1933 ---1937-yilliridiki weqeler

523 views
460 views

Published on

Published in: Education
0 Comments
0 Likes
Statistics
Notes
  • Be the first to comment

  • Be the first to like this

No Downloads
Views
Total views
523
On SlideShare
0
From Embeds
0
Number of Embeds
1
Actions
Shares
0
Downloads
11
Comments
0
Likes
0
Embeds 0
No embeds

No notes for slide

1933 ---1937-yilliridiki weqeler

  1. 1. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫3391- ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 7391- ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ، ﺧﻮﺗﻪﻥ، ﺋﺎﻗﺴﯘﻻﺭﺩﺍ‬ ‫ﺑﯘﻟﯘپ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ۋەﻗﻪﻟﻪﺭ‬ ‫ﺗﻮﺭﻏﺎ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ : ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﯩﺪﯨﻦ ‪ iltebir‬ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ‬ ‫ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ھﺎﺟﻰ‬ ‫ﺗﻪھﺮﯨﺮﺩﯨﻦ:‬ ‫ﻗﺎﺩﯨﺮ ھﺎﺟﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﯩﺴﯩﺪە 3391- ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﯧﻠﻰ )ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ( ﻧﯩﯔ ﺳﻮﻏﯘﻧﺪﺍ ﺋﯩﺴﻴﺎﻥ ﻛﯜﺗﯜﺭﯛپ‬ ‫ﺋﺎﺗﯘﺷﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻴﺎﻧﭽﻰ ﻗﻮﺷﯘﻧﯩﻐﺎ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘپ 3391- ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 7391- ﻳﯩﻞ 9-‬ ‫ﺋﺎﻳﻐﺎ ﻗﻪﺩەﺭ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ، ﺧﻮﺗﻪﻥ، ﻳﻪﻛﻪﻥ، ﺋﺎﻗﺴﯘ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎڭ، ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼ،‬ ‫ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ھﺎﺟﻰ، ﻣﺎﻣﯘﺕ ﺳﯩﺠﺎڭ، ﺋﺎﺑﺪﯗﻧﯩﻴﺎﺯ، ﺷﺎﻣﻪﻧﺴﯘﺭ ۋە ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺑﯘﻟﯘﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ‬ ‫ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ- ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ، ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﭼﯜﺭﮔﻪﻥ ﺋﻪھﯟﺍﻟﻼﺭ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ. ﺑﯘﻧﻰ ﺗﻪھﺮﯨﺮﻟﻪﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ‬ ‫ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺗﻪھﻠﯩﻠﻠﻪﺭ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺗﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﻯ ﻗﺎﺩﯨﺮ ھﺎﺟﯩﻨﯩﯔ ﺷﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ۋەﻗﻪﻟﻪﺭﮔﻪ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺯ‬ ‫ﻗﺎﺭﺷﻰ، ﻧﯘﻗﺘﯩﺌﯩﻨﻪﺯەﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻼپ، ﻳﯧﺰﯨﺶ ﺋﯘﺳﻠﯘﺑﯩﻐﺎ ھﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. ﭼﯜﻧﻜﻰ‬ ‫ھﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ۋەﻗﻪﻟﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺷﻰ ۋە ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻛﻪﭼﯜﺭﻣﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ‬ ‫ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ۋەﻗﻪﻧﻰ، ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺗﺎﺭﯨﺨﻲ ﺷﻪﺧﺴﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻧﯘﻗﺘﯩﺪﺍ ﺑﺎﻳﺎﻥ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪﻳﺪﯗ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﺳﻪﺭﮔﯜﺯەﺷﺘﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﻪھﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﻳﯧﺸﯩﭗ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ.‬ ‫ﺩﯦﻤﻪﻙ، ھﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﺧﺴﻨﯩﯔ ۋەﻗﻪﻟﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪھﻠﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ‬ ‫ۋەﻗﻪﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﻪ ۋە ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺷﻨﯩﯔ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﯘﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺳﺎﻗﻼﻧﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.‬ ‫ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ، ﻗﺎﺩﯨﺮ ھﺎﺟﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻤﯘ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺷﻪﺧﺴﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ‬ ‫ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻛﯚﺯ- ﻗﺎﺭﺍﺵ ۋە ﻧﯘﻗﺘﯩﺌﯩﻴﻨﻪﺯەﺭﻟﻪﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﯘﻳﯘﻟﻐﺎﻥ. ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ‬ ‫ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘﻟﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻝ، ﺑﯘ ھﻪﺭﮔﯩﺰ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻳﻪﻛﯜﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ.‬ ‫ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﺎﻛﯩﻠﯩﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﯦﺘﯩﭗ، ﻣﯧﻐﯩﺰﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ، ﻳﺎﻟﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﯦﺘﯩﭗ ﺭﺍﺳﺘﯩﻨﻰ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗپ‬ ‫ﺗﻪھﻠﯩﻞ ۋە ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﻮﺑﻴﯧﻜﺘﯩﭗ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﯨﻼپ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮەﻙ.‬ ‫ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ، ﺑﯘ ﺧﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﻪ ۋە ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭ، ﺋﯩﺠﺎﺑﯩﻲ ۋە ﺳﻪﻟﺒﯩﻲ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻜﻰ‬ ‫ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻻپ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ، ﺗﻪھﻠﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫1‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  2. 2. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ۋە ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﯩﮕﻪ ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﺑﯩﺮﯨﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.‬ ‫ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻣﺎﺭﺍﻟﺒﯧﺸﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ ۋە ﺳﯘﻏﯘﻥ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﻰ‬ ‫2391- ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ، 3391- ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼڭ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ‬ ‫ﻛﻮﺭﻟﯩﻐﯩﭽﻪ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﻳﺎﻳﺪﻯ. ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺋﯧﻠﻰ )ﺩەﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺗﯘەﻧﺠﺎڭ ﺩەپ ﺋﺎﺗﯩﻼﺗﺘﻰ( ﻛﻮﺭﻟﯩﺪﯨﻦ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ‬ ‫ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ ﻳﯜﺯﻟﯩﻨﯩﭗ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍپ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩە ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﺋﯚﻟﻜﻪ‬ ‫ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺩﯨﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺟﯩﻦ ﺷﯘﺟﮋ )ﺟﯩﻦ ﺷﯘﺭﯦﻨﻨﯩﯔ 4- ﺋﯩﻨﯩﺴﻰ( ﻗﻮﺭﻗﯘپ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺩﻭﺭﺍ ﻳﻪپ‬ ‫ﺋﯚﻟﯜۋﺍﻟﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺩﻭﺗﯩﻴﻰ ﻣﺎﺷﺎۋۋﯗ )ﻣﺎﺩﻭﺗﻪﻱ ﺩەﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ( ﻗﯘﺷﯘﻣﭽﻪ ﺩﯨﯟﯨﺰﯨﻴﻪ‬ ‫ﺳﯩﺠﺎﯕﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﻧﺪﻯ.‬ ‫ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺋﯧﻠﻰ ﻛﯘﭼﺎﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﻗﺴﯘﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍپ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﻳﺎﻗﺎ ﺋﯧﺮﯨﻘﺘﺎ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻳﺪﺍﻥ ﻏﻪﻟﯩﺒﯩﻠﯩﻚ ﺟﻪڭ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﻗﺴﯘﻧﻰ ﺋﯩﺸﻐﺎﻝ ﻗﯩﻠﺪﻯ، ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻣﺎﺩﻭﺗﻪﻱ ﺧﻪﻧﺰﯗ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ، ﺧﯘﻳﺰﯗﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮەﺭ ﻣﯩﯖﭽﻪ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ‬ ‫ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪپ ﻳﺎڭ ﭼﯩﯖﻤﯩﻦ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺧﯘﻳﺰﯗﻧﻰ )ﺋﯘﻧﻰ ﻳﺎڭ ﺩﺍﺭﯨﻨﻤﯘ ﺩﯦﻴﯩﺸﻪﺗﺘﻰ( ﺗﯘەﻧﺠﺎڭ ﻗﯩﻠﯩﭗ‬ ‫ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺋﯧﻠﯩﻨﻰ ﺗﻮﺳﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﺎﺭﺍﻟﺒﯧﺸﯩﻐﺎ ﺋﻪۋەﺗﺘﻰ. ﻳﺎڭ ﺗﯘەﻧﺠﺎڭ ۋە ﻟﻰ ﺩﯦﯖﺮﯗڭ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺗﯜەﻧﺠﺎﯕﻼﺭ‬ ‫ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼپ ﻣﺎﺭﺍﻟﺒﯧﺸﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﯨﻖ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﻣﺸﯘﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﻰ.‬ ‫ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺋﯧﻠﻰ ﺋﺎﻗﺴﯘ ﺗﻪﺭەﭘﺘﯩﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺗﯘﻣﺸﯘﻗﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻕ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﯕﺘﻮﻏﺮﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻳﻪﺭﮔﻪ‬ ‫ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﻰ. ﺗﯘﻣﺸﯘﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯕﺘﻮﻏﺮﺍﻗﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﻰ 02 ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﯩﺮﺩەﻙ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻗﺎﺭﺍ‬ ‫ﺷﻪھﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﺎﺷﯩﻤﯩﯔ ﺋﻪۋەﺗﻜﻪﻥ ﻣﺎﺯﯨﺨﯘﻱ )ﻣﺎﺟﻪﻧﺴﺎڭ( ﻣﯘ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻛﯜﻡ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯧﻠﯩﭗ‬ ‫ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﻰ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﻣﺸﯘﻕ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ ﺑﺎﺷﻼﻧﺪﻯ. ﺑﯘ ﺋﯘﺭﯗﺵ 3- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ 74‬ ‫ﻛﯜﻥ ﺩﺍۋﺍﻡ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪە ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﻛﯚپ ﭼﯩﻘﯩﻢ‬ ‫ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺋﯩﻼﺟﺴﯩﺰﻟﯩﻘﺘﺎ ﺳﯜﻟﻬ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺑﯘﻟﯘپ ۋەﻛﯩﻞ ﺋﻪۋەﺗﺘﻰ. ۋەﻛﯩﻠﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﻪۋەﺗﻜﻪﻥ‬ ‫ﺧﯧﺘﯩﺪە:»ﺑﯩﺰ ھﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭەپ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ، ﺋﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﭗ ﺗﯩﻨﭽﻠﯩﻖ ﺳﯚھﺒﯩﺘﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯەﻳﻠﻰ.‬ ‫ﻣﺎﺩﻭﺗﻪﻳﻨﯩﯔ ﭘﯩﻜﺮﯨﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ !‹‹ ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﻰ ﻣﺎﺟﻪﻧﺴﺎڭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﺗﯚﻣﯜﺭ‬ ‫ﺳﯩﺠﺎﯕﻨﻰ ﭼﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﻗﻤﺎﻗﭽﻰ. ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺋﯧﻠﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﺍﻡ ﺧﺎﻟﺘﯩﺴﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷﻤﻪﻱ ﺋﯘﺭﯗﺷﻨﻰ‬ ‫ﺩﺍۋﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯨﯟەﺭﺩﻯ .‬ ‫ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺑﯘ ﺋﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﭗ، ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﯧﻠﻰ )ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ( ۋەﻗﻪﺳﯩﺪە ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﻤﯩﺰ:‬ ‫3391- ﻳﯩﻠﻰ 3- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻣﺎﺩﻭﺗﻪﻱ ﺋﯘﭼﺘﯘﺭﭘﺎﻥ ﻗﺎﻗﺸﺎﻝ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺗﻮﺳﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺳﻮﻏﯘﻥ‬ ‫ﭼﺎﺯﯨﺴﻰ )ﻗﺎﺭﺍۋﯗﻟﻠﯘﻕ ﺋﻮﺭﻧﻰ( ﻏﺎ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﺋﻪۋەﺗﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﯧﻠﻰ )ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ( ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫2‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  3. 3. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ﺩﻭﺗﻪﻱ ﻳﺎﻣﯘﻟﯩﺪﺍ ﻧﻪﺯەﺭﺑﻪﻧﺖ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﺎﺩﻭﺗﻪﻱ ﺧﻪﻧﺰﯗ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ، ﺧﯘﻳﺰﯗ، ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻻﺭﺩﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﺐ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ‬ ‫004 ﭼﻪ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪپ ﺟﯩﯔ ﺗﯘﯕﻠﯩﯖﻨﻰ ﻳﯩﯖﺠﺎڭ، ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﯧﻠﯩﻨﻰ ﻧﻪﺯەﺭﺑﻪﻧﯩﺖ ﺑﻮﺷﯩﺘﯩﭗ‬ ‫ﻟﻴﻪﻧﺠﺎﯕﻠﯩﻘﻘﺎ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪپ ﺳﻮﻏﯘﻧﻐﺎ ﺋﻪۋەﺗﯩﺪﯗ. )ﺳﻮﻏﯘﻥ- ﺋﺎﺗﯘﺷﺘﯩﻦ ﺋﯜﭼﺘﯘﺭﭘﺎﻧﻐﺎ ﺑﺎﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﺎﺭﺟﯩﻠﻐﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﺎﻏﺰﯨﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﯘﻟﯘپ ﺋﯘﺯﯗﻧﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﺗﯘﺭﯗپ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﭼﺎﺯﺍ( ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻝ‬ ‫ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺋﻮﺭﺍﺯﺑﻪگ، ﺋﺎﺑﻼﺑﻪگ، ﺗﻮﺧﺘﻰ ﺑﻪگ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺳﻪﺭﻛﻪﺭﺩﯨﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ‬ ‫ۋە ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﺳﻮﻏﯘﻧﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﯩﭽﻪ ﺗﺎﺯﺍ ﺋﯩﺸﻪﻧﭻ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻱ ﻗﻮﺭﺍﻝ‬ ‫ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯗ. ﺑﯘ 004 ﺩەﻙ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ 3- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 01- ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﺗﯘﺷﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﭽﻪ ﻗﯘﻧﯘپ‬ ‫ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﺳﻮﻏﯘﻧﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ. ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﻗﻮﺭﺍﻝ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ‬ ‫ﻣﺎﺭﺍﻟﺒﯧﺸﻰ ﺗﯘﻣﺸﯘﻗﺘﺎ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎڭ ﻣﺎﺩﻭﺗﻪﻱ ﺋﻪۋەﺗﻜﻪﻥ ﻳﺎڭ ﺗﯘەﻧﺠﺎڭ ﺑﯩﻠﻪﻥ )ﻳﺎڭ ﭼﯩﯖﻤﯩﻦ( ﺋﯘﺭﯗﺵ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺧﻪۋەﺭ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﯧﻠﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺑﻼﺑﻪگ، ﺋﻮﺭﺍﺯﺑﻪﮔﻠﻪﺭ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺗﻠﯩﺸﯩﭗ، ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻴﺎﻥ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛپ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎڭ ﺗﻪﺭەﭘﻜﻪ ﺋﯚﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ‬ ‫ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛپ ﺧﻪﺕ ﺋﻪۋەﺗﯩﺪﯗ.‬ ‫ﺧﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ: »ھﯚﺭﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎڭ، ﺳﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﺗﺎ، ﺑﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ ﺑﺎﻻ، ﺑﯩﺰ ﺳﯩﻠﻰ‬ ‫ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ھﺎﺟﯩﻐﺎ ﺑﻪﻳﺌﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﻠﻰ ﺭﯗﺧﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﺴﯩﻼ ﺑﯩﺰ ﺳﻮﻏﯘﻧﺪﺍ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼڭ‬ ‫ﻛﯚﺗﯜﺭﯛپ، ﻣﺎﺩﻭﺗﻪﻱ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﻮﺭﺍﻝ ﺗﺎﺭﺗﯩﯟﯦﻠﯩﭗ، ﺳﯩﻠﯩﮕﻪ ﻳﺎﺭﺩەﻣﺪە ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ ……‹‹‬ ‫ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﻪۋەﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯩﺸﻰ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻗﯧﺸﯩﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺧﻪﺗﻨﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺗﯚﻣﯜﺭ‬ ‫ﺳﯩﺠﺎڭ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﻪﻙ ﺧﻮﺵ ﺑﯘﻟﯘپ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺟﺎۋﺍﺏ ﺧﻪﺕ ﻳﺎﺯﯨﺪﯗ. ﺧﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ »ﻓﻰ‬ ‫ﺳﻪﺑﯩﻠﯩﻼ« ﺩەپ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻳﺮﺍﻕ ﺋﻪۋەﺗﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭ ﺧﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻳﺮﺍﻗﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺳﻮﻏﯘﻧﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ‬ ‫ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﺷﯘ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﯧﻠﻰ ﻗﻮﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺭﺍﺯ ﺑﻪگ، ﺋﺎﺑﻼ ﺑﻪگ، ﺗﻮﺧﺘﻰ ﺑﻪگ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﯩﺴﻴﺎﻥ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﺷﻨﯩﯔ ﭘﯩﻼﻧﯩﻨﻰ ﺗﯜﺯﯛپ ﺗﺎﯕﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﭼﯩﻦ ﺗﯘﯕﻠﯩﻦ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ‬ ‫ﮔﺎﺯﺍﺭﻣﯩﻨﻰ ﻗﻮﺭﺷﯩﯟﯦﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻗﯘﺭﺍﻝ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭ ﻗﻮﺭﺷﺎۋﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﺎﻣﺎﻟﯩﻨﻰ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻱ ﺗﻪﺳﻠﯩﻢ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ھﻪﻡ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺑﯘ ﺧﻪۋەﺭ ﭼﺎﻗﻤﺎﻕ ﺗﯧﺰﻟﯩﻜﯩﺪە ﺋﺎﺗﯘﺷﻘﺎ ۋە‬ ‫ﺗﺎﻏﻘﺎ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺰ ﺋﺎﺗﯘﺵ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﻮﺳﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼڭ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛپ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼپ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ﭼﺎﭘﺴﺎﻧﺮﺍﻕ ﺋﺎﺗﯘﺷﻘﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﻪﻗﻪﺯﺯﺍﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯜﺗﺘﯘﻕ )ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﯩﻜﻰ ﺳﻪۋەﺏ، ﺷﯘ‬ ‫ﭼﺎﻏﺪﺍ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺗﻪﺭەﭘﺘﯩﻦ ﺧﻪﻟﻘﻘﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺯﯗﻟﯘﻡ ۋە ﺋﺎﻟﯟﺍڭ- ﻳﺎﺳﺎﻕ ﺑﻪﻙ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﯩﺪﻯ .(‬ ‫ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻣﻪﻥ )ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ھﺎﺟﻰ( ﺋﺎﺗﯘﺷﺘﺎ ﺋﯩﺪﯨﻢ، ﺋﻮﺳﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﯘﺷﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼپ،‬ ‫ﻳﯜﺳﯜپ ﺋﺎﺧﯘﻥ، ﺋﺎﺑﺪﯗﺷﯜﻛﯜﺭ ﻣﻪﺧﺴﯘﻡ، ﺳﺎﻳﯩﺖ ﺋﺎﺧﯘﻥ، ﺋﺎﺑﻠﯩﺮﺍﺧﯘﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﻪﺵ ﻛﯩﺸﻰ ﻳﯜﺳﯜپ‬ ‫ﺋﺎﺧﯘﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ ﺋﻮﺳﻤﺎﻧﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﯜﺗﯜۋﯦﻠﯩﺸﻨﻰ ھﻪﻡ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯖﻤﯘ ﺋﻮﺳﻤﺎﻧﻐﺎ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫3‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  4. 4. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺗﻠﻪﺷﺘﯘﻕ. 33- ﻳﯩﻠﻰ 3- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 92- ﻛﯜﻧﻰ ﺋﻮﺳﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﯘﺷﻘﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ‬ ‫ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪۋەﺭ ﺗﺎﭘﺘﯘﻕ.‬ ‫ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﺎﺗﯘﺵ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺩﯦﮕﯜﺩەﻙ ﺷﻮﺭ ﺋﯧﺮﯨﻘﻨﯩﯔ ﺑﯧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺩﯦﮕﻪﻥ‬ ‫ﻳﯧﺮﯨﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﺋﻮﺗﯘﻥ، ﺳﺎﻣﺎﻥ، ﺑﯧﺪە، ﻧﺎﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﻪﻣﯩﻨﺎﺕ ﺑﯘﻳﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻپ ﺋﻮﻥ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﻮﻱ‬ ‫ﺳﻮﻳﯘپ، ﭼﯜﺷﻜﯜﻥ ﺭﺍﺳﻼپ ﺩﺍﻏﺪﯗﻏﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﺎﻟﺪﯗﻕ.‬ ‫ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺑﯚﻟﯜﻙ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ھﻪﻣﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ‬ ‫ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﯧﻠﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛپ ﺋﺎﺗﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷﺘﻰ. ﺑﯩﺰ ھﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﺎۋﺍﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ »ﺋﺎﻣﯩﻦ«‬ ‫ﺩەپ ﺋﯘﻧﻰ ﺗﻪﺑﺮﯨﻜﻠﯩﺪﯗﻕ. ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﯘﭼﯩﺴﯩﻐﺎ ﺑﻪﻗﻪﺳﻪﻡ ﺗﻮﻥ، ﭘﯘﺗﯩﻐﺎ ﻣﻪﺳﻪ- ﻛﺎﻻچ ﻛﯩﻴﮕﻪﻥ ﺑﯘﻟﯘپ‬ ‫ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﻳﯧﺸﯩﻞ ﺳﻪﻟﻠﻪ ﺋﻮﺭﯨﯟﺍﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ .‬ ‫ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺑﻪﮔﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﯘﺷﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﻪﺳﻜﯩﺮﻯ 006- 007 ﺩەﻙ ﺑﯘﻟﯘپ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﭘﺮەﻛﻰ‬ ‫ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﺷﯘﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻳﺎﺷﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﻯ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻗﯘﺭﺍﻟﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭ 004 ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺷﻤﺎﻳﺘﺘﻰ.‬ ‫ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚپ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺋﺎﺕ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﺋﯘﺯﯗﻗﻼﻧﺪﻯ. ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﯧﻠﻰ ﺷﻮﺭ ﺋﯧﺮﯨﻘﺘﺎ ﻗﻮﻧﻤﺎﻱ،‬ ‫ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﺭەﻙ ﺟﺎﻱ )ﺗﺎﻏﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻰ( ﺑﻮﻏﯘﺯﻏﺎ ﻳﯜﺭﯛپ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺑﻮﻏﯘﺯ ﺋﺎﺗﯘﺷﺘﯩﻦ ﺋﺎﺭﻏﯘﻏﺎ ﺑﺎﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ‬ ‫ﺗﺎﻏﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺟﯩﻠﻐﺎ ﺑﯘﻟﯘپ، ھﺎۋﺍﺳﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ، ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﯨﻠﯩﻚ ﺟﺎﻱ ﺋﯩﺪﻯ. ﺩﺍﺩﺍﻡ )ﻳﺎﻗﯘپ( ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ‬ ‫ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻛﯜﻡ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺗﯘەﻧﺠﺎڭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯜﺭﯛﺷﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻏﯘﺯﻏﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ‬ ‫ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻣﻪﻥ ﭼﯩﻘﺘﯩﻢ. ﻣﻪﻥ، ﻳﯜﺳﯜپ ﺋﺎﺧﯘﻥ، ﺋﺎﺑﺪﯛﺷﯜﻛﯜﺭ ﻣﻪﺧﺴﯘﻡ، ﺳﺎﻳﯩﺖ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺗﯚﺗﯩﻤﯩﺰ‬ ‫ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺗﯜەﻧﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﭼﯧﺪﯨﺮﯨﻐﺎ ﺑﺎﺭﺩﯗﻕ. ﺋﯘ ﭼﯧﺪﯨﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﭘﻮﺳﺘﺘﺎ‬ ‫ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﯩﻜﻪﻥ، ﺧﻪۋەﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺑﯩﺰ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺗﯜەﻧﺠﺎﯕﻐﺎ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ‬ ‫ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘﯘﻕ. ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺗﯘەﻧﺠﺎڭ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎﺳﯩﻤﯩﺰﻧﻰ‬ ‫ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯩﺴﻤﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﯟﺍﻟﺪﻯ ھﻪﻣﺪە ﻣﺎﯕﺎ ﺑﯩﺮ ﺩەﭘﺘﻪﺭ، ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺵ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ‬ ‫ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺗﯩﺰﯨﻤﻼﺷﻨﻰ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯖﻤﯘ ﺋﻪﺗﻪ ﺋﺎﺗﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺗﯩﺰﯨﻤﻼﻧﻐﺎﻥ‬ ‫ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯜﺳﺘﯜﻥ ﺋﺎﺗﯘﺵ، ﺋﯜچ ﻣﯩﺮۋﺍﻧﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﺩﻯ. ﺑﯩﺰ ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ‬ ‫ﻛﯩﻠﯩﭗ ﻣﻪھﻪﻟﻠﯩﻠﻪﺭﺩە ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺗﯩﺰﯨﻤﻼﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﺘﯘﻕ. ﺷﯘ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﺪە 81 ﻳﺎﺷﺘﯩﻦ 03‬ ‫ﻳﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﺎﺷﻼﺭﺩﯨﻦ 021 ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﻜﻜﻪ ﺗﯩﺰﯨﻤﻼﺗﺘﻰ. ﺑﯘ 3- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 92-‬ ‫ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺶ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺧﺘﯩﻠﯩﻖ ﭼﺎﭘﺎﻥ، ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﭘﻪ، ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﻧﺎﻥ‬ ‫ھﻪﻣﺪە ﺋﯚﻳﺪە ﺳﺎﻗﻼپ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺩﺍﻧﻪ ﻛﻮﻧﺎ ﺗﺎﭘﺎﻧﭽﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ )3- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 03- ﻛﯜﻧﻰ( ﺋﻪﺗﺘﯩﮕﻪﻧﺪە‬ ‫ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻴﺎﺭﻏﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﺩﯨﻢ. ﻣﻪﻥ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﺋﺎﺩەﻡ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺑﯩﺮەﺭ ﺳﺎﺋﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ‬ ‫ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ، ﺋﯧﺸﻪﻛﻠﯩﻚ، ﭘﯩﻴﺎﺩە ﺑﯘﻟﯘپ 051 ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﺎﺩەﻡ ﺗﻮﭘﻼﻧﺪﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﯩﻜﻜﯩﺪﯨﻦ‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫4‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  5. 5. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ﺗﯩﺰﯨﻠﯩﭗ، ﺋﯜچ ﻣﯩﺮۋﺍﻧﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍپ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﺘﯘﻕ. ﺷﯘ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺪﺍ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺗﻪﺑﺮﯨﻜﻠﻪپ 001 ﺩەﻙ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ‬ ‫ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛپ ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻻﻗﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷﺘﯘﻕ. ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯩﻨﻘﻼﺑﻨﻰ ﻣﻪﺩھﯩﻴﯩﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﺎﺧﺸﺎ‬ ‫ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘپ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﺋﯜچ ﻣﯩﺮۋﺍﻧﻐﺎ ﻳﯩﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ‬ ‫ﺗﯘەﻧﺠﺎڭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﺘﯘﻕ. ﺗﯘەﻧﺠﺎڭ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻪﻟﺪﯨﯖﻼﺭ، ﺩەپ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ. ﺑﯩﺰ 051‬ ‫ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﺎﺩەﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘﯘﻕ. ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺗﯘەﻧﺠﺎڭ ﻗﯘﻟﯩﻐﺎ ﻗﻪﻟﻪﻡ، ﻗﻪﻏﻪﺯ ﺋﯧﻠﯩﭗ‬ ‫ﻣﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺗﯜەﻧﺠﺎڭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﻳﯜﺳﯜپ ﺋﺎﺧﯘﻥ، ﺋﺎﺑﺪﯗﺷﯜﻛﯜﺭ‬ ‫ﻣﻪﺧﺴﯘﻡ، ﺳﺎﻳﯩﺖ ﺋﺎﺧﯘﻧﻼﺭﻏﺎ ﻟﻴﻪﻧﺠﺎﯕﻠﯩﻖ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﺗﯘﺷﺘﯩﻦ‬ ‫)ﺋﯜﺳﺘﯜﻥ ﺋﺎﺗﯘﺵ، ﺋﺎﺳﺘﯩﻦ ﺋﺎﺗﯘﺵ( ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﻜﻜﻪ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺳﯩﺰ ﺗﯩﺰﯨﻤﻼپ، ﻣﺎﯕﺎ ﺋﯘﻣﯘﻣﯩﻲ‬ ‫ﺳﺎﻧﻨﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﯔ، ﺩەپ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﺩﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻥ ھﻪﺭﻛﯜﻧﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ‬ ‫ﺗﯩﺰﯨﻤﻼپ ﻣﺎﯕﺪﯨﻢ. ﺋﯜﺳﺘﯜﻥ ﺋﺎﺗﯘﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﺪﺭﯨﺲ 07- 08 ﺩەﻙ ﺋﺎﺩەﻣﻨﻰ، ﻏﻮﭘﯘﺭ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ 05- 06 ﺩەﻙ‬ ‫ﺋﺎﺩەﻣﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼپ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺗﯜەﻧﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻗﯧﺸﯩﻐﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﻤﯘ ﻣﻪﻥ ﺗﯩﺰﯨﻤﻐﺎ ﺋﺎﻟﺪﯨﻢ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﻜﻜﻪ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﺑﯩﺮ ھﻪﭘﺘﻪ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻼ 053 ﺩﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ.‬ ‫ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺗﯜەﻧﺠﺎڭ ﺑﯘﻧﻰ ﺋﺎﯕﻼپ، ﻗﻮﺭﺍﻝ، ﺗﻪﻣﯩﻨﺎﺕ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚﺯﺩە ﺗﯘﺗﯘپ، ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﺋﯧﻠﯩﺸﻨﻰ‬ ‫ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺸﻨﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﺩﻯ. ﺩﯦﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ 0001 ﺩﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﯩﺪﻯ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻗﯘﺭﺍﻝ 005 ﮔﻪ‬ ‫ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﺘﺘﻰ. ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻳﯩﺮﻯ ﺑﻪﺷﻜﯧﺮەﻡ، ﺋﺎﺗﯘﺵ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﯧﺪە، ﺳﺎﻣﺎﻥ، ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﺵ-‬ ‫ﻧﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪپ ﺗﯘﺭﺩﻯ. ﺑﯩﺰﻣﯘ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺋﺎﺩەﻡ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪپ، ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻼﺭ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ‬ ‫ﺋﻮﺗﯘﻥ، ﺳﺎﻣﺎﻥ، ﻳﻪﻡ- ﺑﻮﻏﯘﺯ، ﺋﯘﻥ، ﻧﺎﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺗﯩﺰﯨﻤﻼپ ھﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﻟﯧﻴﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺩەﻡ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ‬ ‫ﻗﺎﺭﺍپ ﺗﻪﻗﺴﯩﻢ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﺩﯗﻕ. ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﻮﺭﻧﯩﻤﯩﺰ ﺗﯜﺗﯜﺭﮔﻪ ﺋﯩﺪﻯ.‬ ‫ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ھﻪﺭﺑﯩﻲ ﻣﻪﺷﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﺎۋﯗﺩﯗﻥ ﺑﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯜﻥ ﺋﺎﺗﯘﺷﺘﺎ ﺋﺎﭼﻘﺎﻥ ﻳﯧﯖﻰ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﺪە‬ ‫ﺋﻮﻗﯘپ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﯧﺮەﺗﺘﻰ. ﺑﯩﺰ ﺗﯜﺗﯜﺭﮔﯩﺪﯨﻜﻰ ۋﺍﻗﺘﯩﻤﯩﺰﺩﺍ 4- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻠﯩﺮﻯ ﻣﺎﺩﻭﺗﻪﻱ‬ ‫06- 07 ﺩەﻙ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﮔﻪ ﺟﻪﻧﺮﺍﻝ )ﮔﯧﻨﯩﺮﺍﻝ( ﺳﺎھﯩﺐ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎۋﻏﺎﻧﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﺳﯩﻨﺎﻕ ﺗﻪﺭﯨﻘﯩﺴﯩﺪە ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﭼﯩﻘﺎﺭﺩﻯ. ﺟﻪﻧﺮﺍﻝ ﺳﺎھﯩﺐ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼپ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ھﯘﺟﺮﺍ ﺑﺎﺭ‬ ‫ﺗﺎﻏﻨﯩﯔ ﺋﺎﻏﺰﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺭﺍﺯۋﯦﺪﻛﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﭗ‬ ‫ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ ھﻪﻣﺪە ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺳﺎﺋﻪﺗﺘﻪﻙ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺭﺍﺯۋﯦﺘﻜﺎ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﭼﻪﻧﻠﻪپ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺟﻪﻧﺮﺍﻝ‬ ‫ﺳﺎھﯩﺒﻨﯩﯔ ﺑﻪﺵ ﺋﺎﺩﯨﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﺗﺘﯩﻦ ﻣﻮﻟﻼﻕ ﺋﺎﺗﻘﯘﺯۋﯦﺘﯩﺪﯗ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﺷﯘ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﺪﯨﻼ ﺟﺎﻥ‬ ‫ﺋﯜﺯﯨﺪﯗ، ﺋﯜﭼﻰ ﻳﺎﺭﯨﺪﺍﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺰ ﺑﯘﻧﻰ ﺷﯘ ﺟﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻨﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛپ‬ ‫ﻛﯚﻣﯜپ ﻗﯘﻳﯘﺷﯩﻨﻰ، ﻳﺎﺭﯨﺪﺍﺭﻻﺭﻧﻰ ﺩﺍۋﺍﻻپ ﺳﺎﻗﺎﻳﺘﯩﺸﻨﻰ ﺗﺎﭘﯩﻼپ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗپ ﺑﻪﺭﺩﯗﻕ ھﻪﻡ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻧﻰ‬ ‫ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺋﺎﻟﺪﯗﻕ.‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫5‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  6. 6. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺑﯩﺰﺩە ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻭﺭﺍ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﺎﯕﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻐﺎ ﺑﯩﺮەﺭ ﺗﺎﻝ ﻣﺎﺗﺎ ﻣﯘ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ.‬ ‫ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺩﻭﺭﺍ، ﻣﺎﺗﺎ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻپ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﯗﻕ. ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﻗﻮﻟﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺳﯩﺮ:‬ ‫ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪھﺮﻯ ﻳﯘﻣﯩﻼﻕ ﺷﻪھﻪﺭ ﻛﯚﻟﺒﯧﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯧﭙﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻣﺎﺩﻭﺗﻪﻳﻨﯩﯔ ﺧﻪﻧﺰﯗ، ﺧﯘﻳﺰﯗ ﺑﯘﻟﯘپ 0001‬ ‫ﺋﻪﺳﻜﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ. ﺩﻭﺗﻪﻱ ﻳﺎﻣﯘﻟﯩﺪﺍ ﻣﺎﺩﻭﺗﻪﻳﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ 002 ﺩەﻙ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﺑﺎﺭ. ﻳﯩﯖﯩﺸﻪھﻪﺭﺩە 0001‬ ‫ﺩەﻙ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﺑﺎﺭ. ﺷﻪھﻪﺭ ﺩەﺭۋﺍﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﺋﯧﺘﯩﻜﻠﯩﻚ، ﻣﯘھﺎﭘﯩﺰەﺕ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ‬ ‫ﻣﻪھﻪﻣﻤﻪﺗﺨﺎﻥ ﺑﯧﻚ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﺍ 002 ﺩەﻙ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﺑﺎﺭ. ﺋﯘﻻﺭ ﺳﯧﭙﯩﻠﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼۋﺍﺗﯩﺪﯗ، ﺩەپ‬ ‫ﺳﯚﺯﻟﻪپ ﺑﻪﺭﺩﻯ.‬ ‫ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎڭ ﻣﺎﺭﺍﻟﺒﯧﺸﯩﻨﯩﯔ ﺗﯘﻣﺸﯘﻗﺪﺍ ﻳﺎڭ ﭼﯩﯖﻤﯩﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ 04 ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻥ ﺳﻮﻗﯘﺷﺘﻰ. ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﭘﯩﺪﺍﺭﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﻰ. ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪە، ﻳﺎڭ ﺗﯜەﻧﺠﺎڭ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﭗ، ﭘﯘﺗﯩﻐﺎ ﺋﻮﻕ ﺗﯩﮕﯩﭗ‬ ‫ﻳﺎﺭﯨﻼﻧﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﭘﺎﺭﺍﻛﻪﻧﺪە، ﭼﯘۋﺍﻟﭽﺎﻕ ھﺎﻟﺪﺍ ﺗﯘﻣﺸﯘﻗﺘﯩﻦ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﺳﯧﺮﯨﻘﺒﯘﻳﺎ، ﺗﯧﺮﯨﻢ،‬ ‫ﺧﺎﻧﺌﯧﺮﯨﻖ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﯧﯖﯩﺸﻪھﻪﺭﮔﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺩەﺭۋﺍﺯﯨﻨﻰ ﺗﺎﻗﯩﯟﺍﻟﺪﻯ. ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎڭ ﻳﺎڭ ﭼﯩﯖﻤﯩﻨﻨﻰ ﻳﯧﯖﯩﭗ،‬ ‫ﺗﯘﻣﺸﯘﻗﺘﯩﻦ ﺑﺎﺭﺍﻟﺒﯧﺸﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍپ ﻳﻮﻝ ﺋﺎﻟﺪﻯ .‬ ‫ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎڭ ﭘﻪﻳﺰﺍۋﺍﺗﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﯧﻠﻰ ﺋﺎﺗﯘﺷﺘﯩﻦ ﭘﻪﻳﺰﺍۋﺍﺗﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎڭ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﻛﯜﺭﯛﺷﺘﻰ. ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﯨﻢ. ﺷﯘ ﺋﺎﺧﺸﯩﻤﻰ ﺑﯘﻻﺭ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﭘﺎﺭﺍڭ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﻰ. ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎڭ‬ ‫ﺳﯘﻏﯘﻧﺪﯨﻜﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﻨﻰ ھﻪﻣﺪە ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﯧﻠﯩﻨﻰ ﺋﺎﻻھﯩﺪە ﻣﺎﺧﺘﯩﺪﻯ. ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎڭ:»ﻣﻪﻥ ﻣﺎﺩﻭﺗﻪﻳﮕﻪ‬ ‫ۋەﻛﯩﻞ ﺋﻪۋەﺗﺘﯩﻢ، ﺗﯩﻨﭽﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺭﺍﻝ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﺵ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﯘﺵ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﻪﺗﻪ- ﺋﯚﮔﯜﻥ ﺟﺎۋﺍﺏ‬ ‫ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﻣﺎﺟﻪﻧﺴﺎڭ )ﻣﺎﺯﯨﺨﯘﻳﻤﯘ( ﺋﯩﻜﻜﻰ-ﺋﯜچ ﻛﯜﻥ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﭘﻪﻳﺰﺍۋﺍﺗﻘﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ‬ ‫ﻣﺎﺩﻭﺗﻪﻳﻨﯩﯔ ﺟﺎۋﺍﺑﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍپ ﻣﺎﺧﯘﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭەپ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ،‬ ‫ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ، ﺷﻪھﻪﺭﮔﻪ ﺗﻪﮔﻤﻪﻱ ﺗﯘﺭﯗﯕﻼﺭ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪھﺮﯨﺪە ﺋﺎﺩەﻡ‬ ‫ﻛﯚپ، ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﺴﺎ، ﻛﯚپ ﺋﺎﺩەﻡ ﻗﯩﺮﯨﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ، ﺷﯘﯕﺎ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﻗﻪﺩەﺭ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﺗﯩﻨﭽﻠﯩﻖ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯩﺮﮔﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﺗﯜﺯﯛﻙ« ﺩﯦﺪﻯ. ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﯧﻠﻰ ﺑﯘ ﭘﯩﻜﯩﺮﮔﻪ ﻗﻮﺷﯘﻟﺪﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯚھﺒﻪﺕ‬ ‫ﺋﺎﻳﺎﻏﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ )4- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 03- ﻛﯜﻧﻰ( ﺋﻪﺗﺘﯩﮕﻪﻧﺪە ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﺎﺧﺸﯩﻤﻰ ﺋﺎﺗﯘﺷﻘﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ‬ ‫ﻛﻪﻟﺪﯗﻕ.‬ ‫ﺋﻮﺳﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪھﻪﺭﮔﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﻰ‬ ‫ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﯧﻠﻰ ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﻟﻴﻪﻧﺠﺎﯕﻼﺭ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﯜﺗﻤﻪﻱ ﺷﻪھﻪﺭﮔﻪ‬ ‫ھﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﭙﺘﯘ. ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺷﯘ ﺋﺎﺧﺸﯩﻤﻰ ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﺪﻯ. 33- ﻳﯩﻞ 5- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 2- ﻛﯜﻧﻰ‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫6‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  7. 7. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫)2531- ﻳﯩﻞ ﻣﯘھﻪﺭﺭەﻡ ﺋﯧﻴﯩﻨﯩﯔ 7- ﻛﯜﻧﻰ( ﺳﺎﺋﻪﺕ 01 ﻻﺭﺩﺍ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪھﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﯩﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﯗﻕ.‬ ‫ﻛﻪﻟﺴﻪﻙ، ﺷﻪھﻪﺭﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﻪ ﺩەﺭۋﺍﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﺗﺎﻗﺎﻗﻠﯩﻘﻜﻪﻥ، ﺳﯧﭙﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﺧﻪﻧﺰﯗ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭ‬ ‫ﺑﻪﻙ ﻛﯚپ ﺋﯩﻜﻪﻥ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ﺋﻮﻕ ﭼﯩﻘﺎﺭﺩﻯ. ﺑﯩﺰﻣﯘ ﺋﻮﻕ ﭼﯩﻘﺎﺭﺩﯗﻕ، ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ‬ ‫ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﯘﻕ، ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ، ﻳﺎﺭ ﺑﺎﻍ، ﺗﯚﺷﯜﻙ ﺩەﺭۋﺍﺯﯨﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﯩﺮﺳﯩﻦ ﭼﯧﭽﯩﭗ ﺋﻮﺕ ﻗﻮﻳﺪﯗﻕ. ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ‬ ‫ﺳﯧﭙﯩﻞ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭ ﺳﯧﭙﯩﻠﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﯜپ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭ ﻳﯘﻣﯩﻼﻕ ﺷﻪھﻪﺭﮔﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ‬ ‫ﺩەﺭۋﺍﺯﯨﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﯟﺍﻟﺪﻯ. ﻣﻪھﻪﻣﻤﻪﺗﺨﺎﻥ ﺑﯧﻚ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﻮﺭﺩﺍ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﻗﺎﺯﯨﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﯟﺍﭘﺘﯘ. ﺷﯘ ﺋﺎﺭﻟﯩﻘﺘﺎ ﻳﺎﺭ ﺑﺎﻍ ﺩەﺭۋﺍﺯﯨﺴﻰ ﻛﯜﻳﯜپ، ﺋﯚﺭﯛﻟﮕﯩﭽﻪ ﺩەﺭۋﺍﺯﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻗﺴﺎﻗﺎﻝ ﺩەﺭۋﺍﺯﯨﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﯟەﺗﺘﻰ. ﺩەﺭۋﺍﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪڭ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭ ﺳﯧﭙﯩﻠﻐﺎ‬ ‫ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﻳﯘﻣﯩﻼﻕ ﺷﻪھﻪﺭﻧﻰ ﻣﯘھﺎﺳﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻣﺎﺩﻭﺗﻪﻱ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ۋەﻛﯩﻞ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛپ ﻗﻮﺭﺍﻝ‬ ‫ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻗﯩﺴﺘﯩﺪﻯ ھﻪﻣﺪە ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺟﯧﻨﯩﻐﺎ ۋە ﻣﺎﻝ- ﻣﯜﻟﻜﯩﮕﻪ ﺩەﺧﻠﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﺩﻯ.‬ ‫ﺑﯩﺰ ﺋﺎﺗﯘﺷﺘﯩﻦ ﻗﻮﺷﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭ ﺗﯚﺷﯜﻙ ﺩەﺭۋﺍﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﯩﺘﻰ ﻛﯚﻳﯜپ، ﺩەﺭۋﺍﺯﺍ ﺋﯚﺭﯛﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ‬ ‫ﺷﻪھﻪﺭﮔﻪ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﯘﺩﯗﻟﻼ ﺋﻮﺭﺩﺍ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﻗﺎﺯﯨﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺗﺨﺎﻥ ﺑﯧﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯜﻟﯜﺷﯜپ ﻗﻮﺭﺍﻝ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘﯘﻕ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪھﻪﻣﻤﻪﺗﺨﺎﻥ‬ ‫ﺑﯧﻚ ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﻗﯩﻠﯩﯟﯨﺪﻯ، 002 ﺗﺎﻟﺪەﻙ ﻣﯩﻠﺘﯩﻖ، ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺳﺎﻧﺪﯗﻕ ﺋﻮﻕ-ﺩﻭﺭﯨﻨﻰ ﻗﺎﺯﯨﺨﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ھﻮﻳﻠﯩﺴﯩﻐﺎ‬ ‫ﺩﯙۋﯨﻠﯩﺪﻯ، ﻣﻪھﻪﻣﻤﻪﺗﺨﺎﻥ ﺑﯧﻜﻨﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﭽﻪ: ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﺗﯧﺨﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﻤﯘ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ.‬ ‫ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ۋەﺯﯨﭙﻪ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺳﯧﭙﯩﻞ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﻛﯚﺯەﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ﺋﯘﻗﯘﺷﻤﺎﺳﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﻮﻕ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺗﺎﺷﻠﯩﺪﯗﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯚﺯﺭﯨﺨﺎھﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼپ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ‬ ‫ﻗﻮﻳﯘۋەﺗﺘﯘﻕ. ﺋﯘﻻﺭﻣﯘ ﺧﯘﺭﺳﻪﻥ ﺑﯘﻟﯘپ ﻛﯧﺘﯩﺸﺘﻰ.‬ ‫ﻣﺎﺩﻭﺗﻪﻳﻨﯩﯔ ﺳﯧﭙﯩﻠﻐﺎ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻰ ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﯘﺵ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﻣﺎﺟﻪﻧﺴﺎڭ ﻛﻪﻟﮕﯩﭽﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ-‬ ‫ﺋﯜچ ﻛﯜﻥ ﺗﻮﺳﯘپ ﺗﯘﺭﯗپ ۋﺍﻗﯩﺘﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛپ، ﻣﺎﺟﻪﻧﺴﺎڭ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﻗﻮﺭﺍﻟﻨﻰ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﺷﺘﯩﻦ‬ ‫ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﻛﯩﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﻤﯘ ﺷﯘﻧﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻠﯩﺪﻯ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻣﺎﺟﻪﻧﺴﺎڭ، ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺑﯩﺰﻧﻰ‬ ‫ﺷﻪھﻪﺭﮔﻪ ﺗﻪﮔﻤﻪﯕﻼﺭ، ﺩﻭﺗﻪﻱ ﻳﺎﻣﯘﻟﻐﺎ ﻛﯩﺮﻣﻪﯕﻼﺭ. ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﯩﺪﯨﻦ ﻣﺎﺩﻭﺗﻪﻳﻨﻰ ﺧﻪۋەﺭﺩﺍﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ‬ ‫ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﯩﻜﻪﻥ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻛﯩﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﻪھﯟﺍﻝ ﻣﺎﺩﻭﺗﻪﻳﻨﯩﯔ ﻛﯜﺗﻜﻪﻥ ﻳﯧﺮﯨﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻤﯩﺪﻯ. ﺷﯘ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﺎ ﻛﯩﭽﯩﻚ‬ ‫ﺋﺎﺧﯘﻥ، ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﺪﯨﺠﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﺋﺎﺩەﻡ ﺗﻮﭘﻼپ، ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ھﯩﻤﺎﻳﯩﺴﯩﺪە ﻳﯘﻣﯩﻼﻕ ﺷﻪھﻪﺭﮔﻪ‬ ‫ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﭗ، ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﺎﺧﯘﻥ 002 ﺩەﻙ ﻗﻮﺭﺍﻟﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﯧﻠﯩﻐﺎ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﯧﻠﻰ ﻗﯘﺑﯘﻝ‬ ‫ﻛﯚﺭﯛپ، ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﺪﯨﺠﺎﻧﻨﻰ ﻟﻴﻪﻧﺠﺎﯕﻠﯩﻘﻘﺎ، ﻳﯜﺳﯜﭘﺠﺎﻧﻨﻰ ﻣﯘﺋﺎۋﯨﻦ ﻟﻴﻪﻧﺠﺎﯕﻠﯩﻘﻘﺎ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ‬ ‫ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﭼﯜﺷﯜﺭﺩﻯ. ﺩﯦﻤﻪﻙ ﺗﯜﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎڭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﺟﻪﻧﺴﺎڭ ﻛﻪﻟﮕﯩﭽﻪ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪھﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪە‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫7‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  8. 8. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ﺩﻭﺗﻪﻱ ﻳﺎﻣﯘﻟﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺩﻭﺗﻪﻱ ﻳﺎﻣﯘﻟﯩﺪﺍ ﻣﺎﺩﻭﺗﻪﻱ 002 ﺩەﻙ‬ ‫ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯧﻜﯩﻨﯩﭗ ﻳﺎﺗﻘﺎﻧﯩﺪﻯ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎڭ، ﻣﺎﺩﻭﺗﻪﻳﮕﻪ ﺗﻪﮔﻤﻪﯕﻼﺭ، ﺋﯘﻧﻰ ﻣﺎﺟﻪﻧﺴﺎڭ‬ ‫)ﭼﻮﻻﻕ ﺯﯨﺨﯘﻱ ﺩەﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﯩﺸﯩﺪﯗ( ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺗﻠﯩﺸﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭەپ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ، ﺩەپ ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﭼﯜﺷﯜﺭﮔﻪﻥ‬ ‫ﺋﯩﺪﻯ.‬ ‫ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﻰ‬ ‫5- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 4- ﻛﯜﻧﻰ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎڭ ﭘﻪﻳﺰﺍۋﺍﺗﺘﯩﻦ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺧﻪۋەﺭ ﻛﻪﻟﺪﻯ.‬ ‫ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﺒﺎﻏﻘﺎ ﭼﯜﺷﻜﯜﻥ )ﭼﺎﺟﺎڭ( ﺭﺍﺳﻼﻧﺪﻯ. ﺷﻪھﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﺭﺍﺯ‬ ‫ﻟﯩﻴﻪﻧﺠﺎڭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯜﺳﯜپ ﻟﻴﻪﻧﺠﺎﯕﻨﻰ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗپ، ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﯧﻠﻰ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﺍ 004 ﺩەﻙ‬ ‫ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﺒﺎﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﺘﯘﻕ. ﺩﯙﻟﻪﺗﺒﺎﻏﺪﺍ ﭼﯜﺷﻜﯜﻥ ﺭﺍﺳﻠﯩﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﺩە ﺷﻪھﻪﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﺎﺩەﻡ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ‬ ‫ﻛﯚپ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩە 002 ﺩەﻙ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻧﻰ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗپ ﺩەﺭﻳﺎﺩﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜپ ﺋﺎﺭﺍﺑﺎﻍ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻳﻪﺭﺩە‬ ‫ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺑﺎﺭﺩﯗﻕ. ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻤﯘ ﭼﯜﺷﻜﯜﻥ ﺭﺍﺳﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﯘﻟﯘپ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻤﯘ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﺎﺩەﻡ ﺑﻪﻙ ﻛﯚپ‬ ‫ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯩﺰ ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺑﯩﺮﺩەﻡ ﻛﯜﺗﯜپ ﺗﯘﺭﯨﺸﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎڭ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺑﯩﺰ ﺋﺎﺗﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷﯜپ‬ ‫ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺑﺎﺭﺩﯗﻕ، ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛپ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎﯕﻤﯘ ﺋﺎﺗﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷﯜپ ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﺘﻰ. ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ‬ ‫ﭼﯜﺷﻜﯜﻧﮕﻪ ﺑﺎﺷﻼپ ﻛﯩﺮﺩﯗﻕ، ﺑﯩﺰ ﺋﺎﺯﺩﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺯﯨﻴﺎﭘﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﻠﺪﻯ. ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﯧﻠﻰ ﺷﻪھﻪﺭﺩە‬ ‫ﺩﻭﺗﻪﻱ ﻳﺎﻣﯘﻟﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﯩﻨﺠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺩﻭﻛﻼﺕ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺳﯩﺠﺎڭ »ﻳﺎﺧﺸﻰ‬ ‫ﺑﻮﭘﺘﯘ« ﺩەپ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﻟﯩﯖﺸﯩﺘﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭼﯩﺮﺍﻳﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯩﺶ‬ ‫ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺭەﻧﺠﯩﮕﻪﻥ ﺋﺎﻻﻣﻪﺕ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ.‬ ‫ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎڭ ﺯﯨﻴﺎﭘﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺷﻪھﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍپ ﺋﺎﺗﻼﻧﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯔ 0051 ﺩەﻙ ﺋﻪﺳﻜﯩﺮﻯ ﺑﯘﻟﯘپ، ﺋﯘﻻﺭ‬ ‫ﺋﯩﻜﻜﯩﺪﯨﻦ ﺗﯩﺰﯨﻠﯩﭗ ﻣﺎﯕﺪﻯ. ﺩﯙﻟﻪﺗﺒﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﭼﯜﺷﻜﯜﻧﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﺗﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷﯜپ، ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ‬ ‫ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﺎﻣﻤﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﺘﻰ. ﺩﯙﻟﻪﺗﺒﺎﻏﺪﺍ ﺯﯨﻴﺎﭘﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ، ﺳﯩﺠﺎڭ‬ ‫ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ھﻪﻣﻤﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻼﺭ ﺋﺎﺗﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯚﺷﯜﻙ ﺩەﺭۋﺍﺯﯨﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍپ ﻳﯜﺭﯛپ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺗﯚﺷﯜﻙ ﺩەﺭۋﺍﺯﯨﺴﯩﻐﺎ‬ ‫ﻛﻪﻟﺴﻪﻙ، ﺷﻪھﻪﺭ ﺋﺎھﺎﻟﯩﺴﻰ ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﺒﺎﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﯩﻜﻪﻥ، ﺋﯘﻻﺭ ﻛﻮﭼﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪە ﺗﯘﺭﯗپ »ﺋﺎﻣﯩﻦ،‬ ‫ﺋﺎﻣﯩﻦ« ﺩەپ ﺋﯜﻧﻠﯜﻙ ﺗﻮۋﻟﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﺎﻟﺪﻯ. ﺷﻪھﻪﺭ ﺋﺎھﺎﻟﯩﺴﻰ )ﺋﯘﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﺎﻣﯩﻦ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯ ﭼﺎۋﺍﻙ‬ ‫ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ھﻪﻡ ﻳﺎﺷﯩﺴﯘﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﺪە ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﻪﺗﺘﻰ(. ﺗﯚﺷﯜﻙ ﺩەﺭۋﺍﺯﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎڭ ﭼﯜﺷﯜﺷﻜﻪ‬ ‫ﺭﺍﺳﻼﻧﻐﺎﻥ ﻗﯘﻡ ﺩەﺭۋﺍﺯﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻣﯘﺗﺨﺎﻥ ﺑﺎﻳﯟەﭼﭽﯩﻨﯩﯔ ﺑﯧﻐﯩﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﯚﺕ ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﯩﺮ‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫8‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  9. 9. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ﻳﻮﻟﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪە ﺗﯘﺭﯗپ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﺎﻟﺪﻯ. ﺳﯩﺠﺎڭ ﺑﺎﻏﻘﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﻰ. ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭ ﺷﯘ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﺘﯩﻜﻰ‬ ‫ﺳﺎﺭﺍﻳﻼﺭﻏﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﻰ. ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﯧﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺰ ﻳﯘﻣﯩﻼﻕ ﺷﻪھﻪﺭﮔﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﺘﯘﻕ. ﻣﻪﻥ ﻳﺎﺭ ﺑﺎﻏﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﺗﯧﺮەﻛﻠﯩﻚ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯩﻢ. ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎڭ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﺎﻏﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ھﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ‬ ‫ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﻪﭼﻜﯩﭽﻪ ﻧﺎﻏﺮﺍ-ﺳﯘﻧﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﺎۋﺍﺯﻯ ﺋﯜﺯﯛﻟﻤﯩﺪﻯ. ﺑﺎﺯﺍﺭ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﻗﯩﺰﯨﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ.‬ ‫ھﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﺗﻪﺭەپ- ﺗﻪﺭەﭘﺘﯩﻦ ﺳﯩﺠﺎﯕﻨﻰ ﺗﻪﺑﺮﯨﻜﻠﻪپ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻳﯘﺭﺕ ﺋﺎﻗﺴﺎﻗﺎﻟﻠﯩﺮﻯ، ﺋﺎﺧﯘﻧﻼﺭ، ﺑﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ﺋﺎﻳﯩﻐﻰ ﺋﯜﺯﯛﻟﻤﯩﺪﻯ. 5- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 6- ﻛﯜﻧﻰ ﻣﺎﺟﻪﻧﺴﺎﯕﻨﯩﯔ ﭘﻪﻳﺰﺍۋﺍﺗﺘﯩﻦ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ‬ ‫ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﻪۋەﺭ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎڭ 002 ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﯧﻠﯩﻤﯘ‬ ‫002 ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﺒﺎﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﺘﯘﻕ. ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﯩﻤﯘ ﺩﯙﻟﻪﺗﺒﺎﻏﻘﺎ ﭼﯜﺷﻜﯜﻥ ﺭﺍﺳﻠﯩﺪﯗﻕ. ﺋﯘﻧﯩﯔ‬ ‫ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ 003 ﺩەﻙ ﺑﯘﻟﯘپ، ﺋﺎﺕ، ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﺮﻯ ﺧﯩﻞ، ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻳﯩﯖﻰ ﻛﯩﻴﯩﻢ ﻛﯩﻴﮕﻪﻧﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ‬ ‫ﺋﺎﻗﺴﯘﺩﯨﻜﻰ ﺑﺎﻱ ﺋﺎﺧﯘﻧﻨﯩﯔ ﻛﯩﻴﯩﻤﭽﯩﻠﯩﻚ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﺗﯩﻜﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪﺭ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻧﯩﻜﻪﻥ. ﺋﯘﻻﺭ‬ ‫ﻣﯩﻠﺘﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺩﻭﻟﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﻤﺎﻱ ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ھﺎﺯﯨﺮ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪەﻛﻼ ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯔ‬ ‫ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻣﺎﺩﻭﺗﻪﻳﻤﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ۋەﻛﯩﻞ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻧﯩﻜﻪﻥ )ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ۋەﻛﯩﻞ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﯩﻐﺎﻧﯩﺪﻯ(.‬ ‫ﺋﯘﻻﺭ ﻣﺎﺟﻪﻧﺴﺎڭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﺘﻰ. ﺯﯨﻴﺎﭘﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻣﺎﺩﻭﺗﻪﻱ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ۋەﻛﯩﻞ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﺩﻭﺗﻪﻳﻨﯩﯔ‬ ‫ﻗﯧﺸﯩﻐﺎ )ﺩﻭﺗﻪﻱ ﻳﺎﻣﯘﻟﻐﺎ( ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺷﻪھﻪﺭ ﺋﺎھﺎﻟﯩﺴﻰ ﭼﯩﻘﻤﯩﺪﻯ. ﺋﺎﯕﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰﭼﻪ،‬ ‫ﻣﺎﺟﻪﻧﺴﺎڭ ﺩﻭﺗﻪﻱ ﻳﺎﻣﯘﻟﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻣﺎﺩﻭﺗﻪﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯘﭼﺎﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪﻥ. ﺑﯘﻧﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﺷﻪھﻪﺭ‬ ‫ﺋﺎھﺎﻟﯩﺴﯩﺪﺍ ﻣﺎﺟﻪﻧﺴﺎﯕﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﮔﯘﻣﺎﻥ ۋە ﻏﻪﺯەﭘﻠﯩﻨﯩﺶ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻰ ﻛﯚﺭﯛﻟﺪﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﻣﺎﺟﻪﻧﺴﺎﯕﻨﯩﯔ 003 ﺩەﻙ ﺋﻪﺳﻜﯩﺮﻯ ﻣﺎﺩﻭﺗﻪﻳﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘپ 005 ﺩﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ‬ ‫ﻛﻪﺗﺘﻰ. 002 ﺩەﻙ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﺩﻭﺗﻪﻱ ﻳﺎﻣﯘﻟﯩﺪﺍ ﻣﺎﺩﻭﺗﻪﻳﻨﻰ ﻣﯘھﺎﭘﯩﺰەﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﺩﻯ. 003 ﺩەﻙ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ‬ ‫ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﯨﺪﻯ. ﺷﯘ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼپ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎڭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﯧﻠﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﺍ‬ ‫ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﻛﯚﺭﯛﻟﯜﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺩﻭﺗﻪﻱ ﻳﺎﻣﯘﻟﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﺩﻭﺗﻪﻱ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ‬ ‫ﻳﯧﯖﯩﺸﻪھﻪﺭﮔﻪ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﯦﺘﯩﺶ- ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﻻﺵ- ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﺳﻪۋەﺏ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ.‬ ‫ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎڭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﯧﻠﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺯﯨﺪﺩﯨﻴﻪﺕ‬ ‫3391-ﻳﯩﻠﻰ 5- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 01- ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﺧﺸﯩﻤﻰ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﯧﻠﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﻟﻴﻪﻧﺠﺎﯕﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﻮﺭﺍﺯﺑﯧﻚ، ﺋﺎﺑﻼﺑﯧﻚ، ﺗﻮﺧﺘﻰ ﺑﯧﻚ، ﻳﯜﺳﯜﭘﺠﺎﻥ ۋە ﻣﯧﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﭗ، ﻣﺎﺟﻪﻧﺴﺎڭ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ‬ ‫ﻣﯘھﺎﻛﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﯧﻠﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯨﺪﻯ :»ﺗﯜﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎڭ ﻣﺎﺟﻪﻧﺴﺎﯕﻨﻰ ﺩﻭﺳﺖ ﺗﯘﺗﯘپ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ‬ ‫ﺋﯧﻠﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﻛﯚﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍۋﺍﺗﯩﺪﯗ، ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻣﺎﺟﻪﻧﺴﺎﯕﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﺰﮔﻪ‬ ‫ﺳﺎﻻﻣﺪﯗ- ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ؟ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﻤﯩﺴﺎﻕ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯘ ھﻪﻗﺘﻪ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎﯕﻐﺎ ﺑﯩﺮ‬ ‫ﻧﯩﻤﻪ ﺩﯨﺴﻪﻙ ﺭەﻧﺠﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘ ﺋﺎﺩەﻡ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺏ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺋﯘ ﺑﯩﺰﻧﻰ‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫9‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  10. 10. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﻛﯚﺭﺳﯩﻤﯘ ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻧﻰ ھﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻻﺯﯨﻢ. ﺷﯘﯕﺎ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎﯕﻐﺎ ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﻣﺎﻱ ﻣﺎﺩﻭﺗﻪﻱ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﺟﻪﻧﺴﺎﯕﻨﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﯟﯦﺘﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ھﻪﻡ ﺋﯘﻧﻰ ﺩەﺭھﺎﻝ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭەپ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮەﻙ. ﺳﯩﻠﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ‬ ‫ﻗﺎﺭﺍﻳﺴﯩﻠﻪﺭ؟« ﺩﯦﺪﻯ. ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﯩﻜﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﯘﺷﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ، ﻣﺎﺩﻭﺗﻪﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﺟﻪﻧﺴﺎڭ‬ ‫ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭەپ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﯗپ، ﺷﻪھﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ھﻪﻡ‬ ‫ﺷﻪھﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﺯﺍﺕ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ ﺩەپ ﺋﯧﻴﺘﻘﯩﻠﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﺩﯗﻕ .‬ ‫5- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 11- ﻛﯜﻧﻰ ﺗﺎڭ ﺳﻪھﻪﺭﺩە ھﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻜﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﺭﺍﺯ ﻟﻴﻪﻧﺠﺎڭ ﺩﻭﺗﻪﻱ ﻳﺎﻣﯘﻟﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﺭﺍﻳﻐﺎ، ﺋﺎﺑﻼ ﺑﯧﻚ ﺋﺎﻣﺒﺎﻝ ﻳﺎﻣﯘﻟﯩﻐﺎ، ﺗﻮﺧﺘﻰ ﻟﻴﻪﻧﺠﺎڭ ﺑﯘﺗﺨﺎﻧﺎ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ‬ ‫ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﮕﻪ، ﻳﯜﺳﯜپ ﻟﻴﻪﻧﺠﺎڭ ﺩﻭﺗﻪﻱ ﻳﺎﻣﯘﻟﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ، ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ھﺎﺟﻰ ﻣﻪھﻜﯩﻤﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﮔﯘﯕﮕﺎﯕﻐﺎ ﺗﯧﮕﯩﺶ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. 5-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 11- ﻛﯜﻧﻰ ﺳﻪھﻪﺭﺩە ھﯘﺟﯘﻡ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﯗﻕ.‬ ‫ﻣﺎﺟﻪﻧﺴﺎﯕﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻻﻗﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯜﺯﯛپ ﺗﺎﺷﻠﯩﺪﯗﻕ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯜچ- ﺗﯚﺕ‬ ‫ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺩﻭﺗﻪﻱ ﻳﺎﻣﯘﻟﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﺩﻭﺗﻪﻱ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﻮﺭﺍﻝ ﺗﺎﺭﺗﯩﯟﺍﻟﺪﯗﻕ.