Maxosen qushunlirining qilmishliri

432 views

Published on

Published in: Education
0 Comments
0 Likes
Statistics
Notes
  • Be the first to comment

  • Be the first to like this

No Downloads
Views
Total views
432
On SlideShare
0
From Embeds
0
Number of Embeds
1
Actions
Shares
0
Downloads
3
Comments
0
Likes
0
Embeds 0
No embeds

No notes for slide

Maxosen qushunlirining qilmishliri

  1. 1. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮرﺧﯘن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﺎرﯨﺨﻰ ﺗﻮر ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ﻣﺎﺧﯘﺳﻪن ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﻮﺗﻪن ﺧﻪﻟﻘﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎن زوراۋاﻧﻠﯩﻖ ۋە‬ ‫ﺑﯘزﻏﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﯩﻠﻪر‬ ‫ﻣﻪﻣﺘﯩﻤﯩﻦ ﺗﻮﺧﺘﻰ‬ ‫ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى‬ ‫‪Yawuz‬‬ ‫ﺗﻮرﻏﺎ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ : ﺋﻮرﺧﯘن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﺎرﯨﺨﻰ ﺗﻮر ﺑﯧﺘﯩﺪﯨﻦ‬ ‫ﻣﺎﺧﯘﺳﻪن ﻗﯘﺷﯘﻧﻠﯩﺮى ﺧﻮﺗﻪن راﻳﻮﻧﯩﺪا 4391- ﻳﯩﻞ 7- ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ 7391- ﻳﯩﻞ 01- ﺋﺎﻳﻐﺎ ﻗﻪدەر، ﻳﻪﻧﻰ‬ ‫ﺋﯜچ ﻳﯩﻞ ﺗﯚت ﺋﺎي ﮬﯚﻛﯜﻣﺮاﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺪى، ﺑﯘ ﻣﻪزﮔﯩﻠﺪە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺧﻮﺗﻪن ﺧﻪﻟﻘﯩﮕﻪ ﺳﺎﻟﻐﺎن زۇﻟﯘم‬ ‫ﻛﯜﻟﭙﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯘ ﻗﯩﺴﻘﯩﻐﯩﻨﻪ ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﻪ ﺑﯩﻠﻪن ﺗﺎﻣﺎﻣﻪن ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺋﯩﺰاﮬﻼپ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪن. ﺷﯘﻧﺪاق‬ ‫ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﻛﯚرﮔﻪن ۋە ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎن ﺑﻪزﯨﺒﯩﺮ ﭘﺎﺟﯩﯭﻟﯩﻚ ۋەﻗﻪﻟﻪرﻧﻰ ﺗﯜۋەﻧﺪﯨﻜﯩﭽﻪ ﺑﺎﻳﺎن ﻗﯩﻠﯩﭗ‬ ‫ﺋﯚﺗﯩﻤﻪن:‬ ‫1. ﻣﺎﺧﯘﺳﻪن ﻗﯘﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘﻧﺴﯩﺰ ﺋﺎﻟﯟاڭ- ﺳﯧﻠﯩﻘﻰ.‬ ‫ﻣﺎﺧﯘﺳﻪن ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﻪﻟﻘﻘﻪ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺳﯧﻠﯩﻖ ﻗﯘﻳﯘپ ﻳﯩﻐﯩﯟاﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎﻟﯟاڭ- ﻳﺎﺳﺎق ﻧﻪرﺳﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ‬ ‫ﺳﺎن ۋە ﺗﯜرﻟﯩﺮى ﺳﺎﻧﺎپ ﺗﯜﮔﻪﺗﻜﯜﺳﯩﺰ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ، ﮬﻪﭘﺘﯩﻠﯩﻚ ۋە ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯜزۈم ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ‬ ‫ﻳﯧﻐﯩﯟاﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﺮى ﺋﺎﻟﺘﯘن، ﻛﯚﻣﯜش، ﻣﯩﺲ، ﺗﯘچ، ﺗﯚﻣﯜر- ﭘﻮﻻت، ﮔﯜرۈچ، ﺑﯘﻏﺪاي، ﻗﻮﻧﺎق، ﻳﺎﻏﺎچ،‬ ‫ﮬﻪرﺧﯩﻞ ﺗﯧﺮە، ﺗﯜﮔﻪ، ﻗﻮي ﻳﯘﯕﻠﯩﺮى، ﺋﯘﺗﯘن، ﭘﯩﭽﺎن )ﺑﯧﺪە(، ﺳﺎﻣﺎن، ﭘﺎﺧﺘﺎ، ﮬﻪرﺧﯩﻞ ﻳﯩﭗ، ﺧﺎم-‬ ‫ﭼﻪﻛﻤﻪن، ﺋﺎت، ﻛﺎﻻ، ﻗﻮي، ﺗﻮﺧﯘ- ﺋﯚردەك، ﮬﻪرﺧﯩﻞ ﺗﯘﺧﯘم ۋە ﻳﺎغ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘﻼر ﺑﯘﻟﯘپ، ﺑﯘ ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪرﻧﻰ‬ ‫ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن دﯦﮭﻘﺎﻧﻼرﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﻚ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺋﺎﻟﯟاڭ- ﻳﺎﺳﺎﻗﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﯟاﻟﻐﯘﭼﯩﻼر ﻛﯜﻧﯩﮕﻪ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻮن‬ ‫ﻗﯧﺘﯩﻤﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ- ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺗﯘراﺗﺘﻰ. ﺟﺎﻏﻠﯩﻐﺎ ﻛﻪﻧﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻤﺎم ﺷﺎ ﻳﯜز ﺑﯧﺸﻰ )ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻗﯧﻴﯩﻦ ﺗﺎﻏﺎم( ﻧﯩﯔ‬ ‫ﺳﯚزﻟﻪپ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﭽﻪ:»ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﺪە دﯦﮭﻘﺎﻧﻼردﯨﻦ ﻳﯧﻐﯩﯟاﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎﻟﯟاڭ- ﻳﺎﺳﺎﻗﻨﯩﯔ ﺗﯜرى 63 ﺧﯩﻠﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪن‬ ‫ﻛﯜﻧﻠﻪرﻣﯘ ﺑﻮﻟﻐﺎن. ﻳﯩﻐﯩﯟاﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺗﯜرى ﻛﯚپ، ﺳﺎﻧﻰ ﺟﯧﻖ ﮬﻪم ۋاﻗﯩﺖ ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﯩﺴﻰ ﻗﯩﺴﻘﺎ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ، ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﺪا ﺋﺎت- ﺋﯘﻻغ، ﺋﺎﺷﻠﯩﻖ، ﺧﺎم-ﭼﻪﻛﻤﻪن ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺋﻮن ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﻟﯟاﯕﻨﻰ‬ ‫ۋاﻗﺘﯩﺪا ﺗﺎﭘﺸﯘرۇپ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺑﯧﺮەﻟﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻢ ﺋﯜﭼﯜن ﻣﺎﺧﯘﺳﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻜﻪرﻟﯩﺮى ﻗﻮﻟﯘﻣﻨﻰ ﺑﺎﻏﻼپ ﺋﯧﺴﯩﭗ‬ ‫ﻗﯘﻳﯘپ، ﺑﻮﻳﻨﯘﻣﻐﺎ ﺑﯩﺮ داﻧﻪ ﺗﺎﺷﻨﻰ ﺋﯧﺴﯩﭗ ﻗﯘﻳﯘپ، ﺋﺎزاﺑﻠﯩﻐﺎﻧﯩﺪى. ﺑﯘ ﺋﻪﮬﯟاﻟﻨﻰ ﻛﯚرﮔﻪن دادام ﭼﯩﺪاپ‬ ‫ﺗﯘراﻟﻤﺎي ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﺎش ﺗﯜﮔﻤﯩﻨﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪارﻏﺎ ﺳﯧﺘﯩﭗ ﺋﺎت ﭘﯘﻟﻰ ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻟﯟاڭ ﺋﯜﭼﯜن ﺗﯚﻟﻪپ‬ ‫ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻣﯧﻨﻰ ﻗﯘﺗﻘﯘزۋاﻟﻐﺎن« دەﻳﺪۇ. ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﺷﯘﻛﻰ: ﻳﻪر ﺑﯧﺠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮬﻪﻗﺴﯩﺰ‬ ‫ﺗﯜﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﺷﻠﯩﻖ ﺑﯘﻟﯘپ، ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻠﻰ »ﭼﯚرۈﻣﻪ ﺋﺎﺷﻠﯩﻖ« دەپ ﺋﺎﺗﯩﻼﺗﺘﻰ. ﺑﯘ ﮬﻪﭘﺘﯩﺪە ﺑﯩﺮ‬ ‫ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﯜﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎﺷﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪى. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻠﻰ »دەن ﺋﺎﺷﻠﯩﻖ« دەپ ﺋﺎﻳﻤﯘ ﺋﺎي ﺗﯜﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎﺷﻠﯩﻖ‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫1‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜزﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ﮬﻪۋەﺳﻜﺎر‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  2. 2. