‫‪http://www.orkhun.com‬‬                              ‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬


  ‫4491- ﻳﯩﻠﻰ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﮔ...
‫‪http://www.orkhun.com‬‬                               ‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬


‫ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺗﯘﺗﯘﻗﻠﯘﻕ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﻣﯘۋە...
‫‪http://www.orkhun.com‬‬                              ‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬


‫ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﻘﺎﭼﻘﺎ، ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﻧﯜ...
‫‪http://www.orkhun.com‬‬                               ‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬


‫0391- ﻳﯩﻞ 2- ﺋﺎﻳﺪﺍ، ﻗﯘﻣﯘﻟﺪﺍ ﺩﯦﻬ...
‫‪http://www.orkhun.com‬‬                               ‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬


‫ھﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﺗﯜﭘﻜﻰ ﭼ...
‫‪http://www.orkhun.com‬‬                             ‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬


‫ﮔﯘﺭﯗھﯟﺍﺯﻟﯩﻖ ﺋﯧﻐﯩﺮ... ﺋﯘﻻﺭ ﺗﯩﻞ ﺑﯩﺮ...
‫‪http://www.orkhun.com‬‬                               ‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬


‫ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 41- ﻛﯜﻧﻰ، ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﭘﯩﺮﻗﯩ...
‫‪http://www.orkhun.com‬‬                             ‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬


‫ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍﯕﻨﯩﯔ ‪ CC‬ﺳﯩ...
‫‪http://www.orkhun.com‬‬                               ‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬


‫ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﻛﻮﻣﭙﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻨ...
‫‪http://www.orkhun.com‬‬                                 ‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬


‫ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺵ ﺋﯚﻣﯩﻜﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺷﯚﺑﻪ...
‫‪http://www.orkhun.com‬‬                                ‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬


‫ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﺎ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﺩﻯ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ...
‫‪http://www.orkhun.com‬‬                                ‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬


‫ﺷﯘﯕﺎ، ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍڭ ﻳﻪﺭﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﺎﺩەﺗﺘ...
‫‪http://www.orkhun.com‬‬                              ‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬

‫ﺑﺎﻳﺎﻧﺎﺕ : ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ --- ھﻪۋەﺳﻜ...
Upcoming SlideShare
Loading in …5
×

1944 yilidiki paaliyetler

331 views
261 views

Published on

Published in: Education
0 Comments
0 Likes
Statistics
Notes
  • Be the first to comment

  • Be the first to like this

No Downloads
Views
Total views
331
On SlideShare
0
From Embeds
0
Number of Embeds
1
Actions
Shares
0
Downloads
6
Comments
0
Likes
0
Embeds 0
No embeds