‬ ‫ﺗﯧﺨﻰ ﻳﯧﯖﯩﻼ ﺩﻭﺗﻪﻱ ﻳﺎﻣﯘﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ھﯘﺟﯘﻡ ﺑﺎﺷﻠﯩﯟﯨﺪﯗﻕ، ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎﯕﺪﯨﻦ ﺋﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺶ‬ ‫ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﺎﺩەﻡ ﻛﻪﻟﺪﻯ ھﻪﻣﺪە ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎڭ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﯧﻠﯩﻨﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﺗﯩﭗ ﻧﯧﻤﻪ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﻭﺗﻪﻱ‬ ‫ﻳﺎﻣﯘﻟﯩﻐﺎ ﺗﯧﮕﯩﺴﻪﻥ، ﺩەپ ﻛﺎﻳﯩﺪﻯ. ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﯧﻠﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﻤﯩﺰ، ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯩﺪﯨﻦ، ﻣﺎﺩﻭﺗﻪﻱ‬ ‫ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﻮﺭﺍﻝ ﺗﺎﺭﺗﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﺩﻭﺗﻪﻱ ﻳﺎﻣﯘﻟﯩﻨﻰ ﺋﺎﺯﺍﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ. ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﯩﺪﯨﻦ، ﻳﯧﯖﯩﺸﻪھﻪﺭﻧﻰ‬ ‫ﺋﺎﺯﺍﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻨﻤﯘ ﻗﻮﺭﺍﻝ ﺗﺎﺭﺗﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﺩەپ ﺟﺎۋﺍﺏ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎڭ،‬ ‫ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺑﯘ ﺋﯩﺶ ﺋﯘﻧﭽﯩﯟﯨﻼ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺋﯘﻧﻰ ﻣﺎﺟﻪﻧﺴﺎڭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺗﻠﯩﺸﯩﭗ‬ ‫ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭەپ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ، ﺩﯦﺪﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﺟﻪﻧﺴﺎﯕﻐﺎ ﺋﺎﺩەﻡ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯨﯟﯨﺪﻯ، ﻣﺎﺟﻪﻧﺴﺎڭ ﺗﯚﻣﯜﺭ‬ ‫ﺳﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ﻛﯩﺮﯨﺸﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭙﺘﯘ. ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎڭ ﻛﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﯧﻠﻰ:‬ ‫ﻣﺎﺟﻪﻧﺴﺎﯕﻐﺎ ﻣﺎ ﺩﻭﺗﻪﻳﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ھﻪﻡ ﺩﻭﺗﻪﻱ ﻳﺎﻣﯘﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯘﺭﺍﻟﻼﺭﻧﻰ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗپ ﻗﯘﻳﯘپ،‬ ‫ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﻼ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻳﯧﯖﯩﺸﻪھﻪﺭﮔﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﯘﻥ، ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻳﯩﯖﯩﺸﻪھﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﻣﺒﺎﺭﺩﺍ‬ ‫ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﯘﺭﺍﻝ- ﻳﺎﺭﺍﻕ، ﺋﻮﻕ- ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﻰ ﻣﺎﺟﻪﻧﺴﺎڭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺰ ﺗﻪڭ ﺑﯚﻟﯩﺸﯩﯟﺍﻟﯩﻤﯩﺰ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ‬ ‫ﺑﺎﺷﻘﺎ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﻖ ﻣﻪﻧﻘﯘﻻﺗﻼﺭﻧﯩﻤﯘ ﺗﻪڭ ﺗﻪﻗﺴﯩﻢ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﯩﻤﯩﺰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺗﻪﻟﻪﭘﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﯘﻳﯘپ‬ ‫ﺋﻮﻕ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﺎﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﺎﺩﻭﺗﻪﻱ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﺎﺗﻤﯩﺪﻯ. ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻰ‬ ‫ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯜچ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯚﻟﺪﻯ. ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻛﯩﺸﻰ ﻳﺎﺭﯨﺪﺍﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ.‬ ‫ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎڭ ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﺩﻭﺗﻪﻱ ﻳﺎﻣﯘﻟﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ، ﻣﺎﺟﻪﻧﺴﺎڭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯚھﺒﻪﺕ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ.‬ ‫ﺳﯚھﺒﻪﺕ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺗﺎﻻﺵ- ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺗﯚۋەﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ:‬ ‫)1( ﻣﺎﺟﻪﻧﺴﺎڭ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ۋە ﻣﺎﺩﻭﺗﻪﻳﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺷﯘپ‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫01‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  11. 11. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ﻳﯧﯖﯩﺸﻪھﻪﺭﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺶ؛‬ ‫)2( ﺩﻭﺗﻪﻱ ﻳﺎﻣﯘﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻣﺒﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻗﻮﺭﺍﻝ ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﻪﻧﻘﯘﻻﺗﻼﺭﻧﻰ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗپ ﻛﯧﺘﯩﺶ؛‬ ‫)3( ﻳﯧﯖﯩﺸﻪھﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻗﯘﺭﺍﻝ ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﻪﻧﻘﯘﻻﺗﻼﺭﻧﻰ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎڭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪڭ ﺑﯚﻟﯜﺷﯜﺵ؛‬ ‫)4( ﻣﺎﺩﻭﺗﻪﻳﻨﻰ ﻳﯧﯖﯩﺸﻪھﻪﺭﮔﻪ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺶ؛‬ ‫)5( ﻣﺎﺩﻭﺗﻪﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﯧﻠﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﺭﮔﻪﻥ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﺭﻧﻰ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗپ ﺑﯧﺮﯨﺶ.‬ ‫ﺑﯘ ﺗﻮﺧﺘﺎﻣﻨﻰ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﯧﻠﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻗﻮﺷﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﺩﻯ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎڭ‬ ‫ﺋﯩﻤﺰﺍ ﻗﯘﻳﯘپ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺗﻮﺧﺘﺎﻣﻨﻰ ﺑﯘﺯﺍﻟﻤﯩﺪﻯ. ﻣﺎﺩﻭﺗﻪﻳﻨﯩﯔ ﻣﺎﺟﻪﻧﺴﺎڭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﯖﯩﺸﻪھﻪﺭﮔﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ‬ ‫ﻛﯧﺘﯩﺸﻜﻪ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﻤﺎﻱ، ﺋﯘﻧﻰ ﺑﺎﻻ- ﭼﺎﻗﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻟﻪﻧﮕﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﯧﻐﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﺷﻘﺎ؛ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﺎﻝ-‬ ‫ﻣﯜﻟﯜﻛﻰ، ھﺎﻳﺎﺗﯩﻐﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ۋەﺩە ﻗﯩﻠﺪﻯ.‬ ‫ﻣﺎﺩﻭﺗﻪﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﺭﮔﻪﻥ ﻗﻮﺭﺍﻟﻨﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ )002 ﺩەﻙ‬ ‫ﺋﺎﺕ، 05- 06 ﻣﯩﻠﺘﯩﻖ ﺗﺎﻝ( ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗپ ﺑﯧﺮﯨﻠﺪﻯ.‬ ‫ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ 5-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 41-، 51- ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﻣﺎﺟﻪﻧﺴﺎڭ ﻳﯧﯖﯩﺸﻪھﻪﺭﮔﻪ ﻛﯚﭼﯜﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. 51-‬ ‫ﻛﯜﻧﻰ ﻣﺎﺩﻭﺗﻪﻱ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﻳﯧﯖﯩﺸﻪھﻪﺭﮔﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺗﯜەﻧﺠﺎڭ ﺋﯚﻱ ﺳﺎﻳﻤﺎﻧﻠﯩﺮﻯ‬ ‫ﺑﯧﺴﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ھﺎﺭۋﯨﻨﻰ ﺗﺎﺳﺎﺩﯨﭙﯩﻲ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯨﯟﯨﺪﻯ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻗﯘﺭﺍﻝ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯜﺗﯜﻥ‬ ‫ھﺎﺭۋﯨﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛپ 002 ﺩەﻙ ﻳﯧﯖﻰ ﻣﯩﻠﺘﯩﻖ، ﺋﻮﻥ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺳﺎﻧﺪﯗﻕ ﺋﻮﻕ ﺗﯧﭙﯩﯟﺍﻟﺪﻯ. ﺩﯦﻤﻪﻙ ﺗﻮﺧﺘﺎﻡ‬ ‫ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺩﻭﺗﻪﻱ ﻳﺎﻣﯘﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﺭﻧﻰ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗپ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﻛﯧﺮەﻙ ﺋﯩﺪﻯ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺗﻮﺧﺘﺎﻣﻐﺎ ﺧﯩﻼﭘﻠﯩﻖ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﺍﻝ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﻣﺎﺟﻪﻧﺴﺎڭ ﮔﻪپ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻳﯩﯖﯩﺸﻪھﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﻪڭ ﺗﻪﻗﺴﯩﻢ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﯩﻤﯩﺰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﯘﺭﺍﻟﻨﻰ ﺑﻪﺭﻣﯩﺪﻯ. ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎﯕﻤﯘ ﮔﻪپ ﻗﯩﻠﻤﯩﺪﻯ.‬ ‫ﻣﺎﺟﻪﻧﺴﺎڭ ﻳﯧﯖﯩﺸﻪھﻪﺭﮔﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺋﻪﺳﻜﯩﺮﯨﻨﻰ 0051 ﮔﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛپ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺗﯘﻟﯘﻕ‬ ‫ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﻧﺪﯗﺭﯗپ، ھﻪﺭﺑﯩﻲ ﻣﻪﺷﯩﻘﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﯟەﺗﺘﻰ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭەﭘﺘﯩﻦ ﻳﯧﯖﯩﺸﻪھﻪﺭ ﺋﺎﻣﺒﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ‬ ‫ﺳﯧﻠﯩﭗ، ﺯﺍﭘﺎﺱ ﺋﺎﺷﻠﯩﻖ ﺗﻮﭘﻼﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﺘﻰ. ﻣﺎﺟﻪﻧﺴﺎڭ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﻳﯧﯖﯩﺸﻪھﻪﺭﮔﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ‬ ‫ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎڭ ﺩﻭﺗﻪﻱ ﻳﺎﻣﯘﻟﯩﻐﺎ ﻛﯚﭼﯜپ ﻛﯩﺮﺩﻯ.‬ ‫ﺯﯨﺪﺩﯨﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯚﺗﻜﯜﺭﻟﯩﺸﯩﺸﻰ‬ ‫ﻣﺎﺟﻪﻧﺴﺎڭ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ھﻪﺭﺑﯩﻲ ﻣﻪﺷﯩﻘﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﺘﻰ. ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎڭ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻧﺎﻏﺮﺍ- ﺳﯘﻧﺎﻱ ﭼﺎﻟﺪﯗﺭﯗپ‬ ‫ﻗﯘﻳﯘپ، ﺑﺎﻏﺪﺍ ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﺪﺍﺭﭼﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻪﺧﯩﺮﺍﻣﺎﻥ ﻳﯜﺭﺩﻯ. ﻣﺎﺟﻪﻧﺴﺎڭ ﻳﯧﯖﯩﺸﻪھﻪﺭﮔﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺶ‬ ‫ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﯚﺯﻟﯜﻛﯩﺪﯨﻨﻼ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺋﯧﻠﯩﮕﻪ ﺳﯩﺠﺎﯕﻠﯩﻖ ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﯩﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻣﺎﺩﻭﺗﻪﻳﻨﯩﯔ ﺗﺎﻣﻐﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﻘﯘﺯﯗپ‬ ‫ﻗﻮﻳﺪﻯ. ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﯧﻠﻰ، ھﺎﭘﯩﺰ ﺑﯧﻚ، ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥ، ھﺎﻣﯘﺗﺨﺎﻥ، ھﻪﻣﺪەﻡ ﺑﻪگ ھﺎﺟﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﻪﺵ‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫11‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  12. 12. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﻟﯜﻳﺠﺎﯕﻠﯩﻖ ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﯩﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﺎﻣﻐﺎ ﺋﻮﻳﺪﯗﺭﯗپ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛپ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺶ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﯧﻠﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻧﺎﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﺪﻯ، ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺰﮔﻪ‬ ‫ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎڭ ﺑﻪﺭﻣﻪﻱ ﻣﺎﺟﻪﻧﺴﺎڭ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ؟ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎﯕﻐﺎ ﺳﯩﺠﺎﯕﻠﯩﻘﻨﻰ ﺑﯩﺰ ھﻪﺭﺑﯩﻴﻠﻪﺭ ﺑﻪﺭﻣﻪﻱ ﻧﯧﻤﻪ‬ ‫ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﺎﺟﻪﻧﺴﺎڭ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ؟ ﺑﯩﺰ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﺎﺟﻪﻧﺴﺎﯕﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﻣﺪﯗﻕ؟ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﻮﻝ ﻗﯘﻳﯘﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺩەپ‬ ‫ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻖ ﺑﯜﻟﺪﯛﺭﺩﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎڭ، ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﻟﯜﻳﺠﺎﯕﻼﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺳﯜﺭﻛﯩﻠﯩﺶ‬ ‫ﺑﻮﻟﯩﯟەﺭﺩﻯ. ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﺘﺎ ﺗﯜﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎڭ ﺋﯧﻠﻰ ھﺎﺟﯩﻤﻨﻰ ﻗﺎﺭﺍ ﺷﻪھﻪﺭﮔﻪ ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ھﺎﺟﯩﻤﻐﺎ‬ ‫ﻳﺎﺭﺩەﻣﮕﻪ ﺋﻪۋەﺗﺘﻰ، ھﺎﭘﯩﺰ ﻟﯜﻳﺠﺎﯕﻨﻰ ﻳﻪﻛﻪﻧﮕﻪ، ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﻟﯜﻳﺠﺎﯕﻨﻰ ﻳﯩﯖﯩﺴﺎﺭﻏﺎ ﺋﻪۋەﺗﺘﻰ. ﺗﯚﻣﯜﺭ‬ ‫ﺳﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻗﯧﺸﯩﺪﺍ ﭘﻪﻗﻪﺕ ھﺎﻣﯘﺗﺨﺎﻥ ﻟﯜﻳﺠﺎڭ، ھﻪﻣﺪەﻡ ﺑﻪگ ھﺎﺟﻰ ﻟﯜﻳﺠﺎڭ، ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﺪﯨﺠﺎﻥ،‬ ‫ﻳﯜﺳﯜﭘﺠﺎﻥ، ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﺎﺧﯘﻧﻼﺭ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﻣﯘﻣﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﺳﺎﻧﻰ 0021 ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺷﻤﺎﻳﺘﺘﻰ،‬ ‫ﺋﯩﻨﺘﯩﺰﺍﻣﻤﯘ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﻟﯜﻳﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﻤﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺭﺍﺯ ﺗﯜەﻧﺠﺎڭ، ﺋﺎﺑﻼ‬ ‫ﺗﯜەﻧﺠﺎڭ، ﺗﻮﺧﺘﻰ ﺗﯜەﻧﺠﺎڭ، ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ھﺎﺟﯩﻤﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ 0011 ﺩەﻙ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﺩﯦﻤﻪﻙ ﺷﯘ‬ ‫ﭼﺎﻏﺪﯨﻤﯘ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﺳﻜﯩﺮﻯ 0032 ﺩەﻙ ﻛﯧﻠﻪﺗﺘﻰ، ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻣﺎﺟﻪﻧﺴﺎﯕﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ‬ ‫ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎڭ ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻠﯜﻛﺘﻪ ﺋﯩﺪﻯ ھﻪﻡ ﻣﺎﺟﻪﻧﺴﺎﯕﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭەپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﻪﻟﻪﻳﺘﺘﻰ. ﭼﯜﻧﻜﻰ‬ ‫ﻣﺎﺟﻪﻧﺴﺎڭ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺷﻪھﻪﺭﺩە ﺯەﺭﺑﻪ ﻳﻪپ ﺑﻪﻙ ﻗﻮﺭﻗﯘپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﯩﺪﻯ، ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺗﯚﻣﯜﺭ‬ ‫ﺳﯩﺠﺎڭ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﻤﯩﺪﻯ، ﺑﯘ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﺘﯩﻦ ﻣﺎﺟﻪﻧﺴﺎڭ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﭘﯩﺘﻨﻪ-‬ ‫ﭘﺎﺳﺎﺕ ﺗﯧﺮﯨﺪﻯ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎڭ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﺪﻯ.‬ ‫ﺯﯨﺪﺩﯨﻴﻪﺗﻨﻰ‬ ‫ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﺳﯩﺠﺎڭ‬ ‫ﺗﯚﻣﯜﺭ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﻟﯜﻳﺠﺎڭ‬ ‫ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ‬ ‫ﺋﯩﺸﻼﺭ‬ ‫ﻗﺎﺗﺎﺭ‬ ‫ﺑﯩﺮ‬ ‫ﻛﻪﺳﯩﻜﯩﻨﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯨﯟەﺗﺘﻰ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﺍ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎڭ ﻛﯘﭼﺎﺩﯨﻦ ﺋﺎﻟﻐﺎچ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻧﯩﺰﺍﻣﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ‬ ‫ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﻪﻙ ھﺎﻛﺎۋﯗﺭ، ﺳﻮﻏﯘﻕ ﭼﯩﺮﺍﻱ ﺋﺎﺩەﻡ ﺑﯘﻟﯘپ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺗﭽﯩﺴﻰ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘ‬ ‫ﺋﺎﺩەﻡ ھﻪ ﺩﯦﺴﯩﻼ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﻟﯜﻳﺠﺎڭ ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯜەﻧﺠﺎﯕﻼﺭﻧﻰ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎﯕﻐﺎ ﭼﯧﻘﯩﭗ، ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﺳﻠﯩﻚ‬ ‫ﺋﯘﺭﯗﻗﯩﻨﻰ ﺗﯧﺮﯨﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻨﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺑﺎﻱ ﺋﺎﺧﯘﻧﻼﺭ ﻗﺎﭘﻼپ‬ ‫ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﯩﺪﻯ. ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎڭ ﺑﺎﻱ ﺋﻪۋﻻﺩﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﺑﺪﯨﺮﯨﻢ ﺑﺎﻳﯟەﭼﭽﻪ، ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺑﺎﻳﯟەﭼﭽﯩﻠﻪﺭﮔﻪ‬ ‫ﺗﯜەﻧﺠﺎﯕﻠﯩﻖ ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﯩﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺭﯗﺧﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺋﯩﺒﺮﺍھﯩﻢ ﻟﻮﺯﯗﯕﻐﯩﻤﯘ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ‬ ‫ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﻗﻪﻏﻪﺯ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﻣﯩﻨﺎﺗﯩﻨﻰ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ، ﻛﯩﻴﯩﻢ- ﻛﯩﭽﻪﻙ ۋە‬ ‫ﺑﺎﺷﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺋﯚﺯﻯ ﻛﯚﺗﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘﻟﯘپ ﺗﻮﺧﺘﺎﻡ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭ ھﻪﺩەپ ﺋﯚﺯ‬ ‫ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ.‬ ‫ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎڭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﻟﯜﻳﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭە ﺑﯘﺯﯗﻟﯘﺷﻰ‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫21‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  13. 13. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﻟﯜﻳﺠﺎڭ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻗﯧﺸﯩﻐﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ، ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎڭ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩەﻳﺪﯗ:‬ ‫ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ھﺎﺟﯩﻤﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﺎﺭﺍ ﺷﻪھﻪﺭﮔﻪ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﺋﻪۋەﺗﯩﺶ ﻻﺯﯨﻢ ﺋﯩﺪﻯ، ﻛﯧﭽﯩﻜﯩﭗ‬ ‫ﻗﯧﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ، ﺑﺎﻟﺪﯗﺭﺭﺍﻕ ﺋﻪۋەﺗﺴﻪﻙ ﺑﯘﻻﺗﺘﻰ، ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺳﯩﺰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﺎﺭﺍﻳﺴﯩﺰ؟ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﻟﯜﻳﺠﺎڭ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ‬ ‫ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺟﺎۋﺍﺏ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ: ﺳﯩﻠﻰ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪەﻙ ﻗﺎﺭﺍ ﺷﻪھﻪﺭﮔﻪ ﻳﺎﺭﺩەﻣﮕﻪ ﺟﻪﺯﻣﻪﻥ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﺋﻪۋەﺗﯩﺶ ﻻﺯﯨﻢ.‬ ‫ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﻳﯧﯖﻰ ﺷﻪھﻪﺭ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭەپ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﯗپ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﻳﯚﺗﻜﻪﺵ‬ ‫ﺧﻪۋﭘﻠﯩﻚ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻣﺎﺟﻪﻧﺴﺎڭ ﺩﻭﺗﻪﻱ ﻳﺎﻣﯘﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﮕﻪ ﺋﻪﻣﻪﻝ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﻣﺎﺩﻭﺗﻪﻳﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯘﺭﺍﻟﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺷﯘپ ﺋﻪﭘﭽﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺩﻭﺗﻪﻱ ﻳﺎﻣﯘﻟﯩﺪﺍ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ‬ ‫ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘ ﺋﻮﻏﯘﺭﻟﯘﻗﭽﻪ ھﺎﺭۋﯨﻐﺎ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻣﺎﯕﻐﺎﻧﺪﺍ ﺗﯘﺗﯩﯟﺍﻟﺪﯗﻕ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﻪۋﯨﺮﻯ ﺑﺎﺭ،‬ ‫ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻳﯩﯖﯩﺸﻪھﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯧﺮﯨﻤﯩﺰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﻮﺭﺍﻟﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﺳﯩﻨﯩﻤﯘ ﺑﻪﺭﻣﯩﺪﻯ، ﻣﯘﺷﯘ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺋﻪھﯟﺍﻟﻼﺭ‬ ‫ﻣﺎﺟﻪﻧﺴﺎﯕﻨﯩﯔ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺩﻭﺳﺖ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛپ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ.‬ ‫ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯩﺰ ﺋﺎۋۋﺍﻝ ﻳﯧﯖﯩﺸﻪھﻪﺭ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭەپ ﻗﯩﻠﯩﭗ )ﻳﯧﯖﯩﺸﻪھﻪﺭﻧﻰ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻠﯩﭗ‬ ‫ﺩﯦﻤﻪﻛﭽﻰ- ﺕ( ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ھﺎﺟﯩﻤﻐﺎ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﺋﻪۋەﺗﺴﻪﻙ ﻳﺎﺧﺸﻰ‬ ‫ﺑﯘﻻﺭﻣﯩﻜﯩﻦ.‬ ‫ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎڭ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﻟﯜﻳﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﭘﯩﻜﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩەﻳﺪﯗ: ﻣﺎﺟﻪﻧﺴﺎڭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻗﺎﺭﺍ ﺷﻪھﻪﺭﺩﯨﻦ‬ ‫ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﯜﭼﻪ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻳﺎﺭﺩەﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ھﺎﺯﯨﺮ ﺋﯘﻧﯩﯔ 0002 ﭼﻪ ﻣﯘﻧﺘﯩﺰﯨﻢ ﻗﯘﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﻜﯩﺮﻯ‬ ‫ﺑﺎﺭ )ﺋﻮﺳﻤﺎﻧﻐﺎ ﺗﻪھﺪﯨﺖ ﺳﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯚﭘﺘﯜﺭﯛپ ﺋﯧﻴﺘﻘﯩﻨﻰ.( ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻣﺎﺟﯘﯕﻴﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ‬ ‫ھﺎﺟﯩﻢ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ، ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺗﯧﮕﯩﭗ ﻗﻮﻳﺴﺎﻕ‬ ‫ﻣﺎﺟﯘﯕﻴﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ھﺎﺟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﻰ ﺑﯘﺯﯗﻟﯘپ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﺎﺟﻪﻧﺴﺎڭ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﺪە‬ ‫ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ھﺎﺟﯩﻤﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﻛﯜﺗﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮەﻙ.‬ ‫ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻪﻳﻠﻪﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺗﺎﻻﺵ- ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺑﯩﺮ‬ ‫ﭘﯩﻜﯩﺮﮔﻪ ﻛﯧﻠﻪﻟﻤﻪﻱ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﻟﯜﻳﺠﺎڭ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻦ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ‬ ‫ﻛﯜﻥ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﭘﻼ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﻟﯜﻳﺠﺎڭ ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ )ﻗﺎﺩﯨﺮ ھﺎﺟﻰ( ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﺪﯨﺠﺎﻧﻨﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﭗ ﺗﯚﻣﯜﺭ‬ ‫ﺳﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻪۋەﺗﺘﻰ. ﺋﯘ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ: ﺳﯩﺠﺎﯕﻐﺎ ﺋﯧﻴﺘﯩﯖﻼﺭ. ﺳﯩﺠﺎڭ، ﻣﻪﺟﻪﻧﺴﺎڭ ﺑﯩﺰﮔﻪ‬ ‫ﻳﺎﺭﺩەﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ ﺩەپ ﻳﯜﺯ ﺧﺎﺗﯩﺮە ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯘﻗﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ﺳﺎﻟﺴﯘﻥ، ﻣﺎﺟﻪﻧﺴﺎﯕﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﯛﻡ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭەپ ﻗﯩﻼﻱ.‬ ‫ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﺳﯩﺠﺎﯕﻐﺎ ﺋﯧﻴﺘﺘﯘﻕ، ﺗﯚﻣﯜ ﺳﯩﺠﺎڭ ﺑﯩﺰﮔﻪ: ﻣﻪﻥ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪە ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﻟﯜﻳﺠﺎﯕﻐﺎ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ،‬ ‫ﻣﺎﺟﻪﻧﺴﺎڭ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺳﻪۋﺭ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ. ﻣﺎﺟﻪﻧﺴﺎﯕﻐﺎ ﺗﯧﮕﯩﭗ‬ ‫ﻗﻮﻳﯘپ، ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭەپ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻱ، ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻳﯘﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻻ ﺗﯧﭙﯩﯟﺍﻟﯩﻤﯩﺰ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ھﺎﺟﯩﻢ‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫31‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  14. 14. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﺟﯘﯕﻴﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻣﺎﺟﯩﺮﺍ ﺗﯘﻏﺪﯗﺭﯗپ ﻗﻮﻳﯩﻤﯩﺰ، ﺷﯘﯕﺎ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﻟﯜﻳﺠﺎﯕﻐﺎ ﺋﯧﻴﺘﯩﯖﻼﺭ،‬ ‫ﻳﯧﯖﯩﺸﻪھﻪﺭ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ھﺎﺯﯨﺮ ھﻪﻝ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺩەپ ﮔﯧﭙﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﯟەﺗﺘﻰ.‬ ‫ﺑﯩﺰ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﻟﯜﻳﺠﺎﯕﻐﺎ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﭘﯩﻜﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯨﯟﯨﺪﯗﻕ، ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﻟﯜﻳﺠﺎڭ ﺧﺎﭘﺎ ﺑﯘﻟﯘپ:‬ ‫»ﺳﯩﺠﺎڭ ﺩﻭﺳﺖ- ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻨﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﻴﺎﻟﻤﺎﻳﯟﺍﺗﯩﺪﯗ، ﻣﺎﺟﻪﻧﺴﺎﯕﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﭗ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﺴﯩﺰ‬ ‫ﻗﺎﺭﺍۋﺍﺗﯩﺪﯗ. ﻣﺎﺟﻪﻧﺴﺎﯕﻨﻰ ﺩﻭﺳﺖ ﺗﯘﺗﯘۋﺍﺗﯩﺪﯗ. ﻳﺎﻣﺎﻥ ﻏﻪﺭەﺯﻟﯩﻚ ﺋﺎﺩەﻣﻠﻪﺭ )ۋﺍﻟﯩﻲ ﻳﯘﻧﯘﺱ ﺑﯧﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﻧﯩﺰﺍﻣﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﻰ ﺩﯦﻤﻪﻛﭽﻰ.ﺕ( ﺳﯩﺠﺎڭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﯘﺯﯨﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﻣﻪﻥ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪە ﺧﺎﺗﺎ‬ ‫ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺑﺎﺷﺘﯩﻼ ﺳﯩﺠﺎﯕﺪﯨﻦ ﺳﻮﺭﯨﻤﺎﻳﻼ، ﺷﻪھﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯕﻼ ﺩﻭﺗﻪﻱ ﻳﺎﻣﯘﻟﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﯧﻠﯩﭗ‬ ‫ﻣﺎﺩﻭﺗﻪﻱ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﺭﺍﻟﺴﯩﺰﻻﻧﺪﯗﺭﯗپ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻨﻼ ﻳﯧﯖﯩﺸﻪھﻪﺭﮔﻪ ﺗﯧﮕﯩﭗ، ﻳﯧﯖﯩﺸﻪھﻪﺭﻧﻰ‬ ‫ﺋﯧﻠﯩﯟەﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻮﭘﺘﯩﻜﻪﻥ، ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻣﺎﺩﻭﺗﻪﻳﻤﯘ ﻗﻮﺭﻗﯘپ، ﻗﯘﺭﺍﻝ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﯩﺪﻯ.‬ ‫ﻳﯧﯖﯩﺸﻪھﻪﺭﺩﯨﻤﯘ ھﯧﭽﻘﺎﻧﭽﻪ ﻛﯜچ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ. )005- 006 ﺩەﻙ( ﺋﻪﻣﺪﯨﻠﯩﻜﺘﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﺎﺟﻪﻧﺴﺎڭ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﻣﺎﺩﻭﺗﻪﻳﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘپ 0051 ﮔﻪ ﻳﻪﺗﺘﻰ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺗﻪﻟﯩﻢ- ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﭗ،‬ ‫ﺧﯧﻠﻰ ﻣﯘﻧﺘﯩﺰﯨﻤﻠﯩﺸﯩﯟﺍﻟﺪﻯ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﺘﯩﻤﯘ ﻣﺎﯕﺎ ھﺎﺯﯨﺮ ﺭﯗﺧﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭەپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﯩﻠﻰ‬ ‫ﺑﯘﻻﺗﺘﻰ« ﺩﯦﺪﻯ.‬ ‫ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﮔﯧﭙﯩﺪە ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺭﯗۋﯦﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪۋەﺏ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ: ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﻣﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﮔﯧﭙﯩﻤﮕﻪ ﻛﯩﺮﻣﯩﺪﻯ. ﭘﻪﻳﺰﺍۋﺍﺗﺘﺎ، ﺷﻪھﻪﺭﮔﻪ ﻛﯩﺮﻣﻪﯕﻼﺭ ﺩﯦﺴﻪﻡ، ﺷﻪھﻪﺭﮔﻪ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻛﯩﺮﺩﻯ، ﺩﻭﺗﻪﻱ ﻳﺎﻣﯘﻟﯩﻐﺎ‬ ‫ﺋﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﭽﻪ ھﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﺪﻯ، ﻳﻪﻧﻪ ﻳﯩﯖﻰ ﺷﻪھﻪﺭ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺩﺍۋﺍﻣﻠﯩﻖ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪﻳﺪﯗ. ﺋﯘ،‬ ‫ﻳﯩﯖﯩﺸﻪھﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ھﻪﻣﻤﻪ ﻗﯘﺭﺍﻝ- ﻳﺎﺭﺍﻗﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﭽﻰ، ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ، ﺑﻪﻟﻜﻰ‬ ‫ﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ، ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ. ﺷﯘﯕﺎ ﺳﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺋﻮﺳﻤﺎﻧﻐﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﯜﺳﻰ‬ ‫ﻛﻪﻟﻤﯩﺪﻯ.‬ ‫ﺧﻮﺗﻪﻥ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﻰ‬ ‫2391-ﻳﯩﻠﻰ 1- ﺋﺎﻳﺪﺍ )ھﯩﺠﯩﺮﯨﻴﻪ 2531- ﻳﯩﻠﻰ ﺷﻪھﺒﺎﻥ ﺋﯧﻴﻰ( ﻣﻪﻣﺘﯩﻤﯩﻦ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ )6491- ﻳﯩﻠﻰ‬ ‫ﺑﯧﺘﯩﺪە ﺗﻪﻣﯩﺮﺍﺕ ﻧﺎﺯﺍﺭﯨﺘﯩﮕﻪ ﻧﺎﺯﯨﺮ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﻣﺘﯩﻤﯩﻦ ھﻪﺯﺭەﺕ( ۋە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺋﺎﺧﯘﻥ‬ ‫)ﺧﻮﺗﻪﻥ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﺪﺍ ﺷﺎ ﻣﻪﻧﺴﯘﺭ ﺩەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ(، ﻧﯘﺭ ﻣﻪھﻪﻣﻤﻪﺕ ﺋﺎﺧﯘﻥ )ﺧﻮﺗﻪﻥ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﺪﺍ ﺋﻪﻣﯩﺮ‬ ‫ﺳﺎھﯩﺐ ﺩەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ( ھﻪﻡ ﻣﻪھﻪﻣﻤﻪﺕ ﻧﯩﻴﺎﺯ ﺋﻪﻟﻪﻡ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﺗﯚﺕ ﻛﯩﺸﻰ ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺧﻮﺗﻪﻧﻠﯩﻚ‬ ‫ﻣﯚﺗﯩﯟەﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﻮﻥ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﺎﺩەﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺵ ﻗﻮﺷﯘپ ﻗﯘﻣﯘﻝ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﺵ ﻳﯜﺯﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺧﻮﺗﻪﻧﺪە‬ ‫ﻗﻮﺯﻏﯩﻼڭ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﺷﻨﻰ ﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺗﻠﯩﺸﯩﺪﯗ ھﻪﻣﺪە ﻣﻪﻣﺘﯩﻤﯩﻦ ھﻪﺯﺭەﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﯩﺴﻰ ﺷﺎ ﻣﻪﻧﺴﯘﺭ )ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ( ﻧﻰ‬ ‫2391- ﻳﯩﻠﻰ 2- ﺋﺎﻳﺪﺍ ﻗﯘﻣﯘﻝ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﻰ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻛﯜچ- ﻗﯘﺩﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ‬ ‫ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﺋﻪۋەﺗﯩﺪﯗ. ﺷﺎﻣﻪﻧﺴﯘﺭ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﯜچ- ﻗﯘﺩﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ۋە ﻗﯘﻣﯘﻝ‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫41‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬
  15. 15. ‫‪http://www.orkhun.com‬‬ ‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪپ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻥ )ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ھﺎﺟﻰ( ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ‬ ‫ﺷﻪھﯩﺮﻯ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﻮڭ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ )ﺑﯘ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﺶ ﺗﺎﺳﺎﺩﯨﭙﻲ ﺑﯘﻟﯘپ‬ ‫ﻗﺎﻟﺪﻯ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘ ﺋﺎﺩەﻣﻨﯩﯔ ﻣﯩﺠﻪﺯ- ﺧﯘﻟﻘﻰ ﺳﯩﻠﯩﻖ- ﺳﯩﭙﺎﻳﻪ، ﮔﻪپ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﻣﻪﻧﯩﻠﯩﻚ، ﺧﯘﺵ ﭘﯧﺌﯩﻞ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﻣﯧﻨﯩﯖﻤﯘ ﺳﺎﻗﺎﻝ ﺑﯘﺭﯗﺗﯘﻣﻨﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭۋەﺗﻜﻪﻥ، ﻛﯩﻴﯩﻢ- ﻛﯩﭽﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻢ ﻳﯩﯖﻰ ﭘﺎﺳﻮﻧﺪﺍ ﻳﻪﻧﻰ ﺷﯩﻢ-‬ ‫ﻛﻪﻣﺰﯗﻝ، ﭘﯘﺗﯘﻣﺪﺍ ﺭﻭﺳﭽﻪ ﺋﯚﺗﯜﻙ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺷﺎﻣﻪﻧﺴﯘﺭﻣﯘ ﻣﺎﯕﺎ ﻗﯩﺰﯨﻘﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮەﻙ( ﺋﯘ‬ ‫ھﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﺎﺭﺗﯩﻨﻤﺎﻳﻼ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ- ﺯﺍﺗﯩﻤﻨﻰ، ﻳﯘﺭﺗﯘﻣﻨﻰ، ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﻤﻨﻰ ۋە ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺋﻪھﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﻰ ﺳﻮﺭﺍﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺗﺎﺭﺗﯩﻨﻤﺎﻳﻼ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪھﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﺪﯨﻢ.‬ ‫ﺷﺎﻣﻪﻧﺴﯘﺭ ﺧﻮﺗﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﯘﻟﯘپ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛپ ﻛﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ‬ ‫ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ. ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪھﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﻗﯘﻣﯘﻝ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﺪﯨﻢ. ﺋﯘ: »ﻣﻪﻥ‬ ‫ﻗﯘﻣﯘﻝ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯘ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺏ ﺟﻪﻧﯘﺑﻘﺎ ﻛﯧﯖﻪﻳﺴﻪ ﺑﻪﻙ ﻳﺎﺧﺸﻰ‬ ‫ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ، ھﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﺩەﻡ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﺑﯘﻻﺗﺘﻰ، ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺧﻪۋﺭﯨﻢ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪە ﺗﯧﯟﯨﭙﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯜﺭﯛپ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﺘﯩﻢ،‬ ‫ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﯟﺍﻟﺪﯨﻢ. ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺧﻮﺗﻪﻧﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﻤﺎﻗﭽﯩﻤﻪﻥ« ﺩﯦﺪﻯ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘ ﺋﺎﺩەﻡ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ‬ ‫ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﯩﻨﻰ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﺸﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﻨﻰ ۋە ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﺗﻪﺭەﭘﺘﯩﻦ ﺋﻪۋەﺗﯩﻠﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ‬ ‫ﺋﯧﻴﺘﻤﯩﺪﻯ .‬ ‫ﺷﺎﻣﻪﻧﺴﯘﺭ )ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ(، )ﺗﯚۋەﻧﺪە ﺷﺎﻣﻪﻧﺴﯘﺭ ﺩەپ ﺋﺎﺗﺎﻳﻤﯩﺰ( 2391- ﻳﯩﻠﻰ 9-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﻗﺎﺭﺍﻗﺎﺷﻘﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ‬ ‫ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﺎﻛﯩﺴﻰ ﻣﻪﻣﺘﯩﻤﯩﻦ ھﻪﺯﺭەﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜپ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﻨﯩﯔ ۋەﺯﯨﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪپ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ‬ ‫ﻣﻪﻣﺘﯩﻤﯩﻦ ھﻪﺯﺭەﺕ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﺍ 02 ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﺐ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼڭ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﺵ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻰ‬ ‫ﻗﯘﺭﯗﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭ ﺷﯘ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭەﻥ ﻣﻪﺧﭙﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﺪﯗ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﺗﻤﻪﻳﻼ ﺑﯘ‬ ‫ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺕ ﭘﺎﺵ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺧﻪۋەﺭ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﻗﺎﺭﺍﻗﺎﺵ ھﺎﻛﯩﻤﻰ ﺧﻮﺗﻪﻥ ۋﺍﻟﯩﻴﺴﯩﻐﺎ ﺧﻪۋەﺭ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺧﻮﺗﻪﻥ ۋﺍﻟﯩﻴﺴﻰ ﺩەﺭھﺎﻝ ﭼﯧﮕﺮﺍ ﺳﺎﻗﻼۋﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺩﯨﻦ 06 ﺩەﻙ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﺎﻏﺪﯨﻦ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗپ‬ ‫ﻛﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﺭﺍﻗﺎﺵ ھﺎﻛﯩﻤﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﮕﻪ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ۋﺍﻟﻰ ﺑﯘ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ‬ ‫ﻳﯩﻐﯩﻨﻐﺎ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﭗ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻼ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﺷﻨﻰ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﻗﺎﺭﺍﺭﺩﯨﻦ ﺧﻪۋەﺭ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ‬ ‫ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﺎﻥ ﺑﯘﻧﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﻐﺎ ﻛﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻘﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛپ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭ‬ ‫ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﻼ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﭗ ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﯧﭽﯩﺴﯩﻼ 002 ﺩﯨﻦ ﺋﻮﺷﯘﻕ ﺗﺎﻟﯩﭙﻨﻰ ﺋﻮﺭﻏﺎﻕ، ﻗﯧﻠﯩﭻ، ﺗﻮﻗﻤﺎﻗﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﻧﺪﯗﺭﯗپ ﻗﺎﺭﺍﻗﺎﺵ ﻧﺎھﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻜﻪ ﺗﯧﮕﯩﺪﯗ ھﻪﻣﺪە ﺷﻪﻧﺠﺎڭ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ‬ ‫ﺗﯘﺗﯘۋﯦﻠﯩﭗ ﺷﯘ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﺪﯨﻼ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯨﯟﯦﺘﯩﺪﯗ. ﺗﺎﻏﺪﯨﻦ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗپ ﻛﯧﻠﯩﻨﮕﻪﻥ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﭽﯩﻼﺭ‬ ‫ﺗﻪﺭەﭘﻜﻪ ﺋﯚﺗﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﻗﺎﺵ ﻧﺎھﯩﻴﯩﺴﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺷﯘ ﻛﯜﻧﯩﻼ‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬ ‫51‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ : ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ -----ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫032552294:‪QQ‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬

×