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮرﺧﯘن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﺎرﯨﺨﻰ ﺗﻮر ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ﺑﯘﻟﯘپ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﯩﻘﺪارى، ﺋﯚﻟﭽﻪم ﺳﺎﻧﻰ ﮬﻪر ﻳﯘرﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪﮬﯟاﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎراپ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻨﻪﺗﺘﻰ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺋﺎت‬ ‫ﺋﺎﻟﯟﯨﯖﻰ ﺑﯘﻟﯘپ، ﺋﺎﺗﻨﯩﯔ ﮬﻪرﺧﯩﻞ رەڭ ﺗﯜرﻟﯩﺮى ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻳﯘرت- ﻳﯘرﺗﻘﺎ ﺗﻪﻗﺴﯩﻢ ﺑﯘﻻﺗﺘﻰ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن:‬ ‫ﻣﺎﺧﯘﺳﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﺗﯚت ﻟﯜي ﺑﯘﻟﯘپ، ﮬﻪر ﺑﯩﺮ ﻟﯜي ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﯜەن )ﭘﻮﻟﻚ( دﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت ﺋﯩﺪى.‬ ‫1- ﻟﯜي ﺗﺎﻣﺎﻣﻪن ﺟﻪدە ﺋﺎت، 2- ﻟﯜي ﻗﯘﻟﻰ ﺋﺎت، 3- ﻟﯜي ﺋﺎق ﺋﺎت، 4- ﻟﯜي ﻗﺎرا ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪى. ﺷﯘﻧﯩﯔ‬ ‫ﺋﯜﭼﯜن ﺋﺎﺗﻼرﻣﯘ ﺷﯘﻧﺪاق رەڭ ﺗﯜرى ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﺎﻟﯟاڭ ﻗﻮﻳﯩﻼﺗﺘﻰ. ﺳﯜﭘﻪﺗﺘﻪ ﺋﺎﺧﺘﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن ﮬﻪم ﻳﺎش، ﮬﻪم‬ ‫ﺳﯩﻤﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘﺷﻰ ﺷﻪرت ﺋﯩﺪى. ﻣﯘﻧﺪاق ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﺗﻨﯩﯔ ﮬﻪر ﺑﯩﺮ ﻛﻪﻧﺘﯩﺪﯨﻦ ﺗﯧﭙﯩﻠﯩﺸﻰ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﺋﯩﺪى. ﺋﯘﻧﯩﯔ‬ ‫ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﻪﺳﻜﻪرﻟﻪرﻧﯩﯔ ﻗﯧﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎن، ﻛﯧﺴﻪل ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎن، ﺋﯘرۇﻗﻼپ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﺋﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚزﻟﯜﻛﺴﯩﺰ‬ ‫ﻳﻪﯕﮕﯜﺷﻠﻪپ ۋە ﺗﯘﻟﯘﻗﻼپ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻣﻪﺟﺒﯘرﯨﻴﺘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ، ﺋﺎت ﺋﺎﻟﯟﯨﯖﻰ داۋاﻣﻠﯩﻖ ﺑﯘﻟﯘپ ﺗﯘراﺗﺘﻰ.‬ ‫ﺷﯘﻧﯩﯖﺪەك ﻧﺎﺋﯩﻨﺴﺎپ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪارﻻر ﮬﻪرﺧﯩﻞ ﺋﺎﻟﯟاڭ- ﻳﺎﺳﺎﻗﻼرﻧﻰ ﺗﺎﻛﻰ ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻧﺘﻜﻪ ﻗﻪدەر ﻗﺎﺗﻤﯘ‬ ‫ﻗﺎت ﻛﯜﭘﻪﻳﺘﯩﭗ ﻳﯩﻐﯩﯟاﻻﺗﺘﻰ.‬ ‫2. ﻳﺎﺷﻼرﻧﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪرﻟﯩﻜﻜﻪ ﺗﯘﺗﯘپ ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﻗﺎﻗﺸﯩﺘﺎﺗﺘﻰ:‬ ‫ﻣﺎﺧﯘﺳﻪن ﺋﻪﺳﻜﻪرﻟﯩﺮى 51 ﻳﺎﺷﺘﯩﻦ ﻳﯘﻗﯘرى، 05 ﻳﺎﺷﺘﯩﻦ ﺗﯜۋەن ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪرﻟﯩﻜﻜﻪ ﺗﯘﺗﯘپ زۇﻟﯘم‬ ‫ﺳﺎﻻﺗﺘﻰ. ﺋﻪﺳﻜﻪرﻟﯩﻜﻜﻪ ﺗﯘﺗﯘﻟﻐﺎﻧﻼر ﺧﻮرﻟﯩﻨﯩﭗ ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﻛﯧﺴﻪل ۋە ﺗﺎﻳﺎق زۇﻟﯘم ﺋﺎزاﺑﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﮬﻪر ﻛﯜﻧﻰ‬ ‫دﯦﮕﯜدەك ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﯩﺴﻰ ﺋﯜﻟﯜپ ﻛﯩﺘﻪﺗﺘﻰ. ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﺋﺎزاب ﺋﻮﻗﯘﺑﻪﺗﻠﻪرﮔﻪ ﺗﯘﺗﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯜﭼﯜن‬ ‫ﺧﻮﺗﻪن ﻳﺎﺷﻠﯩﺮى ﻳﻪر ﺋﺎﺳﺘﻰ ﮔﻪﻣﯩﻠﻪردە، ﺳﺎﻧﺪۇﻗﻼردا ۋە ﺋﯚﯕﻜﯜرﻟﻪردە ﻳﯘﺷﯘرﻧﯘپ ﻛﯜن ﺋﯚﺗﻜﯜزۈﺷﻜﻪ ۋە‬ ‫ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﻪت ﺗﺎﭘﺎﻟﯩﻐﺎﻧﻠﯩﺮى ﭼﻪت ﻳﯘرﺗﻼرﻏﺎ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻜﻪ ﻣﻪﺟﺒﯘر ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﯩﺪى.‬ ‫3. ﻗﻮل ﮬﯜﻧﻪرۋەﻧﻠﻪرﻧﻰ ﻣﻪﺟﺒﯘرى ﺗﯘﺗﯘۋﯦﻠﯩﭗ ﮬﻪﻗﺴﯩﺰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ:‬ ‫ﻣﺎﺧﯘﺳﻪن ﺋﯚز ﻗﯘﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪش ﺋﯜﭼﯜن، ﺋﯩﮕﻪر- ﺟﺎﺑﺪۇق ﻛﺎرﺧﺎﻧﯩﺴﻰ، ﮔﯧﻠﻪم ﻛﺎرﺧﺎﻧﯩﺴﻰ، ﺳﻪﻳﭙﯘڭ‬ ‫ﻛﺎرﺧﺎﻧﯩﺴﻰ، ﺋﺎﻳﺎغ- ﻛﯧﻴﯩﻢ ﻛﺎرﺧﺎﻧﯩﺴﻰ، ﺗﯚﻣﯜرﭼﯩﻠﯩﻚ ﻛﺎرﺧﺎﻧﯩﺴﻰ، ﺑﯘﻳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﻖ ﻛﺎرﺧﺎﻧﯩﺴﻰ ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ‬ ‫ﻛﺎرﺧﺎﻧﯩﻼرﻧﻰ ﻗﯘرۇپ، ﻳﯘرت ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻮل- ﮬﯜﻧﻪرۋەﻧﻠﻪرﻧﻰ ﻗﻮﻳﻤﺎي ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﭗ، ﮬﻪﻗﺴﯩﺰ ﺋﯩﺸﻘﺎ‬ ‫ﺳﺎﻟﻐﺎﻧﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪا ﻗﯧﯩﭽﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﺪۇ دەپ ﺋﯘﻻرﻏﺎ ﺗﯜرﻣﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﮬﺒﯘﺳﻼردەك ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ. ﺋﯘﻻرﻧﻰ‬ ‫ﺑﺎﻻ- ﭼﺎﻗﯩﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯜرۈﺷﺘﯜرﻣﻪﻳﺘﺘﻰ، ﺋﺎش- ﺗﺎﻣﺎﻗﺘﺎ ﻗﯩﺴﺎﺗﺘﻰ، ﻧﺎۋادا ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻗﻮﻳﺴﺎ ﺗﯘﺗﯘپ ﻛﯧﻠﯩﭗ‬ ‫ﺋﯘرۇپ ﻣﯧﻴﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﯟﯨﺘﻪﺗﺘﻰ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺑﻪزﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎزاﺑﻼپ ﺋﯚﻟﺘﯜرﯨﯟﯨﺘﻪﺗﺘﻰ. ﻳﯘﻗﯘرﯨﻘﻰ ﺋﯜچ ﺗﯜرﻟﯜك ﺋﺎزاب-‬ ‫ﺋﻮﻗﯘﺑﻪﺗﻠﻪر ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ، ﭼﻪت ۋﯨﻼﻳﻪت ۋە ﭼﻪت ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﻪرﮔﻪ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﻪر ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯚپ.‬ ‫ﺑﯘﻻرﻧﯩﯔ ﺑﻪزﯨﻠﯩﺮى ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻳﯩﻠﻼردا، ﺑﯘﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﺎزاﺗﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺑﻪزﯨﻠﯩﺮى‬ ‫ﭼﻪﺗﺘﻪ ﺗﯘرﻣﯘش ﻗﯘرۇپ ﺋﻪۋﻻدﻟﯩﻖ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﮬﺎزﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺸﻤﯩﺪى.‬ ‫4. ﮬﺎﺷﺎر ﺋﺎﻟﯟﯨﯖﻰ:‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫2‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜزﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ﮬﻪۋەﺳﻜﺎر‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  3. 3. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮرﺧﯘن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﺎرﯨﺨﻰ ﺗﻮر ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﮬﺎﺷﺎر ﺋﺎﻟﯟﯨﯖﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎي ﺑﯘﻟﯘپ ﺗﯘراﺗﺘﻰ. ﺑﯘﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﻮﺗﯘن، ﺑﯩﺪە، ﺳﺎﻣﺎن ﺗﯘﺷﯘش ﺋﻪﻣﮕﯩﮕﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ‬ ‫ﺋﯩﺪى. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻳﯘرﺗﺘﺎ دﯦﮭﻘﺎﻧﻼرﻧﯩﯔ ﺋﺎت- ﺋﯘﻻﻏﻠﯩﺮى ﺋﺎﻟﯟاڭ- ﻳﺎﺳﺎق ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ ﺋﯘرۇﻗﻼپ ﺋﯚﻟﯜپ‬ ‫ﺗﯜﮔﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯜﭼﯜن، ﺋﻮﺗﯘن- ﺳﺎﻣﺎن ﺗﻮﺷﯘش ﺋﯩﺸﻰ ﺋﺎدەم ﻛﯜﭼﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯘﻻﺗﺘﻰ. ﺋﻪﻣﮕﻪﻛﻜﻪ ﻳﺎراﻳﺪﯨﻐﺎن‬ ‫ﻳﺎﺷﻼر ﺋﻪﺳﻜﻪرﻟﯩﻜﻜﻪ ﺗﯘﺗﯘﻟﻐﺎن ﻳﺎﻛﻰ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﻮﺗﯘن- ﺳﺎﻣﺎن، ﺋﺎﺷﻠﯩﻖ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ‬ ‫ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺗﻮﺷﯘش ﺋﯩﺸﻰ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼر ﺑﯩﻠﻪن ﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎن ﺋﻪر ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﮔﻪ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪى. ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﺷﺎﺋﯩﺮ‬ ‫ﻣﻪﮬﻪﻣﻤﻪت ﺗﯘردى ﻗﺎﺳﯩﻢ ﻣﺎﺧﯘﺳﻪﻧﻨﯩﯔ زۇﻟﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺷﯩﻜﺎﻳﻪت ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎزﻏﺎن ﺗﯜۋەﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯘﺑﻠﯩﺖ‬ ‫ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﺴﻪك ﻛﯘﭘﺎﻳﻪ ﻗﯩﻼر:‬ ‫ﺗﺎۋار- دۇردۇن ﺟﯧﻠﯩﺘﻜﻪ ﺗﺎرﻟﯩﻘﯩﺪﯨﻦ رەﻧﺠﯩﮕﻪن ﻗﯩﺰﻻر،‬ ‫ﺋﻮﺗﯘن- ﺳﺎﻣﺎن ﻳﯜدﻣﻪك ﺑﯩﻠﻪن ﻗﻪددى دۇﺗﺎر ﺋﻮﻟﺪى.‬ ‫5. ﻣﺎﺧﯘﺳﻪن ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺗﺎۋاﺑﯩﯫﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯚﻳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ زورﻟﯘق ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻰ ۋە‬ ‫ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ زورﻟﯘق ﺑﯩﻠﻪن ﺷﻪﺧﺴﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺑﻮزەك ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ:‬ ‫ﻣﺎﺧﯘﺳﻪن ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻜﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪارﻻرﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺗﺎۋاﺑﯩﯫﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ۋە ﺋﯘرۇق- ﺗﯘﻗﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮﮔﻪ‬ ‫ﺋﻪﮔﻪﺷﺘﯜرۈپ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺑﯘﻟﯘپ، ﺋﯘﻻر ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ، ﺷﻪﮬﻪرﻟﻪردە ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﻪدەر ﻳﺎﺧﺸﯩﺮاق ﺑﻮﻟﻐﺎن‬ ‫ﺋﯚﻳﻠﯩﺮﯨﮕﻪ زورﻟﯘق ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘرۇﻧﻠﯩﺸﯩﯟاﻻﺗﺘﻰ. ﺋﯘﻻرﻏﺎ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪاق ﻧﺎرازﯨﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪس ﺋﯩﺪى.‬ ‫ﺋﯘﻻر ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﻠﺮﯨﺪە زورﻟﯘق ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮﻟﺘﯘرﯨﯟاﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯚي ﺗﺎزﯨﻼش، ﺋﯧﻐﯩﻞ ﺗﺎزﯨﻼش،‬ ‫ﺋﯘﻻﻏﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯘﻏﯘرۇش، ﺋﻮت- ﺑﯧﺪە ﺗﻮﻏﺮاش، ﺋﻮﺗﯘن ﻳﯧﺮﯨﺶ، ﻧﻪرﺳﻪ- ﻛﯧﺮەك ﺗﯘﺷﯘش ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ‬ ‫ﺋﻪﻣﮕﻪﻛﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﻮﭼﯩﺪا ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺋﺎدەﻣﻠﻪرﻧﻰ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﯘ ﺋﻪر- ﺋﺎﻳﺎل، ﻳﺎش ﻗﯧﺮى ﺑﻮﻟﺴﯘن ﺗﯘﺗﯘپ ﻛﯩﺮﯨﭗ‬ ‫ﻛﯜن ﺑﻮﻳﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺳﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮى، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺋﻮﺑﺪان ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﺪﯨﯔ دەپ ﺋﯘراﺗﺘﻰ. ﺋﻪﮔﻪردە‬ ‫ﺗﯘﺗﯩﯟاﻟﻐﺎﻧﺪا ﻧﺎرازﯨﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎرﺷﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺋﯘرۇﻧﺴﺎ، رەﮬﯩﻢ ﻗﯩﻠﻤﺎي ﺋﺎزاﺑﻼﻳﺘﺘﻰ.‬ ‫6. ﻳﺎش ﺋﯚﺳﻤﯜرﻟﻪرﮔﻪ ﺳﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎن زۇﻟﯘم:‬ ‫ﻣﺎﺧﯘﺳﻪن ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮى 51 ﻳﺎﺷﺘﯩﻦ ﻳﻮﻗﯘرى ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻳﺎﺷﻼرﻧﻰ ﻣﻪﺟﺒﯘرى ﺋﻪﺳﻜﻪرﻟﯩﻜﻜﻪ ﺗﯘﺗﯘۋﯦﻠﯩﭗ ﺑﺎﻻﻳﻰ-‬ ‫ﺋﺎﭘﻪت ﻛﻪﻟﺘﯜرﮔﻪﻧﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪا 51 ﻳﺎﺷﺘﯩﻦ ﺗﯜۋەن، ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ- ﺗﻮﻗﻘﯘز ﻳﺎﺷﺘﯩﻦ ﻳﻮﻗﯘرى ﺋﯚﺳﻤﯜر ﺑﺎﻟﯩﻼرﻧﻰ‬ ‫ﭘﻪﻳﺠﺎﯕﺪﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘرى )ﭘﻪﻳﺠﺎڭ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪە( ﮬﻪرﺑﯩﻴﻠﻪر ۋە ﻛﻮﻳﻪﻧﺪﯨﻦ ﻳﻮﻗﯘرى ﻣﻪﻣﯘرﯨﻲ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪارﻻرﻧﯩﯔ‬ ‫ﭼﺎﻳﭽﯩﻠﯩﻖ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﺗﯘﺗﯘۋﯦﻠﯩﭗ )ﺑﯘﻻر ﮔﺎۋا دەپ ﺋﺎﺗﯩﻼﺗﺘﻰ( ﮬﻪرﺑﯩﻲ ﻛﯩﻴﯩﻢ ﻛﯩﻴﮕﯜزۈپ ﺷﻪﺧﺴﻰ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﮕﻪ‬ ‫ﺳﺎﻻﺗﺘﻰ. ﻳﯘﻗﯘرى دەرﯨﺠﯩﻠﯩﻜﻠﻪر ﺋﯚز دەرﯨﺠﯩﺴﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﻪﺗﺘﻰ. ﺋﯘ ﺑﺎﻟﯩﻼرﻧﻰ ﻛﯜن ﺑﻮﻳﻰ‬ ‫ﺗﯜرﻟﯜك ﭘﺎرﭼﻪ- ﭘﯘرات ﺋﯩﺸﻼرﻏﺎ ﺳﺎﻟﻐﺎﻧﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪا، ﺋﺎﺧﺸﺎﻣﻠﯩﺮى ﭘﯘت- ﻗﻮل، ﺑﻪدەﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﻘﯩﻠﻰ‬ ‫ﺳﺎﻻﺗﺘﻰ. ﺋﻪﮔﻪردە ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺋﯩﺸﻠﯩﺮى ﻛﯚﯕﻠﯩﮕﻪ ﻳﺎﻗﻤﯩﺴﺎ ﺋﯘراﺗﺘﻰ. ﺑﻪزى ﺋﺎدەﻣﻠﻪر ﺋﻮﻏﯘل ﺑﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯘﻧﺪاق‬ ‫زۇﻟﯘﻣﻐﺎ ﺗﯘﺗﯘﻟﯘپ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﭼﯘرۇپ، ﻗﯩﺰ ﺑﺎﻟﯩﭽﻪ ﻛﯩﻴﯩﻢ ﻛﯩﻴﺪۈرۈپ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﻪﮬﯟاﻟﻤﯘ ﺑﻮﻟﻐﺎن.‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫3‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜزﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ﮬﻪۋەﺳﻜﺎر‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  4. 4. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮرﺧﯘن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﺎرﯨﺨﻰ ﺗﻮر ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫7. ﻣﺎﺧﯘﺳﻪن ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ۋەﮬﺸﯩﻴﻠﯩﻜﻰ:‬ ‫ﻣﺎﺧﯘﺳﻪن ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪارﻟﯩﺮى ﻛﯚزﯨﮕﻪ ﭼﯩﺮاﻳﻠﯩﻖ ﻛﯚرۈﻧﮕﻪن ﺧﻮﺗﯘن- ﻗﯩﺰﻻرﻏﺎ ﺑﺎﺳﻘﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ‬ ‫ﻧﯘﻣﯘﺳﯩﻐﺎ ﺗﯧﮕﻪﺗﺘﻰ. ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯚﻳﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯘرۇﻧﻠﯩﺸﯩﯟاﻟﻐﺎن ﻛﯚﭼﻤﻪﻧﻠﻪرﻣﯘ، ﺷﯘ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪە ﻳﺎﻛﻰ ﺷﯘ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﺪە‬ ‫ﻛﯚزﯨﮕﻪ ﭼﯩﺮاﻳﻠﯩﻖ ﻛﯚرۈﻧﮕﻪن ﺧﻮﺗﯘن- ﻗﯩﺰﻻرﻏﺎ ﮬﻪرﺧﯩﻞ ۋاﺳﺘﯩﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﺑﺎﺳﻘﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ.‬ ‫8. ﺗﻪۋەﻛﻜﯘل ﺋﯩﺴﻼم ﺋﺎۋاﺗﺘﯩﻜﻰ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﭘﺎﺟﯩﯭ:‬ ‫6391- ﻳﯩﻠﻰ 2- ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﭘﺎﺟﯩﯭ ﻳﯜز ﺑﻪرﮔﻪن ﺑﯘﻟﯘپ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺗﻪۋەﻛﻜﯘل ﺋﯩﺴﻼم ﺋﺎۋات‬ ‫ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﺮﯨﺪا ﺑﻮﻟﻐﺎن. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺟﻪرﻳﺎﻧﻰ: ﻣﺎﺧﯘﺳﻪن ﻗﻮﺷﯘﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻼم ﺋﺎۋاﺗﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺑﺎج‬ ‫ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎ ﻓﺎﻣﯩﻠﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺧﺎدﯨﻤﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎﻟﻐﺎ ﺑﺎﺳﻘﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯧﺮى‬ ‫)ﻳﻪرﻟﯩﻚ( ﺳﯩﺰﯨﭗ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎرﺷﯩﻠﯩﻖ ﻛﯚرﺳﻪﺗﻜﻪن.» ﻣﺎ « ﺋﯘﻧﻰ ﻗﺎرﺷﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺪى دەپ ﺋﯧﺘﯩﯟەﺗﻤﻪﻛﭽﻰ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎن. ﺑﯘ ﺋﺎدەم ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﻣﯘداﭘﯩﯭ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﯜزﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯘرۇپ ﺋﯚﻟﺘﯜرۈپ ﻗﻮﻳﻐﺎن، ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﻰ ﻳﺎﻣﺎن ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪن. ﺋﻪﺧﻤﻪت ﺳﻪردار ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ دﯦﮭﻘﺎﻧﻼر ﺋﺎﻣﻤﯩﺴﻰ‬ ‫ﻣﯘﺷﯘ ﭘﯘرﺳﻪﺗﺘﻪ زۇﻟﯘﻣﻐﺎ ﻗﺎرﺷﻰ ﻗﻮزﻏﯩﻼڭ ﺑﺎﺷﻠﯩﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﯘﻟﯘپ، ﺧﻮﺗﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﻣﺎﺧﯘﺳﻪن‬ ‫ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺗﻮﺳﯘش ﺋﯜﭼﯜن ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﭼﻮﻣﺎق ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺗﻪﻳﻴﺎرﻟﯩﻖ ﻛﯚرﯨﺪۇ. ﺑﯘ ۋەﻗﻪﻧﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎن‬ ‫ﻣﺎﺧﯘﺳﻪن ﭘﯩﻠﯩﻤﯘت ۋە ﻗﯧﻠﯩﭻ، ﻣﯩﻠﺘﯩﻘﻼر ﺑﯩﻠﻪن ﺗﯘﻟﯘق ﻗﻮراﻟﻼﻧﻐﺎن ﺋﯩﻜﻜﻰ روﺗﺎ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﻜﻪر ﺋﻪۋەﺗﯩﺪۇ.‬ ‫دﯦﮭﻘﺎﻧﻼر ﺋﯘﻻرﻧﻰ ﻳﻮل ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﺗﻮﺳﯘپ ﻗﺎرﺷﻠﯩﻖ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﺪۇ. ﺋﯘرۇش ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪە ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪا ﺗﺎﻳﺎق-‬ ‫ﺗﻮﻗﻤﺎﻗﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻗﻮرال ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﺎرﻗﯩﻐﺎ ﭼﯧﻜﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﻣﻪﺟﺒﯘر ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﻣﺎﺧﯘﺳﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻜﻪرﻟﯩﺮى‬ ‫ﭘﯩﻠﯩﻤﯘت ۋە ﻣﯩﻠﺘﯩﻘﻼردﯨﻦ ﻳﺎﻣﻐﯘردەك ﺋﻮق ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﺋﻮﻗﻘﺎ ﺗﯘﺗﯩﺪۇ. ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻮن ﺋﺎدەم ﺋﯚﻟﯩﺪۇ،‬ ‫ﺧﻪﻟﻘﻠﻪر ﻗﯧﭽﯩﭗ ﮬﻪر ﺗﻪرەﭘﻜﻪ ۋە ﭼﯚل- ﺟﺎﯕﮕﺎﻟﻼرﻏﺎ ﺗﺎرﻗﺎپ ﻛﯧﺘﯩﺪۇ. ﻣﺎﺧﯘﺳﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ‬ ‫ﻗﺎﭼﻘﺎﻧﻼرﻧﻰ ﻗﻮﻏﻼپ، ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎن ﺋﺎدەﻣﻠﻪرﻧﻰ ﺋﯧﺘﯩﭗ- ﭼﯧﭙﯩﭗ ﻗﯩﺮﻏﯩﻦ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺷﯘﻛﯜﻧﻰ ﻛﻪﭼﺘﻪ‬ ‫ﺋﯩﺴﻼم ﺋﺎۋات، ﺗﻪۋەﻛﻜﯘﻟﻐﺎ ﺑﺎﺳﺘﯘرۇپ ﻛﯩﺮﯨﺪۇ )ﺧﻮﺗﻪن ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯘ ﻳﻪرﻧﯩﯔ ﺋﺎرﻟﯩﻘﻰ 09 ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﯩﺮ ﻳﻮل‬ ‫ﺑﯘﻟﯘپ، ﻳﯘرۇﯕﻘﺎش دەرﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜۋەن ﺋﯧﻘﯩﻤﯩﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎن ﻛﻪﻧﺖ( ﻗﻮزﻏﯩﻼڭ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺋﻪﺧﻤﻪت ﺳﻪردار‬ ‫ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻗﻮزﻏﯩﻼﯕﭽﯩﻼردﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر دەرﻳﺎﻧﻰ ﺑﻮﻳﻼپ ﺟﺎﯕﮕﺎل ﻳﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﻗﺴﯘﻏﺎ ﻗﯧﭽﯩﭗ‬ ‫ﻛﯧﺘﯩﺪۇ. ﻗﺎﻟﻐﺎن ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺋﯩﻜﻜﻰ- ﺋﯜچ ﻛﯜﻧﻠﯜك ﻳﯩﺮاق ﺋﻮرﻣﺎﻧﻠﯩﻖ )ﺗﻮﻏﺮاﻗﻠﯩﻖ( ﺟﺎﯕﮕﺎﻟﻼرﻏﺎ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭗ‬ ‫ﻳﯘﺷﯘرۇﻧﯘپ ﺟﺎن ﻗﯘﺗﻘﯘزﯨﺪۇ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻗﻮزﻏﯩﻼﯕﻨﻰ ﺑﺎﺳﺘﯘرﻏﯩﻠﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺋﻪﺳﻜﻪرﻟﻪر ﺋﯜچ- ﺗﯚت ﻛﯜن ﺗﻪۋەﻛﻜﯘل‬ ‫ﺋﯩﺴﻼم ﺋﺎۋاﺗﻨﻰ ﺋﺎﻻ- ﺗﻮﭘﯩﻼڭ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻧﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﭗ، ﭼﯧﭙﯩﭗ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﯚﻳﻠﯩﺮﯨﮕﻪ‬ ‫ﻳﯘﺷﯘرﻧﯩﯟاﻟﻐﺎﻧﻼرﻧﯩﻤﯘ ﺋﺎﻗﺘﯘرۇپ ﺗﯘﺗﯘﻟﻐﺎن ﺋﺎدەﻣﻠﻪرﻧﻰ ﺋﯧﺘﯩﭗ- ﭼﯧﯩﭗ، ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪە 002 دﯨﻦ ﺋﺎرﺗﯘق‬ ‫ﺑﯩﮕﯘﻧﺎھ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪرﻧﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩﻦ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﻣﻪن ﺑﯘ ﭘﺎﺟﯩﯭﻟﯩﻚ ﻗﯩﺮﻏﯩﻦ ۋاﻗﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪزى ﻛﻮﻧﻜﺮﯨﺖ ۋەﻗﻪﻟﻪرﻧﻰ‬ ‫ﺗﻪﻛﺮارﻻپ ﺗﯘرﻣﺎﻳﻤﻪن. ﭘﻪﻗﻪت ﺋﯚز ﻛﯜزۈم ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯚرﮔﻪن ﺋﻪڭ ﻗﻪﺑﯩﮫ ﭘﺎﺟﯩﯭﻧﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪپ ﺋﯚﺗﯩﻤﻪن.‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫4‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜزﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ﮬﻪۋەﺳﻜﺎر‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  5. 5. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮرﺧﯘن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﺎرﯨﺨﻰ ﺗﻮر ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ﻣﺎﺧﯘﺳﻪن ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮى ﺗﻪۋەﻛﻜﯘل ﺋﯩﺴﻼم ﺋﺎۋاﺗﺘﯩﻜﻰ ﻗﻮزﻏﯩﻼﯕﻨﻰ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﺎﺳﺘﯘرﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻣﻪزﻛﯘر‬ ‫ﻗﻮزﻏﯩﻼﯕﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﻛﯧﺸﯩﻠﻪردﯨﻦ ۋە ﮬﯧﭻ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻤﯩﻐﺎن ﮔﯘﻧﺎﮬﺴﯩﺰ دﯦﮭﻘﺎﻧﻼردﯨﻦ، ﮬﻪﺗﺘﺎ‬ ‫ﺧﻮﺗﻪن ۋە ﻟﻮپ ﺗﻪۋەﺳﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪۋەﻛﻜﯘﻟﻐﺎ ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﻘﺎن ﻳﻮﻟﻮﭼﯩﻼردﯨﻦ ﺑﯘﻟﯘپ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻮن ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘۋﯦﻠﯩﭗ‬ ‫ﺑﺎﻏﻼپ ﺋﺎﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻳﯜﮔﯜرﺗﯜپ ﻳﯜرۈپ، ﺋﯘﻻرﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜن ﻗﯩﻴﻨﺎپ ﺳﻮراق ﻗﯩﻠﯩﭗ،‬ ‫ﺋﺎﺧﯩﺮى 63 ﺋﺎدەﻣﻨﻰ ﺳﯘ دەرۋازﯨﺴﻰ دﯦﮕﻪن ﻳﻪردە ﻗﯧﻠﯩﭻ ﺑﯩﻠﻪن ﭼﯧﭙﯩﭗ ﺋﯚﻟﺘﯜرﮔﻪن. ﺷﯘ ﻣﻪزﮔﯩﻠﺪە ﻣﻪن‬ ‫61 ﻳﺎﺷﻼردا ﺑﯘﻟﯘپ ﻣﺎﺧﯘﺳﻪن ﺋﺎﭼﻘﺎن ﺧﻪﻧﺰۇﭼﻪ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘۋاﺗﺎﺗﺘﯩﻢ )ﺋﻪﺳﻜﻪرﻟﯩﻜﻜﻪ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ‬ ‫ﺋﯜﭼﯜن ﺧﻪﻧﺰۇﭼﻪ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎن(. ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﻖ ﻛﯚك ﻛﯩﻴﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﻛﻮﭼﯩﻼردا ﺋﻪرﻛﯩﻦ‬ ‫ﻳﯜرەﺗﺘﯩﻢ. ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ 63 ﺋﺎدەﻣﻨﻰ ﺟﺎزا ﻣﻪﻳﺪاﻧﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﻣﻪن، ﻣﻪﮬﻪﻣﻤﻪت رەﺟﻪپ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺑﯩﺮ‬ ‫ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺳﺎۋاﻗﺪاﺷﻼر ﺑﯩﻠﻪن ﺟﺎزا ﻣﻪﻳﺪاﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺳﯜﮔﻪﺗﻜﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎراپ ﺗﯘردۇم. ﻣﺎﺧﯘﺳﻪﻧﻨﯩﯔ‬ ‫ﺟﺎﻟﻼﺗﻠﯩﺮى ﻣﻪزﻛﯘر 63 ﺋﺎدەﻣﻨﻰ ﺋﺎﻟﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺳﻪپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪى. ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﻰ ﺋﺎرﻗﯩﻐﺎ‬ ‫ﺑﺎﻏﻼﻧﻐﺎن، ﺑﯧﺸﻰ ﻳﺎﻻﯕﺒﺎﺷﺘﺎق ﺑﯘﻟﯘپ، ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺳﻪﭘﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﺮەك )دوﻻ( ﺳﯜﯕﯩﻜﯩﺪﯨﻦ‬ ‫ﺗﯧﺸﯩﭗ ﺳﯩﻢ ﺋﯚﺗﻜﯜزۈپ ﺑﯩﺮ- ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﭼﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﻏﻼﻧﻐﺎن. 2- ﺳﻪﭘﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﺑﯘرﻧﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﻣﯜرﭼﻪﻛﺘﯩﻦ ﺗﯧﺸﯩﭗ ﺳﯩﻢ ﺋﯚﺗﻜﯜزۈپ ﺑﯩﺮ- ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﭼﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﻏﻼﻧﻐﺎن. 3- ﺳﻪﭘﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﻟﺘﻪ‬ ‫ﺋﺎدەﻣﻨﻰ ﻗﻮﻟﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺗﯧﺸﯩﭗ ﺳﯩﻢ ﺋﯚﺗﻜﯜزۈپ ﻳﯘﻗﯘرﯨﻘﯩﺪەك ﭼﺎﺗﻘﺎن؛ 4- ﺳﻪﭘﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺋﺎدەﻣﻨﻰ ﺋﺎﻟﻘﺎﻧﺪﯨﻦ‬ ‫ﺗﯧﺸﯩﭗ ﭼﺎﺗﻘﺎن. 5-، 6- ﺳﻪﭘﺘﯩﻜﯩﻠﻪرﻧﻰ ﭘﻪﻗﻪت ﺑﺎﻏﻼﭘﻼ ﭼﺎﺗﻘﺎن. ﻣﻪﻳﺪاﻧﺪا ﻣﯘﺷﯘ ﺳﻪپ ﺗﻪرﺗﯩﯟى ﺑﯩﻠﻪن‬ ‫ﺋﺎﻟﺘﯩﺪﯨﻦ ﺳﻪپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘرﻏﯘزۇپ، 81 ﻧﻪﭘﻪر ﺟﺎﻟﻼت ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺳﻪﭘﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎرﻗﯩﺴﯩﻐﺎ‬ ‫ﺋﯚﺗﯜپ ﮬﻪر ﺑﯩﺮ ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﺋﯜﭼﺘﯩﻦ ﺟﺎﻟﻼت ﻗﯧﻠﯩﭻ ﺗﯘﺗﯘپ ﻳﻪﯕﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯜرۈپ ﺑﯘﻳﺮۇق ﻛﯜﺗﯜپ ﺗﯘردى.‬ ‫ﺋﺎﺧﯘن ﻟﯘﻳﺠﺎڭ دﯦﮕﻪن ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﻎ دۈۋﯨﺴﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﻧﯧﻤﯩﻠﻪرﻧﻰ ﻗﯩﺴﻘﯩﻐﯩﻨﻪ ﺳﯚزﻟﻪپ ﺑﯘﻟﯘپ ﺑﯩﺮ‬ ‫ﭘﯘﺷﺘﻪك ﭼﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪى، ﺟﺎﻟﻼﺗﻼر ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯧﻠﯩﭽﻼر ﺑﯩﻠﻪن ﭼﺎﭘﺘﻰ. ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﻰ ﻛﯧﺴﯩﻠﺪى. ﺑﯩﺮ‬ ‫ﺋﺎدەم ﺋﻮرﻧﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﭘﯘپ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﻳﯧﻘﯩﻠﺪى، ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺋﻮرﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘرۇپ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺗﯩﺰﻟﯩﻨﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘرۇپ ﻗﺎﻟﺪى،‬ ‫ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﯧﻘﯩﻠﺪى. ﺑﯘﻧﺪاﻗﻼرﻏﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﯧﻠﯩﭻ ﭼﺎﭘﺘﻰ. ﺟﺎﻟﻼﺗﻼر 2- ﺳﻪﭘﻜﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺑﯘﻳﺮۇق ﻛﯜﺗﺘﻰ. ﭘﯘﺷﺘﻪك‬ ‫ﭼﯧﻠﯩﻨﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻪڭ 2- ﺳﻪﭘﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺋﺎدەﻣﻨﯩﻤﯘ ﭼﺎﭘﺘﻰ. ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯘﺳﯘﻟﺪا ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺳﻪپ )63 ( ﺋﺎدەﻣﻨﻰ‬ ‫ﺑﯩﺮ- ﺑﯩﺮﻟﻪپ ﭼﯧﭙﯩﭗ ﺗﺎﺷﻠﯩﺪى. ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪا ﺟﺎزا ﻣﻪﻳﺪاﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪا ﻛﯚز ﻳﯧﺸﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘرﻏﺎن ﺋﺎﻣﻤﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺑﯩﺮ ﺋﺎق ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ »ۋاي ﺑﺎﻻم!« دەپ ﮬﻪر ﺗﻪرەﭘﻜﻪ ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼپ ﭼﺎﭼﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯘﻟﯘپ‬ ‫ﻳﯩﻐﻼۋاﺗﻘﺎن ﻳﯩﻐﯩﺴﻰ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎدەﻣﻨﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﻪﻧﺪۈرﮔﻪﻧﯩﺪى. ﺑﯘ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ 91 ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ‬ ‫ﻟﻮﭘﻨﯩﯔ ﺟﯩﻴﺎ ﻛﻪﻧﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺸﻪك ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻪۋەﻛﻜﯘﻟﻐﺎ ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﺪا ﻳﻮﻟﺪا ﻗﻮزﻏﯩﻼﯕﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﻘﺘﯘرۇپ 03 ﻧﻪﭼﭽﻪ‬ ‫ﺋﺎدەﻣﻨﻰ ﺑﺎﻏﻼپ ﮬﻪﻳﺪەپ ﻛﯧﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺋﻪﺳﻜﻪرﻟﻪرﮔﻪ ﺋﯘﭼﺮاپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪا ﺋﻪﺳﻜﻪرﻟﻪر ﺋﯘﻧﻰ »ﺳﻪﻧﻤﯘ‬ ‫ﺗﻪۋەﻛﻜﯘﻟﻠﯘق ﺋﺎدەم ﺋﯩﻜﻪﻧﺴﻪن« دەپ ﺗﯘﺗﯩﯟاﻟﻐﺎﻧﯩﻜﻪن. ﻳﯩﻐﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ﺋﺎﻧﺎ ﺷﯘ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﯩﻜﻪن،‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫5‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜزﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ﮬﻪۋەﺳﻜﺎر‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  6. 6. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮرﺧﯘن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﺎرﯨﺨﻰ ﺗﻮر ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫دﯦﻤﻪك ﺗﻪۋەﻛﻜﯘل ﺋﯩﺴﻼم ﺋﺎۋاﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﺧﻤﻪت ﺳﻪردار ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪا زۇﻟﯘﻣﻐﺎ ﻗﺎرﺷﻰ ﻛﯚﺗﯜرۈﻟﮕﻪن ﻗﻮزﻏﯩﻼڭ‬ ‫ﺷﯘﻧﺪاق ﭘﺎﺟﯩﯭ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﻳﺎﻏﻼﺷﻘﺎن ﺋﯩﺪى.‬ ‫9. ﻳﯘﻗﯘرﯨﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﻨﯩﯔ ﻗﺎن ﺋﯩﺰﻟﯩﺮى ﺗﯧﺨﻰ ﻗﯘرۇﻣﺎي ﺗﯘرۇﭘﻼ ﻗﺎراﯕﻐﯘ ﺗﺎﻏﺪا، ﺗﺎﻏﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪار ﺑﯧﮕﻰ‬ ‫ﻏﻮﺟﺎ ﻣﻪﺧﻤﯘت ﺑﻪگ دﯦﮕﻪن ﺗﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﭼﺎرۋﯨﭽﻰ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪر ﺑﯩﺮ ﺟﯩﻨﺎزا ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻐﺎ ﺗﻮﭘﻼﻧﻐﺎﻧﺪا ﻗﻮي، ﻗﯘﺗﺎز ۋە‬ ‫ﻧﻪخ ﭘﯘل ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺋﺎﻟﯟاڭ ﺗﯜﻟﻪﻳﺴﯩﻠﻪر دەپ ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﻗﯩﺴﺘﺎﻳﺪۇ. ﺋﺎﻗﺘﯘرﺳﯘن ﻣﻮﻟﻼ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺋﺎدەﻣﻠﻪر: ﺑﯩﺰ‬ ‫ﺟﺎﻳﻼپ ﺑﯧﺮەﻳﻠﻰ، ۋاﻗﯩﺘﻨﻰ ﺳﻪل- ﭘﻪل ﺋﯘزارﺗﯩﭗ ﺑﻪرﺳﯩﻠﻪ، دەپ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﺑﻪگ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ‬ ‫ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﮕﻪ ﻗﻮﻻق ﺳﺎﻟﻤﺎي ﺧﻪﻟﻘﻠﻪرﻧﻰ ﮬﺎﻗﺎرەﺗﻠﻪپ زورﻟﯘق ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪرەپ ﺳﯚز ﺗﺎﻟﯩﺸﭗ‬ ‫ﺟﯩﺪەﻟﻠﯩﺸﯩﺪۇ. ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪە ﺋﺎﻗﺘﯘرﺳﯘن ﻣﻮﻟﻼم ﺑﺎش ﺑﯘﻟﯘپ ﺑﻪﮔﻨﻰ ﺑﺎﻏﻼپ ﻗﻮﻳﯩﺪۇ. ﺑﯘ ﺋﻪﮬﯟال ﻣﺎﺧﯘﺳﻪﻧﮕﻪ‬ ‫ﺋﺎﯕﻼﻧﻐﺎﻧﺪا، ﺑﯘ ﻳﻪرﮔﯩﻤﯘ ﺋﻪﺳﻜﻪر ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ 031 ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﺎراﯕﻐﯘ ﺗﺎغ ﻛﻪﻧﺘﯩﺪە ۋەﮬﺸﯩﻴﻠﻪرﭼﻪ‬ ‫ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﺎﻗﺘﯘرﺳﯘن ﻣﻮﻟﻼ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘپ ﺧﻮﺗﻪﻧﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪۇ. ﺑﯘ‬ ‫ﺋﺎدەﻣﻠﻪرﻧﻰ ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ ﺧﯘﯕﺸﯩﯔ ﻛﯘﻟﯘﺑﻰ ﺋﻮرﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﻮﻧﺎ ﻣﺎل ﺑﺎزﯨﺮى دﯦﮕﻪن ﻣﻪﻳﺪاﻧﺪا ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺋﯚﻟﺘﯜرﯨﺪۇ.‬ ‫ﻣﻪزﻛﯘر ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﻛﯧﻴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﺎﻟﺪۇرۇپ ﻳﺎﻟﯩﯖﺎﭼﻼپ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﺋﺎرﻗﯩﻐﺎ ﺑﺎﻏﻼپ ﺟﺎزا ﻣﻪﻳﺪاﻧﯩﻐﺎ‬ ‫ﻛﻪﻟﺘﯜرۈپ ﻳﯜﻛﯜﻧﺪۈرۈپ ﺋﻮﻟﺘﯘرﻏﯘزﯨﺪۇ. ﺋﯘﻻرﻧﯩﯔ دۈﻣﺒﯩﺴﻰ ﭼﺎﻗﭙﻪﻟﻪك ﺷﻪﻛﻠﯩﺪە داﻏﻼﻧﻐﺎن ﺑﯘﻟﯘپ،‬ ‫ﺗﯚﻣﯜرﻧﻰ ﻗﯩﺰزﯨﺘﯩﭗ ﻳﺎﻗﻘﺎن ﺋﯘرۇﻧﻼر ﻗﺎراداپ ﻛﻪﺗﻜﻪن. ﺑﯘ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﺋﻪﮬﯟاﻟﻨﻰ ﻣﻪن ﺋﯚز ﻛﯜزۈم ﺑﯩﻠﻪن‬ ‫ﻛﯚرﮔﻪﻧﯩﺪﯨﻢ، ﻗﺎراﯕﻐﯘ ﺗﺎغ ۋەﻗﻪﺳﯩﻤﯘ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪاق ﭘﺎﺟﯩﯭﻟﯩﻚ ﺋﺎﻳﺎﻏﻼﺷﻘﺎﻧﯩﺪى.‬ ‫01. ﻣﺎﺧﯘﺳﻪن ﻗﻮﺷﯘﻧﯩﻨﯩﯔ ﺧﻮﺗﻪن ﺧﻪﻟﻘﯩﮕﻪ ﺳﺎﻟﻐﺎن ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ زوراۋاﻧﻠﯩﻘﻰ ﮬﻪم ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﯩﺘﻰ:‬ ‫7391- ﻳﯩﻞ 01- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﻠﯩﺮﯨﺪا ﺧﻮﺗﻪن ﺋﺎﺳﻤﯩﻨﯩﺪا ﺋﯜچ داﻧﻪ ﺋﺎﻳﺮوﭘﯩﻼن ﭘﻪﻳﺪا ﺑﻮﻟﺪى. ﺑﯘ‬ ‫ﺋﺎﻳﺮوﭘﯩﻼﻧﻼر ﺑﯩﺮ ﺋﺎز ﭘﻪﺳﻠﻪپ ﺋﯘﭼﯘپ، ﺷﻪﮬﻪر ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻳﻪﻧﻪ‬ ‫ﻳﯘﻗﯘرى ﺋﯚرﻟﻪپ، ﻣﺎﺧﯘﺳﻪن ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮى ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎن ﺋﻮرۇﻧﻼرﻏﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺑﻮﻣﺒﺎ ﺗﺎﺷﻼپ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪى. ﺷﯘ‬ ‫ﻧﯚۋەﺗﺘﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻣﯘﻧﭽﻪ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ۋاراﻗﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺗﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻧﯩﺪى. ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ۋاراﻗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚپ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘرﭼﻪ‬ ‫ﺑﯘﻟﯘپ، ﻣﻪزﻣﯘﻧﻰ: ﻣﺎﺧﯘﺳﻪن ﺋﻪﺳﻜﻪرﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﻳﯜﯕﻠﻪردە ﺳﺎﻗﻠﯩﻤﺎﯕﻼر، ﻧﻪرﺳﻪ- ﻛﯧﺮەك ﺑﻪرﻣﻪﯕﻼر ۋە‬ ‫ﺳﺎﺗﻤﺎﯕﻼر، ﺋﯘﻻرﻧﻰ ﻳﻮﺷﯘرﻏﺎن ۋە ﺋﻮزۇق ﺗﯜﻟﯜك ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪن ۋە ﻳﻮل ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﭗ ﻳﺎردەﻣﻠﻪﺷﻜﻪﻧﻠﻪرﻧﻰ‬ ‫ﺟﺎزاﻻﻳﻤﯩﺰ، ﭘﺎش ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺗﯘپ ﺑﻪرﮔﻪﻧﻠﻪرﻧﻰ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻼﻳﻤﯩﺰ، دﯦﮕﻪﻧﻠﻪردﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت ﺋﯩﺪى. ﺑﯘ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ‬ ‫ۋاراﻗﻠﯩﺮى دوﺑﻪن ﺷﯩﯔ ﺷﯩﺴﻪي، رەﺋﯩﺲ ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎز ﮬﺎﺟﻰ دﯦﮕﻪن ﻧﺎم ﺑﯩﻠﻪن ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻧﯩﺪى. ﻣﺎﺧﯘﺳﻪن‬ ‫ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮى ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﺟﯩﻠﻰ ﺗﻮﺷﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺧﯘددى ﻏﺎﻟﺠﯩﺮ ﺋﯩﺘﺘﻪك ﻗﯧﭽﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪى. ﺑﯩﺰ ﺷﯘ‬ ‫ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘۋاﺗﺎﺗﺘﯘق، ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼر ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺗﺎرﻗﺎپ ﻛﯧﺘﯩﺸﻜﻪ ﺑﯘﻳﺮۇق ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚزﻟﯩﺮى‬ ‫ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﺘﻰ. ﻣﻪن ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ۋاراﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘپ ﺗﯘرﺳﺎم ﺳﯜۋەﻳﯩﻦ دﯦﮕﻪن ﺑﯩﺮ‬ ‫ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﻛﺎﭼﺎت ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮﻧﻰ ﺋﯘرۇپ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ۋارﯨﻘﯩﻨﻰ ﺗﺎرﺗﯩﯟاﻟﺪى. ﻗﻮﻟﯘﻣﺪا ﻗﯧﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎن ۋاراﻗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫6‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜزﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ﮬﻪۋەﺳﻜﺎر‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  7. 7. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮرﺧﯘن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﺎرﯨﺨﻰ ﺗﻮر ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﺗﺎ- ﺋﺎﻧﺎﻣﻐﺎ ﺋﻮﻗﯘپ ﺑﻪردﯨﻢ. ﺋﯘﻻر ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯚز ﻳﯧﺸﻰ ﺗﯚﻛﯜپ، ﺑﯘ ﺋﻪﺑﻠﻪﺧﻠﻪر ﻳﻮﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن‬ ‫ﻛﯜﻧﻠﻪرﻣﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪن، ﮔﯚﺷﯩﻨﻰ ﭼﯚﻟﻠﻪردە ﻗﺎﻏﺎ- ﻗﯘزﻏﯘﻧﻼر ﻳﯧﺴﯘن! دﯦﻴﯩﺸﺘﻰ. ﺑﯘ ﺳﯚز ﭘﯜﺗﯜن ﺧﻮﺗﻪن‬ ‫ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﻛﯧﭽﻪ- ﻛﯜﻧﺪۈز ﺋﺎﻏﺰﯨﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﯜرﻣﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﻧﻪﭘﺮەت ﺳﯚزﻟﯩﺮى ﺋﯩﺪى. ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﻪﭼﺘﻪ ﻗﺎراﯕﻐﯘ‬ ‫ﭼﯜﺷﯜﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻪڭ ﻣﺎﺧﯘﺳﻪن ﺋﻪﺳﻜﻪرﻟﯩﺮى ﻳﯧﯖﯩﺸﻪﮬﻪرﮔﻪ ﺋﻮت ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻪن دەﻳﺪﯨﻐﺎن ﮔﻪپ ﺗﺎرﻗﺎﻟﺪى.‬ ‫ﺋﺎرﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﻧﭽﻪ ۋاﻗﯩﺖ ﺋﯚﺗﻤﻪﻳﻼ ﻳﯧﯖﯩﺸﻪﮬﻪر ﮬﺎۋا ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﯩﺪا ﺋﻮت ﻳﺎﻟﻘﯘﻧﻠﯩﺮى ﻛﯚرۈﻧﯜﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪى.‬ ‫ﺋﯩﺪارە، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪت ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮬﻪر ﻣﯩﻠﻠﻪت ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮى زﯨﭻ ﺋﻮﻟﺘﯘراﻗﻼﺷﻘﺎن، ﺳﻮدﯨﮕﻪرﻟﻪرﻧﯩﯔ دۇﻛﺎﻧﻠﯩﺮى،‬ ‫ﺋﺎﺷﭙﯘزۇل- ﻧﺎۋاﻳﺨﺎﻧﯩﻼر زﯨﭻ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎن، ﺋﯚز زاﻣﺎﻧﯩﺴﯩﺪا ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﭼﯩﺮاﻳﻠﯩﻖ رەﺗﻠﯩﻚ رەﺳﺘﻪ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮى‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻳﯧﯖﯩﺸﻪﮬﻪر ﺋﯩﭽﻰ ﺋﯜچ ﻛﯧﭽﻪ- ﻛﯜﻧﺪۈز ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎي ﻛﯚﻳﺪى. ﭘﻪﻗﻪت ﺋﻪﺗﺮاﭘﺘﯩﻜﻰ ﺳﯧﭙﯩﻞ ﺗﺎﻣﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ‬ ‫ﮬﯧﭻ ﻧﻪرﺳﻪ ﻗﺎﻟﻤﺎي ﺗﯜﭘﺘﯜز ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻗﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪى. ﺷﻪرﻗﯩﻲ- ﺷﯩﻤﺎل ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺷﻠﯩﻖ ﺳﺎڭ ﻛﯚﻳﻤﻪي‬ ‫ﺳﺎق ﻗﺎﻟﺪى. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯚي ﺋﯩﻤﺎرەﺗﻠﻪرﮔﻪ ﺗﯘﺗﺎش ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺳﻪۋەب ﺑﻮﻟﺪى.‬ ‫ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪرەﭘﺘﯩﻦ ﻣﻪﮬﻪﻣﻤﻪت ﺷﯧﺮﯨﭗ ﻣﯘﭘﺘﻰ، ﮬﻮﺷﯘرﻧﯩﻴﺎز ﻣﯘﭘﺘﻰ ﺋﺎﺧﯘﻧﯘم ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯘرت‬ ‫ﺋﺎﺧﯘﻧﻠﯩﺮى ﺷﻪرﻗﯩﻲ ﺗﯚﻣﯜر دەرۋازا ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﺎﻣﻤﯩﻐﺎ:»ﺋﺎﺷﻠﯩﻘﻘﺎ ﺗﻪﮔﻤﻪﯕﻼر، ﺋﺎﺷﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼپ‬ ‫ﻗﺎﻻﻳﻠﻰ، ﺑﯩﺰ ﺳﯩﻠﻪرﮔﻪ دۇﺋﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ رەﮬﻤﻪت ﺋﻮﻗﯘﻳﻠﻰ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯖﻤﯘ ﺋﻪﺳﻜﻪرﻟﯩﺮى ﺑﺎر،‬ ‫ﺋﯘﻻرﻏﯩﻤﯘ ﺋﺎﺷﻠﯩﻖ ﻛﯧﺮەك، ﺳﺎﯕﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺋﻮﺗﻼرﻧﻰ ﺋﯚﭼﯜرۈپ ﺋﺎﺷﻠﯩﻘﻨﻰ ﻣﯘﮬﺎﭘﯩﺰەت ﻗﯩﻼﻳﻠﻰ« دەپ ﻧﻪﺳﯩﮭﻪت‬ ‫ﻗﯩﻠﺪى. ﻣﻪﮬﻪﻣﻤﻪت رەﺟﻪپ، ۋاڭ ﺷﯩﻦ زى ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼر ﻗﯘﻟﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺋﺎﻻ ﻛﺎﻟﺘﻪك ﺗﯘﺗﯘپ،‬ ‫ﺋﺎﺧﯘﻧﯘﻣﻼرﻧﯩﯔ ﻧﻪﺳﯩﮭﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﯘﻻق ﺳﺎﻟﻤﺎي ﺋﺎﺷﻠﯩﻘﻨﻰ ﺑﯘﻻڭ- ﺗﺎﻻڭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼرﻧﻰ ﺗﻮﺳﯘپ ﺗﯘردۇق. ﺧﻪﻟﻘﻠﻪرﻣﯘ‬ ‫ﺑﯘ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ رازى ﺑﯘﻟﯘﺷﯘپ ﺳﺎﯕﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻨﻼﺷﻘﺎن ﺋﻮﺗﻨﻰ ﺋﯚﭼﯜرۈﺷﺘﻰ. ﺷﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﺷﻠﯩﻖ ﺳﺎﻗﻼپ‬ ‫ﻗﯧﻠﯩﻨﺪى. ﺷﻪﮬﻪردە ﺑﯩﺮ ﻛﯧﭽﻪ- ﻛﯜﻧﺪۈز ﺑﻮﻻڭ- ﺗﺎﻻڭ ﺑﻮﻟﺪى. ﻣﺎﺧﯘﺳﻪﻧﻨﯩﯔ ﻛﺎرﺧﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﯖﻠﯩﻐﺎن‬ ‫ﻗﻮل- ﮬﯜﻧﻪرۋەﻧﻠﻪرﻣﯘ ﺋﯚز ﻛﺎرﺧﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯚز ﻣﻪﮬﻪﻟﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﺗﺎرﻗﺎپ‬ ‫ﻛﯧﺘﯩﺸﺘﻰ. ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﺎي ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻳﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﺑﺎراﻟﻤﺎي ﺗﯜرﻣﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﮬﺒﯘﺳﻼردەك ﻛﯜن ﻛﻪﭼﯜرﮔﻪن‬ ‫ﮬﯜﻧﻪرۋەﻧﻠﻪر ﺑﯩﺮاﻗﻼ ﺋﺎزاﺗﻠﯩﻘﻘﺎ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﺋﻮﺗﻨﯩﯔ ﻛﯜﻳﯜﺷﻰ ﺋﯜچ ﻛﯜن داۋام ﻗﯩﻠﺪى. ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﻣﺎل- ﻣﯜﻟﯩﻜﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺗﻮﺷﯘپ ﺑﯘﻻﻟﻤﯩﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﻛﯜﻳﯜپ ﻛﻪﺗﺘﻰ، ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻮﻟﺠﯩﻐﺎ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﻣﺎﺧﯘﺳﻪن ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮى ﺑﻮﻟﺴﺎ،‬ ‫ﻛﯜﻧﺪۈزى ﻳﯧﺰا ﻗﯩﺸﻼﻗﻼرﻏﺎ ﺗﺎرﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯘﺷﯘرﻧﯩﯟﯦﻠﯩﭗ، ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﭘﻪﻳﺪا ﺑﯘﻟﯘپ ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ )ﺑﺎﻳﻼرﻧﻰ( ﺑﯘﻻڭ-‬ ‫ﺗﺎﻻڭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﻟﺘﯘن، ﻛﯚﻣﯜش، ﭘﯘل )ﻣﺎل(، ﻳﯩﭙﻪك ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻳﻪﯕﮕﯩﻞ ﭘﯘﻟﻠﯘق )ﻣﺎﻟﻼرﻧﻰ( ﺗﻮﭘﻼپ ﭼﻪرﭼﻪن‬ ‫ﻳﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﯧﭽﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪى. دەﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻛﯧﭽﯩﺪە ﮬﯧﻴﺘﮕﺎھ ﻣﻪﮬﻪﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﯧﻴﺖ ﺋﺎﺧﯘن ﺗﺎﺷﭽﻰ )ﻗﺎش‬ ‫ﺗﯧﺸﻰ ﺳﻮدﯨﮕﻪر ﮬﻪم ﻗﻮل ﮬﯜﻧﻪرۋﯨﻨﻰ( ﮬﻮﻳﻠﯩﺴﯩﺪا ﺋﯧﺴﯩﭗ ﻗﯘﻳﯘپ، ﺋﺎﻟﺘﯘن ﻧﻪدە دەپ ﻗﯩﻴﻨﺎپ، ﺑﻪرﮔﻪﻧﮕﻪ‬ ‫ﻗﺎﻧﺎﺋﻪت ﻗﯩﻠﻤﺎي ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺗﺎﺷﻠﯩﻐﺎن ﭘﺎﺟﯩﯭﻟﯩﻚ ۋەﻗﻪﻧﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎن ﺋﯩﺪﯨﻢ. ﮬﺎﻟﻠﯩﻖ ﺗﯘرﻣﯘﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎدەﻣﻠﻪر‬ ‫ﺋﯚز ﺟﯧﻨﯩﻨﻰ ﻗﯘﺗﻘﯘزۇش ﺋﯜﭼﯜن ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﺎﻳﻼرﻏﺎ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﺟﺎن ﺳﺎﻗﻼﺷﺘﻰ. ﺷﻪﮬﻪر ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻪش ﻛﯜن ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺗﺴﯩﺰ‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫7‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜزﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ﮬﻪۋەﺳﻜﺎر‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  8. 8. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮرﺧﯘن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﺎرﯨﺨﻰ ﺗﻮر ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ﻗﺎﻟﺪى. ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪا ﺷﻪرﯨﯭت ﻣﻪﮬﻜﯩﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯘﻧﻠﯩﺮى، ﺷﻪﮬﻪرﻧﯩﯔ ﺑﻪزى ﺋﯩﻨﺘﯩﺰاﻣﯩﻨﻰ، ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن،‬ ‫ﻟﯜﻛﭽﻪﻛﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﯘﻻﯕﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﻪرﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪپ ﺷﻪﮬﻪر ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼپ‬ ‫ﻗﺎﻟﺪى. ﮬﻪر ﻛﯜﻧﻰ ﺧﻮﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﮬﺎۋا ﺑﻮﺷﻠﯩﻘﯩﺪا ﺋﺎﻳﺮوﭘﯩﻼن ﭘﻪﻳﺪا ﺑﯘﻟﯘپ، ﺷﻪرﯨﻘﻘﻪ ﻗﺎراپ ﺋﯘﭼﯘپ‬ ‫ﻣﺎﺧﯘﺳﻪﻧﻨﯩﯔ ﻗﺎﭼﻘﯘن ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎرﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﻏﻼپ، ﭘﯩﻠﯩﻤﯘﺗﻘﺎ ﺗﯘﺗﯘپ، ﻛﻪﭼﺘﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺗﯘردى.‬ ‫ﺋﻮن ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜن ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﻗﻮﻏﻼپ ﻳﯘﻗﯘﺗﯩﺶ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪە ﻣﺎﺧﯘﺳﻪن ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺗﺎرﻣﺎر ﻗﯩﻠﯩﻨﺪى. ﻳﯧﯖﻰ‬ ‫ﮬﯚﻛﯜﻣﻪت ﻛﯧﻠﯩﺪۇ دﯦﮕﻪن ﺧﻪۋەرﻧﻰ ﺋﺎﯕﻼپ ﺋﺎﺧﯘﻧﯘﻣﻼرﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪا ﺷﻪﮬﻪر ﺧﻪﻟﻘﻰ ۋە ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼر‬ ‫ﺷﻮرﺑﺎغ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎرﺷﻰ ﺋﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﭼﯩﻘﺘﯘق. ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا ﺗﺎﻧﻜﺎ ﻗﯩﺴﯩﻢ زەرەﮬﻠﻰ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ )02 داﻧﻪ(، ﺋﺎرﻗﯩﺪﯨﻦ‬ ‫04 ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻠﻠﯩﻖ ﻗﯩﺴﯩﻢ )ﺑﯘﻻرﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﻮرۇس ﺋﻪﺳﻜﻪرﻟﻪر(، ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪا ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﻗﯩﺴﯩﻢ )ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ‬ ‫ﺋﻪﺳﻜﻪرﻟﻪر( ﻛﯧﻠﯩﭗ ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ ﻛﻮﺋﯩﻨﻠﯘن ﺳﯘ ﺋﺎﻣﺒﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﻪرﻗﯩﻲ ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ ﭼﻮڭ ﻣﻪﻳﺪاﻧﻐﺎ‬ ‫ﭼﯜﺷﯜپ ﭼﯧﺪﯨﺮ ﺗﯩﻜﯩﭗ ﺋﯘرۇﻧﻼﺷﺘﻰ.‬ ‫ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺗﺎرﯨﺦ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ 71- ﺳﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪى.‬ ‫ﺗﯜﮔﯩﺪى‬ ‫ﺑﺎﻳﺎﻧﺎت : ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻮﻏﻠﻰ --- ﮬﻪۋەﺳﻜﺎر ﺗﯜزﮔﻪن ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﭘﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻟﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﺎﭘﺘﯘرﻟﯘق ﮬﯘﻗﯘﻗﻰ ﺗﻮردﯨﻜﻰ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﺎﭘﺘﯘرﻏﺎ ﻣﻪﻧﺴﯘپ ! ﺑﯘ ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﭘﻼر ﭘﻪﻗﻪت ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﯩﺮﺗﻘﻰ‬ ‫ﻗﯩﺰﯨﻘﻘﯘﭼﯩﻼرﻧﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘپ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ، ﺋﯚز-ﺋﺎرا ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘرۇش ﺋﯘﭼﯘﻧﻼ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺑﯘﻟﯩﺪۇ ،‬ ‫ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮت ﺳﻮدا ﺋﯩﺸﻠﯩﺮى ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﺎﮬﻪدە ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ . ﺋﻪﮔﻪر ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﺎﮬﻪﻟﻪردە‬ ‫ﻗﺎﻧﯘﻧﺴﯩﺰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭗ ﺑﯩﺮەر ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﻛﯚرۈﻟﺴﻪ ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﺋﺎﻗﯩﯟەﺗﻜﻪ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﯜﭼﻰ ﺋﯚزى ﻣﻪﺳﯯل !!!‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻮﻏﻠﻰ --- ﮬﻪۋەﺳﻜﺎر ﺑﯘ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪاق ﻣﻪﺳﯯﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯚز ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪۇ !!!!‬ ‫ﺋﻪﮔﻪر ﺋﺎﭘﺘﯘرﻟﯘق ﮬﯘﻗﯘﻗﯘﻣﻐﺎ دەﺧﻠﻰ ﻳﻪﺗﺘﻰ دﯦﮕﯜﭼﯩﻠﻪر ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯩﯟاﺳﺘﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻮﻏﻠﻰ --- ﮬﻪۋەﺳﻜﺎر‬ ‫ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﻻﻗﯩﻼﺷﺴﺎ ﺑﯘﻟﯩﺪۇ . ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﭘﻼر ﺗﻮردا ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﺷﺘﯩﻦ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﻠﯩﺪۇ !!!!!‬ ‫ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻪﮔﻪر ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻮﻏﻠﻰ --- ﮬﻪۋەﺳﻜﺎر ﺗﯜزﮔﻪن ﺋﯧﻠﯩﻜﯩﺘﺎﭘﻼرﻏﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪن ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق‬ ‫ﭘﯩﻜﯩﺮ-ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻮﻏﻠﻰ ---- ﮬﻪۋەﺳﻜﺎر ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﯟاﺳﺘﻪ ﺋﺎﻻﻗﯩﻼﺷﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯩﺪۇ .‬ ‫8002 -ﻳﯩﻠﻰ 2-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 01-ﻛﯜﻧﻰ‬ ‫ﺷﻪﻧﺪۇڭ---ﺟﯩﻨﻪن‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫8‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜزﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ﮬﻪۋەﺳﻜﺎر‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  9. 9. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮرﺧﯘن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﺎرﯨﺨﻰ ﺗﻮر ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫9‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜزﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ﮬﻪۋەﺳﻜﺎر‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬

×