No notes for slide

1944 yilidiki paaliyetler

  1. 1. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫4491- ﻳﯩﻠﻰ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍڭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ‬ ‫ﺗﻮﺭﻏﺎ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ : ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﯩﺪﯨﻦ ‪Ertoghrul‬ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ‬ ‫91- ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﺍ، ﺋﯩﭽﻜﻰ- ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﺎﭘﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﯩﮕﻪﻥ ھﺎﻟﺪﺍ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺸﻘﺎ‬ ‫ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ، ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺑﯘﺭژﯗﺋﺎﺯﯨﻴﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭﺍ- ﺑﺎﺭﺍ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻛﯜچ ﺑﻮﻟﯘپ‬ ‫ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﻯ، 9191- ﻳﯩﻞ 01- ﺋﯧﻴﯩﻨﯩﯔ 01- ﻛﯜﻧﻰ ﺳﯘﻥ ﺟﯘﯕﺸﻪﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻳﻪﻧﻪ ﺟﯘﯕﮕﻮ‬ ‫ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍڭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﺩﻯ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯜﭼﻨﯩﯔ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻯ ﺑﯩﺮ- ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﭼﯩﯔ ﺑﺎﻏﻼﻧﺪﻯ.‬ ‫ﺟﯘﯕﮕﻮ ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍڭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﭼﻮڭ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻴﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻦ‬ ‫ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﻛﯚﯕﯜﻟﺪﯨﻜﯩﺪەﻙ ﺋﯜﻧﯜﻣﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻤﯩﺪﻯ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ﻣﯩﻨﮕﻮ ﺩەۋﺭﯨﺪﯨﻦ‬ ‫ﺑﺎﺷﻼپ، ﻳﺎڭ ﺯﯦﯖﺸﯩﻦ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ- ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘپ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ھﻪﺭﺑﯩﻲ ۋە ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ﭼﻮڭ‬ ‫ھﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﭼﺎﯕﮕﯩﻠﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯘﻻﺭ ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍڭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛپ ﻗﻮﻳﯘﺷﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮﯨﮕﻪﭼﻜﻪ، ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍڭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﯩﻲ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ھﻪﻣﯩﺸﻪ ﺗﻪﺭەپ- ﺗﻪﺭەﭘﺘﯩﻦ ﭼﻪﻛﻠﯩﺪﻯ ۋە ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺯەﺭﺑﻪ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﻧﻪﻧﺠﯩﯔ‬ ‫ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍڭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﺳﻪﻛﺮەﭘﻼ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ھﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ‬ ‫ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘ ﺋﯘﺯﺍﻗﻘﯩﭽﻪ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺗﯩﺰﮔﯩﻨﻠﻪﺷﻨﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ‬ ‫ﺋﺎﺷﯘﺭﺍﻟﻤﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﻪھﯟﺍﻝ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﻧﻮﭘﯘﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﺘﯩﭙﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍڭ‬ ‫ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﻛﯜﭼﯩﻨﯩﯔ ﺯﻭﺭﯨﻴﯩﺸﯩﻐﯩﻤﯘ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﻰ. ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺪە، ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ‬ ‫ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﻣﯘھﺎﻛﯩﻤﻪ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯛﻟﯜﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ، ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺯﯨﺪﺩﯨﻴﻪﺕ ۋە ﻛﯜﺭەﺷﻠﻪﺭ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯔ‬ ‫ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﯩﮕﻪﻥ ھﺎﻟﺪﺍ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﻟﯩﺪﯗ.‬ ‫ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ، ﻳﺎڭ ﺯﯦﯖﺸﯩﻦ ھﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﮔﻪﻥ ﺩەۋﺭﺩە ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍڭ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ‬ ‫2191- ﻳﯩﻞ 1- ﺋﺎﻳﺪﺍ، ﻳﺎڭ ﺯﯦﯖﺸﯩﻦ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﺗﯘﺗﯘپ ﺗﯘﺭﯗۋﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﻛﯜﭼﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ،‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫1‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  2. 2. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺗﯘﺗﯘﻗﻠﯘﻕ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﻣﯘۋەﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﺋﯘ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ھﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﮔﻪﻥ 71‬ ‫ﻳﯩﻠﺪﺍ، ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ - ﺋﺎﺧﯩﺮ »ﺑﯧﻜﯩﻨﻤﯩﭽﯩﻠﯩﻚ« ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘپ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ »ﺋﯩﺸﯩﻜﻨﻰ ﺗﺎﻗﯩﯟﺍﻟﺴﺎﻡ،‬ ‫ﺟﺎھﺎﻥ ﺗﯩﻨﭻ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﺶ ﺧﺎﻡ ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﺪﻯ.‬ ‫ﻳﺎڭ ﺯﯦﯖﺸﯩﻦ ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺩەۋﺭﺩە، ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍﯕﻨﯩﯔ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ- ﺋﺎﺧﯩﺮ ﻗﺎﻧﯘﻧﻠﯘﻕ ﺋﻮﺭﻧﻰ‬ ‫ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﻯ. ﮔﻪﺭﭼﻪ، ﺷﯘ ﺩەۋﺭﺩﯨﻤﯘ ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍڭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ،‬ ‫ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ »ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﻨﻰ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﻼﺷﺘﯘﺭﺩﻯ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﻪﺗﻨﺎﻡ ﺗﻮﻗﯘﻟﯘپ ﻗﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ،‬ ‫ﺳﺎﻻھﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﯨﻼﺷﻘﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﭘﯧﺘﯩﻨﺎﻟﻤﯩﺪﻯ. ﻧﻪﻧﺠﯩﯔ‬ ‫ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍڭ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻳﺎڭ ﺯﯦﯖﺸﯩﻦ »ﺑﯘﺗﺨﺎﻧﯩﻨﯩﻼ ﺗﻮﻧﯘﺵ، ﺋﯩﻼھﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﻣﺎﺳﻠﯩﻖ«‬ ‫ﭼﺎﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﻧﺪﻯ. ﺋﯘ »ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍڭ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﯩﻤﻪﻥ، ﺋﯜچ ﺧﻪﻟﻖ ﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯩﻤﻪﻥ‬ ‫ھﻪﻣﺪە ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﭗ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﻳﻤﻪﻥ « ﺩەپ ﺟﺎﻛﺎﺭﻟﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ،‬ ‫ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺑﯘ ﺩەۋﺭﺩە ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﮔﻪ ﺷﻪﻛﯩﻞ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻼ ﺑﯧﻘﯩﻨﻐﺎﻧﯩﺪﻯ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ھﻪﻳﺌﻪﺗﻠﯩﺮﻯ‬ ‫ﻳﺎڭ ﺯﯦﯖﺸﯩﻦ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﻪﺗﺘﻰ، »ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ھﻪﻳﺌﻪﺕ ﺗﯜﺯﯛﻣﻰ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ،‬ ‫ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻳﺎڭ ﺯﯦﯖﺸﯩﻨﻨﯩﯔ ﻣﯘﺳﺘﻪﺑﯩﺘﻠﯩﻚ ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﻰ ﺩﺍۋﺍﻣﻠﯩﺸﯩﯟەﺭﺩﻯ«.‬ ‫ﻳﺎڭ ﺯﯦﯖﺸﯩﻦ ھﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﮔﻪﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪە، ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍڭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﺋﯘﺯﺍﻗﻘﯩﭽﻪ ﭘﯘﺕ‬ ‫ﺩەﺳﺴﻪپ ﺗﯘﺭﺍﻟﻤﯩﺪﻯ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺳﻪۋەﺑﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺗﯚۋەﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺗﻪﺭەﭘﺘﻪ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﻨﯩﺪﯗ:‬ ‫ﺋﺎۋۋﺍﻝ، ﻳﺎڭ ﺯﯦﯖﺸﯩﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻣﯘﺳﺘﻪﺑﯩﺖ ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺟﯧﻨﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﯨﭽﻪ ﻗﻮﻏﺪﯨﺪﻯ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ،‬ ‫ﺋﯘ ﻗﻮﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ھﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻣﻪﺳﻠﻪﻙ ۋە ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛپ ﭼﻪﻛﻠﻪﺵ ۋە »ﺋﯧﻜﺴﺘﺮﯨﻤﯩﺰﻣﻨﻰ‬ ‫ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭ ﺗﯘﺗﯘۋﯦﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯩﻘﺮﺍﺭ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﺳﯩﻼ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ھﻪﺭﺑﯩﻲ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺩەﺭھﺎﻝ ﺋﯚﻟﯜﻣﮕﻪ‬ ‫ﺑﯘﻳﺮﯗﺵ« ھﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﭼﯜﺷﯜﺭﺩﻯ. ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﯩﺴﻰ، ﺑﯘ، ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍڭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ‬ ‫ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﯩﻲ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﺋﯘﺯﺍﻗﻘﯩﭽﻪ ﺳﻪﻝ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ. ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍڭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ »ﻧﺎﻣﺪﺍ‬ ‫ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯜﺯ ﻣﯩﯔ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺩﺍﻧﯩﺸﻤﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﻪﭘﺴﯩﮕﻪ ﭼﻮﻍ‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫2‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  3. 3. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﻘﺎﭼﻘﺎ، ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﻧﯜﻣﻰ ﻛﯚﺭﯛﻟﻤﯩﺪﻯ. ﻧﺎﺩﺍﻧﻼﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﭙﻪﺭەﺳﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﺪﻯ، ﻳﺎﻛﻰ‬ ‫ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﮕﻪ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻧﭽﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﭼﯧﻜﯩﻨﺪﻯ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺕ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﻯ. ﺋﻪڭ‬ ‫ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ، 7291 ~ 8291- ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ، ﺟﻴﺎڭ ﺟﻴﯧﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ۋﺍڭ ﺟﯩﯖﯟﯦﻲ ﺯﻭﺭ ﻛﯚﻟﻪﻣﺪە ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﻨﻰ‬ ‫ﺗﺎﺯﯨﻼﺵ ھﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ھﻪﺭﯨﻜﻪﺗﺘﻪ، »ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﭙﻪﺭەﺳﻠﯩﻚ، ﺑﺎﺷﺒﺎﺷﺘﺎﻗﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻧﭽﻪ‬ ‫ﺋﯩﺶ ﻛﯚﺭﯛﺵ، ﻗﯘﺭﺍﻝ ﻛﯜﭼﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ، ﺯﻭﻣﯩﮕﻪﺭﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﻪھﯟﺍﻟﻠﯩﺮﻯ ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜﺯﻟﯜﻙ ﻣﻪۋﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﺪﻯ،‬ ‫ﻛﻮﻣﭙﺎﺭﺗﯩﻴﯩﻨﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺗﺎﻻﭘﻪﺗﻜﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﺘﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ، ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍڭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﮕﯩﻤﯘ ﺧﯧﻠﻰ ﭼﻮڭ ﺯﯨﻴﺎﻥ‬ ‫ﺑﻮﻟﺪﻯ.« ﺋﻮﻣﯘﻣﻪﻥ، ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍڭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﺪە ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﺗﺎﺯﯨﻼﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﯩﮕﻪﻥ ھﺎﻟﺪﺍ‬ ‫ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻨﻰ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﺶ، ﻳﺎﻛﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﭘﯩﺮﻗﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﺎﺩەﻡ ﻛﯜﭼﻰ‬ ‫ۋە ﺋﯘﻳﯘﺷﯘﺵ ﻛﯜﭼﻰ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ.‬ ‫ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ، ﺟﯩﻦ ﺷﯘﺭﯦﻦ ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺩەۋﺭﺩە ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍڭ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ‬ ‫7291- ﻳﯩﻞ 7-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 7- ﻛﯜﻧﻰ، ﻳﺎڭ ﺯﯦﯖﺸﯩﻦ ﻓﻪﻥ ﻳﺎۋﻧﻪﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺗﻠﻪ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺟﯩﻦ ﺷﯘﺭﯦﻦ ﺟﺎڭ ﭘﯧﻴﻴﯜەﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ھﻪﺭﺑﯩﻲ ﺳﺎھﻪﺳﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ۋە ﮔﻪﻧﺴﯘﻟﯘﻕ‬ ‫ﻳﯘﺭﺗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛپ، ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺭەﺋﯩﺴﻠﯩﻜﻰ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﺑﺎﺵ‬ ‫ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﺪﻯ ھﻪﻣﺪە ﻧﻪﻧﺠﯩﯔ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﺗﯧﻠﯧﮕﺮﺍﻣﻤﺎ ﻳﻮﻟﻼپ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ۋەﺯﯨﭙﯩﮕﻪ‬ ‫ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﯩﻨﻰ ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﻼﺷﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﻧﻪﻧﺠﯩﯔ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ۋەﺯﯨﭙﯩﮕﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﯩﻨﻰ‬ ‫ﺩەﺭھﺎﻝ ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﻠﯩﻤﺎﻱ، ﺟﯩﻦ ﺷﯘﺭﯦﻨﻐﺎ »ۋﺍﻗﺘﯩﻨﭽﻪ ﻣﯘۋەﻗﻘﻪﺕ ﺭەﺋﯩﺴﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗڭ« ﺩەپ‬ ‫ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﻪ ﺑﻪﺭﺩﻯ. 1391- ﻳﯩﻞ 7- ﺋﺎﻳﺪﺍ، ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍڭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﻰ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﺟﯩﻦ ﺷﯘﺭﯦﻦ، ﺟﯘ‬ ‫ﺭﯗﻳﭽﻰ، ﻟﯘ ﺷﻴﺎۋﺯﯗ، ﮔﯘڭ ﺑﯩﺪﯦﯔ، ﺑﺎﻱ ﻳﯜﺷﻴﯘ، ﻟﻰ ﭼﻴﺎ، ﺳﺎۋ ﭼﯩﯟﯦﻨﻼﺭﻧﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﭘﯩﺮﻗﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﺎﻻھﯩﺪە ﺋﻪۋەﺗﯩﻠﮕﻪﻥ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪپ، ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﭘﯩﺮﻗﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﺩﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼپ،‬ ‫ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍڭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﻗﺎﻧﯘﻧﻠﯘﻕ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ. ﺑﯘ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭە ﻛﯜچ ﺗﻮﭘﻠﯩﺸﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﯩﺪﻯ.‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫3‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  4. 4. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫0391- ﻳﯩﻞ 2- ﺋﺎﻳﺪﺍ، ﻗﯘﻣﯘﻟﺪﺍ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻼﺭ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﻰ ﭘﺎﺭﺗﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍڭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﻰ‬ ‫ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﺘﯩﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﺘﻰ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﮔﯘڭ ﺑﯩﺪﯦﯔ، ﺑﺎﻱ‬ ‫ﻳﯜﺷﻴﯘﻻﺭ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪە ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻛﺮﯦﺴﺖ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ۋە ﺧﻪﻳﺮ- ﺳﺎﺧﺎۋەﺕ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﻗﯘﺭﯗپ، »ﺟﻪﺳﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ‬ ‫ﻛﯚﻣﯜﺵ، ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺮﻻﺭﻧﻰ ﺑﯧﻘﯩﺶ، ﻳﺎﺭﯨﺪﺍﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﺵ« ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ‬ ‫ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﺋﯘﻻﺭ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﯘھﯩﻢ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﯩﻨﻰ‬ ‫ﺑﯧﻜﯩﺘﺘﻰ: ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯩﺴﻰ، ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻴﺎۋ ﻓﯧﻴﺮەﻥ، ﺧﻪﻥ ﺟﯧﯖﺸﯩﻦ، ﺟﯘ ﺧﻪﻳﺪﯗڭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ‬ ‫ﻳﯜﺯ ﺋﺎﺑﺮﻭﻳﻠﯘﻕ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ، ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ، ﺗﻴﻪﻧﺠﯩﻨﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﭼﻮڭ ﻛﯜچ ۋە ﺳﻮﺩﺍ- ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺕ‬ ‫ﺳﺎھﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺯﺍﺗﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺗﺎﺭﺗﺘﻰ؛ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﯩﺴﻰ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻟﻴﯘ ۋﯦﻨﻠﯘڭ، ﺗﯘ ۋﯦﻨﻔﯧﻲ، ﭼﯧﻦ‬ ‫ﺟﯩﺸﻪﻥ، ﺗﺎۋ ﻣﯩﯖﻴﯚ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺳﺎھﻪﺩﯨﻜﻰ ﻣﯘھﯩﻢ ﺋﻪﺭﺑﺎﭘﻼﺭﻧﻰ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﺗﺎﺭﺗﺘﻰ؛ ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﯩﺴﻰ،‬ ‫ﻣﯩﻠﻠﯩﻴﻼﺭ، ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺯﺍﺗﻼﺭ ۋە ﭼﻮڭ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ھﯜﺳﻪﻳﯩﻦ، ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺑﺎﺑﺎﻻﺭﻧﻰ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ‬ ‫ﺗﺎﺭﺗﺘﻰ؛ ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﯩﺴﻰ، ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ۋە ﻳﺎﺵ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﺩﻯ. ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ‬ ‫ھﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ، ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍڭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﻰ ھﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻟﯩﺮﻯ ۋە‬ ‫ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺋﻪﺭﺑﺎﭘﻼﺭﻧﻰ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﺗﺎﺭﺗﺘﻰ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﭘﯩﺮﻗﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﺎﻧﯩﻤﯘ ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﭗ 868 ﮔﻪ ﻳﻪﺗﺘﻰ، ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ،‬ ‫ﭼﯚﭼﻪﻙ، ﻗﯘﻣﯘﻝ، ﺋﯘﭼﺘﯘﺭﭘﺎﻥ، ﺋﺎﻗﺴﯘ، ﻗﺎﺭﺍﺷﻪھﻪﺭ، ﻳﻪﻛﻪﻥ، ﻛﯘﭼﺎ، ﺧﻮﺗﻪﻥ، ﭼﻪﺭﭼﻪﻥ، ﮔﯘﭼﯘڭ، ﻳﯧﯖﯩﺴﺎﺭ‬ ‫ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﻏﺎ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺟﯩﻦ ﺷﯘﺭﯦﻦ ھﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﮔﻪﻥ ﺩەۋﺭﺩە، ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍڭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﻰ‬ ‫ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﭘﯩﺮﻗﻪ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﭘﯩﺮﻗﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ‬ ‫ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍڭ ﻛﯜﭼﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﻪﻟﻤﯩﺪﻯ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪۋەﺏ‬ ‫ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺗﯚۋەﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯜچ ﺗﻪﺭەﭘﺘﻪ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﻨﯩﺪﯗ: ﺋﺎۋۋﺍﻝ، ﺟﯩﻦ ﺷﯘﺭﯦﻦ ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍڭ ﻛﯜﭼﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ‬ ‫ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﯨﭽﻪ ﺗﻮﺳﺘﻰ. ﺟﯩﻦ ﺷﯘﺭﯦﻦ ﺗﻪﺧﺘﻜﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺩەﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ۋﺍﻗﯩﺘﻼﺭﺩﺍ،‬ ‫ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻧﯩﯔ »ﺋﯧﺘﯩﺮﺍپ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ«ﻧﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ: »ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﺯەﺭﯨﺪە ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫4‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  5. 5. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ھﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﺗﯜﭘﻜﻰ ﭼﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﺋﯜچ ﻣﻪﺳﻠﻪﻙ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ‬ ‫ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﯟﺍﺗﯩﻤﯩﺰ. ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺑﯘ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻣﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺭﻭھﯩﻢ ﺋﯜچ ﻣﻪﺳﻠﻪﻙ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ.« ﺩەپ ﻛﯚپ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ‬ ‫ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪھﻜﻪﻣﻠﻪﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺋﯜچ ﻣﻪﺳﻠﻪﻛﻨﯩﯔ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻼ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﺘﺘﻰ.‬ ‫ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﯩﺴﻰ، ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﻪﺭﻟﯩﻜﻨﻰ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩەﺭ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﺪﻯ.‬ ‫7291- ﻳﯩﻠﻰ ﻧﻪﻧﺠﯩﯔ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﻮﻧﺎ ﻣﯩﻠﯩﺘﺎﺭﯨﺴﺘﻼﺭﻏﻨﯩﯔ ﻛﯚپ‬ ‫ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻛﯜﭼﻠﯩﺮﻯ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍڭ ﺑﺎﻳﺮﯨﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛۋﺍﻟﻐﺎﻥ ﻳﯧﯖﻰ‬ ‫ﻣﯩﻠﯩﺘﺎﺭﯨﺴﺘﻼﺭ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﺘﯩﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﺎﺵ ﻛﯚﺗﯜﺭﺩﻯ. ﺷﯘﯕﺎ، ﻧﻪﻧﺠﯩﯔ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ 8291- ﻳﯩﻠﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ‬ ‫ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻨﻰ ﺷﻪﻛﯩﻞ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻼ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﻣﻪۋﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﯘپ ﺗﯘﺭﯗۋﺍﺗﻘﺎﻥ‬ ‫ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﯚﻟﯜﻧﻤﻪ ﻛﯜﭼﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ- ﺋﺎﺧﯩﺮ ﻳﻮﻗﯩﺘﺎﻟﻤﯩﺪﻯ. »ﺋﯘﻻﺭ ﻧﺎﻣﺪﺍ ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍڭ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ،‬ ‫ﺋﻪﻣﻤﺎ ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍڭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﻰ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﻪۋە ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﻪۋەﺗﻜﻪﻥ ۋەﻛﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ۋە‬ ‫ﺋﯚﺯ ﺗﻪۋەﻳﯩﺪە ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﺎﭘﭙﺎﺭﺍﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﻪﻛﻠﯩﺪﻯ.« ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﺍ، ﺟﯩﻦ ﺷﯘﺭﯦﻨﻤﯘ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ،‬ ‫ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍڭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯜچ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﮕﻪ ﺳﻮﻗﯘﻧﯘپ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﺘﺘﻰ. ﺋﻪڭ‬ ‫ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ، ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﺋﺎﭘﭙﺎﺭﺍﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘھﯩﻢ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺕ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﭼﻪﺗﻨﻪپ‬ ‫ﻛﻪﺗﺘﻰ. 4291- ﻳﯩﻠﻰ، ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍڭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﭗ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﯩﻲ‬ ‫ھﻮﻗﯘﻕ ﺋﺎﭘﭙﺎﺭﺍﺗﻰ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﺎﻱ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﺎﻱ ﻳﯧﭙﯩﻠﯩﺶ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪە، ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﺩﺍﺋﯩﻤﯩﻲ‬ ‫ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ۋﺍﻛﺎﻟﯩﺘﻪﻥ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ھﻮﻗﯘﻗﻨﻰ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﺩﻯ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﺩﺍﺋﯩﻤﯩﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺖ‬ ‫ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﺪﻯ. 03- ﻳﯩﻠﻼﺭﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە، ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍڭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﻰ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ‬ ‫ﭘﯩﺮﻗﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻛﺎﺗﯩﭙﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ۋﺍڭ ﺯﯨﺠﯘﺍڭ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﺩﺍﺋﯩﻤﯩﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻘﺎ: »ھﺎﺯﯨﺮ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ‬ ‫ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺗﯘﻳﯘﻕ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﯧﻠﯩﭗ، ﺋﯩﺸﻼﺭ ﭘﯩﻼﻧﺴﯩﺰ، ﭼﺎﺭﯨﺴﯩﺰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ، ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﮕﻪ‬ ‫ﻛﯩﺮﮔﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻝ ﺗﯘﺗﯘﺷﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ۋﺍﺳﯩﺘﯩﺴﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﺪﻯ... ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﺋﯩﭽﯩﺪە‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫5‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  6. 6. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ﮔﯘﺭﯗھﯟﺍﺯﻟﯩﻖ ﺋﯧﻐﯩﺮ... ﺋﯘﻻﺭ ﺗﯩﻞ ﺑﯩﺮﯨﻜﺘﯜﺭﯛپ ﺳﻮﻗﯘﺷﯘﺷﻨﯩﻼ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ، ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪھﯟﺍﻟﺪﺍ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻛﯜچ‬ ‫ﺋﺎۋﺍﻣﻨﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﯩﻼﻟﯩﺴﯘﻥ، ﺷﯘﯕﺎ ﺋﺎﺩەﺗﺘﯩﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺸﻰ ﺳﯘﺳﻼپ‬ ‫ﻛﻪﺗﺘﻰ. « ﺩەپ ﺑﺎھﺎ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ۋﺍﻗﯩﺘﺘﺎ، ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ھﻮﻗﯘﻗﻰ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﻛﯜﻧﮕﻪ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﺪﻯ،‬ ‫ھﻪﺭﺑﯩﻲ ۋە ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ۋەﺯﯨﭙﯩﻨﻰ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻨﯩﯔ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﻯ‬ ‫ﻧﻪﺯەﺭﯨﻨﻰ ھﻪﺭﺑﯩﻲ ۋە ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ﺳﺎھﻪﮔﻪ ﺋﺎﻏﺪﯗﺭﺩﻯ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺷﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛۋﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗﻛﻰ، ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍڭ‬ ‫ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺯﻭﺭﯨﻴﯩﺸﯩﺪﺍ، ﺯﯙﺭﯛﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﯟﻯ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ۋە ﺋﺎﺩەﻡ‬ ‫ﻛﯜﭼﻰ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﻛﻪﻣﭽﯩﻞ ﺋﯩﺪﻯ.