Muwapiqiyetinig yengi tenglimisi
Upcoming SlideShare
Loading in...5
×
 

Like this? Share it with your network

Share

Muwapiqiyetinig yengi tenglimisi

on

  • 397 views

 

Statistics

Views

Total Views
397
Views on SlideShare
397
Embed Views
0

Actions

Likes
0
Downloads
4
Comments
0

0 Embeds 0

No embeds

Accessibility

Categories

Upload Details

Uploaded via as Adobe PDF

Usage Rights

© All Rights Reserved

Report content

Flagged as inappropriate Flag as inappropriate
Flag as inappropriate

Select your reason for flagging this presentation as inappropriate.

Cancel
  • Full Name Full Name Comment goes here.
    Are you sure you want to
    Your message goes here
    Processing…
Post Comment
Edit your comment

Muwapiqiyetinig yengi tenglimisi Document Transcript

  • 1. ‫ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ‬ ‫ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﺗﻪﯕﻠﯩﻤﯩﺴﻰ‬ ‫ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﺗﻪﯕﻠﯩﻤﯩﺴﻰ‬ ‫ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ‬ ‫7002-ﻳﯩﻠﻰ62-ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ‬ ‫ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﯞﻩﺗﻪﻧـﺪﯨﻦ ﻣﺎﯕـﺎ ﺋـﯧﻠﺨﻪﺕ ﻳﯧﺰﯨـﭗ، ﻣﻪﻧـﺪﯨﻦ ﻣﻪﺳـﻠﯩﮫﻪﺕ ﺳـﻮﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐـﯘﺭ ﻳﺎﺷـﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩـﺪﻩ،‬ ‫ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻛﯘﺭﺱ ﺋﻮﻗﯘﺷـﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﻠﯩـﻢ ﻗﻮﺭﯗﻟﯘﺷـﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷـﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ،‬ ‫ﺷﯘ ﺋﺎﺳﺎﺳﺘﺎ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜـﻰ ﮬﺎﻳـﺎﺗﻰ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﻧـﯧﻤﻪ ﻛﻪﺳـﯩﭙﻨﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩـﺴﺎ ﻳﺎﺧـﺸﻰ ﺑﻮﻟﯩـﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ‬ ‫ﺳﻮﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩـﭗ ﻣﯧﯖﯩﯟﺍﺗﯩـﺪﯗ. ﺋﯚﻣﯜﺭﻟـﯜﻙ ﻛﻪﺳـﯩﭙﻨﻰ ﻗﺎﻧـﺪﺍﻕ ﺗـﺎﻟﻼﺵ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩـﺴﻰ ﺑﯩـﺮ ﺋﯩﻨﺘـﺎﻳﯩﻦ‬ ‫ﻣ ـﯘﺭﻩﻛﻜﻪﭖ ﻣﻪﺳ ـﯩﻠﯩﺪﯗﺭ. ﻣﻪﺳ ـﯩﻠﻪﻥ، ﻣﻪﻧ ـﺪﯨﻦ ﻣﻪﺳ ـﻠﯩﮫﻪﺕ ﺳ ـﻮﺭﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﺷ ـﻼﺭ ﺗﯩﻠﻐ ـﺎ ﺋﺎﻟﻐ ـﺎﻥ ﻛﻪﺳ ـﯩﭙﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﯩﺰﯨ ـﭗ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻛﻪﻡ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺗﯜﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ:‬ ‫٭ ﺋﯚﺯﻯ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﻪﺳﯩﭗ‬ ‫٭ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﻪﺳﯩﭗ‬ ‫٭ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﻪﺳﯩﭗ‬ ‫٭ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﻪﺳﯩﭗ‬ ‫٭ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﭘﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﻪﺳﯩﭗ‬ ‫٭ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﭘﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﻪﺳﯩﭗ‬ ‫٭ ﯞﻩﺗﻪﻧﺪﻩ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﻪﺳﯩﭗ‬ ‫٭ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﺪﻩ ﺋﺎﺳﺎﻧﺮﺍﻕ ﺟﺎﻥ ﺑﺎﻗﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﻪﺳﯩﭗ‬ ‫٭ ﺑﺎﻱ ﺑﻮﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﻪﺳﯩﭗ‬ ‫٭ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ‬ ‫ﻣﻪﻥ ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺋﯚﺯﯛﻣﺪﯨﻦ ﺑﯘ ﮬﻪﻗـﺘﻪ ﻣﻪﺳـﻠﯩﮫﻪﺕ ﺳـﻮﺭﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﺷـﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﻧﺎﺋﻪﺗﻠﯩﻨﻪﺭﻟﯩـﻚ ﺟـﺎﯞﺍﺏ ﺑﯧـﺮﻩﻟﻤﻪﻱ ﻛﻪﻟـﺪﯨﻢ.‬ ‫ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯜﻡ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻳﯧﺮﯨﻢ .ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻤﺪﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﺑﺎﺭ.‬ ‫ﺑﯩﺮﺳﻰ، ﻣﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ--ﺑﯘ ﻳﯩﻞ ﻳﺎﺯﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﯞﻩﺯﯨﭙﻪﻡ‬ ‫ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﺋﯧﻐﯩﺮﻻﺷﺘﻰ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯚﻣﯜﺭﻟـﯜﻙ ﻛﻪﺳـﯩﭙﻨﻰ ﻗﺎﻧـﺪﺍﻕ ﺗـﺎﻟﻼﺵ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩـﺴﻰ ﺑﯩـﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩـﯔ ﻗﺎﻧـﺪﺍﻕ‬ ‫1‬
  • 2. ‫ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ‬ ‫ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﺗﻪﯕﻠﯩﻤﯩﺴﻰ‬ ‫ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯚﺯ ﺋﯚﻣﺮﯨﻨﻰ ﺧﯘﺷﺎﻝ، ﺑﻪﺧﺘﻠﯩﻚ، ﻣﻪﻧﯩﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯚﺗﻜـﯜﺯﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩـﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺩﺍﺋﯩـﺮ ﺑﯩـﺮ‬ ‫ﭼﻮﯓ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻛﻪﺳﯩﭙﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﺎﻟﻼﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﯘ ﺗﺎﺭﻣﺎﻕ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺷﺘﯩﻦ‬ ‫ﺑﯘﺭﯗﻥ، ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋـﯚﺯ ﮬﺎﻳـﺎﺗﯩﻨﻰ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﯩـﻚ ﮬﺎﻳـﺎﺕ، ﺋـﯚﺯﻯ ﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﻐـﯘﺩﻩﻙ ﮬﺎﻳـﺎﺕ ﻗﯩﻠﯩـﭗ‬ ‫ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﻩﻟﯩـﺸﻰ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﻗﺎﻧـﺪﺍﻕ ﺷـﻪﺭﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻟﯩـﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻛﻠﯩﻜـﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩـﺴﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷـﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ ﺋﯚﺗﯜﺷـﻜﻪ ﺗـﻮﻏﺮﺍ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ﻛﯧﻠﻪﺗﺘﻰ. ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﻰ ﮬﻪﺭ ﺑﯩـﺮ ﻳﺎﺷـﻘﺎ ﺋـﺎﻳﺮﯨﻢ-ﺋـﺎﻳﺮﯨﻢ ﭼﯜﺷـﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ ﺟـﺎﯞﺍﺏ ﺧﻪﺕ ﻳﯧـﺰﯨﺶ ﺋﯩﻤﻜـﺎﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻢ‬ ‫ﻳﻮﻕ. ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ، ﺋﯘﺷﺒﯘ ﻳﺎﺯﻣﯩﻨﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﺵ ﻗﺎﺭﺍﺭﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ. ﺑﯘ ﻳﺎﺯﻣﺎ ﺟﻪﻣﺌﯩﻲ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺑﯚﻟـﯜﻡ ﺑﻮﻟـﯘﭖ، ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﯩـﺴﻰ‬ ‫ﺋﯘﻧﯩﯔ 1-ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ .ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﻩ ﺑﯘ ﺑﯚﻟﯜﻣﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﻳﻤﻪﻥ.‬ ‫ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺗﻪﺧﻤﯩـﻨﻪﻥ 52 ﻳﯩـﻞ ﺑـﯘﺭﯗﻥ، ﻳﻪﻧـﻰ 2891-ﻳﯩﻠـﻰ، ﻣﻪﻥ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻨﯩـﯔ ﻣﯘﻧـﺪﺍﻕ ﺑﯩـﺮ ﺗﻪﯕﻠﯩﻤﯩـﺴﯩﻨﻰ‬ ‫ﺗﯜﺯﯛﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ:‬ ‫ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ = ﺗﺎﻻﻧﺖ + ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻖ + ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ‬ ‫1( ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ‬ ‫»ﺑﯩﻠﯩــﯟﺍﻝ« ﺗــﻮﺭ ﺑﯧﺘﯩﻨﯩــﯔ ﻣﻪﻥ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺋﯚﺗﻜــﯜﺯﮔﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜــﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩــﻖ ﻳﺎﺯﻣــﺎ ﺳــﯚﮬﺒﯩﺘﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﻣﯧﻨﯩــﯔ ﻗﯩــﺴﻘﯩﭽﻪ‬ ‫ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﮫـﺎﻟﯩﻤﻨﻰ ﺋﻮﻗـﯘﭖ ﺑﺎﻗﻘـﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩـﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩـﺴﻰ ﻳـﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺗﻪﯕﻠﯩﻤﯩﻨـﻰ ﺑـﯘﺭﯗﻥ ﻛـﯚﺭﯛﭖ ﺑﺎﻗﻘـﺎﻥ. ﻣﻪﻥ‬ ‫ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺗﻪﯕﻠﯩﻤﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺗـﺎﻛﻰ ﺋـﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛـﺘﻪﭖ ﺋﻮﻗﯘﺷـﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧـﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜـﻰ‬ ‫ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺳﻪﺭﮔﯜﺯﻩﺷﺘﻠﯩﺮﯨﻢ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ﺗﯜﺯﯛﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ. ﺑـﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ﺩﻩﯞﺭﯨﻤـﺪﻩ ﻣﻪﻥ ﺋـﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨـﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﺩﯦﮫﻘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﭖ ﺳﯧﻠﯩـﺸﺘﯘﺭﺍﺗﺘﯩﻢ. ﺑﻪﺯﻯ ﺋﯩـﺸﻼﺭﺩﺍ ﻣﻪﻥ ﺋـﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺳـﻪﻝ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻘـﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟـﺴﺎﻣﻤﯘ،‬ ‫ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﺍ ﺋﯘﻻﺭ ﻣﺎﯕﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﻛﯚﭖ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤـﯘ ﺋﯧﺘﯩﺰﻟﯩـﻖ ﺋﯩـﺸﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﯞﻩ ﺑﯘﺯﯗﻟـﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐـﺎﻥ‬ ‫ﻳﯧﺰﺍ ﺳﺎﻳﻤﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﺳﺎﺵ ﻗﺎﺗـﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩـﺸﻼﺭﺩﺍ ﺋـﯘﻻﺭ ﻣﺎﯕـﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧـﺪﺍ ﺧﯧﻠـﻰ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩـﻖ، ﭼﺎﻗﻘـﺎﻥ ﯞﻩ ﻗـﻮﻟﻰ ﺋﻪﭘﻠﯩـﻚ‬ ‫ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻏـﺎ ﺋﯩﻨﺘـﺎﻳﯩﻦ ﻗﺎﻳﯩـﻞ ﺋﯩـﺪﯨﻢ. ﻣﻪﻥ ﺋـﯚﺯ-ﺋﯚﺯﯛﻣـﺪﯨﻦ ﻣﯘﻧـﺪﺍﻕ ﺳـﻮﺋﺎﻟﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩـﻖ ﺳـﻮﺭﺍﭖ ﺗـﯘﺭﺍﺗﺘﯩﻢ:‬ ‫»ﺩﯦﮫﻘﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻧﺪﻩﻙ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯜﭖ ﭘﻪﺭﻗﻰ ﻧﻪﺩﻩ؟