ﺑﺎر ﺋﯩﺪى ، ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪر ﺑﯚﻟﯜﻣﻰ ﻗﺎرﯨﻤﯩﻘﯩﺪا ﺋﯩﻨﺴﭙﯩﻜﺘﻮرﻻر ) ﻣﯘﭘﻪﺗﺘﯩﺸﻠﻪر ( ﻛﻮﻟﻠﯩﮕﯧﻴﯩﺴﻰ ﺑﺎر‬ ‫ﺋﯩﺪى . ﺧﻪﻧﺰۇ ، ﺷﯩﺒﻪ ، رۇس ، ﻣﻮﯕﻐﯘل ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮى ﺋﯜﭼﯜن ﺷﯘ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻣﻪﺧﺴﯘس ﻣﯘﭘﻪﺗﺘﯩﺸﻠﻪر‬ ‫ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻧﺪى . ﻣﻪن ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪرﮔﻪ ﻣﻪﺳﯱل ﺋﯩﺪﯨﻢ . ﮬﻪر ﺑﯩﺮ ﻣﯘﭘﻪﺗﺘﯩﺸﻜﻪ ﺑﯩﺮدﯨﻦ ﺋﯩﮕﻪر‬ ‫– ﺗﻮﻗﯘﻣﻠﯘق ﻳﺎراﻣﻠﯩﻖ ﺋﺎت ﺗﻪﻳﻴﺎر ﺋﯩﺪى ، ﺋﯘﻻر ﮬﻪر ﺋﯩﻜﻜﻰ ﮬﻪﭘﺘﯩﺪە ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪرﻧﻰ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ‬ ‫ﻛﯧﻠﻪﺗﺘﻰ . ﻣﻪﻧﻤﯘ ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ 52 ﻛﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﭼﯩﻘﺎﺗﺘﯩﻢ .‬ ‫ﻣﯘﭘﻪﺗﺘﯩﺸﻠﻪر ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﻪﻛﺸﯜرۈپ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﺗﻪﻛﺸﯜرۈش ﺋﻪﮬﯟاﻟﯩﺪﯨﻦ دوﻛﻼت ﺗﻪﻳﻴﺎرﻻﻳﺘﺘﻰ‬ ‫، ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﺑﺎﺷﻘﺎرﻣﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪا ﺗﻪﻛﺸﯜرۈش ﺋﻪﮬﯟاﻟﻰ دوﻛﻼت ﻗﯩﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ ، ﻳﯩﻐﯩﻨﺪا ﺳﻮﺋﺎﻟﻼر‬ ‫ﻗﻮﻳﯘﻻﺗﺘﻰ ، ﻣﯘزاﻛﯩﺮە ﻗﯩﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ ، ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪا ﺑﯘ دوﻛﻼت ﺗﯜزﯨﺘﯩﻠﯩﭗ ﮔﯧﺰﯨﺘﺘﻪ ﺋﯧﻼن ﻗﯩﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ .‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫21‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜزﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ﮬﻪۋەﺳﻜﺎر‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  13. 13. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮرﺧﯘن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﺎرﯨﺨﻰ ﺗﻮر ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪا ﻣﯘﻧﺪاق ﺑﯩﺮ ﺋﻪﮬﯟال ﻳﯜز ﺑﻪرﮔﻪﻧﺪى : 8491 – ﻳﯩﻠﻰ ﻧﯩﻠﻘﺎ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪﺳﯩﮕﻪ ﺑﺎرﻏﺎن ﻣﯘﭘﻪﺗﺘﯩﺶ ﻧﯩﻠﻘﺎ‬ ‫ﻧﺎﮬﯩﻴﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﺋﻪﮬﯟاﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪزى ﻛﻪﻣﭽﯩﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯧﺰﯨﺪۇدە ، ﻳﯩﻐﯩﻨﺪا دوﻛﻼت ﻗﯩﻠﯩﺪۇ ، ﺑﯘ‬ ‫ﺋﻪﮬﯟال ﮔﯧﺰﯨﺘﺘﻪ ﺋﯧﻼن ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﻧﯩﻠﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﻨﻰ ۋاﻗﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﮬﺎﻛﯩﻤﻰ ﻓﺎﺗﯩﺦ ﻣﯘﺳﻠﯩﻤﻮۋ ) ﺋﯜچ‬ ‫ۋﯨﻼﻳﻪت ﺑﺎﺗﯘرﻟﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮى ( ﺑﯘ دوﻛﻼﺗﻨﻰ ﮔﯧﺰﯨﺘﺘﯩﻦ ﻛﯚرۈپ ، ﺧﺎﭘﺎ ﺑﻮﻟﯘپ : » ﺋﻪﺷﯘ ﻣﯘﭘﻪﺗﺘﯩﺶ ﺋﻪﻣﺪى‬ ‫ﻧﯩﻠﻘﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﻣﺎزار ) ﺳﯘﻟﺘﺎن ﺋﯘۋەﻳﺲ ﻣﺎزﯨﺮى ( دﯨﻦ ﺋﯚﺗﺴﯩﻼ ﺋﺎﺗﯩﻤﻪن « دەپ ﺗﻪﮬﺪﯨﺖ‬ ‫ﺳﺎﻟﻐﺎﻧﺪى . ﺑﯘ ﻣﻪﭘﻪﺗﺘﯩﺶ ﻗﻮرﻗﻘﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻣﻪزﮔﯩﻞ ﻧﯩﻠﻘﯩﻐﺎ ﺑﺎراﻟﻤﯩﻐﺎن .