‬ ‫ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ، ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ھﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﮔﻪﻥ ﺩەۋﺭﺩە ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍڭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻰ‬ ‫0391- ﻳﯩﻞ 2- ﺋﺎﻳﺪﺍ، ﻗﯘﻣﯘﻟﺪﺍ ﺟﯩﻦ ﺷﯘﺭﯦﻨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻼﺭ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﻰ ﭘﺎﺭﺗﻠﯩﺪﻯ. ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ 5-‬ ‫ﺋﺎﻳﺪﺍ، ﮔﻪﻧﺴﯘﻟﯘﻕ ﻣﺎ ﺟﯘﯕﻴﯩﯔ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺑﺎﺷﻼپ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺑﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﻨﻰ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ‬ ‫ھﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﯘﺭﯗﻧﺪﻯ. ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﺭﻗﺎ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﺘﻪ، ﺟﯩﻦ ﺷﯘﺭﯦﻦ ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻧﺎﺭﺍﺯﻯ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼﯧﻦ ﺟﯘڭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ، 4391- ﻳﯩﻞ 4- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 21- ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪە‬ ‫ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺶ ﻗﻮﺯﻏﺎپ، ﺟﯩﻦ ﺷﯘﺭﯦﻨﻨﻰ ﻧﻪﻧﺠﯩﯔ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ۋەﺯﯨﭙﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﺴﺘﯧﭙﺎ‬ ‫ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﻗﯩﻠﺪﻯ.‬ ‫1. ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺩەۋﺭﺩە ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍڭ ﻛﯜﭼﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ‬ ‫ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﺸﯩﺸﻰ‬ ‫3391- ﻳﯩﻠﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ »21- ﺋﺎﭘﺮﯦﻞ« ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻰ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ‬ ‫ۋﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﺩﯗﺑﻪﻧﻠﯩﻜﻜﻪ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﯩﭗ، »ھﻪﺭﺑﯩﻲ ھﻮﻗﯘﻗﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﺵ«ﻛﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ ھﻪﻣﺪە ﻳﺎڭ ﺯﯦﯖﺸﯩﻦ،‬ ‫ﺟﯩﻦ ﺷﯘﺭﯦﻨﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ. ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ،‬ ‫ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍڭ ﻛﯜﭼﻠﯩﺮﻯ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﺘﯩﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﺸﻜﻪ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﻯ. 4-‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫6‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  7. 7. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 41- ﻛﯜﻧﻰ، ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﭘﯩﺮﻗﯩﺪە ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﻪ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﺍ، ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍڭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﺎﻻھﯩﺪە ﺋﻪۋەﺗﻜﻪﻥ ﺧﺎﺩﯨﻤﻰ ﮔﯘەﻥ ﺑﯩﺪﯦﯔ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﻪﺵ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ 01 ﭼﻮڭ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﻻﻳﯩﻬﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﯜﺯﺩﻯ. ﺑﯘ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﻨﯩﯔ 9-، 01- ﻣﺎﺩﺩﯨﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺩﯦﭙﻠﻮﻣﺎﺗﯩﻴﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ‬ ‫ﻣﻪﺭﮔﻪﺯﮔﻪ ﺗﻪۋە ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ‬ ‫ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺗﺎﺵ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﺪﻯ. ﺑﯘ، ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍڭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﻜﻪ ﺋﯘﺭﯗﻧﯘﺵ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺭﺍﻣﻜﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﺵ‬ ‫ﺋﺎﺭﺯﯗﺳﯩﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﯩﻚ ھﺎﻟﺪﺍ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪپ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﻨﯩﯔ ھﻪﺭ ﺗﻪﺭەﭘﻠﯩﻤﻪ ﺗﻮﺳﻘﯘﻧﻠﯘﻕ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍڭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ »ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﺵ« ھﻪﻣﺪە‬ ‫»ﻣﺎﻟﯩﻴﯩﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺗﺎﺵ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ« ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﯜﺭﻟﻪﺭ ھﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺗﯜﺭﺩە ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻤﯩﺪﻯ.‬ ‫ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﻧﻪﻧﺠﯩﯔ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﺘﯩﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﻰ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺸﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻧﯩﯔ ﺧﯘﺍڭ ﻣﯘﺳﯘڭ، ﻟﻮ ۋﯦﻨﮕﻪﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ‬ ‫ﺋﻪۋەﺗﯩﺸﻜﻪ ﺟﯧﻨﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﯨﭽﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﺩﻯ. ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍڭ ﻧﺎﺋﯩﻼﺝ ﻣﺎ ﺟﯘﯕﻴﯩﯖﻨﻰ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ‬ ‫ﮔﺎﺭﻧﯩﺰﻭﻥ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ، ﺟﺎڭ ﭘﯧﻴﻴﯜەﻧﻨﻰ ﺋﯩﻠﻰ ﺑﻮﺯ ﻳﻪﺭ ﺋﯚﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺭﯛﺵ ﺋﻪﻟﭽﯩﺴﻰ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ‬ ‫ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ 8- ﺩﯦﯟﯨﺰﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺮﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ، ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﻨﻰ ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺠﯩﮕﻪ‬ ‫ﺋﺎﻟﺪﻯ. ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ، ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﻪ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻕ ﻗﯘﺭﺩﻯ. ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ‬ ‫ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪھﻜﻪﻣﻠﻪﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚپ ﺧﯩﻞ ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﺑﯧﺮﯨﺶ‬ ‫ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﻰ ﺋﯩﻤﺰﺍﻟﯩﺪﻯ. ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪە، ﺟﺎڭ ﭘﯧﻴﻴﯜەﻥ، ﻣﺎ ﺟﯘﯕﻴﯩﯖﻼﺭﻧﯩﯔ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ‬ ‫ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﯧﺰﻻ ﻳﯩﻤﯩﺮﯨﻠﯩﭗ، ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍﯕﻨﯩﯔ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﭼﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺗﺎﺯﯨﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﺋﺎۋۋﺍﻝ، ﺋﯘ‬ ‫ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍﯕﻨﯩﯔ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﭘﯩﺮﻗﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﺩﻯ ھﻪﻣﺪە ﮔﯘڭ ﺑﯩﺪﯦﯔ، ﺳﺎۋ ﭼﯩﯟﯦﻦ، ﻟﻰ‬ ‫ﭼﻴﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻦ ﻛﯧﺘﯩﺸﻜﻪ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﯩﺴﻰ، ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ‬ ‫ھﻪﻳﺌﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭘﯧﯔ ﺟﺎۋﺷﻴﻪﻥ، ﮔﺎۋ ﺷﯩﺒﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ۋەﺯﯨﭙﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺴﺘﯧﭙﺎ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﻗﯩﻠﺪﻯ،‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫7‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  8. 8. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍﯕﻨﯩﯔ ‪ CC‬ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻻﻗﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ، ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭘﯧﯔ‬ ‫ﺟﺎۋﺷﻴﻪﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﭘﯩﺮﻗﯩﻨﯩﯔ ﺭەھﺒﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﻪڭ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ، ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ »ﺯﯗﯕﻠﻰ ۋە‬ ‫ﺯﯗﯕﺴﻪﻳﻨﯩﯔ ﺭەﺳﯩﻤﯩﻨﻰ ﺋﯧﺴﯩﺸﻨﻰ ﭼﻪﻛﻠﯩﺪﻯ ھﻪﻣﺪە ﺋﯜچ ﻣﻪﺳﻠﻪﻛﻜﻪ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﺴﻰ‬ ‫ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﻳﺪﯛﺭﯛﺵ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﭼﯜﺷﯜﺭﺩﻯ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ،‬ ‫ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ۋە ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺑﺎﻳﺮﯨﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﺴﯩﺸﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﭼﻪﻛﻠﻪپ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺑﯘﻟﯘﯕﻠﯘﻕ ﺳﯧﺮﯨﻖ‬ ‫ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻟﯘﻕ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺑﺎﻳﺮﺍﻗﻨﻰ ﺋﯧﺴﯩﺸﻘﺎ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﭗ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﺑﺎﻳﺮﯨﻘﻰ ﺩەپ ﻧﺎﻡ‬ ‫ﺑﻪﺭﺩﻯ. ھﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﻣﯘ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺷﻨﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﭼﻪﻛﻠﻪپ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ‬ ‫ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭ، ﻣﺎﺭﻛﺴﯩﺰﻡ- ﻟﯧﻨﯩﻨﯩﺰﻡ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﺘﻰ« . ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍڭ‬ ‫ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﭘﯩﺮﻗﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ھﻪﺗﺘﺎ ﺋﺎﺩەﺗﺘﯩﻜﻰ‬ ‫ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﻛﯚﺯﺩﯨﻦ ﻏﺎﻳﯩﭗ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍﯕﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ‬ ‫ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﻰ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ھﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﻰ ﻣﻪﻏﻠﯘﺏ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ ھﺎﻛﯩﻤﻤﯘﺗﻠﻪﻕ‬ ‫ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﺴﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﺎﺷﺘﻰ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﻰ ۋە ﻗﻮﻟﻠﯩﺸﯩﻐﺎ‬ ‫ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺸﻰ، ﺷﯜﺑﻬﯩﺴﯩﺰﻛﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍﯕﻨﯩﯔ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﻛﯜﭼﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ھﻪﻳﺪەپ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻘﺎ‬ ‫ﭘﯧﺘﯩﻨﺎﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯜپ ﺳﻪۋەﺏ ﺋﯩﺪﻯ.‬ ‫2. ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﺟﻴﺎڭ ﺟﻴﯧﺸﯩﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻨﻼﺷﻘﺎﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪە، ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍڭ ﻛﯜﭼﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﺯﻭﺭﯨﻴﯩﺸﻰ‬ ‫2491- ﻳﯩﻠﻰ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﻪﺩەﻣﺪﯨﻼ ﻣﻪﻏﻠﯘﺏ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ،‬ ‫ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﺟﻴﺎڭ ﺟﻴﯧﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﺗﯧﺰﺩﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ھﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍﯕﻨﯩﯔ‬ ‫ﻗﻮﻳﻨﯩﻐﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﺗﺘﻰ. 2491- ﻳﯩﻞ 8- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 92- ﻛﯜﻧﻰ، ﺳﯘڭ ﻣﯧﻴﻠﯩﯔ ﺟﻴﺎڭ ﺟﻴﯧﺸﯩﻐﺎ ۋﺍﻛﺎﻟﯩﺘﻪﻥ‬ ‫ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﮕﻪ: »)1( ﮔﻪﻧﺴﯘ ﺗﻪۋەﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﻟﻪﻧﺠﯘﺩﯨﻦ‬ ‫ﺋﻪﻧﺸﻰ، ﻳﯜﻣﯩﻨﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﯚﺗﻜﻪپ، ﻗﯘﻣﯘﻟﺪﯨﻜﻰ ﺭﻭﺳﯩﻴﻪ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺠﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﺶ؛ )2( ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ‬ ‫ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺩﯨﭙﻠﻮﻣﺎﺗﯩﻴﻪ ﺧﺎﺩﯨﻤﻰ ﺋﻪۋەﺗﯩﭗ، ﺩﯨﭙﻠﻮﻣﺎﺗﯩﻴﻪ ھﻮﻗﯘﻗﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﮔﻪ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗۋﯦﻠﯩﺶ؛ )3(‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫8‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  9. 9. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﻛﻮﻣﭙﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﺯﯨﻼﺵ؛ )4( ﺭﻭﺳﯩﻴﻪ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻦ ﭼﯧﻜﯩﻨﺪﯛﺭﯛﺵ«‬ ‫ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﺪﻯ. ﺑﯘ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻠﻪﺭﻧﻰ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺪﻯ، ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍڭ‬ ‫ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﻤﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﭘﯩﺮﻗﻪ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﺩﻯ. »ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﺋﺎۋﺍﻡ - ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯜچ ﻣﻪﺳﻠﻪﻙ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﺷﯜﺵ« ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭙﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ، ﺷﯩﻨﺠﺎڭ‬ ‫ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﭘﯩﺮﻗﻪ »ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﻰ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺵ« ھﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﺪە ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜﺯﻟﯜﻙ ﺭﺍۋﺍﺟﻼﻧﺪﻯ ھﻪﻣﺪە‬ ‫ﺩەﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ:‬ ‫ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﯩﻲ ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ: )1( ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﺩﻯ. 5491- ﻳﯩﻞ 3- ﺋﺎﻳﻐﯩﭽﻪ، ﻳﯧﯖﻰ‬ ‫ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺟﻪﻣﺌﯩﻲ 12 ﻣﯩﯔ 696 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﻟﺪﻯ. )2( ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﯩﻲ ﺗﯜﺯﯛﻟﯜﺷﯩﻨﻰ‬ ‫ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻟﻠﻪﺷﺘﯜﺭﺩﻯ. 3491- ﻳﯩﻞ 01- ﺋﺎﻳﺪﺍ، ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﭘﯩﺮﻗﯩﺪە ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ- ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ھﺎﻟﺪﺍ ﻛﺎﺗﯩﺒﺎﺕ،‬ ‫ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ، ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺕ- ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺵ ﺑﺎﺷﻘﺎﺭﻣﯩﺴﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﺪﻯ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﻣﯩﻘﯩﺪﺍ ﺧﻮﺟﯩﻠﯩﻖ ﺑﯚﻟﯜﻣﻰ،‬ ‫ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ ﺑﯚﻟﯜﻣﻰ، ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺕ ﺑﯚﻟﯜﻣﻰ، ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺵ ﺑﯚﻟﯜﻣﻰ، ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺑﯚﻟﯜﻣﻰ، ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ- ﮔﯘﺭﯗھﻼﺭ‬ ‫ﺑﯚﻟﯜﻣﻰ، ﺑﺎﺵ ﻣﯘھﻪﺭﺭﯨﺮ ﺑﯚﻟﯜﻣﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺑﯚﻟﯜﻡ ۋە ﻛﺎﺩﯨﺮﻻﺭ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﻰ، ﺑﻮﻏﺎﻟﺘﯩﺮ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻦ‬ ‫ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﺎ ﻗﯘﺭﯗﻟﺪﻯ. )3( ﻧﺎھﯩﻴﯩﻠﯩﻚ، ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﺷﯚﺑﻪ ﭘﯩﺮﻗﻪ ﻗﯘﺭﯗﻟﺪﻯ. ﺑﯘ ﺗﺎﺭﻣﺎﻕ ﭘﯩﺮﻗﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ‬ ‫ھﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻤﯘ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﻼﺭ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﻨﯩﭗ، ﻗﻪﺭەﻟﻠﯩﻚ ھﺎﻟﺪﺍ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ‬ ‫ﺑﺎﺭﺩﻯ. 5491- ﻳﯩﻞ 3- ﺋﺎﻳﻐﯩﭽﻪ، ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﭘﯩﺮﻗﻪ ﺟﻪﻣﺌﯩﻲ 741 ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﭘﯩﺮﻗﻪ، 448 ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﺷﯚﺑﻪ‬ ‫ﭘﯩﺮﻗﻪ ﻗﯘﺭﺩﻯ، 8522 ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﺎ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﺪﻯ. )4( ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﺴﻰ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﺪﻯ.‬ ‫ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺯﯦﻤﯩﻨﻰ ﻛﻪڭ، ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﭘﯩﺮﻗﯩﻨﯩﯔ ھﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻧﺎھﯩﻴﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﮕﻪ‬ ‫ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺗﻪﺱ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ھﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ﺗﻪﭘﺘﯩﺶ ۋﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪە ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ‬ ‫ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﺴﻰ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ھﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ۋﯨﻼﻳﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ۋﺍﻟﯩﻴﻠﯩﺮﻯ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ.‬ ‫ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺵ ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ: )1( ﻛﺎﺩﯨﺮﻻﺭ ۋە ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﯩﺪﻯ. ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﭘﯩﺮﻗﯩﺪە ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ‬ ‫ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻛﯘﺭﺱ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺷﻪھﯩﺮﯨﺪە ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫9‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  10. 10. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺵ ﺋﯚﻣﯩﻜﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺷﯚﺑﻪ ﺋﯚﻣﯩﻜﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﺪﻯ. 5491- ﻳﯩﻞ 3- ﺋﺎﻳﻐﯩﭽﻪ، ﺋﯘﻻﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻲ ھﻪﺭ‬ ‫ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻧﺎھﯩﻴﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺯﯙﺭﯛﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ 583 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﻛﺎﺩﯨﺮ، 61 ﻣﯩﯔ ﻧﻪﭘﻪﺭ ﻳﯧﯖﻰ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ‬ ‫ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﯩﺪﻯ. )2( ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺵ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯚﺯﺩﯛﺭﯛپ ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﺘﻰ. ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﭘﯩﺮﻗﻪ »ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﻯ‬ ‫ﺑﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻼﺭ«، »ﻳﯧﯖﻰ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺵ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﺮﻯ«، »ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺋﯧﭽﯩﺶ‬ ‫ﺳﺎۋﺍﺩﻟﯩﺮﻯ« ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺗﯚﺯﺩﯛﺭﯛپ، ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﯩﮕﻪ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﺪﻯ. ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ-‬ ‫ﮔﯘﺭﯗھﻼﺭ ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ: )1( ﺧﻪﻟﻖ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯘﺭﺩﻯ. 4491- ﻳﯩﻠﻰ، ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﭘﯩﺮﻗﻪ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ‬ ‫ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﺴﻰ، ﺑﻴﻪﻧﺸﯧﯔ ﺳﻮﺩﺍ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﺴﻰ ۋە ھﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻧﺎھﯩﻴﻪﻟﻪﺭﺩە ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻼﺭ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﺴﻰ،‬ ‫ھﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻧﺎھﯩﻴﻪﻟﻪﺭﺩە ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﺴﻰ، ﻛﻪﺳﯩﭙﺪﺍﺷﻼﺭ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻼﺭﻧﻰ‬ ‫ﻗﯘﺭﺩﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ۋﺍﻗﯩﺘﺘﺎ، ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪە ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ھﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻪﺗﻨﻰ‬ ‫ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﺵ ﺑﺎﺵ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﺴﻰ ۋە ھﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﺷﯚﺑﻪ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﺴﻰ، ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ‬ ‫ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﯩﺰﮔﯩﻨﻠﻪﺷﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﺘﻰ ھﻪﻣﺪە ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﭽﯩﻼﺭ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ‬ ‫ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ھﻪﻡ ﻧﺎھﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﭽﯩﻼﺭ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﺎھﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﻪﺭ‬ ‫ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﭗ ﻗﯘﺭﺩﻯ. )2( ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﻻﻗﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﺘﻰ. ﺟﻴﺎڭ ﺟﻴﯧﺸﻰ‬ ‫»ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺵ«ﻧﻰ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﭘﯩﺮﻗﻪ‬ ‫ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺗﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﯩﺶ ﻛﯚﺭﯛﺩﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ. 3491- ﻳﯩﻞ 5- ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ‬ ‫ﺑﺎﺷﻼپ، ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ- ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﻪ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ۋە ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﻻھﯩﺪە ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﺎ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ‬ ‫ﺋﯧﭽﯩﺶ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻻﻗﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﺘﻰ، ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ‬ ‫ﭘﯩﺮﻗﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﺷﯘﺟﯩﺴﻰ ۋە ھﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻧﺎھﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﭘﯩﺮﻗﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﺷﯘﺟﯩﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ -‬ ‫ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ھﺎﻟﺪﺍ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ھﻪﻳﺌﻪﺗﻠﻪﺭ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ھﻪﻡ ﻧﺎھﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﺳﯩﺮﺗﺘﯩﻦ‬ ‫ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ: )1( ﺭﺍﺩﯨﺌﻮ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺗﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﺩﻯ. 3491- ﻳﯩﻞ 5-‬ ‫ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼپ، ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﭘﯩﺮﻗﻪ ھﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺳﯩﻤﻠﯩﻖ ﺭﺍﺩﯨﺌﻮ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﯩﺪﺍ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﻻھﯩﺪە‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫01‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  11. 11. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﺎ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﺩﻯ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍﯕﻨﯩﯔ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﻴﺎڭ ﺟﻴﯧﺸﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﻳﻮﻟﻴﻮﺭﯗﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ، ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ،‬ ‫ﻗﺎﺯﺍﻕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﺎﯕﻠﯩﺘﯩﻠﺪﻯ. )2( ﻛﯩﺘﺎﺏ، ژﯗﺭﻧﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗپ ﻗﺎﻳﺘﺎ‬ ‫ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﺩﻯ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪە، ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﭘﯩﺮﻗﻪ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭ 21 ﺧﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻲ 38 ﻣﯩﯔ‬ ‫005 ﭘﺎﺭﭼﻪ؛ ﺗﯚﺯﺩﯛﺭﯛپ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭ 11 ﺧﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻲ 36 ﻣﯩﯔ ﭘﺎﺭﭼﻪ؛ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ‬ ‫ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭ 11 ﺧﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻲ 98 ﻣﯩﯔ ﭘﺎﺭﭼﻪ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﭘﯩﺮﻗﻪ ﻳﻪﻧﻪ‬ ‫ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ۋە ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ژﯗﺭﻧﺎﻝ »ﻳﯧﯖﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ«ﻧﻰ ھﻪﻣﺪە ﻗﻪﺭەﻟﺴﯩﺰ ھﺎﻟﺪﺍ »ﭼﯧﮕﺮﺍ ﺷﺎﻣﯩﻠﻰ«‬ ‫ۋﺍﻗﯩﺖ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﺪﻯ. )3( ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﺶ ۋە ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺵ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﺩﻯ. ھﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻢ‬ ‫ﻣﯘﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ، ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﭘﯩﺮﻗﻪ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺋﯧﭽﯩﭗ، ھﻪﺭ ﺳﺎھﻪﺩﯨﻜﻰ ﺯﺍﺗﻼﺭﻏﺎ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ۋە ﺩﻭﻛﻼﺩ ﻗﯩﻠﺪﻯ ﻳﺎﻛﻰ‬ ‫ﻧﯘﺗﯘﻕ ﺳﯚﺯﻟﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﺋﯜچ ﻣﻪﺳﻠﻪﻙ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﻳﯧﺰﯨﺶ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﻰ ۋە ﻛﯚﺭﮔﻪﺯﻣﻪ‬ ‫ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﺩﻯ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﺪﺍ ﺟﻴﺎڭ ﺟﻴﯧﺸﯩﻨﯩﯔ ھﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﭼﻮڭ ﺳﻮﺭﯗﻧﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ‬ ‫ﺭەﺳﯩﻤﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ. )4( ﮔﯧﺰﯨﺖ- ژﯗﺭﻧﺎﻝ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺗﯩﻨﻰ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺗﺘﻰ. ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﭘﯩﺮﻗﻪ ﺋﺎۋۋﺍﻝ‬ ‫ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪڭ ﭼﻮڭ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ ﺋﺎﭘﭙﺎﺭﺍﺗﻰ - ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﺪﻯ ھﻪﻣﺪە‬ ‫ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ ﺑﯚﻟﯜﻣﻰ ﻟﻰ ﺷﺎﯕﻴﯘﻧﻰ ﺑﺎﺵ ﻣﯘھﻪﺭﺭﯨﺮ )ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻣﯘھﻪﺭﺭﯨﺮﻟﻪﺭ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺩەپ‬ ‫ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ( ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻪۋەﺗﺘﻰ. ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﮔﯧﺰﯨﺘﻜﻪ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﭼﯘﯕﭽﯩﯖﺪﺍ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ »ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ«ﻧﯩﯔ‬ ‫ﺋﻮﺑﺰﻭﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﯧﺴﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ، ﺋﻮﺑﺰﻭﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘھﯩﻢ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﻰ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﺯﯨﻼپ، ﻣﺎﺭﻛﺴﯩﺰﻣﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺋﯜچ ﻣﻪﺳﻠﻪﻛﻨﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ ﺋﯩﺪﻯ.‬ ‫ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ، ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍڭ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﭘﯩﺮﻗﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺷﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ،‬ ‫ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﯩﻲ ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ۋە ﻛﯜﭼﯩﻨﯩﯔ ﺯﻭﺭﯨﻴﯩﺸﻰ ۋە ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﺸﯩﺸﻰ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ.‬ ‫ﻣﯩﻨﮕﻮﻧﯩﯔ ﺩەﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﺍ، ﻳﺎڭ ﺯﯦﯖﺸﯩﻦ »ﺋﯩﺸﯩﻜﻨﻰ ﺗﺎﻗﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ« ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﺪە ﭼﯩﯔ‬ ‫ﺗﯘﺭﺩﻯ ھﻪﻣﺪە ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ھﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ- ﮔﯘﺭﯗھ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻣﻪﻧﺌﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪﻯ.‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫11‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  12. 12. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ﺷﯘﯕﺎ، ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍڭ ﻳﻪﺭﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﺎﺩەﺗﺘﯩﻜﻰ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﭗ، ﻳﻪﺭﻟﯩﻜﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ۋە ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ۋەﺯﯨﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ھﯧﭽﻘﺎﻧﭽﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻧﯩﺪﻯ؛ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ »7- ﺋﯩﻴﯘﻝ‬ ‫ۋەﻗﻪﺳﻰ« ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺟﯩﻦ ﺷﯘﺭﯦﻦ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍﯕﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﭘﯩﺮﻗﻪ ﻗﯘﺭﯗﺷﯩﻐﺎ ﻳﻮﻝ‬ ‫ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻧﺎﺯﺍﺭەﺕ ۋە ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻧﻰ‬ ‫ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺪﯨﻼ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺟﺎﺭﯨﻲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﺍﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﺪﻯ؛ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ‬ ‫ﻳﯧﻘﯩﻨﻼﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍڭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻧﻘﻰ ﺋﻪڭ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﻮﯕﯘﺷﺴﯩﺰﻟﯩﻘﻘﺎ‬ ‫ﺋﯘﭼﺮﺍپ، ﺑﯘ ﻣﯩﯖﺒﯩﺮ ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺗﺘﻪ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﺎﺯﯨﺪﯨﻦ ﻧﺎﺋﯩﻼﺝ ﭼﯧﻜﯩﻨﯩﭗ ﭼﯩﻘﺘﻰ. 3491- ﻳﯩﻠﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە،‬ ‫ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﺑﯘﺭﯗﻟﯘﭘﻼ ﺟﻴﺎڭ ﺟﻴﯧﺸﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻳﻨﯩﻐﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﺗﺘﻰ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍڭ ﻛﯜﭼﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ‬ ‫ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﺪﯨﻤﯘ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﻪﺵ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺩەﻝ ﺑﯘ ﻛﯜچ ﺳﯩﻨﯩﺸﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ،‬ ‫ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍڭ ﻛﯚپ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﻮﯕﯘﺷﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ۋە ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﻛﻪﭼﯜﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﯘ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﯩﻨﻰ ﺑﺎﺭﺍ-ﺑﺎﺭﺍ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗپ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺷﯘﯕﺎ، ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍڭ‬ ‫ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﭘﯩﺮﻗﯩﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ۋە ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ھﻪﺭ‬ ‫ﺩەﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﻮﯕﯘﺷﻠﯘﻕ ھﺎﻟﺪﺍ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘپ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻟﻠﻪﺷﺘﻰ ھﻪﻣﺪە ﺋﻪڭ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ‬ ‫ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ھﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﺩﻯ.‬ ‫ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻯ:ۋﺍڭ ﺟﯘﯕﺸﯩﻦ )ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺩﺟﺎﻥ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﻰ( ﻣﻪﻧﺒﻪ:»ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﭘﻪﻧﻠﯩﺮﻯ« ژﯗﺭﻧﯩﻠﻰ‬ ‫7002- ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ 3- ﺳﺎﻥ‬ ‫ﺗﯜﮔﯩﺪﻯ‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫21‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  13. 13. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ﺑﺎﻳﺎﻧﺎﺕ : ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ --- ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ ھﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﭘﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻟﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﺎﭘﺘﯘﺭﻟﯘﻕ ھﯘﻗﯘﻗﻰ ﺗﻮﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﺎﭘﺘﯘﺭﻏﺎ ﻣﻪﻧﺴﯘپ ! ﺑﯘ ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﭘﻼﺭ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﯩﺮﺗﻘﻰ‬ ‫ﻗﯩﺰﯨﻘﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘپ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ، ﺋﯚﺯ-ﺋﺎﺭﺍ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯘﭼﯘﻧﻼ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ ،‬ ‫ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺕ ﺳﻮﺩﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﺎھﻪﺩە ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﺎھﻪﻟﻪﺭﺩە‬ ‫ﺋﺎﻗﯩﯟەﺗﻜﻪ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﯜﭼﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﻮﻝ !!!‬ ‫ﻗﺎﻧﯘﻧﺴﯩﺰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭗ ﺑﯩﺮەﺭ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﻛﯚﺭﯛﻟﺴﻪ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ --- ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ ﺑﯘ ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ ھﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﻮﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ !!!!‬ ‫ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﺎﭘﺘﯘﺭﻟﯘﻕ ھﯘﻗﯘﻗﯘﻣﻐﺎ ﺩەﺧﻠﻰ ﻳﻪﺗﺘﻰ ﺩﯦﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ --- ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻻﻗﯩﻼﺷﺴﺎ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ . ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﭘﻼﺭ ﺗﻮﺭﺩﺍ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﺷﺘﯩﻦ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ !!!!!‬ ‫ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ --- ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ ﺋﯧﻠﯩﻜﯩﺘﺎﭘﻼﺭﻏﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ھﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ‬ ‫ﭘﯩﻜﯩﺮ-ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ---- ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﺋﺎﻻﻗﯩﻼﺷﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ .‬ ‫8002 -ﻳﯩﻠﻰ 10-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 72-ﻛﯜﻧﻰ‬ ‫ﺷﻪﻧﺪﯗڭ---ﺟﯩﻨﻪﻥ‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫31‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬

×