« ﺑﺎﺭﺍ-ﺑﺎﺭﺍ ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜـﻰ ﺋﻪﯓ ﭼـﻮﯓ‬ ‫ﭘﻪﺭﻗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﻮﻗـﯘﺵ ﭘﯘﺭﺳـﯩﺘﻰ، ﻣﻪﻛـﺘﻪﭖ ﺳـﯜﭘﯩﺘﻰ، ﺑـﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ﺩﻩﯞﺭﯨـﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩـﭗ ﺋﺎﯕﻼﻳـﺪﯨﻐﺎﻥ،‬ ‫ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ، ﯞﻩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﭘﻪﺭﻗﻠﻪﺭﺩﯨـﻦ ﺋﯩﺒـﺎﺭﻩﺕ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨـﻰ، ﻳﻪﻧـﻰ ﭘﯘﺭﺳـﻪﺕ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜـﻰ ﭘﻪﺭﻕ‬ ‫ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﭗ ﻳﻪﺗﺘﯩﻢ.‬ ‫ﻣﻪﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨـﻰ ﭘﯜﺗﺘـﯜﺭﯛﭖ، ﻳﯧﺰﯨـﺪﺍ ﻗﺎﻳﺘـﺎ ﺗﻪﺭﺑﯩـﻴﻪ ﺋﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧـﺪﺍ، ﺑﯩـﺮ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﯧﻴﯩﻐـﺎ 02 ﺳـﻮﻣﺪﯨﻦ ﻛـﯚﭘﺮﻩﻙ‬ ‫2‬
  • 3. ‫ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ‬ ‫ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﺗﻪﯕﻠﯩﻤﯩﺴﻰ‬ ‫ﻣﺎﺋﺎﺵ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﭽﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﺋﯚﺯﯛﻡ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻏﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯩﻜﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ. ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺑﯩﺰ‬ ‫ﺋﯜﭼ ـﯜﻥ ﺋﯘﻧﯩﯖ ـﺪﯨﻦ ﭼ ـﻮﯕﺮﺍﻕ ﺋﯩ ـﺸﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺯﻟﻪﺷ ـﻨﻰ ﺗﻪﺳ ـﻪﯞﯞﯗﺭ ﻗﯩﻠﯩ ـﺶ ﻣ ـﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩ ـﺪﻯ. ﺋﺎﻟ ـﺪﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ﺑﯩ ـﺰ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ﺗﺎﻟﻼﻳـﺪﯨﻐﺎﻧﻐﺎ ﺋﯘﻧﯩﯖـﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷـﻘﺎ ﻳـﻮﻝ ﻳـﻮﻕ ﺋﯩـﺪﻯ. ﺩﯦـﯔ ﺷـﻴﺎﯞﭘﯩﯔ ﺋـﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛـﺘﻪﭘﻜﻪ ﺋﻮﻗﯘﻏـﯘﭼﻰ ﻗﻮﺑـﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩـﺶ‬ ‫ﺋﯩﻤﺘﯩﮫــﺎﻥ ﺑﯧــﺮﯨﺶ ﺋﯜﭼــﯜﻥ ﺑﯩــﺰ ﺑــﯘﺭﯗﻥ ﺗﻪﺳــﻪﯞﯞﯗﺭ‬ ‫ﺗــﯜﺯﯛﻣﯩﻨﻰ ﺋﯩــﺴﻼﮪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧــﺪﯨﻦ ﻛﯧــﻴﯩﻦ، ﺋــﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛــﺘﻪﭘﻜﻪ‬ ‫ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﭘﻪﯞﻗﯘﻟﺌﺎﺩﺩﻩ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﯞﯨﻼﻳﻪﺗـﺘﻪ ﻳـﺎﻛﻰ‬ ‫ﻧﺎﮬﯩﻴﯩـﺪﻩ ﺋﯩـﺸﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩـﺸﭽﻰ ﻳـﺎﻛﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽـﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺋـﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛـﺘﻪﭖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩـﺴﻰ ﺑﻮﻻﻟﯩـﺪﯨﻢ. ﺑـﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ‬ ‫ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﻣﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﭼﻮﯓ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﮬﺎﺯﯨﺮﻣﯘ ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺋـﯚﺯ-ﺋﯚﺯﯛﻣـﺪﯨﻦ: »ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺷـﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩـﻖ‬ ‫ﺋﯩ ـﺴﻼﮬﺎﺕ ﻳ ـﯜﺯ ﺑﻪﺭﻣﯩ ـﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟ ـﺴﺎ، ﻣﻪﻥ ﮬ ـﺎﺯﯨﺮ ﻧﻪﺩﻩ ﻧ ـﯧﻤﻪ ﺋﯩ ـﺶ ﻗﯩﻠﯩ ـﭗ ﻳ ـﯜﺭﮔﻪﻥ ﺑ ـﯘﻻﺗﺘﯩﻢ-ﮬﻪ؟« ﺩﻩﭖ ﺳ ـﻮﺭﺍﭖ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ﻗﻮﻳﯩﻤﻪﻥ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﯧﺰﯨﻼﺭﺩﺍ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻧﺎﮬـﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﯩﺮﯨـﺸﭽﺎﻥ ﻳـﺎﺵ-ﺋﯚﺳـﻤﯜﺭﻟﻪﺭ ﺋﯩﻨﺘـﺎﻳﯩﻦ‬ ‫ﻛﯚﭖ. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﻛﯚﭖ ﻛﯩـﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋـﯚﺯ ﻳﯘﺭﺗﯩﻨﯩـﯔ ﺳـﯩﺮﺗﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﺎﻟﻤﺎﻳـﺪﯗ. ﻳـﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋـﯚﺭﻟﻪﭖ‬ ‫ﺋﻮﻗﯘﻳﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﯚﻣﺮﯨﺪﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻗﻠﯩﻲ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﯞﻩ ﺑﺎﺷـﻘﺎ ﻳﻮﺷـﯘﺭﯗﻥ ﻛﯜﭼﯩﻨﯩـﯔ ﻣـﯘﺗﻠﻪﻕ ﻛـﯚﭖ ﻗﯩـﺴﻤﯩﻨﻰ ﺟـﺎﺭﻯ‬ ‫ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﺍﻟﻤﺎﻱ ﺑﯘ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻨﺪﯗﺭ.‬ ‫2( ﺗﺎﻻﻧﺖ‬ ‫ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺗﻪﯕﻠﯩﻤﯩﺪﯨﻜﻰ »ﺗﺎﻻﻧﺖ« ﺗﯘﻏﻤﺎ ﺗﺎﻻﻧﺖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﻏﻤﺎ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ.‬ ‫ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﺩﺍ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺯﻭﺭ ﭘﻪﺭﻗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳـﻪﯞﻩﺑﯩﻨﻰ‬ ‫ﺗﻪﮬﻠﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﺗﺎﻻﻧـﺖ ﯞﻩ ﺗﯩﺮﯨـﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﭘﻪﺭﻗـﺘﯩﻦ ﻛﯧﻠﯩـﭗ ﭼﯩﻘﯩـﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮬـﯧﺲ ﻗﯩﻠـﺪﯨﻢ. ﺑﻪﺯﻯ‬ ‫ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ »ﻣﻪﻥ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ، ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻮﻗﯘﻳﻤﻪﻥ« ﺩﻩﭖ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ ﺗﯩﻜـﻠﻪﭖ، ﻛـﯜﻧﯩﮕﻪ 61-51 ﺳـﺎﺋﻪﺕ‬ ‫ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﭙﻤﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺋﯚﺗﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﮬﻪﺗﺘـﺎ ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩـﯔ ﺳـﯩﻨﯩﭙﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﺍ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﺗﯘﻏﻤﺎ ﺗﺎﻻﻧﺖ ﯞﻩ ﺗﯘﻏﻤـﺎ ﺋﻪﻗﯩـﻞ ﺟﻪﮬﻪﺗـﺘﻪ ﭘﻪﺭﻕ ﺑـﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ، ﮬﻪﻣـﺪﻩ‬ ‫ﺗﯩﺮﯨـﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﻪﻗﯩﻠﻨـﻰ ﺗﻮﻟـﯘﻕ ﺋﯩـﺸﻘﺎ ﺳـﯧﻠﯩﭗ ﻳﻪﻛـﯜﻧﻠﻪﭖ ﭼﯩﻘﻘـﺎﻥ ﺗـﻮﻏﺮﺍ ﺋـﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﺋﯘﺳـﯘﻟﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳـﯩﺪﺍ ﺋﯧﻠﯩـﭗ‬ ‫ﺑﯧﺮﯨﻠﻤﯩﺴﺎ، ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺋﯜﻧﯜﻡ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ.‬ ‫ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﯩﺪﻩﻙ ﻛﯚﺯﯨﺘﯩﺸﻜﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻣﻪﻥ ﺗﯜﺯﯛﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺗﻪﯕﻠﯩﻤﻪ ﺧﯧﻠﻰ ﺋﻪﻗﯩﻠـﮕﻪ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩـﻖ‬ ‫ﺑﻮﻟـﯘﭖ، 42 ﻳﺎﺷـﻼﺭﻏﺎ ﻛﯩـﺮﮔﻪﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﻤـﺪﺍ ﺗـﯜﺯﯛﭖ ﭼﯩﻘﻘـﺎﻥ ﺑـﯘ ﺑﯩـﺮ ﺗﻪﯕﻠﯩـﻤﻪ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﻣﻪﻥ ﺗـﺎﻛﻰ ﻳﯧﻘﯩـﻨﻐﯩﭽﻪ ﺋـﯚﺯ-‬ ‫ﺋﯚﺯﯛﻣﺪﯨﻦ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ.‬ ‫3‬
  • 4. ‫ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ‬ ‫ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﺗﻪﯕﻠﯩﻤﯩﺴﻰ‬ ‫3( ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭ‬ ‫ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧـﻴﯩﻦ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩـﯔ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜـﻰ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩـﺪﺍ ﺋﻮﺧـﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩـﺪﯨﻜﻰ ﻳﯧﯖـﻰ ﺗﺎﻻﻧـﺖ،‬ ‫ﻳﯧﯖﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ، ﻳﯧﯖـﻰ ﻣﺎﮬـﺎﺭﻩﺕ ﯞﻩ ﻳﯧﯖـﻰ ﺋﯩﻘﺘﯩـﺪﺍﺭﻻﺭﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨـﺸﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯖـﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷـﻘﺎ، ﺑﯩـﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩـﯔ ﺋـﯚﺯ-ﺋـﯚﺯﯨﮕﻪ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﺋﻮﺭﺗـﺎﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﻣﻪﻥ ﺑـﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ‬ ‫ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﭽﺎﻗﻼﭖ »ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭ« ) ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ »‪ («skills‬ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﺷﻨﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ .‬ ‫ﻳﻪﻧﻰ »ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭ« ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﯧﺘﯩﻠﺪﯛﺭﮔﻪﻥ ﺗﺎﻻﻧﺖ، ﺑﯩﻠﯩﻢ، ﻣﺎﮬﺎﺭﻩﺕ، ﺋﯩﻘﺘﯩـﺪﺍﺭ ﯞﻩ ﺋـﯚﺯ-ﺋـﯚﺯﯨﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐـﺎﻥ‬ ‫ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ.‬ ‫ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ-1 ﺗﻪﯕﻠﯩﻤﻪ »ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭ« ﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﻣﯧﻨـﻰ ﻳـﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ »ﻣـﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ« ﺗﻪﯕﻠﯩﻤﯩـﺴﯩﻨﻰ‬ ‫ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﻤﻐﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﻟﯩﻐﺎﻥ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﺳﯩﺪﯗﺭ.‬ ‫4( ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺶ‬ ‫4-ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ ﻛـﯜﻧﻰ )ﻳﻪﻧـﻰ 7002-ﻳﯩﻠـﻰ 4-ﺋـﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ ﻛـﯜﻧﻰ( ﻣﻪﻥ ﺋﺎﻳـﺎﻟﯩﻢ ﺋﺎﻣـﺎﻧﮕﯜﻝ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠـﻠﻪ ﺋـﯚﻳﯩﻤﯩﺰﮔﻪ 03‬ ‫ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﯩﺮ ﺩﻩﻙ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﻮﻟﻠﻴﯟﻭﺋﻮﺩ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻛﻮﺩﺍﻙ ﺗﯩﻴﺎﺗﯩﺮﺧﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﻛﻮﻧﺴﯧﺮﺕ ﻛـﯚﺭﮔﯩﻠﻰ ﺑـﺎﺭﺩﯨﻢ. ﺑـﯘ‬ ‫ﺗﯩﻴﺎﺗﯩﺮﺧﺎﻧﺎ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﻛﯩﻨﻮ ﺳﺎﮬﻪﺳﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻪﯓ ﻳـﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩـﻚ ﻣﯘﻛﺎﭘـﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐـﺎﻥ »ﺋﻮﺳـﻜﺎﺭ ﻣﯘﻛﺎﭘـﺎﺗﻰ« ﻧـﻰ‬ ‫ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯩﻴﺎﺗﯩﺮﺧﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺑﻮﻟـﯘﭖ، ﻛﻮﻧـﺴﯧﺮﺗﺘﺎ ﺋﻮﻳـﯘﻥ ﻛﯚﺭﺳـﻪﺗﻜﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏـﺎ‬ ‫ﺗﻮﻧﯘﻟﻐﺎﻥ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﻰ ﺳﻪﺭﺗﺎﺏ ﺋﻪﺭﻩﻧﻪﺭ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﻛﻮﻣﭙﻮﺯﯨﺘـﻮﺭ ﯞﻩ ﭘﯩﺌـﺎﻧﯩﻨﻮﭼﻰ ﻓـﺎﮬﯩﺮ ﺋﺎﺗـﺎﻛﻮﮔﻠﯘﻻﺭ ﺋﯩـﺪﻯ.‬ ‫ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﻠﯩ ـﻚ ﺋﺎﻳ ـﺎﻝ ﻧﺎﺧ ـﺸﯩﭽﻰ ﺳ ـﻪﺭﺗﺎﺏ ﺋﻪﺭﻩﻧﻪﺭ 3002-ﻳﯩﻠﻠﯩ ـﻖ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘ ـﺎ »‪ «Eurovision‬ﻧﺎﺧ ـﺸﺎ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩ ـﺴﯩﺪﻩ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﭗ، ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺩﺍﯕﻖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ. ﺑﯩﺰ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﻟﻮﺱ ﺋﺎﻧﺠﯩﻠﯩﺲ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭﻧﯩـﯔ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩـﻚ‬ ‫ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﻪﭼـﻜﻪ، »ﺑـﯘ ﻛﻮﻧـﺴﯧﺮﺗﻘﺎ ﺋﯧﮫﺘﯩﻤـﺎﻝ ﺑﯩـﺮ ﻗـﺎﻧﭽﻪ ﻳـﯜﺯ ﺗﺎﻣﺎﺷـﯩﺒﯩﻦ ﻛـﯧﻠﻪﺭ«، ﺩﻩﭖ ﭘﻪﺭﻩﺯ ﻗﯩﻠﻐـﺎﻥ‬ ‫ﺋﯩﺪﯗﻕ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺭﺍﺳﺖ ﺷـﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟـﺴﺎ، ﺑـﯘ ﺯﺍﻟﻨﯩـﯔ ﺑﯩـﺮ ﺋﺎﺧـﺸﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﯩﺠﺎﺭﯨـﺴﻰ ﺑﻪﻙ ﻗﯩﻤـﻤﻪﺕ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳـﻠﯩﻘﻰ ﻛﯧـﺮﻩﻙ‬ ‫ﺋﯩﺪﻯ. ﺷﯘﯕﺎ، ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﺪﻩ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﺭﺗﯩﺴﻼﺭﻧﯩﻤﯘ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻮﻳﯘﻥ ﻗﻮﻳﺪﯗﺭﯗﺵ ﺋﺎﺭﺯﯗﺳـﯩﺪﺍ، ﻣﻪﻥ ﺑـﯘ‬ ‫ﺗﯩﻴﺎﺗﯩﺮﺧﺎﻧﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺧﺸﺎﻡ ﺋﯩﺠﺎﺭﯨﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳـﻮﺭﺍﭖ ﺑﺎﻗﻤـﺎﻗﭽﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟـﺪﯗﻡ.‬ ‫ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺋـﯘ ﺗﯩﻴﺎﺗﯩﺮﺧﺎﻧﯩﻐـﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧـﺪﯨﻦ ﻛﯧـﻴﯩﻦ ﮬﻪﻳـﺮﺍﻥ ﻗﺎﻟـﺪﯨﻢ. ﺑـﯘ ﺗﯩﻴﺎﺗﯩﺮﺧﺎﻧـﺎ 3 ﻗﻪﯞﻩﺗﻠﯩـﻚ ﺑﻮﻟـﯘﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐـﺎ‬ ‫ﺟﻪﻣﺌﯩﻲ 0063 ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺳﯩﻐﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺑﯩﺰ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯜﺳـﺘﯜﻧﻜﻰ 2 ﻗﻪﯞﻩﺗﻨـﻰ ﻛـﯚﺭﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤـﺎﻳﺘﺘﻰ.‬ ‫ﺷــﯘﻧﺪﺍﻗﺘﯩﻤﯘ ﺋﻮﻳــﯘﻥ ﺑﺎﺷــﻼﻧﻐﯘﭼﻪ ﺗﯩﻴﺎﺗﯩﺮﺧﺎﻧﯩﻨﯩــﯔ 1-ﻗﻪﯞﯨﺘــﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﻠﯩــﻚ ﺗﺎﻣﺎﺷــﯩﺒﯩﻨﻼﺭ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻟﯩــﻖ ﺗﻮﻟــﺪﻯ.‬ ‫4‬
  • 5. ‫ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ‬ ‫ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﺗﻪﯕﻠﯩﻤﯩﺴﻰ‬ ‫ﭘﻪﺭﯨﺰﯨﻤﭽﻪ 1-ﻗﻪﯞﻩﺗﺘﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏـﺎﻥ ﺗﺎﻣﺎﺷـﯩﺒﯩﻨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋـﯚﺯﯨﻼ 0002 ﻛﯩـﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩـﺸﻰ ﻣـﯘﻣﻜﯩﻦ. ﻣﻪﻥ ﺑـﯘ ﺋﻮﻳـﯘﻧﻨﻰ‬ ‫ﻛﯚﺭﯛﯞﯦﺘﯩﭗ، ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺧﯩﻴﺎﻟﻐﺎ ﭼﻮﯕﻘـﯘﺭ ﭘﯧﺘﯩـﭗ ﻛﻪﺗـﺘﯩﻢ: ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﺑﯩﺮﺳـﻰ، ﭘﯜﺗـﯜﻥ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜـﺎ ﺑـﻮﻳﯩﭽﻪ ﮬـﺎﺯﯨﺮ ﺋﯘﻳﻐـﯘﺭ‬ ‫ﺩﯨﻴﺎﺭﯨـﺪﯨﻜﻰ ﻧﻮﭘﯘﺳـﻰ 01 ﻣﯩﻠﻴـﻮﻥ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩـﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐـﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐـﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﺋـﺎﺭﺍﻥ 006-007 ﮔﻪ ﻳـﯧﻘﯩﻦ ﺋـﺎﺩﻩﻡ ﺑـﺎﺭ. ﺑـﯘ‬ ‫ﻛﻮﻧﺴﯧﺮﺗﻘﯩﻤﯘ ﺋﺎﺭﺍﻥ 6 ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﻪﻟﺪﯗﻕ. ﻟﻮﺱ ﺋﺎﻧﺠﯩﻠﯩﺲ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﮬﻪﺭﺩﯨﻼ ﺑﯩـﺮ ﻛﻮﻧـﺴﯧﺮﺗﻨﻰ ﻛـﯚﺭﯛﺵ ﺋﯜﭼـﯜﻥ‬ ‫ﻳﯩﻐﯩﻠﻐﺎﻥ ﺗﯜﺭﻙ ﺗﺎﻣﺎﺷﯩﺒﯩﻨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ 0002 ﺩﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﯩﺰ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺸﯩﭗ ﺑﺎﻗﻘـﺎﻥ‬ ‫03-04 ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻩﺭﺳﯩﻤﯘ ﻛﯚﺭﯛﻧﻤﯩﺪﻯ. ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﻮﭘﯘﺳﻨﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﻰ ﺳـﺎﻧﻰ 07 ﻣﯩﻠﻴـﻮﻥ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩـﺪﺍ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯘ ﻛﻮﻧﺴﯧﺮﺗﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺗﯜﺭﻙ ﺗﺎﻣﺎﺷﯩﺒﯩﻨﻼﺭ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐـﯘﺭ ﺗﺎﻣﺎﺷـﯩﺒﯩﻨﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﻮﭘﯘﺳـﻘﺎ ﺳـﯘﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻥ‬ ‫ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﯩﻨﻰ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﺳﺎﻕ، ﻟﻮﺱ ﺋﺎﻧﺠﯩﻠﯩﺲ ﺷـﻪﮬﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ 0002 ﺩﯨـﻦ ﺋـﺎﺭﺗﯘﻕ ﺗـﯜﺭﻛﻜﻪ ﺋـﺎﺭﺍﻥ 24 ﺋﯘﻳﻐـﯘﺭ ﺗـﻮﻏﺮﺍ‬ ‫ﻛﻪﻟﺪﻯ، ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯ. ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯧﭽﯩﻨﺪﯨﻢ. »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﺭﺗﯩﺴﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﻛﻠﯩـﭗ ﻗﯩﻠﯩـﭗ‬ ‫ﺋﻪﻛﯧﻠﯩﭗ، ﻣﯘﺷﯘ ﺗﯩﻴﺎﺗﯩﺮﺧﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﻮﻳﯘﻥ ﻗﻮﻳﺪﯗﺭﯗﺵ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺳﻜﻪﻥ«، ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﺪﯨﻢ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺭﺍﺳـﺘﺘﯩﻨﻼ‬ ‫ﭼﺎﻗﯩﺮﺗــﺴﺎﻕ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐــﺎ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩــﻚ ﺗﺎﻣﺎﺷــﯩﺒﯩﻨﻼﺭ ﻛــﯧﻠﻪﺭ؟ ﺋﯘﻧﯩــﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﺳــﻰ، ﻓــﺎﮬﯩﺮ ﺋﺎﺗﺎﻛﻮﮔﻠﯘﻧﯩــﯔ ﭘﯩﺌــﺎﻧﯩﻨﻮ‬ ‫ﭼﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﻗﯩﻴﺎﭘﯩﺘﻰ ﺋﯩـﺪﻯ. ﺋـﯘ ﻣﯧﯖﯩـﭗ، ﺳـﻪﮬﻨﻪ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨـﺴﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧـﺪﻩ ﺑﯩـﺮ ﻧﺎﮬـﺎﻳﯩﺘﻰ ﮔﻪﯞﺩﯨﻠﯩـﻚ،‬ ‫ﺗﯧﺘﯩﻚ ﯞﻩ ﮬﻪﻳﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻴﺎﭘﻪﺗﺘﻪ ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺗﺘﻰ. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﭘﯩﺌﺎﻧﯩﻨﻮ ﭼﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﻪﺩﯨﻨﻰ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻜﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ،‬ ‫ﺑﯧﻠﻰ 09 ﮔﺮﺍﺩﯗﺳﻘﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺋﯧﮕﯩﻠﯩﭗ، ﺧـﯘﺩﺩﻯ ﭘﯩﺌﺎﻧﯩﻨﻮﻧﯩـﯔ ﺋﯩﭽﯩـﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨـﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧـﺪﻩﻙ ﻗﯩﻼﺗﺘـﻰ. ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﺑـﯘ‬ ‫ﻗﯩﻴﺎﭘﯩﺘﯩﺪﯨﻦ، ﭘﯩﺌﺎﻧﯩﻨﻮﺩﺍ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﯩﺪﻩﻙ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﺍ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﯩﺌﺎﻧﯩﻨﻮﻏﺎ ﺑﻮﻟﻐـﺎﻥ ﻳﯜﻛـﺴﻪﻙ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩـﺸﻰ‬ ‫ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﭼﻮﯓ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﭘﯩﺌﺎﻧﯩﻨﻮﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ، ﮬـﺎﺯﯨﺮﻣﯘ ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﭘﯜﺗـﯜﻥ ﯞﯗﺟـﯘﺩﯨﻨﻰ‬ ‫ﻳﺎﺧــﺸﻰ‬ ‫ﭘﯩﺌــﺎﻧﯩﻨﻮﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒــﺎﺭﻩﺕ ﺑﯩــﺮﻻ ﻧﻪﺭﺳــﻪ ﻗﺎﭘﻼﻳــﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﺋﯘﻧﯩــﯔ ﭘﯩﺌــﺎﻧﯩﻨﻮ ﭼﯧﻠﯩــﺸﻨﻰ ﺋﯩــﭻ-ﺋﯩﭽﯩــﺪﯨﻦ‬ ‫ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﭘﯩﺌﺎﻧﯩﻨﻮﭼﻰ ﺑﯧﺘﺨﻮﯞﯨﻨﻤﯘ ﻓﺎﮬﯩﺮ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺧﯩﻠـﺪﯨﻜﻰ ﺋـﺎﺩﻩﻡ‬ ‫ﺋﯩﺪﻯ.‬ ‫ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻥ ﺋﯚﺯ-ﺋﯚﺯﯛﻣﺪﯨﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯧﯖﻰ ﺳﻮﺋﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺳﻮﺭﺍﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﯨﻢ:‬ ‫1( ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺶ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﺍ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯗ؟‬ ‫2( ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺶ ﻧﻪﺩﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ؟‬ ‫3(»ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺶ« ﻧﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺗﻪﯕﻠﯩﻤﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﺵ ﻛﯧﺮﻩﻛﻤـﯘ-ﻳـﻮﻕ؟ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻛﯩﺮﮔـﯜﺯﯛﺵ ﻛﯧـﺮﻩﻙ ﺑﻮﻟـﺴﺎ،‬ ‫ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺗﻪﺭﯨﻘﯩﺪﻩ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ؟‬ ‫5‬