‬ ‫دﯦﻤﻪك ، ﻣﺎﺋﺎرﯨﭙﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘش ﺷﯘﻧﺪاق ﭼﯩﯔ ، ﻣﻪﺳﯱﻟﯩﻴﻪت ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﺷﯘﻧﺪاق ﻛﯜﭼﻠﯜك ﺋﯩﺪى . ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ‬ ‫ﺑﺎﺷﻘﺎرﻣﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﻪﻧﺰﯨﺴﻰ ﺋﯩﺨﭽﺎم ، ﻳﯩﻐﯩﻨﭽﺎق . ﭼﺎﻗﻘﺎن ﺑﻮﻟﯘپ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪي ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺷﻘﺎ ﻳﯜزﻟﻪﻧﮕﻪن ،‬ ‫ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ، ﻛﺎدﯨﺮﻟﯩﺮى ﺧﯩﻞ ، ﻛﯜﭼﻠﯜك ، ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻼﺷﻘﺎن ﺑﻪﻧﺰە ﺋﯩﺪى .‬ ‫ﺋﯜچ ۋﯨﻼﻳﻪﺗﺘﻪ ﮬﻪر ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻗﯘش ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﻘﺎﻧﺪا ، ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘش ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺧﯘﻻﺳﯩﻼش‬ ‫ﻳﯩﻐﯩﻨﻠﯩﺮى ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘراﺗﺘﻰ. ﻧﻪﻣﯘﻧﯩﻠﯩﻚ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ، ﻣﯘدﯨﺮ ۋە ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼر ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻟﯩﻨﻪﺗﺘﻰ ، ﺧﯩﺰﻣﻪت ،‬ ‫ﺋﯩﺶ ﮬﻪﻗﻘﻰ دەرﯨﺠﯩﺴﻰ ﺋﯚﺳﺘﯜرۈﻟﻪﺗﺘﻰ . ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼرﻧﯩﯔ ﺋﯩﺶ ﮬﻪﻗﻘﯩﻨﻰ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﺸﺘﻪ ﺷﯘ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺑﯩﻠﯩﻤﻰ ) ﺋﻮﻗﯘش ﺗﺎرﯨﺨﻰ ( ، ﺳﯩﺘﺎژى ﺗﻮﻟﯘق ﮬﯩﺴﺎﺑﻘﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ . ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪردە ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜزﻟﯜك‬ ‫ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼرﻧﻰ ﮬﯚرﻣﻪﺗﻠﻪش ، ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼرﻧﻰ ﺳﯚﻳﯜش ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻧﺪى . ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼرﻏﺎ ﺗﻪن ﺟﺎزاﺳﻰ‬ ‫ﺑﯧﺮﯨﺶ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪي ﻣﻪﻧﺌﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪى .‬ ‫ﻣﻪﻧﺒﻪ : ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺗﻪزﻛﯩﺮﯨﺴﻰ ژورﻧﯩﻠﻰ 5991 – ﻳﯩﻞ ، 1 – ﺳﺎن .‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫31‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜزﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ﮬﻪۋەﺳﻜﺎر‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  14. 14. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮرﺧﯘن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﺎرﯨﺨﻰ ﺗﻮر ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ﺗﯜﮔﯩﺪى‬ ‫ﺑﺎﻳﺎﻧﺎت : ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻮﻏﻠﻰ --- ﮬﻪۋەﺳﻜﺎر ﺗﯜزﮔﻪن ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﭘﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻟﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﺎﭘﺘﯘرﻟﯘق ﮬﯘﻗﯘﻗﻰ ﺗﻮردﯨﻜﻰ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﺎﭘﺘﯘرﻏﺎ ﻣﻪﻧﺴﯘپ ! ﺑﯘ ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﭘﻼر ﭘﻪﻗﻪت ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﯩﺮﺗﻘﻰ‬ ‫ﻗﯩﺰﯨﻘﻘﯘﭼﯩﻼرﻧﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘپ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ، ﺋﯚز-ﺋﺎرا ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘرۇش ﺋﯘﭼﯘﻧﻼ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺑﯘﻟﯩﺪۇ ،‬ ‫ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮت ﺳﻮدا ﺋﯩﺸﻠﯩﺮى ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﺎﮬﻪدە ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ . ﺋﻪﮔﻪر ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﺎﮬﻪﻟﻪردە‬ ‫ﻗﺎﻧﯘﻧﺴﯩﺰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭗ ﺑﯩﺮەر ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﻛﯚرۈﻟﺴﻪ ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﺋﺎﻗﯩﯟەﺗﻜﻪ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﯜﭼﻰ ﺋﯚزى ﻣﻪﺳﯯل !!!‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻮﻏﻠﻰ --- ﮬﻪۋەﺳﻜﺎر ﺑﯘ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪاق ﻣﻪﺳﯯﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯚز ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪۇ !!!!‬ ‫ﺋﻪﮔﻪر ﺋﺎﭘﺘﯘرﻟﯘق ﮬﯘﻗﯘﻗﯘﻣﻐﺎ دەﺧﻠﻰ ﻳﻪﺗﺘﻰ دﯦﮕﯜﭼﯩﻠﻪر ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯩﯟاﺳﺘﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻮﻏﻠﻰ --- ﮬﻪۋەﺳﻜﺎر‬ ‫ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﻻﻗﯩﻼﺷﺴﺎ ﺑﯘﻟﯩﺪۇ . ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﭘﻼر ﺗﻮردا ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﺷﺘﯩﻦ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﻠﯩﺪۇ !!!!!‬ ‫ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻪﮔﻪر ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻮﻏﻠﻰ --- ﮬﻪۋەﺳﻜﺎر ﺗﯜزﮔﻪن ﺋﯧﻠﯩﻜﯩﺘﺎﭘﻼرﻏﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪن ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق‬ ‫ﭘﯩﻜﯩﺮ-ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻮﻏﻠﻰ ---- ﮬﻪۋەﺳﻜﺎر ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﯟاﺳﺘﻪ ﺋﺎﻻﻗﯩﻼﺷﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯩﺪۇ .‬ ‫8002 -ﻳﯩﻠﻰ 2-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 01-ﻛﯜﻧﻰ‬ ‫ﺷﻪﻧﺪۇڭ---ﺟﯩﻨﻪن‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫41‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜزﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ﮬﻪۋەﺳﻜﺎر‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬

×