  • 6. ‫ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ‬ ‫ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﺗﻪﯕﻠﯩﻤﯩﺴﻰ‬ ‫ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﮬﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﻛﯧﻠﻪﻟﯩﺸﯩﻤﺪﯨﻤﯘ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﯞﻩ ﺑﯩﻠﯩﻤﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭘﻪﯞﻗﯘﻟﺌﺎﺩﺩﻩ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩـﺸﯩﻢ ﻧﺎﮬـﺎﻳﯩﺘﻰ‬ ‫ﭼﻮﯓ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻥ. ﻣﻪﻥ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭼﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﻤﺪﺍ، ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺋﯩﻨﺘـﺎﻳﯩﻦ ﺋـﺎﻣﺮﺍﻗﻠﯩﻘﯩﻢ ﺋﺎﺳﺎﺳـﻪﻥ‬ ‫ﺗﯘﻏﻤﺎ ﺋﯩﺶ ﺋﯩﺪﻯ. ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ ﻣﻪﻧﺪﻩ ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﻠﯩﻤﮕﻪ، ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﯧﯖﻰ ﻧﻪﺭﺳﯩﮕﻪ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﺠﻪﺯ ﭘﻪﻳﺪﺍ‬ ‫ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺗﻮﻟﯘﻗﺴﯩﺰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﻤﺪﺍ ﺭﺍﺩﯨﺌﻮ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺸﯩﻢ ﺋﺎﻛﺎﻣﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳـﯩﺮﻯ‬ ‫ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ: ﺋﺎﻛﺎﻡ ﺭﺍﺩﯨﺌﻮ ﻗﯘﺭﺍﺷﺘﯘﺭﯗﺷـﻨﻰ ﺑﺎﺷـﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧـﻴﯩﻦ، ﻣﻪﻥ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩـﻖ ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﻳﯧﻨﯩـﺪﺍ ﻗـﺎﺭﺍﭖ‬ ‫ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﺗﺘﯩﻢ .ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋـﺎﻧﭽﻪ-ﻣـﯘﻧﭽﻪ ﻳـﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻼﺗـﺘﯩﻢ. ﺷـﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧـﺪﺍ ﺋﯚﺯﯛﻣﻤـﯘ ﺗﻪﺩﺭﯨﺠﯩـﻲ ﮬﺎﻟـﺪﺍ ﺭﺍﺩﯨﺌﻮﻏـﺎ‬ ‫ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﻮﻗﯘﺷﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺭﺍﺩﯨﺌـﻮ ﺋﯧﻠﯧﻜﺘﺮﻭﻧﯩﻜـﺎ ﻛﻪﺳـﭙﯩﻨﻰ‬ ‫ﺗﺎﻟﻠﯩــﺪﯨﻢ. ﺩﻭﻛﺘﻮﺭﻟــﯘﻕ ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﯩﻨﯩﻤــﯘ ﺋﯧﻠﯧﻜﺘــﺮ ﺋﯩﻨﮋﯦﻨﯧﺮﻟﯩﻘــﻰ ﻛﻪﺳــﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟــﺪﯨﻢ. ﺷــﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩــﭗ ﺋﯧﻠﯧﻜﺘــﺮ‬ ‫ﺋﯩﻨﮋﯦﻨﯧﺮﻟﯩﻘﻰ ﻛﻪﺳﭙﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﭘﺘﯩﻜﺎ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﺪﻩ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﻛﯧﻠﯩـﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ. ﺩﯗﻧﻴـﺎﺩﺍ ﺑﯘﻧـﺪﺍﻕ ﺋﯩـﺸﻼﺭ‬ ‫ﻧﺎﮬـﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛـﯚﭖ. ﻣﻪﺳـﯩﻠﻪﻥ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩـﺪﺍ ﺩﺍﯕﻠﯩـﻖ ﯞﺍﺳـﻜﯧﺘﺒﻮﻟﭽﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﯩﻤـﯘ ﺩﺍﯕﻠﯩـﻖ ﯞﺍﺳـﻜﯧﺘﺒﻮﻟﭽﻰ ﺑﻮﻟﯩـﺪﯨﻐﺎﻥ،‬ ‫ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﻛﯩﻨﻮ ﺋﺎﺭﺗﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩـﺴﯩﻤﯘ ﺩﺍﯕﻠﯩـﻖ ﻛﯩﻨـﻮ ﺋﺎﺭﺗﯩـﺴﻰ ﺑﻮﻟﯩـﺪﯨﻐﺎﻥ، ﻣﻪﺑـﻠﻪﻍ ﺳـﯧﻠﯩﭗ ﻣﯩﻠﻴـﻮﻧﯧﺮ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻴـﺎﺭﺩﯦﺮ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻤﯘ ﺋﻮﺧـﺸﺎﺵ ﻛﻪﺳـﯩﭙﺘﻪ، ﮬﻪﺗﺘـﺎ ﺩﺍﺩﯨـﺴﯩﻨﯩﯔ ﺷـﯩﺮﻛﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﯩـﺸﻠﻪﭖ، ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤـﯘ ﺋﯩﻨﺘـﺎﻳﯩﻦ ﺑـﺎﻱ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯚﭖ. ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﺷﻨﯩﻤﯩﺰ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟـﯘﭖ، ﺋـﯘ ﺋﯚﻳـﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺭ ﻣﻮﺗـﺴﯩﻜﻠﯩﺖ ﻣﯩﻨﯩـﺸﻜﻪ‬ ‫ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﻣﻮﺗﺴﯩﻜﻠﯩﺘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﻛﯧـﻴﯩﻦ ﺋـﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩـﯔ ﺑﯩﺰﻧﯩـﯔ‬ ‫ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯘﺭﺩﺍﺵ 3 ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﻣﻮﺗﺴﯩﻜﻠﯩﺖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﮬﻪﺭ ﺷـﻪﻧﺒﻪ-ﻳﻪﻛـﺸﻪﻧﺒﻪ ﻛـﯜﻧﻠﯩﺮﻯ‬ ‫ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺟﺎﯕﮕﺎﻟﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﻣﻮﺗﺴﯩﻜﻠﯩﺖ ﻣﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﻠﻪﺗﺘﻰ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑـﯘ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩـﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪﻣـﻤﻪ‬ ‫ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﻣﻮﺗﺴﯩﻜﻠﯩﺘﻘﺎ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﺪﻯ.‬ ‫ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺸﻰ ﺗﯘﻏﻤﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‬ ‫ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯚﺳﯜﭖ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﯞﻩ ﻣﯘﮬﯩﺘﻨﯩـﯔ ﺗﻪﺳـﯩﺮﻯ ﺋـﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ‬ ‫ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ.‬ ‫5( ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻖ‬ ‫ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ، ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ:‬ ‫ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻖ = ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﻛﯧﻠﯩﺶ + ﺑﺎﺗﯘﺭﻟﯘﻕ + ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﯩﺸﻠﻪﺵ + ﺋﺎﺩﺍﻗﻘﯩﭽﻪ ﺑﻮﺷﺎﺷﻤﺎﺳﻠﯩﻖ‬ ‫ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻴـﺎﺭﺩﯦﺮ ﺩﻭﻧﺎﻟـﺪ ﺗﺮﯗﻣـﭗ 7002-ﻳﯩﻠـﻰ-61 ﺋـﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮﺩﻩ ﺑﯩـﺮ ﻛﯩﺘـﺎﺏ ﭼﯩﻘـﺎﺭﺩﻯ. ﺑـﯘ‬ ‫6‬
  • 7. ‫ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ‬ ‫ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﺗﻪﯕﻠﯩﻤﯩﺴﻰ‬ ‫ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺋﯘ ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ 5 ﺗﯩﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩـﯔ ﺑﯩﺮﺳـﻰ ﺑﻮﻟـﯘﭖ، ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﻣﺎﯞﺯﯗﺳـﻰ: »ﭼـﻮﯓ-ﭼـﻮﯓ‬ ‫ﺋﯩـﺸﻼﺭﻧﻰ ﻛـﯚﺯﻟﻪﭖ، ﺳـﯚﯕﮕﯩﭽﯩﮕﻪ ﺗﻪﭖ«) ﺋﯩﻨﮕﻠﯩـﺰﭼﻪ »‪ .(«Think Big and Kichik Ass‬ﻣﯧـﻨﯩﯖﭽﻪ ﺑـﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜـﻰ‬ ‫»ﺳﯚﯕﮕﯩﭽﯩﮕﻪ ﺗﻪﭖ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﻗﻪﺗﺌﯩـﻲ ﻧﯩـﻴﻪﺗﻜﻪ ﻛﻪﻝ، ﺑـﺎﺗﯘﺭ ﺑـﻮﻝ، ﻗـﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﯩـﺸﻠﻪ ﯞﻩ ﺋـﺎﺩﺍﻗﻘﯩﭽﻪ‬ ‫ﺑﻮﺷﺎﺷﻤﺎ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺗﺘﯘﺭ. ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﺍ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﭼـﻮﯓ ﺗﯧﻠﯧـﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩـﺴﻰ ﺋﯘﻧﯩـﯔ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪﻥ »ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩﯦﺮ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯩﺮﺩﯨﺸﯩﺶ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﺎ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﻘـﺎﻥ ﺑﻮﻟـﯘﭖ، ﺋـﯘ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﻨﯩـﯔ ﺋﻪﯓ‬ ‫ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﺎ ﺭﯨﻴﺎﺳﻪﺗﭽﯩﺴﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ »ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺗﺎﻣﺎﺷـﯩﺒﯩﻨﻼﺭ ﺑﯜﮔـﯜﻧﻜﻰ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩـﺪﯨﻦ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩـﺮﻻ ﺳـﯚﺯﻧﻰ‬ ‫ﺋﻪﺳﺘﻪ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭖ ﻗﺎﻳﺘﯩﺸﻘﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﻪﻟﺴﻪ، ﺳـﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﺋـﯘ ﺳـﯚﺯ ﻧـﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷـﻰ ﻛﯧـﺮﻩﻙ؟« ﺩﻩﭖ ﺳـﻮﺭﯨﯟﯨﺪﻯ، ﺩﻭﻧﺎﻟـﺪ‬ ‫ﺗﺮﯗﻣﭗ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ: »ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﺗﻮﺧﺘﺎﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎ؛ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺸﯩﯖﺪﯨﻦ ﻳﯧـﺮﯨﻢ ﻳﻮﻟـﺪﺍ ﯞﺍﺯ ﻛﻪﭼـﻤﻪ«،‬ ‫ﺩﻩﭖ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﺑﯘ ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ »ﺋﺎﺩﺍﻗﻘﯩﭽﻪ ﺑﻮﺷﺎﺷـﻤﺎ« ﺩﯦـﮕﻪﻥ ﺳـﯚﺯ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧـﺸﺎﺷﺘﯘﺭ. ﺑـﯘ‬ ‫ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪﭖ ﺋﯚﺗﯜﺷﻜﻪ ﺋﻪﺭﺯﯨﻴﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ﺷﯘﻛﻰ، ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ »ﺗﯩﺮﯨـﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻖ« ﻧﯩـﯔ 4 ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﻨﯩـﯔ‬ ‫ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯩﺮ ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ ﻏﺎﻳﯩﻨﻰ ﻛﯚﺯﻟﻪﭖ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯩـﺸﻰ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩـﯔ ﺑﯩﺮﻩﺭﺳـﻰ‬ ‫ﻛﻪﻡ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳـﺪﯗ. ﺑـﯘ ﻧـﯘﻗﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩـﺰ ﺗﯩﻠـﻰ ﻳـﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷـﻘﺎ ﺑﯩـﺮﻩﺭ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻝ ﺗﯩﻠـﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩـﭗ ﺑﺎﻗﻘـﺎﻥ‬ ‫ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﺰﺩﻩ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ 4 ﺳﯜﭘﻪﺗﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩـﺴﻰ ﺗﻪﻝ ﺑﻮﻟـﺴﺎ،‬ ‫ﺳﯩﺰ ﺗﯩﻞ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﭼﻮﻗـﯘﻡ ﺑﯩـﺮ ﺑﺎﺷـﻘﺎ ﺋﯧﻠﯩـﭗ ﭼﯩﻘﺎﻟﯩـﺪﯨﯖﯩﺰ ﻳـﺎﻛﻰ ﺋﯧﻠﯩـﭗ ﭼﯩﻘﺎﻻﻳـﺴﯩﺰ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳـﯩﺰﺩﻩ ﺋـﯘﻻﺭﺩﯨﻦ‬ ‫ﺑﯩﺮﻩﺭﺳﻰ ﻛﻪﻡ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺳﯩﺰ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﯘ ﻳﻮﻟﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎﻥ ﻗﺎﻳﺘﺘﯩﯖﯩﺰ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﺎﻳﺘﯩـﺴﯩﺰ. ﺋﯘﻧﯩﯖـﺪﯨﻦ‬ ‫ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ﺋﯧﻠﯩـﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻤﯩـﺴﺎ، ﻛﯚﯕﯜﻟﺪﯨﻜﯩـﺪﻩﻙ ﺋﯜﻧـﯜﻡ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳـﺪﯗ. ﺗـﻮﻏﺮﺍ ﺋﯘﺳـﯘﻝ‬ ‫ﺑﻮﻟـﺴﺎ، ﮬﻪﺭ ﺑﯩـﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩـﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩـﻲ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﻠﯩـﺮﻯ، ﻗﺎﻳﺘـﺎ-ﻗﺎﻳﺘـﺎ ﯞﻩ ﺋﯜﺯﻟﯜﻛـﺴﯩﺰ ﺳـﯩﻨﺎﻕ ﻗﯩﻠﯩـﭗ، ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗـﺘﯩﻦ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ-ﺳﺎﯞﺍﻕ ﻳﻪﻛﯜﻧﻠﯩﺸﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﮬﻪﻣـﻤﻪ ﺋـﺎﺩﻩﻡ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﺋﯜﻧـﯜﻡ ﺑﯧﺮﯨـﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩـﺮ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳـﺎﻝ‬ ‫ﺋﯘﺳﯘﻝ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﺳـﯘﻟﻨﻰ ﺋـﯚﺯ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﯩﺘـﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳـﯩﺪﺍ ﺋـﯚﺯﯨﮕﻪ‬ ‫ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.‬ ‫ﻣﺎﯕﺎ ﺧﻪﺕ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ، ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﭼﻮﯓ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﻮﻗﯘﺷﯩﻨﻰ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﭖ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ، ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﻳﺎﺧـﺸﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷـﻰ ﻛﯧﺮﻩﻛﻠﯩﻜﯩﻨـﻰ،‬ ‫ﺑﯩﺮﺍﻕ، ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﻪﺳﯩﭙﻜﻪ ﻗﯩﻠﭽﻪ ﻗﯩﺰﯨﻘﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼـﯜﻥ، ﺋـﯚﺯ ﺋﻮﻗﯘﺷـﯩﻐﺎ ﺯﺍﺩﯨـﻼ ﺯﯦﮫﻨﯩﻨـﻰ ﻳﯩﻐﺎﻟﻤﺎﻳﯟﺍﺗﻘـﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ‬ ‫ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﻼﺭﻣﯘ ﺧﯧﻠـﻰ ﻛـﯚﭖ. ﺩﯦـﻤﻪﻙ، ﺳـﯩﺰ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩـﺮ ﺋﯩـﺸﻘﺎ ﻗﯩﺰﯨﻘﻤﯩـﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺳـﯩﺰ ﺋـﯘ ﺋﯩـﺶ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﺗﯩﺮﯨـﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻖ‬ ‫ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﻪﻟﻤﻪﻳﺴﯩﺰ؛ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﯩﺪﻩﻙ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟـﺪﯨﻨﻘﻰ ﺷـﻪﺭﺗﻰ، ﺳـﯩﺰ ﻗﯩﻠﻤـﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐـﺎﻥ ﺋﯩـﺸﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﻳﯜﻛـﺴﻪﻙ‬ ‫ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺸﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﺰ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺸﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﭘﻪﯞﻗﯘﻟﺌﺎﺩﺩﻩ ﻗﯩﺰﯨﻘـﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺳـﯩﺰ ﮬﻪﺭ ﻛـﯜﻧﻰ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺳﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﺑﻪﺧﺘﻠﯩﻚ ﺋﯩـﺶ، ﺳـﯩﺰﮔﻪ ﺧﯘﺷـﺎﻟﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﮬﯘﺯﯗﺭﻟـﯘﻕ ﺋﯧﻠﯩـﭗ ﻛﯧﻠﯩـﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩـﺶ‬ ‫ﺑﻮﻟـﯘﭖ ﺗﯘﻳﯘﻟﯩـﺪﯗ. ﺳـﯩﺰ ﺋـﯘﻧﻰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩـﻚ ﻗﯩﻠـﺴﯩﯖﯩﺰﻣﯘ ﺋﯘﻧﯩﯖـﺪﯨﻦ ﮬﻪﺭﮔﯩـﺰ ﺯﯦﺮﯨﻜﻤﻪﻳـﺴﯩﺰ. ﺳـﯩﺰ ﺋـﯘ ﺋﯩـﺶ ﺑﯩـﻠﻪﻥ‬ ‫7‬
  • 8. ‫ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ‬ ‫ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﺗﻪﯕﻠﯩﻤﯩﺴﻰ‬ ‫ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﯖﯩﺰﺩﺍ ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻱ ﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺰ. ﭘﺎﺕ-ﭘـﺎﺕ »ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋـﺎﺩﻩﻡ ﺑﯩـﺮ‬ ‫ﻛﯜﻥ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯘﺧﻠﯩﻤﺎﻱ، ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﯧﻤﻪﻱ، 42 ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﻴﻪﻟﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ-ﮬﻪ؟« ﺩﻩﭖ‬ ‫ﺋــﻮﻳﻼﭖ ﻗﺎﻟﯩــﺴﯩﺰ. ﺋﯘﻧﯩــﯔ ﺋﻪﻛــﺴﯩﭽﻪ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳــﯩﺰ ﺋــﯚﺯﯨﯖﯩﺰ ﺷــﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩــﺸﻘﺎ ﻳــﺎﻛﻰ ﻛﻪﺳــﯩﭙﻜﻪ ﺋــﺎﺯﺭﺍﻗﻤﯘ‬ ‫ﻗﯩﺰﯨﻘﻤﯩﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺋﯘﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺳﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﺯﯗﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﮬﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﺷﯘ ﺋﯩـﺸﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ﺋﯚﺗﻜـﯜﺯﮔﻪﻥ ﮬﺎﻳـﺎﺗﯩﯖﯩﺰ‬ ‫ﺳﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﺯﺍﺏ ﯞﻩ ﮬﻪﺳﺮﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.‬ ‫ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺋﺎﻧﺎﻟﯩﺰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻘﻤﯘ ﺑﯩﺰ »ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺶ« ﻧﯩﻤﯘ »ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﯕﻠﯩﻤﯩﺴﻰ« ﮔﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﺵ‬ ‫ﻛﯧﺮﻩﻛﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﭖ ﻳﯧﺘﻪﻟﻪﻳﻤﯩﺰ.‬ ‫6( ﺗﻪﻟﻪﻱ‬ ‫»ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ« ﻧﯩﯖﻤﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﻲ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺑﺎﺭ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋـﯚﺯ ﺋﯩﺮﺍﺩﯨـﺴﯩﮕﻪ ﺑـﺎﻏﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐـﺎﻥ، ﺑﯩـﺮ‬ ‫ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﻩﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﯘﺭﺳـﻪﺕ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﺳـﻰ ﺑﻮﻟـﺴﺎ ﻛﯩـﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋـﯚﺯ ﺋﯩﺮﺍﺩﯨـﺴﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ‬ ‫ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﻳﻮﻕ، ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ﭘﯘﺭﺳـﻪﺕ. ﻣﻪﻥ ﺑـﯘ 2-ﭘﯘﺭﺳـﻪﺗﻨﻰ »ﺗﻪﻟﻪﻱ«‬ ‫ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﺷﻨﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ. ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﻜﻜﯩﮕﻪ ﺑﯚﻟﯜﺷـﯜﻣﮕﻪ ﺑﯩـﺮ ﺋـﺎﺯ ﮬﻪﻳـﺮﺍﻥ ﻗﯧﻠﯩـﺸﻰ‬ ‫ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﻳﺮﯨﺸﻨﯩﯔ ﺯﯙﺭﯛﺭﻟﯜﻛﯩﻨﻰ ﻣﻪﻥ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﺴﺎﻝ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﻩﻱ.‬ ‫4891-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﺪﯨﻦ 1-ﺗﯜﺭﻛﯜﻡ ﻳـﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩـﭗ ﺋﻮﻗﯘﻳـﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺗﺎﻟﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻧـﺪﺍ، ﺋﯘﻳﻐـﯘﺭ ﺋـﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ‬ ‫ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨـﭗ ﻧـﺎﺯﺍﺭﯨﺘﻰ ﻳﻪﺭﻟﯩـﻚ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨـﻦ ﻛﯧﻠﯩـﭗ ﭼﯩﻘﻘـﺎﻥ ﺋـﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛـﺘﻪﭖ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨـﺪﯨﻦ 05 ﺗﻪﻙ‬ ‫ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﺗﺎﻟﻼﭖ، ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ 3 ﭘﻪﻥ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻥ ﺋﺎﻟﺪﻯ .ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﭗ ﺗﺎﻟﻼﻧﺪﯨﻢ.‬ ‫ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻳﺎﭘﻮﻥ ﺗﯩﻠﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﻛﯘﺭﺳﯩﺪﺍ، ﻣﻪﻥ ﻳﺎﭘﻮﻥ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﺳﯧﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ،‬ ‫ﺳ ـﯩﻨﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﺑﺎﺷ ـﻘﺎ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷ ـﻼﺭﻏﺎ ﺋ ـﻮﭘﭽﻪ ﺩﻩﺭﺱ ﭼﯜﺷــﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ ﻳ ـﯜﺭﺩﯛﻡ. ﮬﻪﻣ ـﺪﻩ ﺳ ـﯩﻨﯩﭗ ﺑﺎﺷ ـﻠﯩﻘﻠﯩﻖ ﺭﻭﻟﯩﻨﯩﻤــﯘ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ﺋﻮﻳﻨﯩﺪﯨﻢ. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻡ، ﻣﻪﻥ ﺑﺎﺭﻏـﺎﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘـﺘﻪ ﮬـﯧﭻ ﻗﺎﻧـﺪﺍﻕ ﺋﺎﺳـﭙﯩﺮﺍﻧﺘﻠﯩﻖ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩـﺴﻰ‬ ‫ﻳـﻮﻕ ﺋﯩـﻜﻪﻥ. ﺋـﯘﻻﺭ ﻣﺎﮔﯩـﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻖ ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﯩﻨﯩﻤـﯘ ﯞﻩ ﺩﻭﻛﺘﻮﺭﻟـﯘﻕ ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﯩﻨﯩﻤـﯘ ﺑﯧﺮﻩﻟﻤﻪﻳـﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺋﯩﭽﻜـﻰ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟـﺪﯨﻦ‬ ‫ﺧﻪﯞﯨـﺮﻯ ﺑـﺎﺭ ﻛﯩـﺸﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﻪﺯﯨﻠﯩـﺮﻯ ﻣﺎﯕـﺎ »ﺑـﯘ ﺑﯩـﺮ ﺳﯘﻳﯩﻘﻪﺳـﺖ« ﺩﯦـﮕﻪﻥ ﺋﯘﭼـﯘﺭﻧﻰ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﻣﻪﻳﻠـﻰ ﻗﺎﻧـﺪﺍﻗﻼ‬ ‫ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ، ﺋﺎﺷﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ 1-ﺗﯜﺭﻛﯜﻣﺪﻩ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﮕﻪ ﺋﻮﻗﯘﺷـﻘﺎ ﺑﺎﺭﻏـﺎﻥ 51 ﺗﻪﻙ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩـﯔ 01 ﺩﯨـﻦ‬ ‫ﺗﻮﻟﯩﺴﻰ ﻣﺎﮔﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻖ ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺵ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻜﻪ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﻯ ﺑﻮﻟـﺪﯗﻡ.‬ ‫ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋـﯚﺯﯛﻡ ﻗـﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﯩﺮﯨـﺸﯩﭗ ﭘﯘﺭﺳـﻪﺕ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘـﺎﻥ ﺑﻮﻟـﺴﺎﻣﻤﯘ، ﺗﻪﻟﯩﻴﯩﻤﻨﯩـﯔ ﻳﻮﻗﻠﯘﻗﯩـﺪﯨﻦ ﻣﺎﮔﯩـﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻖ ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﯩﻐـﺎ‬ ‫ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﻣﯘﺷﯘ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﺘﺎ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻳـﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﯘﻧـﯟﺍﻥ ﺋـﯧﻠﯩﺶ‬ ‫8‬
  • 9. ‫ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ‬ ‫ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﺗﻪﯕﻠﯩﻤﯩﺴﻰ‬ ‫ﺋﯜﭼــﯜﻥ ﺑﺎﺷــﻠﯩﻐﺎﻥ ﺳــﻪﭘﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩــﺪﻩ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷــﺘﯘﺭﻣﯩﺪﯨﻢ. ﺋﯘﻧﯩــﯔ ﺋﻪﻛــﺴﯩﭽﻪ، ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩــﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷــﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﺎﺯ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﯖﻰ ﺳﻪﭘﻪﺭ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﯨﻢ.‬ ‫ﻣﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩ ـﺮ ﻣﯩــﺴﺎﻝ ﻛﯚﺭﺳ ـﯩﺘﻪﻱ. ﺋﺎﻳــﺎﻟﯩﻢ ﺋﺎﻣﺎﻧﮕﯜﻟﻨﯩــﯔ ﺑﺎﺷ ـﻼﻧﻐﯘﭺ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺋﻮﺗﺘــﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨ ـﻰ ﺋﯘﻳﻐــﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩــﺪﺍ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﻏﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟـﯘﭖ، ﺋـﯘ0991-ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﯩـﯔ ﺑﯩﺮﯨـﺪﯨﻜﻰ ﺋـﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛـﺘﻪﭖ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﯩـﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐـﯘﺭ ﺗﯩﻠـﻰ‬ ‫ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩ ـﺴﻰ ﺑ ـﻮﻳﯩﭽﻪ ﭘﯜﺗ ـﯜﻥ ﺋﯘﻳﻐ ـﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨ ـﺪﺍ ﺋ ـﯜﭼﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯧﺮﯨ ـﺸﺘﻰ. ﺑﯩ ـﺮ ﻳﯩﻠﻠﯩ ـﻖ ﺗﻪﻳﻴ ـﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﺷ ـﯩﻨﻰ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ﺗﯜﮔﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽـﻰ ﺑﻮﻟـﺪﻯ. ﻳـﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩـﻚ ﺋﻪﻣﻪﻟـﺪﺍﺭﻻﺭ ﺑـﯘ‬ ‫ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﯗﺷﯩﭽﻪ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻮﻗﯘﺷﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ﺗﺎﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﻣﻪﻛـﺘﻪﭖ‬ ‫ﯞﻩ ﺋـﯚﺯﻯ ﺗﺎﻟﻠﯩﻐـﺎﻥ ﻛﻪﺳـﯩﭙﻜﻪ ﺑﺎﺭﺍﻟﯩـﺸﻰ ﻳـﯜﺯﺩﻩ ﻳـﯜﺯ ﭘﯩﺮﺳـﻪﻧﺖ ﻛﺎﭘـﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩـﮕﻪ ﺋﯩـﻜﻪﻥ. ﻟـﯧﻜﯩﻦ، ﺑـﯘ ﺳـﯩﯖﻠﯩﻤﯩﺰ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ »ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﻪﺳﭙﯩﻨﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻖ‬ ‫ﻗﻮﻟﯩﻐـﺎ ﺗﻪﮔﻜﻪﻧـﺪﻩ ﻗﺎﺭﯨـﺴﺎ، ﺋـﯘ ﯞﯗﺧﻪﻥ ﺩﯨﻜـﻰ ﺑﯩـﺮ ﺋـﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛـﺘﻪﭘﻜﻪ ﺗﻪﻗـﺴﯩﻢ ﺑﻮﻟـﯘﭖ ﻗـﺎﭘﺘﯘ .ﻛﯧـﻴﯩﻦ ﺗﻪﻛـﺸﯜﺭﯛﺵ‬ ‫ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘ ﺳﯩﯖﻠﯩﻤﯩﺰ ﺋـﯚﺯﻯ ﺗﺎﻟﻠﯩﻐـﺎﻥ ﻣﻪﻛـﺘﻪﭖ ﯞﻩ ﻛﻪﺳـﯩﭙﻜﻪ ﺋﺎﺭﻗـﺎ ﺋﯩـﺸﯩﻜﻰ ﻧﺎﮬـﺎﻳﯩﺘﻰ ﭼـﻮﯓ ﺑﯩﺮﺳـﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩـﺴﻰ‬ ‫ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﺪﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﺳﯩﯖﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﻪﺳﭙﯩﻤﯘ »ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﻛﺎﺗﯩﭙﻰ« ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺑـﯘ ﻣﯩـﺴﺎﻟﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﺳﯩﯖﻠﯩﻤﯩﺰﻣﯘ ﺋﯚﺯﻯ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﺴﯩﮕﻪ‬ ‫ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﻪﺭ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ، ﻳﺎﻛﻰ، ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺗﻪﻟﻪﻳﺴﯩﺰﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﻗﯩﻠﻐـﺎﻥ‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﯞﻩ ﻛﻪﺳـﯩﭙﻜﻪ ﻛﯩﺮﻩﻟﻤﯩـﺪﻯ. ﻛﯚﯕﯜﻟـﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻛـﺘﻪﭖ ﯞﻩ ﻛﻪﺳـﯩﭙﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨـﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒـﺎﺭﻩﺕ ﻣﯘﺷـﯘ ﺑﯩـﺮ ﺋﯩـﺸﺘﺎ ﺑـﯘ‬ ‫ﺳﯩﯖﻠﯩﻤﯩﺰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﺑﻮﻟﺪﻯ.‬ ‫ﺩﯦﻤﻪﻙ، »ﺗﻪﻟﻪﻱ«ﻧﯩﻤﯘ »ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﯕﻠﯩﻤﯩﺴﻰ« ﮔﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ.‬ ‫7( ﻳﯧﯖﻰ ﺗﻪﯕﻠﯩﻤﻪ‬ ‫ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻣﻪﻥ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯚﺯﯛﻡ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﻳﯧﯖﻰ »ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﯕﻠﯩﻤﯩﺴﻰ«ﮔﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﺷﻜﻪ ﺗﯧﮕﯩـﺸﻠﯩﻚ‬ ‫ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻗﯘﺭ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ. ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﻳﯧﯖﻰ ﺗﻪﯕﻠﯩﻤﯩﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨـﺸﻘﺎ ﺗﻪﻳﻴـﺎﺭ ﺑﻮﻟـﺪﯗﻕ. ﻣﻪﻥ ﺋـﯘﻧﻰ‬ ‫ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﯜﺯﺩﯛﻡ:‬ ‫ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ = )ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ + ﺗﻪﻟﻪﻱ( * )ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭ + ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻖ( + ﺗﺎﻻﻧﺖ + ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺶ‬ ‫ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ »ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ« 0 ﺑﯩﻠﻪﻥ +1 ﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩـﺪﯗ. »ﺗﻪﻟﻪﻱ« ﺑﻮﻟـﺴﺎ -1 ﺑﯩـﻠﻪﻥ +1‬ ‫9‬
  • 10. ‫ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ‬ ‫ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﺗﻪﯕﻠﯩﻤﯩﺴﻰ‬ ‫ﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ »ﭘﯘﺭﺳـﻪﺕ + ﺗﻪﻟﻪﻱ = 0« ﺑﻮﻟـﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩـﺪﯗ .‬ ‫ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﺪﺍ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﮬﯧﭻ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﯧﯟﻩ ﺑﻪﺭﻣﻪﻱ، ﺋـﺎﺩﻩﻡ ﻣﻪﻏﻠـﯘﭖ ﺑﻮﻟﯩـﺪﯗ. »ﭘﯘﺭﺳـﻪﺕ +‬ ‫ﺗﻪﻟﻪﻱ = 0« ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺗﺎﻻﻧﺘﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﻳﯜﻛـﺴﻪﻙ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩـﺸﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳـﻪﻥ ﺗﻪﺳـﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳـﯩﺘﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ.‬ ‫ﺷﯘﯕﺎ، ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺗﻪﯕﻠﯩﻤﯩﺪﯨﻜﻰ »ﺗﺎﻻﻧﺖ + ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺶ« ﻗﺎ »ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ + ﺗﻪﻟﻪﻱ« ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﻠﻤﯩـﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﺑـﯘ‬ ‫ﺗﻪﯕﻠﯩﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻠﻪﺭﮔﻪ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻛﯚﺭﻣﯩﺪﯨﻢ.‬ ‫ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺷﯘﻧﯩﻤﯘ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜﺵ ﻛﯧﺮﻩﻛﻜﻰ، »ﻣـﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ« ﻧﯩـﯔ ﻣﻪﻧﯩـﺴﻰ ﻧﯩـﺴﭙﯩﻲ ﺑﻮﻟﯩـﺪﯗ. ﺑﯩـﺮ ﺋـﺎﺩﻩﻡ‬ ‫»ﻣ ـﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ« ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻐــﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳــﻪ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩــﺮ ﺋ ـﺎﺩﻩﻡ ﺋﯜﭼــﯜﻥ »ﻣﻪﻏﻠــﯘﺑﯩﻴﻪﺕ« ﺑﻮﻟــﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩ ـﺸﻰ ﻣــﯘﻣﻜﯩﻦ.‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ﻛﯩﺮﯨﯟﯦﻠﯩــﺸﻨﯩﯔ ﺋــﯚﺯﯨﻼ‬ ‫ﻣﻪﺳــﯩﻠﻪﻥ، ﻧﯘﺭﻏــﯘﻥ ﻳﺎﺷــﻼﺭ ﺋﯜﭼــﯜﻥ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫــﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯚﺗــﯜﭖ، ﺑﯩــﺮ ﺋــﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛــﺘﻪﭘﻜﻪ‬ ‫»ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ« ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺳﯩﯖﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﻣﺎﻳـﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩـﺮ ﺋـﺎﻟﯩﻲ‬ ‫ﻣﻪﻛـﺘﻪﭘﻜﻪ ﺋﯚﺗﯜﺷـﻰ ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﺋﯜﭼـﯜﻥ »ﻣﻪﻏﻠـﯘﺑﯩﻴﻪﺕ« ﺑﻮﻟـﯘﭖ ﺗﯘﻳﯘﻟـﺪﻯ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﮬﻪﻣـﻤﻪ ﺋﯩﻨـﺴﺎﻧﻼﺭ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﺋﻮﺭﺗـﺎﻕ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﻳﺎﻛﻰ »ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﺎﻝ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ« ﺗﯩﻦ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ، ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻟﺴﺎ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯧﻨﯩﻘﻠﯩﻤـﺎ‬ ‫ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ:‬ ‫ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﺎﻝ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ = ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﻰ، ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﻯ، ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘـﯜﺭﮔﻪﻥ‬ ‫ﺯﻭﺭ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﻪﺭ.‬ ‫ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﯘ »ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﺎﻝ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ« ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯚﭖ ﺗﻮﺧﺘﺎﻟﻤﺎﻳﻤﻪﻥ.‬ ‫8( ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺳﯚﺯ‬ ‫ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﻳﯩﻞ 05 ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻣﺎﯕﺪﯨﻢ .ﻛﻪﺳﯩﭗ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺑﯘ ﻳﯩﻞ ﻣﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯚﻣﺮﯛﻣﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺋﯘﺗﯘﻗﻠﯘﻕ ﺑﯩـﺮ ﻳﯩـﻞ‬ ‫ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺑﯘ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﺮﻯ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺧﯘﺷـﺎﻝ ﺑﻮﻟـﺴﺎ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩـﺮ ﻳﯧـﺮﻯ ﺋﯩﻨﺘـﺎﻳﯩﻦ ﻳﯧـﺮﯨﻢ ﺑﻮﻟـﯘﭖ‬ ‫ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ، ﻣﻪﻥ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﺍ ﺗـﯘﺭﯗﭖ ﻣﯘﺷـﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺷـﺎﭖ ﻳـﯜﺭﮔﯩﻨﯩﻢ ﺑﯩـﻠﻪﻥ، ﻛﯚﯕﻠﯜﻣـﺪﯨﻦ ﺯﺍﺩﯨـﻼ‬ ‫ﭼﯩﻘﯩﺮﺍﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ ﺑﺎﺭ. ﺋﯘ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﻯ ﮬـﺎﺯﯨﺮ ﺩﯗﭺ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘـﺎﻥ ﺗﻪﻗـﺪﯨﺮ.‬ ‫ﻣﻪﻥ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻳﯩﻞ ﯞﻩ ﺑﯘ ﻳﯩﻞ ﻳﺎﺯﺩﺍ ﻳﯘﺭﺗﻘﺎ ﺗﯘﻏﻘﺎﻥ ﻳـﻮﻗﻼﭖ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧـﺪﺍ ﻛـﯚﺭﮔﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐـﯘﺭ ﻳﺎﺷـﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﺎﺷﺎﺷـﻘﺎ ﻳـﺎﻛﻰ‬ ‫ﻳـﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﯚﺭﻟﻪﺷـﻜﻪ ﺋﺎﻣﺎﻟـﺴﯩﺰ ﻗﺎﻟﻐـﺎﻥ ﺑﯩﭽـﺎﺭﻩ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩـﺮﻯ ﻣﯧﻨﯩـﯔ ﻛـﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤـﺪﯨﻦ ﺯﺍﺩﯨـﻼ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳـﺪﯗ .ﺋﯘﻻﺭﻧﯩـﯔ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ﮬﻪﻣﻤﯩ ـﺴﯩﻤﯘ ﺋ ـﯚﺯ ﺋﯩﻘﺘﯩ ـﺪﺍﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﯓ ﻳﯜﻛ ـﺴﻪﻙ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩ ـﺪﻩ ﺟ ـﺎﺭﻯ ﻗﯩﻠ ـﺪﯗﺭﯗﭖ، ﺑﯩ ـﺮ ﭘ ـﺎﺭﻻﻕ ﺋﯩ ـﺴﺘﯩﻘﺒﺎﻟﻐﺎ، ﮔ ـﯜﺯﻩﻝ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ﻛﯧﻠﻪﭼﻪﻛﻜﻪ ﯞﻩ ﺑﻪﺧﺘﻠﯩﻚ ﮬﺎﻳﺎﺗﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺸﻨﻰ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮬـﺎﺯﯨﺮ ﻗﺎﻧـﺪﺍﻕ ﻳـﻮﻝ ﺑـﺎﺭ؟ ﻗﺎﻧـﺪﺍﻕ‬ ‫01‬
  • 11. ‫ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ‬ ‫ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﺗﻪﯕﻠﯩﻤﯩﺴﻰ‬ ‫ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﺑﺎﺭ؟‬ ‫ﺑﯘ ﻳﯩﻞ )7002-ﻳﯩﻠﻰ( ﺋﺎﺋﯩﻠﻪﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ »ﯞﯨﺴﺎﻝ« ﺭﯦـﺴﺘﯘﺭﺍﻧﯩﻐﺎ ﺋﯘﻳﻐـﯘﺭ ﻳﺎﺷـﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷـﻜﯩﻠﻰ‬ ‫ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ، ﻣﻪﻥ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ 01-02 ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﻛﯧﻠﻪﺭ، ﺩﻩﭖ ﭘﻪﺭﻩﺯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ .ﻟـﯧﻜﯩﻦ ﺋـﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺑﯩـﺮ ﻧﻪﭼـﭽﻪ ﻳـﯜﺯ‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﻯ ﻛﯧﻠﯩﭙﺘﯘ. ﺑﯘ ﻣﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﯞﻩ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪﻣﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮬﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﻤﺎﺱ ﯞﻩﻗﻪ ﺑﻮﻟـﺪﻯ.‬ ‫ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻼﻧــﺪﯨﻢ. ﭼﻮﯕﻘــﯘﺭ ﺗﻪﺳــﯩﺮﻟﻪﻧﺪﯨﻢ. »ﺋﯘﻳﻐــﯘﺭ ﺭﻭﮬــﻰ ﮬــﺎﺯﯨﺮﻣﯘ ﺋــﯚﺯ ﭘﯧــﺘﯩﭽﻪ‬ ‫ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯖــﺪﯨﻦ ﻗــﺎﺗﺘﯩﻖ‬ ‫ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﯟﯦﺘﯩﭙﺘﯘ«، ﺩﻩﭖ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﺧﯘﺷﺎﻝ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ. ﺋﯘﻧﯩﯖـﺪﯨﻦ ﺋﯚﻣﺮﯛﻣﻨﯩـﯔ ﻗﺎﻟﻐـﺎﻥ ﻗﯩـﺴﻤﻰ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﺑﯩـﺮ ﺗـﯜﮔﯩﻤﻪﺱ‬ ‫ﺭﻭﮬﯩﻲ ﺋﻮﺯﯗﻕ ﺋﺎﻟﺪﯨﻢ. ﺋﯘ ﺳﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﮬﻪﺭ ﺑﯩـﺮ ﻳﺎﺷـﻼﺭ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﻛﻪﯓ-ﻛﯘﺷـﺎﺩﻩ ﻣﯘﯕﺪﯨـﺸﯩﺶ ﭘﯘﺭﺳـﯩﺘﯩﻢ‬ ‫ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﻯ. ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺷـﻨﯩﯔ ﺳـﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋـﺎﯕﻼﺵ ﭘﯘﺭﺳـﯩﺘﯩﻤﻤﯘ ﺑﻮﻟﻤﯩـﺪﻯ. ﻟـﯧﻜﯩﻦ، ﺷـﯘ ﺳـﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﯞﻩ ﺑﺎﺷـﻘﺎ ﺟـﺎﻳﻼﺭﺩﺍ‬ ‫ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﺎﯕـﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐـﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻜـﻰ ﻛـﯚﺯ ﻧـﯘﺭﻟﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﭼﯩﺮﺍﻳﯩـﺪﯨﻜﻰ ﮬﯧﺴـﺴﯩﻴﺎﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻣﻪﻥ‬ ‫ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯛﻣﮕﻪ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﻤﻪﻛﭽﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ. ﺋـﯘﻻﺭ ﻣﺎﯕـﺎ: »ﺑﯩﺰﺩﯨﻤـﯘ ﺗﺎﻻﻧـﺖ ﺑـﺎﺭ .ﺑﯩﺰﺩﯨﻤـﯘ‬ ‫ﺑﯩﻠﯩـﻢ ﯞﻩ ﺋﯩﻘﺘﯩـﺪﺍﺭ ﺑـﺎﺭ. ﺑﯩﺰﻣـﯘ ﻗـﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩـﺸﻨﻰ ﺧـﺎﻻﻳﻤﯩﺰ ﯞﻩ ﺗﯩﺮﯨـﺸﺎﻻﻳﻤﯩﺰ .ﺑﯩﺰﻣـﯘ ﺟﺎﭘـﺎ ﭼﯧﻜﯩـﺸﺘﯩﻦ ﺋـﺎﺯﺭﺍﻗﻤﯘ‬ ‫ﻗﻮﺭﻗﻤﺎﻳﻤﯩﺰ. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺑﯩﺰ ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻠﺴﺎﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻟﻤﯩﺪﯗﻕ. ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﻧـﺪﺍﻕ ﻳـﻮﻝ ﺑـﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻟﻤﯩـﺪﯗﻕ.‬ ‫ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﺴﺎﻕ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻳﯚﻟﻪﻧﻤﻪﻱ ﺟـﺎﻥ ﺑﺎﻗﺎﻻﻳـﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻟﻤﯩـﺪﯗﻕ. ﺑـﯘ ﺟﻪﮬﻪﺗـﺘﻪ ﺑﯩـﺰﮔﻪ ﻳـﺎﺭﺩﻩﻡ‬ ‫ﻗﯩﻠﺴﯩﯖﯩﺰ«، ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﻪﻥ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﺗـﯜﺭﺩﻩ ﺋﻮﻳﻼﻧـﺪﯨﻢ. »ﺑـﯘ ﺋﯩﻨـﻰ-ﺳـﯩﯖﯩﻠﻼﺭﻏﺎ ﻣﻪﻥ‬ ‫ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﻩﻟﻪﺭﻣﻪﻥ؟« ﺩﻩﭖ ﺋﯚﺯ-ﺋﯚﺯﯛﻣﺪﯨﻦ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩـﻖ ﺳـﻮﺭﺍﭖ ﺗـﯘﺭﺩﯗﻡ. ﮬـﺎﺯﯨﺮﻣﯘ ﮬﻪﻡ ﺷـﯘﻧﺪﺍﻕ. ﺋـﻮﻳﻼﭖ‬ ‫ﺑﺎﻗــﺴﺎﻡ ﻣﻪﻥ ﺋــﯘﻻﺭ ﺋﯜﭼــﯜﻥ ﮬــﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘــﺎ ﮬــﯧﭻ ﻗﺎﻧــﺪﺍﻕ ﭼــﻮﯓ ﺋﯩــﺶ ﻗﯩﻠﯩــﭗ ﺑﯧﺮﻩﻟﻤﻪﻳــﺪﯨﻜﻪﻧﻤﻪﻥ. ﻗﯩﻠﯩــﭗ‬ ‫ﺑﯧﺮﻩﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﯩﻢ ﻣﯘﺷﯘ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﺶ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﻣﻪﻥ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﺎﺯﻣﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ﮬﻪﺭ ﺑﯩـﺮ ﻳﺎﺷـﻨﯩﯔ ﻳـﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ‬ ‫2-ﺗﻪﯕﻠﯩﻤﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ﺋﯚﺯ-ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺳﻮﺋﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺳﻮﺭﺍﭖ ﺑﯧﻘﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩـﻤﻪﻥ: »ﻣﻪﻧـﺪﻩ ﻧـﯧﻤﯩﻠﻪﺭ ﺑـﺎﺭ‬ ‫ﺋﯩﻜﻪﻥ؟ ﻧﯧﻤﯩﻠﻪﺭ ﻛﻪﻡ ﺋﯩﻜﻪﻥ؟ ﻛﻪﻡ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻮﻟﺪﯗﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻢ ﻛﯧﺮﻩﻙ؟«‬ ‫ﭼﻮﯓ ﺋﻮﯕﯘﺷﺴﯩﺰﻟﯩﻘﻘﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﯞﻩ ﻣﺎﯕﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻐﺎ ﻳﻮﻝ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺭﻭﮬﯩﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷﻜﯜﻧﻠﯩـﺸﯩﺶ ﮬﻪﻣـﻤﻪ‬ ‫ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﯩﺘﻰ. ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﮔﻪﭖ ﺑﯘﻧـﺪﺍﻕ ﭼﯜﺷـﻜﯜﻧﻠﯜﻛﻨﻰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩـﻚ ﯞﺍﻗﯩـﺖ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷـﺘﺎ.‬ ‫ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﭼﯜﺷﻜﯜﻧﻠﯜﻙ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺴﺎ، ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﭼﻮﯓ ﺯﯨﻴﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻛﯩـﺸﻰ‬ ‫ﺋﯚﺯﯨﺪﻩ ﻳﻮﻕ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﺋـﺎﮪ ﺋﯘﺭﻣﺎﻳـﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﺋﻪﻛـﺴﯩﭽﻪ، ﺋﯚﺯﯨـﺪﻩ ﺑـﺎﺭ ﻧﻪﺭﺳـﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩـﺴﯩﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩـﭗ‬ ‫ﭼﯩﻘﯩ ـﭗ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩ ـﯔ ﻛﯜﭼﯩ ـﺪﯨﻦ ﺋﻪﯓ ﺯﻭﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩ ـﺪﻩ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩ ـﺸﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨ ـﺸﯩﺪﯗ. ﺋ ـﺎﺩﻩﻡ ﺋ ـﯚﺯ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻟﻠ ـﯘﻗﻰ ﺋﺎﺳ ـﺘﯩﺪﺍ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﯩﻠﭽﻪ ﺋﺎﮪ ﺋﯘﺭﻣﺎﺳـﻠﯩﻘﻰ ﻛﯧـﺮﻩﻙ. ﭼـﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻧـﺪﺍﻕ ﺋـﺎﮪ ﺋﯘﺭﯗﺷـﻨﯩﯔ ﮬـﯧﭻ ﻗﺎﻧـﺪﺍﻕ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩـﻲ‬ ‫ﻗﯩﻤﻤﯩﺘـﻰ ﻳـﻮﻕ. ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﺋﻪﻛـﺴﯩﭽﻪ، ﺋـﯚﺯﻯ ﻗﯩﻼﻻﻳـﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩـﺸﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩـﺴﯩﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩـﭗ ﭼﯩﻘﯩـﭗ، ﺋـﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﻪﯓ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ ـ‬ ‫ﻣﯘﮬﯩﻤﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﻟﮕﻪﻧﺪﻩﻙ »ﺳﯚﯕﮕﯩﭽﯩﮕﻪ ﺗﯧﭙﯩﺶ« ﻛﯧـﺮﻩﻙ .‬ ‫11‬
  • 12. ‫ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ‬ ‫ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﺗﻪﯕﻠﯩﻤﯩﺴﻰ‬ ‫ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺗﻪﺗﯜﺭ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﯩـﺮ ﺷـﺎﺭﺍﺋﯩﺘﺘﯩﻤﯘ ﻣﻪﻟـﯘﻡ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩـﺪﻩ ﻧﻪﺗﯩـﺠﻪ ﻗﺎﺯﯨﻨﺎﻻﻳـﺪﯗ.‬ ‫ﯞﺍﻗﯩــﺖ ﻳــﺎﻛﻰ ﺋﯚﻣــﯜﺭ ﺋﯩــﺴﺮﺍﭘﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺳــﺎﻗﻠﯩﻨﺎﻻﻳﺪﯗ. ﺋﯜﺯﻟﯜﻛــﺴﯩﺰ ﺋﺎﻟﻐــﺎ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﯩﻴﻪﻟﻪﻳــﺪﯗ. ﻣﻪﻥ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﯩــﯔ ﺑــﯘ‬ ‫ﻳﺎﺯﻣﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﯩﺪﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺟﻪﮬﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺸﻜﻪ ﻣﯧﯖﯩﺸﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻟـﻤﻪﻱ ﻗﺎﻟﻐـﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐـﯘﺭ‬ ‫ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﭼﯩﻦ ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﺪﯨﻦ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ.‬ ‫ﺋﺎﺧﯩﺮﯨـﺪﺍ ﻣﯧﻨﯩـﯔ ﺋﻮﻗـﯘﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘـﺎ ﺋﯩﻜﻜـﻰ ﺋﯜﻣﯩـﺪﯨﻢ ﺑـﺎﺭ. ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﺑﯩﺮﺳـﻰ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳـﯩﺰ ﺑﯩـﺮﻩﺭ ﺗـﻮﺭ ﺑﯧﺘﯩﻨـﻰ‬ ‫ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺑﯘ ﻳـﺎﺯﻣﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷـﯘ ﺗـﻮﺭ ﺑﯧﺘﯩﮕﯩﻤـﯘ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨـﭗ ﻗﻮﻳـﺴﯩﯖﯩﺰ. ﺑﯘﻧﯩـﯔ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﻣﻪﻧـﺪﯨﻦ ﻳـﺎﻛﻰ‬ ‫ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺭﯗﺧﺴﻪﺕ ﺋﺎﻟﻤﯩﺴﯩﯖﯩﺰﻣﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﻣﻪﻧﺒﻪﻧﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﭗ ﻗﻮﻳـﺴﯩﯖﯩﺰ.‬ ‫ﻣﯧﻨﯩ ـﯔ ﺑﯘﻧ ـﺪﺍﻕ ﺋﯜﻣﯩ ـﺪﺗﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷ ـﯘﻣﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧ ـﺪﺍﻕ ﺳ ـﻪﯞﻩﺑﻰ ﺑ ـﺎﺭ. ﺋ ـﺎﺩﻩﻡ ﺋ ـﯚﺯﻯ ﻗﯩﻠﻤ ـﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐ ـﺎﻥ ﺋﯩ ـﺸﻨﻰ ﺗﻮﻟ ـﯘﻕ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ـ‬ ‫ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﯩﺴﻪ، ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻗﻪﺩﻩﻣﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯧﺴﯩﺶ، ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻗﻪﺩﻩﻣـﺪﻩ ﻗﺎﻳـﺴﻰ ﺋﯩـﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩـﺶ ﺗﻮﻏﺮﯨـﺴﯩﺪﺍ ﺗـﻮﻏﺮﺍ‬ ‫ﻗـﺎﺭﺍﺭ ﭼﯩﻘﯩﺮﺍﻟﻤﺎﻳـﺪﯗ. ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﯩـﻚ ﺑﻮﻟﯘﺷـﻨﻰ ﺋـﺎﺭﺯﯗ ﻗﯩﻠﯩـﺪﯨﻐﺎﻥ، ﮬﻪﻣـﺪﻩ ﺷـﯘ ﻳﻮﻟـﺪﺍ ﺗﯚﻟﯩﻤﯩـﺴﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳـﺪﯨﻐﺎﻥ‬ ‫ﺑﻪﺩﻩﻟﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﯚﻟﻪﺷﻜﻪ ﭼﯩﺪﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺵ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻳـﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺗﻪﯕﻠﯩﻤﯩﻨـﻰ ﺗﻮﻟـﯘﻕ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩـﺸﻰ ﻛﯧـﺮﻩﻙ. ﺋـﯘﻧﻰ‬ ‫ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﻪﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺧﯘﺩﺩﻯ »ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳـﯩﺰ ﻧﻪﮔﻪ ﻣﯧﯖﯩﯟﺍﺗﻘـﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﻠﻤﯩـﺴﯩﯖﯩﺰ، ﻗﺎﻳـﺴﻰ ﻳﻮﻟـﺪﺍ‬ ‫ﻣﺎﯕﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘﯞﯦﺮﯨﺪﯗ« ﺩﯦﮕﻪﻧﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ، ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﻳـﺎﺯﻣﯩﻨﻰ ﺋﯩﻤﻜـﺎﻥ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻛـﯚﭘﺮﻩﻙ‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﯧﻘﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ. ﻣﯧﻨﯩﯔ 2-ﺋﯜﻣﯩﺪﯨﻢ، ﺑﯘﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ﮬﻪﺭ ﺑﯩـﺮ ﻳـﺎﺵ ﺋﯩﻤﻜـﺎﻥ‬ ‫ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺗﻪﯕﻠﯩﻤﻪ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺑﯘ ﺗﻪﯕﻠﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﻳﺎﻛﻰ ﺗـﻮﻏﺮﺍ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐـﺎﻥ ﻳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨـﻰ‬ ‫ﺑﺎﻳﻘﯩﺴﺎ، ﺋﯘﻧﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯩﻨﻜﺎﺱ ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﻩ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﻗﻮﻳـﺴﺎ .ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳـﯩﺰ ﺑـﯘ ﻳـﺎﺯﻣﯩﻨﻰ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏـﺎﻥ ﺗـﻮﺭ ﺑﯧﺘﯩﻨﯩـﯔ‬ ‫.‪ (erkinsidiq@gmail‬ﺩﻩﭖ‬ ‫‪com‬‬ ‫ﺋﺎﺩﺭﯦــﺴﯩﻨﻰ ﻣﺎﯕــﺎ ﺋــﯧﻠﺨﻪﺕ ﺋــﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ )ﻣﯧﻨﯩــﯔ ﺋــﯧﻠﺨﻪﺕ ﺋﺎﺩﺭﯦــﺴﯩﻢ‬ ‫ﺑﻪﺭﺳﯩﯖﯩﺰ، ﻣﻪﻥ ﺋﯘ ﺗﻮﺭ ﺑﯧـﺘﯩﮕﻪ ﭼﯜﺷـﻜﻪﻥ ﺋﯩﻨﻜﺎﺳـﻼﺭﻧﻰ ﭘـﺎﺕ-ﭘـﺎﺕ ﻛـﯚﺭﯛﭖ ﺗـﯘﺭﯨﻤﻪﻥ. ﺩﯗﻧﻴـﺎﺩﺍ ﺧﺎﺗﺎﻻﺷـﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ‬ ‫ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻳﻮﻕ .ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻳﺎﺯﻏـﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳـﻪﻣﺪﻩ ﯞﻩ ﻗﯩﻠﻐـﺎﻥ ﺋﯩـﺸﯩﻤﺪﺍ ﺧﺎﺗـﺎﻟﯩﻖ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﻣﻪﺳـﻠﯩﻜﻰ ﻣـﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ .ﻣﯧﻨﯩـﯔ‬ ‫ﺑﯘﻧﯩﯖــﺪﯨﻦ 52 ﻳﯩــﻞ ﺑــﯘﺭﯗﻥ ﺗــﯜﺯﮔﻪﻥ »ﻣــﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﯕﻠﯩﻤﯩــﺴﻰ« ﺋــﺎﺭﺍﻥ 3 ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻨــﻰ، ﯞﻩ ﻳــﺎﻟﻐﯘﺯ ﻗﻮﺷــﯘﺵ‬ ‫ﺑﻪﻟﮕﯩﺴﯩﻨﯩﻼ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻻﺗﺘﻰ. ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻣﻪﻥ ﺋـﯘﻻﺭﻧﻰ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩـﭗ، 6 ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻨـﻰ، ﮬﻪﻣـﺪﻩ ﻗﻮﺷـﯘﺵ، ﺋـﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ‬ ‫ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﺶ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ. ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﻪﺷﺘﯘﺭ. ﺑﯩﺰ ﺋﯚﺯ-ﺋﺎﺭﺍ ﻣﯘﺯﺍﻛﯩﺮﻩ ﯞﻩ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﻩ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﯞﻩ ﺋﯚﺯ-ﺋﺎﺭﺍ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺗﻪﯕﻠﯩﻤﯩﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﮬـﺎﻟﯩﺘﯩﮕﻪ ﺗﯧﺨﯩﻤـﯘ‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﺗﻪﯕﻠﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧـﺪﯗﺭﺍﻻﻳﻤﯩﺰ. ﻣﻪﻥ ﮬﻪﻣﻤﯩﯖﻼﺭﻧﯩـﯔ ﻣﯘﺷـﯘ ﺟﻪﮬﻪﺗـﺘﻪ‬ ‫ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﺗﯚﮬﭙﻪ ﻗﻮﺷﯘﺷﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﭼﯩﻦ ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﺪﯨﻦ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ. ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ.‬ ‫21‬